كۆك چۆچۈرىسىگە مەرھەممەت!!!!
بۈگۈن سىلەرگە ھەممىمىز ياقتۇردىغان بېدە چۆچىرىسنى ئېتىپ بەرمەكچىمەن. چۈنكى بىدە چىقىدىغان ۋاقت بولۇپ قالدى. بېدە چۆچىرىسى « كۆك چۆچىرىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ
كۆك چۆچىرىسىنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولۇپ، كىشىگە بىر خىل كۆكلەم تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. ئەتىيازدا مىجەزنى تەڭشەيدۇ، قاننى تازىلايدۇ. ئومۇمەن سالامەتلىككە پايدىلىق.
كېتىدىغان خۇرۇچ: ئاق ئۇن، بېدە، كۆيدۈرۈلگەن قۇيرۇق ماي.
خېمىر؛ ئادەتتىكى چۆچۈرنىڭ خېمىرىدەك يۇغۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ.
قىيما؛ بىدىنى 10 مىنوتتەك تۇز سۈيىگە چىللاپ قويۇپ ئاندىن يۇساق بەك پاكىزە بولىدۇ. ئاندىن بېدىنى تازا يۇمشاق چانايمىز. ئۇنىڭغا يېتەرلىك تۇز، قوي ماي سېلىپ مىجىيمىز. قوي ماينىڭ تېتىغانلىغىنى
بىلىش ئۈچۈن، قىيمىنىڭ ھالىتىگە قارايمىز. قىيما چېچىلماي تىك ھالەتتە تۇرىشى لازىم. چۈنكى بېدىنىڭ تەبىئىيىتى بەك سوغاق بولغىنى ئۈچۈن، قويماينى ئارتۇغراق سالمىساق، ، ھەم تەمسىز، ھەم بەكلا سوغاققا مايىل بولۇپ كېتىدۇ. بەزىلەر گۆش قوشۇپمۇ ئېتىدىكەن. بىراق نەق ئۆزىنىڭ تەمى بىلەن يىگەن ياخشى. ئۆزىڭىز خالىغاننى قىلىڭ!
خېمىر بەك نېپىز يېيىلىشى كېرەك. پىشقاندىن كېيىن ئىچىدىكى بېدە كۆرۈنۈپ تۇرسۇن. چۆچىرىنى تۈككەن ۋاقتىمىزدا ئادەتتىكى چۆچىرىدىن سەل چوڭراق تۈگسەك ياخشى بولىدۇ ئىچىگە قىيما جىقراق پاتىدۇ.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى؛ بەزىلەر چۆچىرىنىڭ سۈيىنى ئايرىم تەييارلىۋېلىپ، چۆچىرىنى شۇ سۇغا سالىدۇ. ئەڭ ياخشىسى. چۆچىرىنى سۇغىلا سېلىپ بىر ئىكى قاينىغاندىن كېيىنلا، چويلا بىلەن تاۋاققا سۇزۈپ ئېلىپ، ئۇنى يەنە ئازاراق كۆيدۈرۈلگەن قۇيرۇق ماي بىلەن ئېلەشتۈرۈپلا يىسىڭىز، بەكمۇ يېيىشلىك، ئۆز تەمى بىلەن بولىدۇ. خېمىر ئالاھىدە نېپىز يېيىلغىنى ئۈچۈن بەكلا تېز پىشىدۇ. پىشۇرۇش جەريانىدا سارغايتىۋەتمەڭ. تەركىۋىدىكى پايدىلىق ماددىلار يوقاپ كېتىدۇ، ھەم ئۆز تەمىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ.
ئۇنداقتا كۆك چۆچىرىسى پىشتى. چوڭلار« يىلدا بىر قېتىم ئېغىز تەگمەك بار» دەپ ئەتىۋارلىق دەرىجىسىنى
تەكىتلەپ كەلگەن. ئۇنداقتا ھەممىڭلارنىڭ ئېغىز تېگىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!!!
قېنى مەرھەممەت!
[ بۇ يازماaxtuziتەرپىدىن2011-04-11 19:54دە قايتا تەھ ]