1 . ۋىتامىن A كەم بولسا ، تېرە يىرىك ۋە قۇرغاق بولىدۇ ، نەپەس يوللىرى ئاسان يۇقۇملىنىدۇ ، كۆز ئەتراپى قۇرغاقلىشىدۇ . 2 . ۋىتامىن B كەم بولسا ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولمايدۇ ، چىرايى تاتىرىپ كېتىدۇ ، بەزىدە قول پۇتلىرى ئۇيۇشۇپ ، پۇت ئاغرىقلىرى قوزغىلىدۇ . 3 . ۋىتامىنB2 كەم بولسا ، ئېغىز پۇرايدۇ ، ئۇيقۇسى قاچىدۇ ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ ، باش ئاغرىيدۇ ، نېرۋا ئاجىزلاش ئەھۋالى كۆرۇلىدۇ . 4 . ۋىتامىن B12 كەم بولسا ، تېرە ئاقىرىدۇ ، چاچ شالاڭلىشىدۇ ، نېرۋا ئاجىزلاپ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ ، ئىچى سۈرىدۇ . 5 . ۋىتامىنD كەم بولسا ، باشتىن كۆپ تەر چىقىدۇ ، سۆڭەك شالاڭلىشىدۇ . 6 . ۋىتامىن C كەم بولسا ، چىش مىلىكلىرى ئاسان قانايدۇ ، كۆز پەردە نېرۋىسىدىن ئاسان قان چىقىدۇ ، جاراھەت ئېغىزى ئاسان ساقايمايدۇ .
|