oznur.cn abduheni
ئەلنەزەر
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2348
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 189
شۆھرىتى: 2070 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2371 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 366 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قىزلار تەربىيىسى 1
ئاپتورى : ئەلىي نەزىما
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ

قىزلار ئەدەپ ئەخلاقلىق بولۇش، ئۆي تۇتۇش، ئۆي ئىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىش، كېلىنلىكنى، ئانىلىقنى لايىقىدا ئادا قىلىش، ئومۇمەن ئاياللىق ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىش ئۈچۈن نېمىلەرنى بىلىشى كېرەك؟ 19– ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20– ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئىجاد قىلغان تۈركىيە ئالىمى ئەلىي نەزىمانىڭ ‹‹قىزلار تەربىيىسى›› ناملىق بۇ كىتابىدىن ئەنە شۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشىڭىز مۇمكىن.



ئۆي تۇتۇشنى بىلىش



قىلىچ تۇتقان سەركەردىدىن يىڭنە تۇتقان ئايال ئارتۇقتۇر. (شەرق ھېكمەتلىرىدىن)

ئۆي ئىشلىرى، ئۆيدىكى ئەزالارغا قاراش، تېگىدىن ئېيتقاندا بىر ھۈنەر بولۇپ، بۇ خوتۇنلارنىڭ ۋەزىپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ياش قىزلارنىڭ تۇنجى بولۇپ ئۇنى ئۆگىنىشكە كىرىشىشى زۆرۈردۇر، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر ھۈنەردۇر.
بۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىشتىن مەقسەت، مۇمكىن قەدەر ئاز خىراجەت بىلەن كۆپ بايلىق ۋە مال تاپقانغا ئوخشاش، بۇ ھۈنەرنى ئۆگەنگەن خوتۇن ئۆز نۆۋىتىدە چېۋەرلىك بىلەن ئىش قىلىشنى، ئېھتىياتچانلىق، پاكلىق، كۆركەم تەرتىپ، ئىشچانلىق، ئۆينىڭ پايدىسىغا تىرىشىشقا ئوخشاش بىر نەچچە خاسىيەتلەرنىمۇ بىلىۋالالايدۇ.
بىز بۇ يەردە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خاسىيەتلەرنىڭ بىرىنچىسى بولغان تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش تۇتۇش ۋە ئائىلە كىرىم چىقىمى توغرىسىدا سۆزلەيمىز. ئۆيىڭىزدە مۇكەممەل بىر قائىدە– تۈزۈم بولۇشنى خالامسىز؟ ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى نەسىھەتلەرنى ئاڭلاڭ:
ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە بىر ھېساب دەپتىرى تۇتۇۋېلىڭ. ئەگەر ئېنىق بولسا، كىرىمىڭىزنىڭ ھەممىسىنى شۇ دەپتەرگە يېزىڭ. ئاندىن بىر يىلدا قانچە خىراجەت قىلىش كېرەك بولىدۇ، شۇنى يېزىڭ، لېكىن كىرىمىڭىزنى يازغاندا باي بولمىسىڭىز، كەلگۈسىدە ناھايىتى باي بولۇش ئۈمىدى بىلەن ھېساباتتا يېڭىلىشمەسلىككە ھەرىكەت قىلىڭ.
خىراجىتىڭىزنى ئۈمىد قىلغىنىڭىزدىكىدەك ئەمەس، قولىڭىزدىكى بايلىقىڭىزغا قاراپ سەرپ قىلىڭ. بىر يىل ئىچىدە قانچىلىك ئىقتىساد قىلالىغانلىقىڭىزنى بىلسىڭىز، پېقىرلارغا بېرىدىغان ياردىمىڭىزنىمۇ ئۇنتۇماڭ، شۇندىلا ئايدا ياكى كۈندە قانچە پۇل خەجلىگەنلىكىڭىزنى بىلىسىز، كىرىمىڭىزنى ھېسابلىغاندىن كېيىن (ئەگەر بولسا) يېمەك– ئىچمەك، كىيىم– كېچەككە خەجلەيدىغان خىراجىتىڭىزنى تەييارلاپ قويۇڭ ھەم ئۇنى خەجلىۋەتمەسلىككە تىرىشىڭ. ئەگەر كىرىۋاتقان كىرىمىڭىز چىقىمىڭىزغا يەتمىسە، ئىشلەپ پۇل تېپىڭ. بىر كىشى خەجلەيدىغان نەرسىسى بولمىغانلىقى بىلەنلا پېقىر بولۇپ قالمايدۇ، ئىشلىمىگەنلىكى بىلەن پېقىر بولۇپ قالىدۇ، ئىش تىرىشقان كىشىنى ھەر ۋاقىت تەربىيە قىلىدۇ، ساقلايدۇ. ئەگەر ئارتۇق چىقىملىرىڭىز بىلەن يانچۇقىڭىزدىن چىقىپ تۇرغان بىھۇدە پۇللارنىڭ كۆزىگە قارىمىسىڭىز، تەبىئىي ھالدا قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولۇسىز ۋە پۇت– قولىڭىز باغلانغان قەرزدارغا ئايلىنىسىز، بۇ چاغدا سىزگە كۆپ زىيان بولىدۇ. ئۆي تۇتقاندا كىچىككىنە قەرزمۇ كىيىمدىكى يىرتىققا ئوخشايدۇ. ھازىرچە ئانچە كۆزگە كۆرۈنۈپ كەتمىسىمۇ، يامالمىسا بارا– بارا چوڭىيىدۇ، ھاسىلكالام شۇكى، كۈچىڭىز يەتكىچە قەرزنى تۆلىۋېتىڭ، ياخشى قىلغان بولۇرسىز.
ئەمدى سىز تۇتقان خىراجەت دەپتىرىدىن سۆز قىلايلى. بىر ئۆيدە ئۆي بېشى بولغان خوتۇن تۇتۇلغان خىراجەت دەپتىرىگە كۈندىكىنى كۈندە يېزىپ قويىدۇ، مىڭ تۈرلۈك مېھنەت– مۇشەققەتلەر ئىچىدە بولسىمۇ، بىر كۈن ئىچىدە تۇتۇلغان پۇلنى كىچىككىنە دەپتەرگە يېزىپ قويماي، ئۇيقىسىراپ ئولتۇرماسلىققا ئادەتلىنىش لازىم. ئۆي بېشى بولغان خوتۇن غەپلەتتە قېلىپ، تۇتقان خىراجىتىنى يېزىپ قويۇشنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن مەزكۇر دەپتەرنى ھۇجرىسىدا، كۆز ئالدىدا، ياخشىسى يانچۇقىدا ئېلىپ يۈرۈشى لازىم. قايسى ۋاقىتتا ئۆي تۇتۇشقا، ئىشنى ئىنچىكىلەپ ئىشلەشكە تىرىشمىغان خوتۇنلارنىڭ: ‹‹كىشى سەرپ قىلغان خىراجىتىنى كۈندىكىنى كۈندە دەپتەرگە يېزىپ قويۇشنىڭ نېمە ھاجىتى، قانچە تۇتۇلغىنىنى كۆرۈپ قورقۇش ئۈچۈنمۇ، تۇتۇلغىنى ئۈچۈن يازغان نەرسە قايتا ئورنىغا كەلمەيدۇ››، دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرساقمۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە توغرا پىكىر ئەمەستۇر، بۇنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. كىشى قىلغان چىقىملىرىنى يېزىپ قويسا، چۆنتىكىدىن چىققان پۇلىنىڭ سانىنى بىلىپ تۇرىدۇ، بىر ھەپتە ئارىسىدا تۇتۇلغان پۇلنىڭ سانى شۇ ھەپتىدە تۇتۇشقا تېگىشلىك مىقداردىن ئاشسا، پۇلنى قىسىپ خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ. كېيىن ئېرى غەللىدە خەجلەيدىغان ئاقچا قالمىغىنىنى كۆرۈپ ئەجەبلەنسە، ئۆي تۇتقۇچى خوتۇن ئۇنىڭغا سېتىۋېلىنغان نەرسىلەرنى ۋە بۇلارغا كەتكەن پۇل بىلەن يېمەك– ئىچمەككە كەتكەن پۇللارنىڭ سانىنى يازغان دەپتىرىنى كۆرسىتىپ قويسا بولىدۇ. تەجرىبىلىك خوتۇن قىلغان خىراجەتنىڭ تۈرى بويىچە دەپتەردە ئايرىم بەت ئاچىدۇ. مەسىلەن، كىيىم كېچەك، نان، گۆش، ئۇن، گۈرۈچ، ياغ ۋە باشقىلار ئۈچۈن مەخسۇس بەتلەرنى ئاجرىتىدۇ. يىل توشقاندىن كېيىن ھەممىسىنى جەملەپ ھېسابلاپ چىقىدۇ، بىر ياقتا كىرىم، يەنە بىر ياقتا چىقىم يېزىلغان بولىدۇ. مانا شۇ ۋاقىتتا ئايال (ئائىلە ئەزالىرى) ئۈچۈن خۇشاللىق ياكى خاپىلىق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر چىقىمى كىرىمىدىن ئارتۇق بولسا، ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۆيى ناھايىتى تېز خارابلىققا يۈزلىنىدۇ. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە چىقسا، كىرىمنىڭ چىقىمدىن ئاشقىنى قولىدا قالغان بولسا، ئېرى ياكى بالىلىرى ئۈچۈن بىرەر كېرەكلىك نەرسە سېتىۋالماقچى بولسا بىردىن– بىردىن تۇتۇپ يىغقان پۇلى ئۇنىڭغا يەتسە قانداق ياخشى. ‹‹كىرىمىدىن ئارتۇق چىقىم قىلىش ئەقىلسىز كىشىنىڭ ئىشى، كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى بېسىپ يېتىۋېلىشمۇ ئەقىلسىزنىڭ ئىشى، ئورۇنسىز چىقىمنى ئاز قىلىش ئەقىللىق كىشىنىڭ ئىشىدۇر›› دېگەن ئادەملەر ناھايىتى توغرا ئېيتقان. كىرىم بىلەن چىقىمنى ھېسابلاپ كۆرگەندىن كېيىن، ئەر بىلەن خوتۇن بىر قارارغا كېلىۋالىدۇ. ئەگەر كىرىم ۋە چىقىمدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلسە، ئۆيدە قىلىنغان چىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن– بۇنىڭدىن چىقىرىۋېلىشنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىدۇ، ھەر ئىككىسى كېرەك بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالماسلىقنى، زۆرۈر بولمىغاندا پۇل خەجلىمەسلىكنى قارار قىلىدۇ، بۇ كەمچىلىكنى كېلەر يىلى كىرگەن كىرىمىدىن ئاشقىنى بىلەن تولۇقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
خانىم– قىزلار، سىلەرمۇ نەق شۇنداق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىڭلار، سىلەرمۇ قايسىدۇر چىقىملارنى ياكى بولمىسا كىيىنىشكە، زىننەتكە، كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا بېرىلگەن پۇلنى، كۈنلۈك چىقىملارنى كىچىككىنە دەپتەرگە يېزىپ قويۇپ، ياش ۋاقتىڭلاردىن باشلاپ ھېسابات قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭلار.


تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-12, 01:02

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( ئەلنەزەر )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-12 01:08 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلنەزەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

قارلەيلىسى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2726
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 59
شۆھرىتى: 630 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 630 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 63 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ياخشى يېزىپسز  .    مەن ئايدا چىقىمنى يېزىپ ، كىرىمنى  يازماپتىكەنمەن  ھەممىنى تەڭ  ئىلىپ بارسام بولغىدەك......
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 17:12 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( قارلەيلىسى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 836
شۆھرىتى: 8820 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8930 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 918 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

  كوپ رەخمەت  
                  
   خانىم قىزلىرىمىز بۇلارنى كورەرمۇ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 21:21 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 818
شۆھرىتى: 8635 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8630 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 873 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 335(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كوپ رەخمەت  
                  
   خانىم قىزلىرىمىز بۇلارنى كورەرمۇ

كۆرگەن بىلەن پايدىلانمىسا بىكار...............
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-13 16:01 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىۈ

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2447
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 566
شۆھرىتى: 5800 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5799 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 587 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

راست دەيسىز،ئەلىف.
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-14 09:34 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىۈ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » خانىم - قىزلار سەمىگە
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا