hantagri illikdunya.biz sohpat
يۈسەن
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2188
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 278
شۆھرىتى: 2880 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2960 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 347 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

سوئال:
ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ پۇل تېپىش قىيىنلاشتى، نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمۇش ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىششنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈشمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نامەرت ئەرلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس – ئەلۋەتتە. مانا شۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن خانىم – قىزلىرىمىز ئشلەشكە مەجبۇر؛ مەنمۇ بىر خىزمەتچى. خىزمەتكە چىققاندىن بۇيان بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ: «ئايال كىشى مەيلى قانداق يول بىلەن پۇل تاپمىسۇن مۇتلەق ھارام» دېگىنىنى ئاڭلاپ كىلىۋاتمەن.
مەنچە بولغاندا بۇ ناھايىتى مەسئۇليەتسىزلىك بىلەن قىلىنغان سۆز. ئەگەر بىر ئائىلىدە ئاياللارلا قېلىپ پۇل تاپمىسا زادى بولمايدىغان ھالغا كەپ قالسا، ئاشۇلار «پۇل تېپىش ھارام ئىدى» دەپ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كىتەرمۇ؟ مېنىڭچە بىزنىڭ بۆيۈك، ئۇلۇغ ئسلام دىنىمىزمۇ بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. بۇ يەردىكى مەخسەتكە كەلسەم ئەگەر بۇ ھەقتە ئاساسىى بىلەن جاۋاپ بىرەلەيدىغانلار بولسا، بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بىرىپ بېقىشنى ئۈمۈد قىلمەن.
جاۋاب
ئاياللارنىڭ ھالال يول بىلەن تىجارەت قىلىپ ياكى گۇناھ بولمايدىغان بىر ئىشتا ئىشلەپ تاپقان پۇلى ھارام بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! بىر- بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى باتىل يوللار بىلەن يەۋالماڭلار. بىر- بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ قىلىشقان تىجارەت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈپ يېسەڭلار بولىدۇ»- نىسا 4/29،
«ئاللاھ سودا- سېتىقنى ھالال، ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشنى ھارام قىلدى»- (ەقەرە 2/275.
ئاللاھ تەئالا تىجارەتنى يول قويغان بۇ ئايەتلەردە بولمىسۇن باشقا ئايەتلەردە بولمىسۇن ھېچبىر ئايەتتە بۇ ئىشنىڭ پەقەت ئەرلەر تەرىپىدىنلا ئېلىپ بېرىلىشىنى شەرت قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن ئاللاھ تەئالا يول قويغان بۇ تىجارەتنى قىلىش ئۈچۈن ئەر ياكى ئايال بولۇشنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەنلىكى چىقىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىمۇ بۇ توغرىدا بىر چەكلىمە يوق.
شۇنداقتىمۇ ئاياللار تىجارەت قىلغاندا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە رېئايە قىلىشى لازىم:
1- تىجارەت ئەسناسىدا نامەھرەم ئەرلەر بىلەن يالغۇز تۇرۇپ قالماسلىقى،
2- باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئەھمىيەت بەرگەندەك تىجارەت ئەسناسىدا كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ ئىسلامىي ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى،
3- سېىتىۋالغۇچى تەرەپ ئەر كىشى بولغان تەقدىردە ئېلىم – سېتىم بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان پاراڭلارنى قىلىشماسلىقى، شۇنداقلا يۈرۈش – تۇرۇش ۋە گەپ – سۆزلىرىدە قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قوزغايدىغان ياكى ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر ئۈمىد پەيدا قىلىدىغان ھېچقانداق سۆز- ھەرىكەتتە بولماسلىقى لازىم.
بۇ جاۋابقا كەلگەن ئىنكاس:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ
پېقىر مۇشۇ تورنىڭ سۇۋال جاۋاپ بىتىدە «ئاياللار تىجارەت قىلسا بۇلىدۇ» دەپ جاۋاپ بىرىلگەن پەتىۋانى كۇرۇپ نارازىلىق پىكىرىمنى ئوتۇرغا قويماقچىمەن:
ئەرلەر ئاياللارنى نىكالاپ ئالغاندا ئۇنى بېقىشقا يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن قوغداپ قېلىشقا ئوز ئۇستىمىزگە ئالدىم دەپ ئالغان. كىمكى ئايالىنى، ئاچا سىڭلىسىنى، قىزلىرىنى يامان غەرەزلىك كىشىلەردىن كۇنلىمەيدىكەن، ئۇ دەيۇز بۇلىدۇ. دەيۇز دىگەن 40 يىللىق يىراقتىن پۇرايدىغان جەننەتنىڭ پۇرخىنى پۇرىيالمايدۇ. مەڭگۇ دۇۋزاقتا قالىدۇ دىگەنلىك.
پېقىر ئالىم ئەمەسمەن، لېكىن ئالىملار بىلەن كوپ ئارلىشىمەن. قېرىنداشلارنىڭ سۇرىغان پەتىۋاسىغا بەرگەن جاۋاپنىڭ توغرا خاتالىغىغىمۇ كۇڭۇل بۆلىشىنى، ئوبدانراق تەپپەككۇر قىلىشىنى سۇرايمەن. پەتىۋاغا جاۋاپ بەرگۇچى قېرىنداشلارمۇ ئاللاھ قۇرئاندا نېمە دىدى، مۇھەممەد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم نېمە ئىشتىن توستى، نېمە ئىشقا بۇيرىدى، دىگەن ئاساستا جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھ.
بېرىلگەن پەتىۋالارنى ئوقۇپ سەمىمىي پىكىر بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەھمەت، سىزگە.
بۇرادەر! پەتىۋالار، ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بېرىلىدۇ. شۇنى ئېنىق بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى:
ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدا «بولمايدۇ» دېيىلگەن بىر ئىشنى ھېچكىم- كىم بولسا بولسۇن- "بولىدۇ" دېيەلمىگىنىدەك، ئۇ كىتاب بىلەن ئۇ ھەدىسلەردە «بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن بىر ئىشنىمۇ ھېچكىم - كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر - «بولمايدۇ» دېيەلمەيدۇ.
قۇرئان كەرىمدە ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە مۇسۇلمانلارغا تىجارەت قىلىش رۇخسىتى بېرىلگەن، ھەتتا مۇسۇلمانلار تىجارەت قىلىشقا تەشۋىق قىلىنغان. لېكىن تىجارەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېچبىر ئايەت ياكى ھېچبىر ھەدىستا ئەر - ئايال پەرقى كۆرسىتىلمىگەن.
ئاللاھ چەكلىمىگەن ياكى ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىمىگەن بىر ئىشنى «دىن» نامىدىن «بولمايدۇ» دېيىشكە ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمىگەنلىكى ۋە يەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، بىز «ئاياللار تىجارەتقىلسا بولامدۇ؟» دېگەن سوئالغا «بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بەرمىدۇق، چۈنكى ئاللاھ ۋە  ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئاياللارنى تىجارەت قىلىشتىن چەكلىمىگەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە سوئالنى سورىغۇچى سوئالىنى: «ئاياللارنىڭ تىجارەت قىلىشىغا سىلەر قانداق قارايسىلەر؟» دېگەن شەكىلدە سورىماستىن، «دىنىمىزدا ئاياللارنىڭ تىجارەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلەمدۇ؟» دېگەن مەزمۇندا سورىغان. بۇ سوئالنىڭ جاۋابى دىنىمىزنىڭ بۇ توغرىدىكى ھۆكۈم ۋە تەۋسىيەلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بېرىلىشى لازىم ئىدى. جاۋاب شۇنداق بېرىلدى.
ئەمدى سىزنىڭ: «ئەرلەر ئاياللارنى نىكالاپ ئالغاندا ئۇنى بېقىشقا يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن قوغداپ قېلىشقا ئوز ئۇستىمىزگە ئالدىم دەپ ئالغان» دېگەن سۆزىڭىزگە كېلەيلى،
سىزدىن سوراپ باقاي:
جەمىيەتتە نىكاھلاپ ئالىدىغانغا، باقىدىغانغا، يامان نىيەتلىك كشىلەردىن قوغداپ قالىدىغانغا ئادەم چىقمايدىغان، ئاكا - ئۇكىلىرى، يېقىن تۇغقانلىرى بار تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى قامداشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان نۇرغۇن ئاياللار بار. بۇنداق ئاياللار قانداق قىلىدۇ؟
بۇنداق ئاياللار، ھەتتا ئېرى ياكى باشقا تۇغقانلىرى ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ئاياللار بازاردىن ياكى دۇكانلاردىن ئوت - ياش، مېۋە - چېۋە ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى ئېلىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ، شۇنداققۇ؟ سىزنىڭچە بولغاندا بۇ ئاياللارنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشىمۇ ھارام. چۈنكى بۇ ئاياللارنىڭ بازاردىن ياكى دۇكانلاردىن ئوت - ياش، مېۋە - چېۋە ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى ئېلىشىمۇ تىجارەتتۇر.
يەنە سىزنىڭچە بۇ ئاياللار ساتماقچى بولغان ماللىرىنى ساتالمايدۇ. چۈنكى بۇمۇ ئۇلارنىڭ تىجارەت قىلغانلىقى بولىدۇ.
بۇرادەر! شۇنى بىلىپ قويۇڭكى: پەتىۋا، ھېسسىياتقا ئەمەس، قۇرئان - ھەدىستىن دەلىلغا ئاساسلىنىپ بېرىلىدۇ ۋە بېرىلىشى لازىم!



مەنبە  پەرىشتە تورى     راس يەنە بر ئىش بەزەن تىمىنىڭ مەنبە سىنى يېزىش نى ئۇنتۇپ قاپتىمەن   كەچۈرۈڭلار ھە  
تېما تەستىقلىغۇچى : ئەنگەر
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-16, 18:29

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( يۈسەن )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-17 01:52 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۈسەن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ھۇزۇر
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2254
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 376
شۆھرىتى: 3770 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3840 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 399 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 203(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دىنىمىز.ئاياللارنىڭ سۇدا-تىجارەت ۋە باشقا خىزمەتلە بىلەن شۇغۇللىنىشقا بەزى شەرىتلە ئاستىدا يۇل قۇيدۇ مەسلەن:
نامەھرۇم ئەركىشى بىلەن قۇل ئىلىشىپ كۆرۇشمەسلىكى،خىزمەت جەرياندا ئەرلە بىلەن ئايرىم بىر يەدە يالغۇز تۇرۇپ قالماسلىقى قاتارلىقلارغا ئۇخشاش.ئاياللار بۇ شەرىتلەگە رىئايە قىلغان ھالدا تىجارەت ياكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسا بۇلىدۇ.
شۇنداق ياخشى تىمىغا بىرەر ئىنكاس چۇشمىگىنىگە،قىنى شۇ ئاغزىدىن ئاللانى چۇشۇرمەيدىغانلا بىرئىككى ئىغىز كەلىمە سۈز ئاڭلىمايلىما ؟؟؟
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-18 10:10 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ھۇزۇر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 845
شۆھرىتى: 8505 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8600 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 860 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 333(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دىنىمىز.ئاياللارنىڭ سۇدا-تىجارەت ۋە باشقا خىزمەتلە بىلەن شۇغۇللىنىشقا بەزى شەرىتلە ئاستىدا يۇل قۇيدۇ مەسلەن:
نامەھرۇم ئەركىشى بىلەن قۇل ئىلىشىپ كۆرۇشمەسلىكى،خىزمەت جەرياندا ئەرلە بىلەن ئايرىم بىر يەدە يالغۇز تۇرۇپ قالماسلىقى قاتارلىقلارغا ئۇخشاش.ئاياللار بۇ شەرىتلەگە رىئايە قىلغان ھالدا تىجارەت ياكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسا بۇلىدۇ.
شۇنداق ياخشى تىمىغا بىرەر ئىنكاس چۇشمىگىنىگە،قىنى شۇ ئاغزىدىن ئاللانى چۇشۇرمەيدىغانلا بىرئىككى ئىغىز كەلىمە سۈز ئاڭلىمايلىما ؟؟؟

سىز ئىنكاس يازىدىغانلارغا مەسئۇلمىدىڭىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟   مۇسۇلمان دىگەن شۇنداق ھەممە ئىشىدا ياراتقۇچىسىنىڭ مۇبارەك نامى بىلەن ئىش قىلىدۇ نىمە ئۇ اللەنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغانلار دەپ كېتىسىز؟؟؟؟؟  بۇ قېرىندىشىمىز ئۆزى سوئال قويۇپ يەنە بىر ئوبدان قۇرئان ھەدىستىن پەتىۋا بېرىپ بوپتىغۇ......... يا سىزگە بۇنىڭدىن باشقا پەتىۋا لازىممىتى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  مەن سىزگە دىسەم قېرىندىشىم تىما كۆرۈپ ئىنكاس يېزىش يازماسلىق شۇ تىما كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى ............ رەھمەت . ياخشى تىمىكەن ئۇ، بۇ، دەپ مەجبۇرىيەت ئۈچۈن ئىنكاس يازغان بىلەن ئۇلارنىڭ شۇ تىمىنى ئەستايىدىل باشتىن ئاخىرى بىر قېتىم ئوقۇشى ناتايىن ............. ئىنكاس يېزىپ قويۇپ شۇنىڭدىن پايدىلانمىسا بۇ ئىنىقلا ۋاقىت ئىسراپچىلىغى ئەمەسمۇ ............. بەزى قېرىنداشلىرىمىز بەلكىم دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق پۈچەك ئىنكاسلارنى يازىدىغاندۇ ....... تىما يوللىغان كىشى ئۆزى رازى بولۇپ ئىنكاس يازغاندىن ئۇ كىشىگە يەنە قوپۇپ تېتىملىق ئىنكاستىن بىرنى يازماي رەھمەت . جاپا چىكىپسىز دىگەندەك ئىنكاسلارنى يېزىپ تىمىنى ئاۋاتلاشتۇرمىساقمۇ ئوقۇپ پايدىلانساق شۇ كۇپايە................
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-18 10:53 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ھۇزۇر
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2254
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 376
شۆھرىتى: 3770 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3840 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 399 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 203(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھە؟مەن دىققەت قىلاي
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-18 12:34 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ھۇزۇر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

شاھ تائام
ماڭا بىرنى ئويلىساڭ، اللا ساڭا ئوننى بەرسۇن.
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 882
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 551
شۆھرىتى: 5705 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5259 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 171(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مىنىڭچە ئاياللار ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىرىنىڭ، ئاتا ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان ياخشىغۇ دەيمەن،
ھازىر ئاياللارنىڭ تاپقان پۇلىغا ئىھتىياجى چۈشىدىغان ئەرلەر يوققۇ دەيمەن، بىراق ھازىرقى زامانىمىزدا قىز ئاياللارنىڭ  ھۆنىرى ، كەسپى ، ياكى خىزمىتى بولۇش
90%ئوموملىشىپ قالدى دىسە، بۇنىڭغا تەرەققىيات سەۋەپ مۇ ياكى مەدەنىيەت مۇ ؟ دوسلار مۇلاھىزە قىلىپ باقساق؟
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-18 16:23 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شاھ تائام ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

رەھىمسىز
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 880
شۆھرىتى: 8830 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8980 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 885 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىشاھ تائامنىڭ2011-04-18 16:23دە يوللىغان يازمىسى  :
مىنىڭچە ئاياللار ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىرىنىڭ، ئاتا ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان ياخشىغۇ دەيمەن،
ھازىر ئاياللارنىڭ تاپقان پۇلىغا ئىھتىياجى چۈشىدىغان ئەرلەر يوققۇ دەيمەن، بىراق ھازىرقى زامانىمىزدا قىز ئاياللارنىڭ  ھۆنىرى ، كەسپى ، ياكى خىزمىتى بولۇش
90%ئوموملىشىپ قالدى دىسە، بۇنىڭغا تەرەققىيات سەۋەپ مۇ ياكى مەدەنىيەت مۇ ؟ دوسلار مۇلاھىزە قىلىپ باقساق؟


مىنىڭچە سىز تىمىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقسىڭىز بولغىدەك ، چۈنكى بۇ بىر ئىسلامى تىما ....بۇنىڭغا باشقىلار قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئاساسەن پەتىۋا بىرىپ بولغان.......ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھۈكۈم چىقىرىپ بولغان ئىشلاردا باشقىلارنىڭ <مىنىڭچە >،،<سىزنىڭچە >دەپ ئەقىل ئىشلىتىپ ھۈكۈم قىلىش ھوقۇقى يوق.......................
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-19 10:53 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( رەھىمسىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

لاچىن
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 296
شۆھرىتى: 2990 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3249 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 378 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مىنى ئالىي مەكـتگپكە ئۆتشكە نىسىپ قىلمىغىنىغا  شۈكرە
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-19 11:10 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( لاچىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

شاھ تائام
ماڭا بىرنى ئويلىساڭ، اللا ساڭا ئوننى بەرسۇن.
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 882
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 551
شۆھرىتى: 5705 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5259 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 171(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىرەھىمسىزنىڭ2011-04-19 10:53دە يوللىغان يازمىسى  :


مىنىڭچە سىز تىمىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقسىڭىز بولغىدەك ، چۈنكى بۇ بىر ئىسلامى تىما ....بۇنىڭغا باشقىلار قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئاساسەن پەتىۋا بىرىپ بولغان.......ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھۈكۈم چىقىرىپ بولغان ئىشلاردا باشقىلارنىڭ <مىنىڭچە >،،<سىزنىڭچە >دەپ ئەقىل ئىشلىتىپ ھۈكۈم قىلىش ھوقۇقى يوق.......................

كەچۈرۈڭ قېرىندىشىم، مەن بۈسۆزلەرنى دىيىش ئارقىلىق قانداقتۇر بىرەر ھەدىس ياكى ئايەتلەردىكى ھۆكۈملەرنى خاتا دىمەكچى ئەمەسمەن ، سىزگە خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويۇپتىمەن،
بىراق ھازىر ئاياللار پۇل تاپىمەن دەپ  قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. جەمىيەتكە نەزەر سېلىپ بېقىڭ، دىننى ، ھەدىسنى قالقان قىلىۋېلىپ گۇناھ پاتقىقىغا پېتىپ تىجارەت قىلىمەن ، پۇل تاپىمەن دەپ يۈرگەنلەرنى يوق دىيەلەمسىز،
مەن پەقەت ئۆز كۆزقارىشىم نى ئوتتۇرغا قويۇپ باقتىم خالاس،.  
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-19 12:01 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شاھ تائام ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

رەھىمسىز
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 880
شۆھرىتى: 8830 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8980 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 885 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دىمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەندىم ئەمما تىمىنىڭ ئۈزىگە قايتىپ كەلگىنىمىزدە دىنىمىزدا ئاياللارنىڭ پۇل تېپىشىغا رۇخسەت بېرىلەمدۇ دىيىلگەن مەسىلىگە پەتىۋا بىرىلگەن ...... بۇيەردە دىيىلگىنى ئىسلام ۋە مۇسۇلمان ئايال..........سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز جەمىيەتتىكى ئىسلامنى دەستەك قىلۋىلىپ ھارام تىجارەت قىلىپ گۇناھقا ماڭغان مۇسۇلمان ئەمەس ئايال ............
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-19 12:56 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( رەھىمسىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا