oznur.cn abduheni
ئەلنەزەر
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2348
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 189
شۆھرىتى: 2070 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2371 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 366 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قىزلار تەربىيىسى5

ئاپتورى : ئەلىي نەزىما
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ

تەرتىپلىك ئىشلەش ۋە تەرتىپسىز ئىشلەش


ھەرقانداق نەرسىنى جايىغا كەلتۈرۈپ، تەرتىپ بىلەن ئىشلەشنىڭ ئۈچ پايدىسى باردۇر: زېھىن ئېچىلىدۇ، ۋاقىت بوش ئۆتمەيدۇ، نەرسىلەرنى ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ. تەرتىپسىز ئىشلەشنىڭ مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك زىيىنى باردۇر: ئىشتىن بېزىش، سەۋرسىزلىك، ۋاقىتنىڭ بىھۇدە ئۆتۈشى. لايىقىدا ئىشلەش ئۈچۈن ئۈچ ياردەمچى كېرەكتۇر: ھەۋەس بىلەن ئىشلەش، ياخشى ئىشلەشكە تىرىشىش، ماھىرلىق. تەرتىپسىز، ئورۇنسىز ئىشلەشكىمۇ ئۈچ تۈرلۈك قىزىقتۇرغۇچى باردۇر: ئالدىراقسانلىق، ھۇرۇنلۇق، غاپىللىق. كۆپ ھاللاردا بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئىككى قىز ئارىسىدىمۇ بىر نەچچە ھەيران قالارلىق پەرقلەرنىڭ بارلىقى بىلىنمەكتە. بۇلاردىن بىرى تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى يۈز– قولىنى يۇيۇپ كىيىنىپ ياسانغان، ھۇجرىسىنى تازىلاپ سۈرتكەن، ھەممە نەرسىنى ئۆز ئورنىغا قويغان قىزدۇر. ھاسىلكالام، بىر ياش قىزغا باشقىلارنىڭ كۆزى چۈشۈپ، ئۆرنەك ئالارلىق بولغىنى، تۈرلۈك كىچىك ئىشلارنى قىلىپ ھۇجرىسىدا ئولتۇرغىنى، يەنە تارالغان ۋە چىرايلىق تۈرمەكلەنگەن چاچلىرىدا، ھەر ۋاقىت پاكىز تۇتۇلغان قوللىرىنىڭ تىرناقلىرىدا، يېڭى دەزماللانغان قاردەك ئاپئاق كۆڭلەكلىرىدە، كىيگەن پايپاقلىرى بىلەن تازىلىنىپ يالىلداپ تۇرغان ئاياغ كىيىملىرىدە دائىم خۇش پۇراقلار تارقىتىپ تۇرغان گۈلگە ئوخشاش، ھەر تۈرلۈك رەڭلىرى بىلەن كۆرگەن كۆزلەرنى ھەيران قىلىپ تۇرغان كېپىنەكتەك چەكسىز يېقىملىقتۇر.
ئىككىنچى قىز بولسا ھامان كارىۋىتىدىن تۇرۇشقا ئېرىنىپ، تەرتىپسىز ھالدا ياتىدۇ. بېشىنى كۆتۈرەلمەي، كۆزلىرىدىن چاپاق قاينىتىپ، ھۇرۇنلۇق تۇغدۇرغۇچى ئۇزاق بىر ئۇيقۇسىدىن كېيىن ئۇ پايدىسىز خىياللارغا بېرىلىدۇ، تۇرۇش ئۈچۈن قىمىرلاپ ئەسنەيدۇ، كېرىلىدۇ، سوزۇلىدۇ. ھاسىلكالام، ناھايىتى چوڭ راھەتسىزلىك سېزىدۇ، تۇرۇشقا ئېرىنىپ، بىر ھازا سوزۇلۇپ ياتىدۇ. يۈز– قولىنى يۇيۇشقىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ. ئېرىنىپ تازىلىنىپ پايپاقلىرىنى كىيىدۇ، ياخشىلاپ كىيمىگەنلىكتىن قونچىلىرى ئوشۇقلىرىغا چۈشۈپ قالىدۇ. يېرىمى سۆكۈلگەن بەتىنكىلىرىنى كىيىدۇ، باغلاشقا ئېرىنگەن بوغقۇچلىرى يەردە سۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئاخىر ئۈستىگە بىر كىيىم كىيىدۇ، ئۇنىڭمۇ يەڭلىرى گەۋدىسىدىن ئايرىلىپ چۈشۈشكە يەتكەن بولىدۇ. ئائىلە ئەزالىرى داستىخان ئەتراپىغا يىغىلغان ۋاقىتتا چاچلىرى تارالمىغان، كۈندۈزلۈك كىيىملىرى كىيىلمىگەن، پەرىشان قىياپەتتە داستىخان يېنىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ. ئاتا– ئانىسىغا ۋە داستىخان ئەتراپىدا ھازىر بولغان قېرىنداشلىرىغا چاچلىرىنىڭ چۇۋۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن دەرھال ئۇ يەر، بۇ يەرگە تاشلىنىپ تۇرغانلىقىدىن غىجىملىنىپ، كىردىن سارغىيىپ كەتكەن بىر رومالنى بېشىغا ئارتىپ، كۆڭلىكىنىڭ يىرتىقىنى ئېتىش ئۈچۈنمۇ يەلكىسىگە بىرەر نەرسە ئارتىۋالىدۇ، مانا مۇشۇنداق كۈلكىلىك ۋە ئادەتكە خىلاپ بىر كىيىنىش بىلەن داستىخان ئەتراپىدىكىلەرگە ئۆز گەۋدىسىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئىككى ياش قىز ئارىسىدىكى پەرق يالغۇز كىيىنىش، تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ئەمەستۇر. شۈبھىسىز، خۇلق ۋە تەبىئەتلىرىدە ۋە بۇلارغا تەئەللۇق ھاللىرىدىمۇ باردۇر.


تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-12, 01:02

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( ئەلنەزەر )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-12 01:13 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلنەزەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مۇبارەك
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1098
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 309
شۆھرىتى: 3305 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3400 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 351 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئوغۇلا   تەربىيسى   يوقمۇ  
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 14:21 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇبارەك ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىۈ

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2447
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 566
شۆھرىتى: 5800 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5799 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 587 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

شۇنداق،قىزلار تەربىيىسى ئىنتايىن مۇھىم. قىزلار گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولماستىن، بەلكى سۆيۈملۈك بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەلدۇر.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 16:46 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىۈ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

قارلەيلىسى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2726
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 59
شۆھرىتى: 630 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 630 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 63 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

  
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 16:55 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( قارلەيلىسى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 836
شۆھرىتى: 8820 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8930 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 918 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

        
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 21:04 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 818
شۆھرىتى: 8635 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8630 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 873 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 335(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قىزلارنى ھايالىق ئىپپەتلىك ئەخلاقلىق تەربىيەلەش ھەر بىر ئاتا ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسىدۇر................
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-13 15:57 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » خانىم - قىزلار سەمىگە
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا