ماتىريالى: قوي بۆرىكى 6تال، ئاق پىياز 1باش، سۇماي مۇۋاپىق مىقداردا،
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، زىرە، ئۇۋا ق لازا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
بۆرەكنى يېرىپ ئوتتۇرىدىكى بەزنى كىسىۋىتىپ، تەكشى غىچ شەكلىدە پىچاق ئۇرىۋالىمىز، بىيازنى ئىنچىكە توغۇرۋالىمىز
قازانغا سۇقۇيۇپ بۆرەكنى بىرقېتىم قاينىتىپ سۈزۈۋالىمىز. قازانغا ماي قۇيۇپ نورمال قىززىغاندا بۆرەكنى سېلىپ ، تەكشى قىزارغاندا سۈزۈۋالىمىز.
قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، پىيازنى سېلىپ ، سارغايغاندا بۆرەكنى سېلىپ ئارلاشتۇرغاچ، تۇز ،زىرە ، ئازمىقداردا ئۇۋاق لازا سېلىپ، تەكشى ئارلاشتۇرۋىتىپ تەخسىگە ئۇسسىمىز.
ئەسكەرتىش: بۆرەككە پىچاق ئۇرغاندا ئۆتكۈزىۋىتىشتىن ، پىيازنى ياغقا سالغاندا كۆيدۈرۋىتىشتىن ئىھتىيات قىلىڭ،
