hantagri illikdunya.biz sohpat
ئەلنەزەر
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2348
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 184
شۆھرىتى: 1980 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2381 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 350 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قىزلار تەربىيىسى4

ئاپتورى : ئەلىي نەزىما
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ

زىبۇ زىننەت، كىيىنىش، ياسىنىش ۋە گىرىم قىلىش



بىزلەرنى ھەيران قالدۇرۇۋاتقان بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ خوتۇنلارنىڭ ياسىنىش، گىرىم قىلىشقا چەكسىز بېرىلىشى، كىيىنىشكە ھەددىدىن ئارتۇق مەپتۇن بولۇشىدۇر. بۇنداق ئەيىبى بار خوتۇن ئاخىر خەتەرلىك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاقىۋەتتە ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغان خىراجەتلەرنى قىلىشقا، ئۆينىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. دوستلار ھەيرانلىقتا، ئاتا ئانا ئۈمىدسىزلىكتە قالىدۇ. ئىشلار ياخشى بولۇپ تۇرۇپ، ئەر بىلەن خوتۇن ئەقىللىق ۋە تەدبىرلىك بولۇپ تۇرۇپ، ھېچبىر كىشىنىڭ كۆڭلىگە كەلمەيدىغان بۇ پاجىئەنىڭ سەۋەبلىرى ئەسكە كېلىدۇ... ئۆينىڭ ۋەيران بولۇش سەۋەبىنى ئاتا بىلەن ئانىسىدىن سوراڭ. بۇ توغرىسىدا سىزگە جاۋاب بېرەلەيدىغىنى پەقەتلا شۇلاردۇر. ئۆينىڭ ۋەيران بولۇشىغا ئايالنىڭ پوزۇر كىيىنىشكە ئادەتتىن تاشقىرى بېرىلىپ كېتىشىدىن باشقا ھېچقانداق سەۋەب يوقتۇر. بىراۋنىڭ ئۈستىدە يېڭى پاسوندا بىر كىيىم كۆردىمۇ، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە تىكتۈرمىسە زادىلا تۇرالمايدۇ. دۇكاندا بىر ياخشى رەخت بارلىقىنى ئاڭلىدىمۇ، قانداق قىلىپ بولسىمۇ، بېرىپ ئۇنىڭدىن ئۆزىگە بىر كىيىملىك ئالماستىن كۆڭلى ئارام تاپمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېرىنىڭ تاپقان پۇلى خوتۇنىنىڭ ئاشۇ ئارزۇلىرىغا خىزمەت قىلىشتىن باشقا بىر نەرسىگە يارىمايدۇ. قايسى خوتۇنلار ئۈچۈن لېنتىدىن قانداق شەكىلدە بانتىك ياسىلىشى، كۆڭلەكنىڭ قانداق شەكىلدە بولىدىغانلىقىنى ياكى باش، چاچ زىننەتلىرىنىڭ قانداق قويۇلىدىغانلىقى ئەڭ كېرەكلىك بىر ئىش سۈپىتىدە تۇتۇلغان بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ كۆپرەك قىسمى بىر نەچچە پايدىسىز ۋە كېرەككە كەلمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن يوقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئويلانسا، ئادەم بۇنىڭدىن چۆچۈمەي قالمايدۇ. ئەگەر خوتۇنلار ئۇچىسىدا قىممەت باھالىق كىيىم ۋە زىبۇ– زىننەتلىرى بىلەن ھەركىمنى ھەيران قالدۇرماقچى بولسا، ئۇ چاغدا ھەقىقەتەن ئالدانغان بولىدۇ. ئەگەر باشلىرىغا تاقىغان زىننەتلىرى ۋە كىيىملىرىنىڭ پاسونى چىرايلىق بولسا، بۇنىڭدىكى نەتىجە ئاشۇ كىيىملەرنى تىككەن تىككۈچى خوتۇنغا مەنسۇپ بولىدۇ. ئەتراپتىكىلەرگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن مودا قوغلىشىش ۋە كىيىنىش بالاسىغا پېتىپ قالغان خوتۇنلار ئەمەلىيەتتە غايەت يامان يولغا كىرىپ قالغان بولىدۇ. سىزگە زىيان كەلتۈرۈشتىن ۋە سىزنى خەلقنىڭ يامان خىياللىرىغا چۈشۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق پايدىسى كۆرۈنمىگەن، ھالىڭىز، قۇربىڭىزدىن ئارتۇق تەكەللۇپلۇق كىيىنىشكە قىزىقمىسىڭىز، ھەركىمنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، ئۆزىڭىزنىڭ قەدرىنى ساقلىغان بولۇرسىز. كىيىم توغرىسىدا شۇ يولدىن يىراقلاشماسلىق كېرەك. يېشىغا، ئورنىغا ۋە ھالىغا يارىشا كىيىنىش، بىر زېرەك خوتۇن پۈتۈن خەلققە كۈلكە بولماي، ئادەتتىن تاشقىرى، خۇسۇسەن، ھەممە جىنسداشلىرىدىن يۇقىرى تۇرۇشقا ھەرىكەت قىلماي، ئىمكانىيىتى يەتكەن كىيىمىگە قانائەتلەنسىلا بولىدۇ. ئاڭلىق ۋە بىلىملىك خوتۇننىڭ ئاڭلىقلىقىنىڭ ئالامىتى كىيىملىرىنىڭ يارىشىملىق ۋە پاكىز بولۇشتىن ئىبارەتتۇركى، بۇ ھېچقاچان گۈزەللىك ۋە ياسىنىشنى چەتكە قاقمايدۇ. ئېسىمگە كەلگەندە شۇنىمۇ سۆزلەپ ئۆتەي، كەچتە قائىدە بويىچە كىيىشنى ۋە كۈندۈزى چاچلىرى سالۋارىغان، كۆڭلەكلىرى يىرتىق، سۆكۈلگەن بولۇپ، كۆپىنچە كېچىلىك كىيىملەر بىلەن يۈرۈشنى ئادەت قىلغان خوتۇنلارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكى بىلىنمەكتە. بۇمۇ ناھايىتى زور ئەيىبتۇر (ئاخشىمى تىياتىرغا ئوخشاش ئورۇنلارغا بېرىش ئۈچۈن مۇراسىم كىيىملىرىنى كىيىش مۇۋاپىق. بىزدە بۇنىڭ ئورنىغا مەجلىسلەرگە بارغاندا تاشلاندۇق كىيىملىرىمىزنى كىيىپ، فازىل مۆھتىرەم مۇھەررىر رىزائۇددىن جانابلىرى ئېيتقاندەك، ئەرلىرىمىز يېنىدا مورا تازىلىغۇچىلارغا ئوخشاش يۈرۈش ئادەتتۇر). ياش قىزلارنىڭ ئورنىدىن تۇرا– تۇرمايلا چاچلىرىنى تاراپ تۈزۈشىگە ۋە كۈندۈز ئۈچۈن ئۇچىسىدا بېجىرىم، رەتلىك، پاكىز، ئۆيدە كىيىپ تۇرغان كىيىملىرىنى كىيىشكە ئادەتلىنىشى لازىمدۇر.

تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-12, 01:02

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( ئەلنەزەر )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-12 01:12 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلنەزەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 869
شۆھرىتى: 8760 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8870 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 912 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تىمىڭىزنى تۇنخى بولۇپ كورگۇنۇمدىن خۇرسەنمەن .
  
  ئوغۇللار ئۇچۇنمۇ تىمىلىرىڭز بارمىدۇ؟  
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 21:09 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۇلخان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 423
شۆھرىتى: 4280 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4481 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 462 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەھمەت
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-13 12:09 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 846
شۆھرىتى: 8515 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8610 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 861 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 333(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئايال كىشى پەقەت ئېرىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا ياسىنىشى كېرەك
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-13 15:58 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىۈ

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2447
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 578
شۆھرىتى: 5800 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5799 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 587 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ كۆپلەپ ئىشلەپ چىقىرىلغىنىغا قارىغاندا،قىز-ئاياللار بارغانسېرى سەتلىشىپ كېتىۋاتامدۇ-قانداق؟
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-14 09:42 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىۈ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » خانىم - قىزلار سەمىگە
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا