illikdunya.biz abduheni
يۈسەن
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2188
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 276
شۆھرىتى: 2880 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2960 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 347 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
جۇمە كۇنى قىلىشقا تېگىشلىك سۈننەتلەردىن قايسىلار بار؟ سىلەردىن تۇۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. ھۆرمەت بىلەن: زۇلنار
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جۈمە نامىزى توغرىسىدا ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئوقۇلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۈگۈرۈڭلار؛ ئېلىم-سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار. بۇ، سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار.
ناماز ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا كۆپ زىكىر ئېيتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- جۈمە سۈرىسىنىڭ 9- ۋە 10- ئايەتلىرى.
بۇ ئايەتلەردىن ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن مۇنداق مەزمۇنلار چىقىدۇ:
جۈمە نامىزى
دىنىمىزدا مۇسۇلمانلار، ھەپتىدە بىر قىېتىم (جۈمە كۈنى) پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتىدا جامائەت بولۇپ  ئىككى رەكئەت جۈمە نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇلغان. جۈمە نامىزىدا شەرت قىلىنغان جامائەتنىڭ مۇئەييەن بىر سانى يوق. لېكىن جامائەت دېگىلى بولغۇدەك كىشىلەر يىغىلسا شەرت ھازىرلانغان بولىدۇ.
جۈمە نامىزىنىڭ باشقا نامازلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى:
جۈمە نامىزى ئايال كىشىگە، كىچىك بالىغا، جۈمەگە بارالمايدىغان كېسەل ئادەمگە، يولۇچىغا، زالىمنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن قورقۇپ مەخپىي يۈرۈيدىغان كىشىگە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئۆزرىلىك كىشىلەرگە بۇيرۇلمايدۇ. لېكىن بۇلار جۈمە ئوقۇغان بولسا، ئارقىسىدىن پېشىن نامىزى ئوقۇمايدۇ. چۈنكى جۈمە نامىزى جۈمە كۈنىنىڭ پېشىنىدۇر.
جۈمە كېچىسى ۋە جۈمە كۈندۈزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1- كۆپ دۇئا قىلىش،
2- كۆپلەپ دۇرۇت ئوقۇش.
3- كەھف سۈرىسىنى ئوقۇش،
4- يۇيۇنۇش، چىرايلىق ۋە پاكىزە كىيملەرنى كىيىش، مىسۋاك قىلىش، خۇشپۇراق نەرسىلەردىن ئىشلىتىش.
5- جۈمەگە بالدۇر بېرىش.
ئەسكەرتىش: يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلالمىسا گۇناھ بولمايدۇ.
6- ئىمام خۇتبىگە چىقىشنىڭ ئالدىدا ناماز، زىكىر ۋە قۇرئان تىلاۋىتى قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولۇش.
7- خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا جىم تۇرۇپ ئاڭلاش.
جۈمە نامىزىغا ئەزان ئوقۇلغاندا ئېلىم – سېتىم قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم. سەپتە ئولتۇرۇۋاتقان جامائەتنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتمەسلىك كېرەك.
جۈمە قانداق جايدا ئوقۇلىدۇ؟
جۈمە نامىزى شەھەر ۋە يېزىدىلاردىكى مەسچىت – جامەلەردە، ئۆيلەردە ۋە ئوچۇق مەيدانلاردا ئوقۇلىدۇ. بىر شەھەردە ياكى بىر يېزىدا بىر قانچە جايدا جۈمە ئوقۇشقا بولىدۇ.
جۈمەنىڭ خۇتبىسى ۋە ئوقۇلىشى
1- جۈمە نامىزىنى باشلاشنىڭ ئالدىدا ئىمام مۇنبەرگە چىققاندىن كېيىن (ئەگەر مۇنبەر بولمىسا، جامائەتكە ئالدىنى قىلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن) ئەزان ئوقۇلىدۇ. ئاندىن ئىمام ئورنىدىن تۇرۇپ،  بىر خۇتبە ئوقۇيدۇ. بۇ خۇتبىنىڭ شەكلى مۇنداق:
ئىمام ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئوقۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام يوللىغاندىن كېيىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئىنسانلارغا دىننىڭ ئەمر – پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ. ئاندىن قىسقىغىنا ئولتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە يەنە بىر خۇتبە ئوقۇيدۇ. بۇ خۇتبىدىمۇ ھەمدۇسانا، دۇرۇت ۋە سالاملاردىن كېيىن جامائەتكە بىرئاز نەسىھەت قىلىپ خۇتبىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
2- خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا گەپ قىلىشقا بولمايدۇ.
3- خۇتبىدىن كېيىن تەكبىر ئوقۇلىدۇ. ئىمام «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككى رەكئەت جۈمە نامىزىغا باشلايدۇ. جامائەتمۇ ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ (ئىمامغا ئەگىشىپ) نامازغا باشلايدۇ. جۈمەنىڭ قىرائىتى ئۈنلۈك ئوقۇلىدۇ. جۈمە نامىزىنىڭ ئىچىدە ئوقۇلىدىغان ئايەت ۋە زىكىر – تەسبىھلىرى نورمال ئىككى رەكئەتلىك نامازنىڭكىگە ئوخشاشتۇر.
4- سالامدىن كېيىن يـۆتكىلپ باشقا يەردە ياكى نامازدىن قايتقاندىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇش ياخشىدۇر. بۇ سۈننەتنى مەسچىتتە ئوقۇسا تۆت رەكئەت ئوقۇش توغرۇلۇق رىۋايەتمۇ بار. لېكىن پەرزدىن قايتىپ ئۆيدە ياكى جامەنىڭ سىرتىدا بىر يەردە ئىككى رەكئەت ئوقۇش ياخشىدۇر بۇ سۈننەتنى ئوقۇمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ.
5- جۈمەنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى جۈمەنىڭ سۈننىتى دەپ بىر ناماز يوق. لېكىن يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك ئىمام خۇتبىگە چىققۇچە كۈچى يەتكەن مىقداردا نەپلە ناماز ئوقۇش ياخشىدۇر.
(بۇ ھەقتىكى ئايەت: جۇمۇئە سۈرىسى، 9-، 10 ۋە 11- ئايەتلەر. ھەدىسلەر  :بۇخارى، مۇسلىم، نەسەئى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، ئەھمەد، تىرمىزى، بەيھەقى)


مەنبە   پەرىشتە تورى
تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-16, 17:45

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( يۈسەن )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-17 01:33 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۈسەن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
رەھىمسىز
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 937
شۆھرىتى: 9420 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9470 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 944 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 236(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ياخشى تىما.................



مەنمۇ بىرەيلەنگە مۇشۇ ھەقتە ئازىراق بىر  نىمە دەپ بىرەي دەپ ئويلىغانىدىم ....ئەمدى تىمىڭىزنىلا كۈرىۋالسۇن.........
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-17 17:06 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( رەھىمسىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 861
شۆھرىتى: 8760 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8870 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 912 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن . مۇشۇنداق ياخشى تىمىغىمۇ ئنكاس يازمامسىلە ؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-17 18:53 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
Haccr
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1465
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 60
شۆھرىتى: 640 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 640 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 71 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ياخشى تىما      
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-17 21:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Haccr ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

دەرتمەن
قەدىرلە ، قەدىرىڭنى بىلگەنلەرنى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1074
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرىتى: 1185 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1000 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 124 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللاھ رەخمەت قىلىسۇن ! قېرندىشىم .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-18 00:01 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( دەرتمەن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

Ali_Telak

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1318
شۆھرىتى: 13505 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 22508 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 1366 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 275(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بولسا تنىما نادىر تىمىكەن  بۇ  مەزمۇنلارنى يادىلىۋىلىش مۇھىمدۇر.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-18 20:04 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

شاتۇت507
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2916
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرىتى: 260 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 330 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 30 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئايال  كىشى  ئۈچۈن  جۈمە  كۈنى  قايسى  ئىشلارنى  قىلماق  سۈننەت،  ھەم   ياخشى ؟
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-22 08:25 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شاتۇت507 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

abdul
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 720
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 205
شۆھرىتى: 2065 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2220 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 226 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئېسىمدە، مەلۇم بىر جۈمە كۈنى چۈشتىن سەل قايرىلغاندا ھېيىتگاھتىن ياۋاققا قاراپ ماڭغان چېغىمدا، ھېيىتگاھتىن شۇنداق بىر جاراڭلىق سادا ئاڭلانغان ئىدى، بىراق مەن يەنە ياۋاققا قاراپ ماڭغان ئىدىم، كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلگەن، يۈرەكلىرىم........
شۇنداق بىر كۈنلەر ھەم كېلەر........
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-22 12:39 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( abdul ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا