hantagri illikdunya.biz sohpat
لاچىن
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 296
شۆھرىتى: 2990 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3249 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 378 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇلۇغ رامىزان ئېيى ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىشىمىز لازىم؟

سوئال: رامىزان ئېيى ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىمىز؟ بۇ ئېسىل ئايدا قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللەر قايسىلار؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىلگەن بولسا.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھ ئۈچۈندۇر.
بىرىنچى: مۇھتەرەم قېرىندىشىم! سىز رامىزان ئېيىغا قانداق تەييارلىق قىلىش توغرىسىدىكى بۇ سوئالنى سوراپ ياخشى قىلدىڭىز، رامىزان روزىسىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىشتىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى شەرئى ئىبادەت ئەمەستەك، بەلكى ئۆرپ-ئادەتكە تۇتقان پوزتسىيەدە بولىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن رامىزان ئېيى كېلىشتىن خىلى بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى، بەزەن يېمەكلىكنىڭ تېپىلماسلىقى ياكى باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ يىمەكلىك سېتىۋالدى، ھەقىقەتتە ئۇلار رامىزان ئېيىدا تۇتىدىغان روزىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمىدى، ئۇلارنىڭ قەلبى ئىبادەت بىلەن تەقۋالىقتىن خالى قالدى، رامىزان ئېيىنى قورساقلىرىنى تويغۇزىدىغان ۋە كۆزلىرىنى ئارام ئالدۇرىدىغان ئاي قىلىۋالدى. قىسقىسى رامىزاننى قانداق باياشات، قورسىقى ئىچىپ قالمىغان ھالدا ئوتكۇزۇشنى خىلى بۇرۇنلام پىلانلىدىيۇ، ئەمما رامىزان ئايدىكى ئىبادەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ، رامىزان ئېيىنىڭ روھانى تەربىيە خاراكتىرلىق قېممىتىدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۆتكۈزۈش، ئائىلىدە قانداق تەربىيە خىزمىتى ئىلىپ بېرىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە سەل قارىلىپ كىلىندى ۋە كىلىنىۋاتىدۇ.
ئىككىنچى: يەنە بىرقىسىم كىشىلەر رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشۈنۈپ شەئبان ئېيىدىن باشلاپ دىققەت بىلەن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى، بەلكى بەزىلەر بۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. رامىزان ئېيى ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلساق ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تەۋسىيەلەرنى قىلىمىز:
1ـ سەمىمىيەت بىلەن تەۋبە قىلىش.
ھەرۋاقىت تەۋبە قىلىش پەرز، لېكىن بەركەتلىك كاتتا ئايغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى ۋە ئۆزى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۇلارنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولغان گۇناھلارغا تەۋبە قىلىشقا ئالدىراش ئەڭ لايىق بولغان ئىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر، چۈنكى ئۇكىشىنىڭ قەلبى تىنىچ، دىلى سالامەت تائەت ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋاقىتتا بەركەتلىك رامىزان ئېيى يىتىپ كېلىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار».(نۇر سۈرىسى 31 – ئايەت).
ئەغەرئىبنى يەسار مۇزەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« ئى خالايىقلار! ئاللاھغا تەۋبە قىلىڭلار ۋە ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ھەقىقەتەن مەن كۈندە يۈز قېتىم تەۋبە قىلىمەن».
2 - دۇئا قىلىش.
بەزەن سەلەپلەرنىڭ رامىزان ئېيى كېلىشتىن ئالتە ئاي بۇرۇن ئاللاھغا دۇئا قىلىپ ئۆزلىرىنى رامىزانغا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى، رامزاندىن كىيىن يەنە بەش ئاي ئاللاھ دىن ئۆزلىرىنىڭ رامزاندا قىلغان ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
مۇسۇلمان پەرۋەردىگارىدىن رامىزانغا دىنىدا مۇستەھكەم، تەن- سالامەتلىكلىكى ياخشى ھالەتتە يەتكۈزۈشىنى، رامزاندا ئاللاھغا ئىتائەت قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا ياردەم بېرىشنى ۋە ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىشى كېرەك.
3 - مۇشۇ كاتتا ئاينىڭ يىقىنلاشقانلىغىدىن خۇرسەن بولۇش.
ھەقىقەتەن رامىزان ئېيىنىڭ يىتىپ كېلىشى ئاللاھنىڭ مۇسۇلمان بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان كاتتا نېمەتلىرىنىڭ بىرى، چۈنكى رامىزان ئېيى جەننەتنىڭ ئېشىكى ئېچىلىدىغان، دوزاخنىڭ ئېشىكى تاقىلىدىغان ياخشىلىق كۆپ بولىدىغان پەسىلنىڭ بىرى، بۇ ئاي قۇرئان چۈشكەن ۋە كۆپ تىلاۋەت قىلىنىدىغان ۋە بىزنىڭ دىنىمىزدا تۇنجى قېتىم ھەقىقەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىنغان ئايدىن ئىبارەت.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ئېيتقىنكى،« ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خۇشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقان(دۇنيا – ماللىرىدىن)ياخشىدۇر ». يۇنىس سۈرىسى 58-ئايەت
4 - پەرز قىلىنغان روزىنى تۇتۇش بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش.
ئەبى سەلەمە مۇنداق دېدى: مەن ئائىشە ئانىمىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « مەن ئۆزۈمنىڭ رامزاندىن تۇتالماي قالغان روزىلىرىمنى پەقەت شەئبان ئېيىدا تۇتاتتىم».(بۇخارى\1849، مۇسلىم\1146).
ھاپىز ئىبنى ھەجەر (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئائىشە ئانىمىزنىڭ شەئبان ئېيىدا روزا تۇتۇشقا بولغان ھېرىسمەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ، شۇنداقلا رامزاندا تۇتالماي قالغان روزىلارنى يەنە بىر رامىزانغىچە كېچىكتۈرۈشنىڭ توغرا ئەمەس ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. (پەتھۇل بارىي\4\191).
5 - رامزاننىڭ پەزىلىتىنى بىلىش ۋە روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملارنى چۈشىنىش ئۈچۈن تېرىشىش لازىم.( دىنىمىزدا ھەرقانداق ئىبادەتنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ ئەمەل قىلىشىمىز تەۋسىيە قىلىنىدۇ.-م-)
6 - رامزاندا مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىبادەتلىرىگە تەسىر يەتكۇزىدىغان ئامىللارنى تېزلىكتە ھەل قىلىش كېرەك.
7 - ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئايالى ۋە بالىلىرىغا رامزاننىڭ ئەھكاملىرىدىن خەۋەر بېرىش ۋە كىچىك پەرزەنتلەرنى روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
8 - ئۆيدە ئوقۇش مۇمكىن بولىدىغان بەزەن كىتابلارنى تەييار قىلىش ياكى بۇ كىتابلارنى جامائەتكە ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن مەسچىتنىڭ ئىمامىغا سوۋغا قىلىش.
9 - رامىزان روزىسىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن شەئبان ئېيىدىمۇ روزا تۇتۇش. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق مۇنداق دېگەن:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىرقانچە كۈن روزا تۇتاتتى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئىپتار قىلمايدىكەن دەيتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىرقانچە كۈن ئىپتار قىلاتتى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام روزا تۇتماپتۇ دەپ قالاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام رامزاندىن باشقا ۋاقىتتا بىر ئاي تولۇق روزا تۇتمايتتى، شەئبان ئېيىدا كۆپ روزا تۇتاتتى»(بۇخارى\1868، مۇسلىم\1156).
ئۇسامە ئىبنى زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن يا رەسۇلۇللاھ! سىلىنىڭ باشقا ئايلاردا شەئبان ئېيىدا روزا تۇتقاندەك كۆپ روزا تۇتقانلىرىنى كۆرمىدىمغۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېدى:« رەجەب بىلەن رامزاننىڭ ئارىلىقىدىكى بۇ ئايدىن نۇرغۇن كىشىلەر غاپىل قالىدۇ، بۇ ئايدا بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ تەرىپىگە كۆتۈرۈلىدۇ، مەن ئەمىلىمنىڭ روزا تۇتقان ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن» (نەسائىي\2357، ئەلبانىي ھەسەن دېگەن).
ھەدىستە شەئبان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى بايان قىلىنىپ بۇ ئەمەللەر كۆتۈرۈلىدىغان ئاي دېيىلگەن، ھەقىقەتەن بەزەن ئالىملار يەنە بىر ھېكمەتنى بايان قىلغان بولۇپ بۇ روزا پەرز نامازدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازغا ئوخشاش، چۈنكى ئۇ پەرز ئىبادەتنى جۇشقۇنلۇق بىلەن ئادا قىلىشقا نەپسىنى تەييارلايدۇ، رامزاندىن ئىلگىرى شەئباندا تۇتقان روزىدىمۇ شۇنداق دىيىلىدۇ.
10 - قۇرئان ئوقۇش.
سەلەمە ئىبنى كۇھەيىل مۇنداق دېگەن: شەئبان ئېيى قارىيلار ئېيى دېيىلەتتى. ئەمرى ئىبنى قەيىس شەئبان ئېيى كىرگەن ۋاقتىدا دۇكانلىرىنى تاقاپ قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلاتتى.
ئەبۇبەكرى ئەل بەلخى مۇنداق دېگەن: رەجەب ئېيى زىرائەت تىرىش ئېيى، شەئبان ئېيى زىرائەتنى سۇغۇرۇش ئېيى، رامىزان ئېيى زىرائەتتىن ھۆسۈل ئېلىش ئېيى.
يەنە مۇنداق دېدى: رەجەب ئېيى شامالغا ئوخشاش، شەئبان ئېيى بۇلۇتقا ئوخشاش، رامىزان ئېيى يامغۇرغا ئوخشاش، كىمكى رەجەبتە زىرائەت تېرىپ، كۆچەت تىكمىسە، شەئباندا سۇغارمىسا، رامزاندا قايسى زىرائەتنى ئورايدۇ؟ ھازىر رەجەب ئېيى تۈگىدى، سىز رامزاندا ھوسۇل ئېلىشنى ئىستىسىڭىز، ھازىر شەئباندا ھەركەت قىلىڭ، يۇقىرىقىدىكىلەر سىز بىلەن سەلەپلەرنىڭ بۇ بەرىكەتلىك ئايدىكى ئەھۋالى، مۇشۇ ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئالى دەرىجىلەرگە ئېرىشىشىڭىز ئۈچۈن سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز قانداق؟!
تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-12, 01:02

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( لاچىن )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-11 22:03 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( لاچىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 868
شۆھرىتى: 8750 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8860 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 911 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىلىۋىلدىم  كوپ رەخمەت
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 21:52 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 845
شۆھرىتى: 8505 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8600 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 860 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 333(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

اللە رازى بولىدىغان ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا نىسىپ ئەتسۇن.................
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-13 16:15 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
زەمزەم
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2642
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 179
شۆھرىتى: 1790 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1330 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 179 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللاھ ، رەخمەت قلسۇن.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-13 21:46 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( زەمزەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىۈ

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2447
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 578
شۆھرىتى: 5800 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5799 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 587 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بەك ئېسىل تىمىلار ئىكەن، قايتا-قايتا ئوقۇپ چۈشىنىۋالساق بولىدىكەن.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-14 09:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىۈ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۇلخان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 417
شۆھرىتى: 4220 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4421 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 456 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

اللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەقەقەتەن بەك ئېسىل تېما يوللاپسىز.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-14 10:50 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا