مەددالارنىڭ سۆزى بۇ ، نەدىن باشلاي بىلمىدىم. ئىھاملىرىم چولتىكەن، كىمگە يازاي بىلمىدىم. مەن باشلىدىم قوشاقنى ، تىرەمدۇق بىز باشاقنى. تەييار ئاشنى سەن يىگىن، بىز كولايلى ئوچاقنى.
ئەسلى زاتىم ھىلىگەر، ئۇستاتلىقتا سىھىگەر. تۇيدۇرماستىن ھەر دائىم. مىنىۋالدىم بىلىگە.
زىمىن ئەسلى مىنىڭ دەپ، ئەسلى بوشقۇ بىلىڭ دەپ. شۈكرى قىلغىن ،جىم تۇرغىن، ئاشقا تويسا گىلىڭ دەپ.
ئەيىپ قويدۇڭ يەرگىمۇ، ھالال ئاققان تەرگىمۇ. مەنسەپ ئۈچۈن قىز بەردىڭ، ئاختا بولغان ئەرگىمۇ.
يەتتە قىتئە نامىڭ بار، كىشى بىلمەس سانىڭ بار. سۇ كىركەتسە ئۇۋاڭغا، چۈمىلىدەك كانىڭ بار.
بىخ سۈرگەن بىر زىرائەت، كەلدى دەيدۇ بىر ئاپەت. مىدىر لىسا يەپ قاچۇر، ھەتتا يەيدۇ نىجاسەت.
چۈمىلىمۇ زارلايدۇ، -بىزدە شورپا قاينايدۇ. بۇرۇن ئىگەم ياخشىدى، ئۇندا كۆڭلۈم يايرايدۇ.
كەلدى پاقا ئەرزىگە، -تويدۇق بۇنداق دەيۈزگە. بىزنى ئازلاپ قورۇيدۇ، كاتتا تائام بەزمىگە.
قايچا خوشنام قاخشايدۇ، شۇ كۇچۇكنى ماختايدۇ. ھايات بولساڭ كىلەتتىڭ، بىرسى يىگەن ئوخشايدۇ.
خوشنا ئۇلۇغ ئاقلايدۇ، گەپ سۆزىنى ياقلايدۇ. قاچان كىلەر كۇچۇك دەپ، تاڭ سەھەردە ساقلايدۇ.
خوشنام دائىم كۈلەتتى، خوشنا دەپ جان بىرەتتى. بىلىپ كۇچۇك يىگەننى، ئۇخمىغان بوپ يۈرەتتى.
ئاھ! دەريالار رەنجىمە، بىزنى ھەرگىز دۆت دىمە. چوڭ بىلىقنى تۇتساڭ تۇت، بىلىجاننى سەن يىمە.
قۇرۇتتۇڭغۇ نەسلىنى، ئىللىق باھار پەسلىنى. سىنى دوراپ كىملەرمۇ، ئۇنۇتتى ئۆز ئەسلىنى.
توۋا دەيمەن ئۆزۈمگە، ئىشەنمەستىن كۆزۈمگە. يەرمۇ قان-زار يىغلايدۇ، تۈكۈرمە دەپ يۈزۈمگە.
«مۇسۇلمان» دەپ يىزىپسەن، سەن توخۇنى سويۇپسەن. سالپاڭ قۇلاق يوق بىزدە، يالغان تامغا ئويۇپسەن.
«مۇسۇلمان»ئاسان گەپمۇ؟ دەيسىز سىز ھارام يەپمۇ. بىر كۈنلەردە كۆزيەتمەس، بىز تۈزگەن ئۇزۇن سەپمۇ.
ساختا مالدىن جاق تويدۇم، سەن دەيسەن«ئەجەپ قويدۇم». ئەمدى مەنمۇ سەگىدىم، مال ئالماسقا قول يۇدۇم. قايناۋەرمەي ھەممە بىلگەننى، يىزىپ قويدۇم ئازلا كۆرگەننى. ماختىمايمەن ئۆزگىگە پەقەت، ئۇلار ئوخشاش يىگەن ئىچكەننى.
كۆردۇڭلارمۇ ئەي جاھان ئەھلى، ئالالمايمىز كۈلكىدىن بەھرى. تەييار ئاشنى ئادىغا قويساق، تەييار بىزگە يىلاننىڭ زەھرى.
ئىتىپاقلىق مۇھىمدۇر بىزگە، تۆھمەتمۇ كۆپ بىز بىلەن سىزگە. ئىللىق باھار كەلدىغۇ بۈگۈن، ئۈمۈدۈم چوڭ كىلەتۇن كۈزگە. مەنبە؛ مۇناجات7. شەبنەمدىن
|