hantagri illikdunya.biz sohpat
ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 863
شۆھرىتى: 8760 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8870 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 912 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

             بىزدە تانسا ۋە تۇغۇلغان كۈن دىگەندەك ئەسلىدەغەربكە تەۋە بولغان ئادەتلەر شىددەت بىلەن ئومۇملاشماقتا . يېڭىدىنئومۇملىشىۋاتقان روجدسىتوۋ بايرىمى ، ئېلىكترونلۇق تۈنەك ....دىگەنلەرنىقويۇپ تورۇپ ، تانسا ئۈستىدىلا توختالساق ، بەزى ئۆزگىرىشلەرنى بىلىۋىلىشمۇمكىن . تانسا ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ نومۇس ۋە ئەرلىك غورۇرىغا بولغاندەھشەتلىك ھاقارەت بولسىمۇ ، زامانىۋىلىشىش دىگەن يېپىنچا ئاستىدا بۇخىل ھاقارەت تۇيغۇسى يارىشىملىق ، باشقىچە گۈزەل تۇيغۇلارغا ئورۇنبەرگەندەك قىلىدۇ . ئويلاپ كۆرمەمسىز ؟ يات بىر ئەركەك كۆز ئالدىڭىزدائايالىڭىز ، قىزىڭىز ياكى ھەمشىرىڭىزنى خىرامان پىرقىرىتىپ يۈرسە ، ۋىجدانىڭىزنى خورلۇق ھېس قىلماستىن ، ئەكسىچە توغرا چۈشىنىپكېتىۋەرسىڭىز ، سىزدىكى بەرجەس ئەركەكلىك نەدە قالدى ؟ ھەتتا سىزخورازچىلىكمۇ بولالمىسىڭىز ، بۇ ئەمدى قانداق ئەرلىك غورۇر ؟ نەدىن ئېمپورتقىلىنغان ناجىنىس ئادەت ؟ ياكى ئەركەكلىك دېگەن ئوقۇمغا باشقىدىن تەبىربېرىش كىرەكمۇ ؟ ؟؟

               بەزىلەر : شۇمۇ گەپ بولدىمۇ ؟ تانسا دىگەن ئاللىبۇرۇنلا جەمىيەتلەشكەنتۇرسا ، يەنە ئۇنى - بۇنى دېيىشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟ - دەپ ئويلاپ قالار . راسىت ! ئۇ ئاللىقاچان جەمىيەتلەشتى ، ئەمما ئۇ ھەقتە كۆزىمىزنى يۇمۇپ ، ھېچنىمە دىمەمدۇق ؟ نۇرغۇن نەرسىلەر جەمىيەتلىشىپ كېتىشتىن بورۇن ئۇ بىخھالەتتە ئىدى . ھېچكىم ھېچقانداق قارشىلىق قىلماي ، ئەگىشىپ كېتىۋىرىپكۈنۈپ قالغاندىن كېيىن ، بۇ ئەمدى قىلمىسا بولمايدىغان ، ئەزەلدىن بارقىممەتلىك ئۇدۇمدەك خويمۇ ئوبدان ئۆزلىشىپ قالىدۇ . چاتاق دەل مۇشۇ .

(شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلىدىن ئېلىندى. )

        بۇھەقتىكى مۇلاھىزىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ:

1-مۇلاھىزە: )
,
        80 -يىللار بولسا كېرەك تۇرپاندا غوپۇر ئەۋرا دېگەن ۋىجدانلىق بىر قوشاقچىئۆتكەنئىكەن بۇ كېشى بىر سورۇنغا بېرىپتۇ ، سۇرۇندا تانسا ئويناشباشلىنىپ تازا قىززىپكېتىپتۇ ،، `غوپۇر ئەۋراغا بۇ يەردىكى ئىشلار ياقمايسىرتقا چىقىپ ئاچچىغىدا تاماكاچىكىپ ئولتۇرسا ، سىرتقا چىققان ياشراقبىرەيلەن ئۇنى كۆرۈپ مازاق قىلغانتەلەپپۇزدا : ھە غوپۇركا بۇ يەردەئولتۇرۇپسە ن تانسا ئۇقمايدىغان ئوخشىمامسەن ... دەپتۇ ...
غوپۇر ئەۋرا ھە ئۇكا بىلمىگىدەك قانچىلىك ئىشتى دەپ بۇ قوشاقنى قېتىپتۇ
سېنىڭ خوتۇنىڭنى ماڭا تاڭسا ،
مېنىڭ خوتۇنىمنى ساڭا تاڭسا ،
بىرى بەلدىن بىرى بوياندىن ئالسا
ئاندىن بولىدۇ ئۇ تانسا ......
مېنىڭچە ، تانسا غەرب مەدەنىيىتىدىن بىزگە ئەڭ ئومۇملاشقىنى بولسا كېرەكتانسا پەقەتكۆڭۈل ئىچىش پائالىيىتى ياكى ئاڭلىق ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيھەركىتى ئەمەس . بەلكى ئۇغەرپنىڭ ئىدىيە ئاڭ ، تەپەككۈر ئەندىزىسى . بىزمىللەتنىڭ تانسىنى قوبۇل قىلىشىمىزغەربلىشىشكە باشلىغانلىغىمىزنىڭمۇقەددىمىسى ئىدى ئاندىن بىز يەنە تالاي ئىشلارنىقوبۇل قىلىدۇق .. بىزنىڭبۇلارنى قوبۇل قىلىشىمىز شۇلارغا ئوخشاش مائارىپ ۋە ئىلىم -پەندە تەرەققىقىلىش ، شۇلار غا ئوخشاش پاراۋان ياشاش ، مىللى ئابرويىمىزنى ئۆستۈرۈشئىدى .. لېكىن مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەمەلى ئەھۋالى ھەممەيلەننى ئېغىرتىنىشقا ،ئۆزىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ ..بۈگۈن باتۇر ،ئىپپەت -نومۇسىنى ساقلىغۇچى نۇزۇگۇم ئوبرازىنىڭ شىنجاڭ گۇنىياڭدىكىئادەمنىڭۋىجدانىنى قاينىتىدىغان ھېلىقى ئوبرازغا ئۆزگۈرۈشى بىزنىڭ ئۆزىمىز ھەمھەدە -سىڭىللىرىمىز ،قېرىنداشلىرىمىز ،كەلگۈسىدىكى بالىلىرىمىز ھەققىدەئويلىنىشنىڭتەخىرسىز ئېھتىياج ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ ...
مەن ئەسلىدە دوختۇر ئاغىنىلىرىمدىن ئاڭلىغان تانسىنىڭ ئەرلەرگە بولغانزىيىنى ھەمدەتانسىنىڭ قىزلىرىمىزدىكى ھايانىڭ كۆتۈرلىشىدىكى مۇھىم سەۋەپئىكەنلىگى ھەققىدە كۆپرەكبىر نەرسە يېزىشنى ئويلاپ يۈرەتتىم .... بولسابىز شۇ تانسىكەش بىچچارىلەرگە تانسىنىڭ كۆپرەكزىيانلىق تەرەپلىرىنىچۈشەندۈسەك ياخشى بولاتتى .....


2-مۇلاھىزە:

      شۇنداق ،مەنمۇ بىراۋنىڭ تانسا ھەققىدە تۇۋەندىكىدەك گەپلەرنى ئاڭلىغان
ئاتا ،ئانىدىن تانسا تېنىش،يۈز ئۆرۈش مەنىسدە
ئەر ،ئايالىدىن تانسا يىگىت ،قىزىدىن تانسا
مۇسۇلمان ،ئىماندىن تانسا
تانسا ئوينىغۇچى ۋىجدان ،نۇمۇسىدىن ،ئىپپەت، غورۇردىن ،تانسا ،،،،ئاندىن تانسابولىدۇ !
مىنىڭچە ھەر قانداق بىر ئەركەك يۇقارقىلاردىن تانماس دەپ ئويلايمەن. ;

3-مۇلاھىزە:

         مۇشۇنداق گەپلەرنىمۇ گەپ دەپ قىلىشىدىكەن بۇلار . تانسا دىگەن كۆڭۈل خۇشى. غەرىپنىڭ بولامدۇ، شەرىقنىڭ بولامدۇ ئىشقىلىپ مىنىڭ نىمە كارىم!!! مەنئوينايمەن ، كۆڭلۈمنى خوش قىلىمەن. قېنى مۇشۇ تېمىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقانلارمەن تانسا ئوينىمايمەندىيەلەمدۇ؟
4-مۇلاھىزە:

           تانسا ئوينىغانلارغا ، ئويناۋاتقانلارغا قاراپ ھەيران قالىمەن . ئۇلارداتەپەككۇريوقمىدۇ؟ ئۆز ئايالى ۋە قىزلىرىنى باشقىلار قۇچاقلاپ ، پىقىرىتىپ يۈرسە توغرا چۈشۈنۈپ ئولتۇرىشلىرىنى!!!! توۋا ئۇنىڭ ئايالى ۋە قىزلىرى ئاممىۋىئەسلىھە(ئەسلى باشقىچىرەك ئالساممۇ بولاتتى) مىدۇ، ھەممە ئادەم ئىشلىتىۋېرىدىغان؟ |
ئىنسانلار ئېتىقادتتىن يىراقلاشسا ئەخلاقى بۇزىلىدۇ. ئەخلاق بۇزۇلسا مىللەت ، ئىللەت ...... ھەممىسى بۇزىلىدۇ . *

5-مۇلاھىزە:

          ھەرقانداق نىجىس ئىشنىمۇ قوللىغۇچى ھامان چىقىدۇ.
          تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا قىز ساۋاقداشلىرىم بىرەرئولتۇرۇش-يىغىلىشلارغابارسا كىمنىڭ تانسىغا كۆپ تارتىلغانلىقى بىلەنپەخىرلىنىپ سۆزلىشەتتى.سورۇندىنچۈشمەي ئوينايدىغان بازارلىق قىزلارنىڭھۆرمىتىمۇ ئۆسۈپ قالاتتى.قارىغاندانۇرغۇن قىزلار ئۆزلىرىنىڭ بەللىرىدىنقۇچاقلاپ ئۇيان-بۇيانغا سۆرەپ يۈرگەن كىشىنىڭكىملىكى بىلەن ئانچەھېسابلىشىپ ئولتۇرمىسا كېرەك.(بەلكىم)
قىزلار ئاڭلاشنى خالىمىسىمۇ،ئوغۇللار تۆھمەت دەپ ئويلىسىمۇ دەۋېرەي،بىر نەچچەكۈنئىلگىرى بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم بىلەن تانسا ھەققىدە پاراڭلىشىپقالغىنىمدا ئۇئوغۇللارنىڭ ھەر قېتىم يىغىلىشلاردىن كېيىن شۇ قېتىمقىئولتۇرۇش ھەققىدە پاراڭلاشسائۆزى تانسا ئوينىغا قىزلارنىڭ قەيېرىنىڭقانداقلىقى ھەققىدە پاراڭلىشىدىغانلىقىنىئېيتىپ تانسا ئويناشقا قاتتىقنارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. '
قىزلارنى ئوغۇللار قونچاق ئورنىدا كۆرمەيدۇ،قىزلار ئۆزىنى-ئۆزى ئوغۇللارغا قونچاققىلىپ بېرىدۇ '

6-مۇلاھىزە:
        تانسا دىگەن ئۇقۇم .ئەجدادلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا ئەزەلدىن ناتۇنۇشئىدى.پەقەتلامەشرەپ ئويناش بىلانلا چەكلىنەتتى،ھالا بۇگۈنگەكەلگەندە،ئاتالمىش غەرىپ مەدىنىيىتىنىئۈزىمىزگە سىڭدۇرىمىز دەپ،ھەرقانداقسورۇندا ئوينالمىسا بولمايدىغان،تانسا بولمىساسورۇنقىزىمايدىغان،ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق.بۇنىڭ ھەممىسىنى بىزكىمدىنكۈرىمىز؟ئۈزىمىزدىن كۈرەمدۇق ياكى ئاشۇ تانسىنى سورۇنىمىزنىڭ ئايرىلماسبىرقىسمى قىلىۋالغان قېرىنداشلىرىمىزدىنمۇ؟
        ئويلايمەن:جەمىيەتنىڭ مۇشۇنداق بۇلۇپ كىتىشىنىڭ سەۋەبى ،ئاشۇ چەتئەللەرنىڭتەرجىمە كىنولىرىنىڭ كۆپلەپ بازارغا سېلىنىشى.بىزگە ياتئىللەتلەرنىڭ شۇ ئارقىلىقتۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشى -
ئۇرۇمچىدىكى مەلۇم تانسىخانا دا 6 ياشلار چامىسىدكى كىچىك بىر قىز تۇيۇقسىزپاڭڭىدەيىغلۋەتتى .يىنىدا ئۇلتۇرغان دادىسى ھەيران بۇپ -نىمە بۇلدۇڭقىزىم نىمىشقايىغلايسەن  دەپ سۇرىدى قىز ئىسەدەپ تۇرۇپ --دادا نىمىشقائاپامنى ھىلى ئۇ ئادەم ھىلىبۇ ئادەمتاتىپ ئەكىتىدۇ مەن قۇقۇۋاتىمەن -- دىدى ئىسەدەپ تۇرۇپ. قىزنىڭدادىسى قاقاھلاپكۇلۇپ كىتىپ - قىزىم قۇقما ھىچ ئىش بۇلمايدۇ ئاپاڭنى ئۇلارھىچ نىمە قىلمايدۇ ئاپاڭھازىرلا قايتىپ كىلىدۇ- ;-
مانا بۇ ھازىرقى دادىلارنىڭ قىزلىرىغا قىلىغان نەسھىتى.
7-مۇلاھىزە:

        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۆپچىلىكنىڭ بۇ تېمىغا ئالاھىدە پىكىر قوشقانلىقىنىكۆرۈپ، ناھايىتى ھاياجانلاندىم،. كۆپچىلىككە رەھمەت. مەن سىلەرگە كىچىككىنەتارىخىمنى دەپبېرەي. 1
        مەن ئەسلىدە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالى مەكتەپكە ئۈتۈپ ئوقۇۋاتقانئادەم ئىدىم، ئۇ چاغدا مەن تانسىنى بىلسەممە ئانچە ياخشىئوينىيالماييتتىم، بىزنى يۇقىرىيىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار كۈتىۋالدى، شۇسورۇندا يوقىرى يىللىقتىكى بىر قىز ماڭا تانسائويناشنى ئۈگىتىپ قويدى. مەن شۇندىن باشلاپ ھەركۈنى دېگۈدەك تانسىخانىدا تانسائويناپ كۈنئۆتكۈزىدىغان ئادەم بولۇپ قالدىم، نەچچە يىل ئوينىدىم، كىچىلىرىشۇنچەيىراق يەردە بولسىمۇ ئىزدەپ سوراپ ئوينىدىم، بىرا ئاخىرى ھىس قىلغىنىمنېمەبولدى دېمەمسىلەر؟ بۇ تانسا دېگەن ھېچبىر مەنىسى يوق ساراڭلار ئويۇنىئىكەن ، سەنئۆزەڭ ياخشى كۈرىدىغان قىزنى باشقىلارنىڭ تارتىپ قويۇشىنىئۈمىد قىلىدىغان، ئۇنىڭسەھنىدىن چۈشمەي ئوينىشىدىن پەخىرلىنىدىغان، ھايۋاندىن بەتتەر ھىسسياتتايۈرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، بىر ماتىرىيالدىنئوقۇسام، دۇنيادا جۈپتىنى پەقەتچوشقىلا كۈنلىمەيدىكەن، باشقا بارلىقھايۋانلار جۈپتىنى كۈنلەيدىكەن. شۇڭا مەنتانسىدىن ئۈزەمنى تارتتىم، بىكارۋاقتىم كۈپەيدى، ئىلگىرى ئوقۇمىغان ياخشىماتىرىياللارنى ئەمدى كۈرۈشكەۋاقتىم چىقتى.
قارىسام تانسا دېگەن قىزلارغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت ئىكەن، قارىمامسىز، تانسىخانىلار قىزلاردىن كىرىش بىلىتى ئالمايدۇ، بۇ قىزلارنى ھۆرمەتلىگىنىمۇياكىئۇلارنى يەمچۈك قىلغىنىمۇ؟ دېمەك چىۋىن يىغماقچى بولساڭ ئۇنىڭغائازراق پۇرايدىغانگەندە كېرەك بولغاندەك بىلەت ئېلىپ كىرىدىغان ئوغۇللارنىجەلىپ قىلىش ئۈچۈن قىزلاردىنكىرىش بىلىتى ئالمايدىكەن. شۇڭا بىچارە نادانقىزلار توپ-توپ كىرىدىكەن. كىرگەندىنكېيىن ئۆزلىرى بىلەن ئۆزلىرى تانسائوينىمايدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟؟؟   يەنىلا شۇ ئوغۇللارنىڭ تاللىشنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان گەپ، ناۋا تاللىنالمايقالسا ئۇقىز قانچىلىك ئازابلىنىدۇ، بۇنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان قىزلارئوبدان بىلىدۇ. تاللانغان باشقا قىزلار دېققەت قىلدىمىكىن، ئۇنىڭ بىلەنتانسا ئويناۋاتقان يىگىتيەنىلا تۆۋەندە ئولتۇرغان قىزلارنى كۈزىتىدۇ، بۇقېتىمقى مۇزىكىدا تاللايدىغان قىزنىكۈزلەپ تۇرىدۇ، خىيالىدا تاللايدۇ، تاكىپۈتۈن بىر قېتىملىق تانسا كىچىلىكى تۈگىگىچەبۇ ئىش تەكرارلىنىدۇ، ئاقىۋەتتە قىزلار يىگىتلەر ئۈچۈن ئىلگىرىكى زامانلارداقۇلدارلار قۇلبازىرىغا بېرىپ قۇللارنىڭ چىشلىرىنى، بەدەنلىرىنى، تازىلىقىنى ۋەباشقائالاھىدىلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئاندىن تاللىغاندەك تاللىنىش ئوبيېكتى بولۇپبېرىدۇ. دېمەك ئەقىللىق قىزلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق ھاقارەت بولمىساكېرەك. ھەي قىزلارناۋادا سىلەر تانىسىخانىغا كىرمىسەڭلار بەختىڭلارنىتاپالماسسىلەرمۇ؟ ....

تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-16, 17:45

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( ئارمان )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-16 20:05 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئــــۇيــــغــــۇرلار