hantagri illikdunya.biz sohpat
ئەلنەزەر
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2348
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 184
شۆھرىتى: 1980 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2381 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 350 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نامازدىكى ھېكمەت ۋە خاسىيەت
(ئابدۇرەقىپ ئابدۇغېنى)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن «نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بىرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە رۇكۇ قىلىڭلار؛سەۋىر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلەر، ناماز ئاللاھتىن قۇرققۇچىلار(يەنى كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلار)دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر» {قۇرئان – كەرىم، سۈرە بەقەر 42-، 44- ئايەت}
ئادەتتىكى ئەھۋالدا شەرئى ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتا ئۇنىڭ ھېكمىتىنى بىلىش شەرت قىلىنمايدۇ. مۇھىمى مۇتلەق ئىتائەتمەنلىك بىلەن ۋاقتىدا، تولۇق بەجا كەلتۈرۈشتۈر. ئەگەر مۇسۇلمان كىشى مەلۇم ئىبادەتنىڭ ھېكمىتىنى بىلىپ يەتسە، بۇ نۇر ئۈستىگە نۇر بولىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا ئىززەتلىك قىلغان ئارىفلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
ناماز ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلغان، مۇنتىزىم ھەركەتلەر ۋە مۇئەييەت ئايەت-دۇئالار بىلەن تەرتىپلىك رەۋىشتە، خاس شەكىلدە، كۈندە بەش قېتىم ئادا قىلىدىغان كۈندىلىك ئىبادەت.
ناماز تولىمۇ قەدىم، تارىخى ئىبادەت شەكلىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى نامازنى ئادا قىلىشقا ۋە ئەھلىنى نامازغا بۇيرۇشقا ئەمىر قىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ناماز ۋە زاكاتنى بۇيرىغانلىقىنى زىكرى قىلىدۇ. لوقمان ھەكىم ئوغلىغا نامازنى ئادا قىلىش ۋە باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇش ھەققىدە تەلىم بىرىدۇ. رەسۇلىللاھ ئىسرا كىچىسى بەيتۇلمۇقەددەستە پەيغەمبەرلەرگە نامازدا ئىمام بولغان. دىمەك، ئىلگىركى ئۈممەتلەردە ناماز ھەرخىل شەكىللەردە مەۋجۇت بولغان. رەسۇلىلاھ بەش ۋاخ ناماز پەرز بولۇشتىن بۇرۇن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئەتىگەندە ۋە كەچتە ئىككى رەكئەتتىن ناماز ئوقۇيتتى. مىئراج كىچىسى نامازنىڭ ئەڭ ئاخىرقى، تولۇق ۋە ئىسلامى شەكلى پەرز قىلىندى
ناماز ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرسىدىكى يۈكسەك روھانىي ئالاقە. ئۇ بەندىنى ئاللاھنىڭ رىزاسىغا يىتەكلەپ، ئىنايىتىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ.
نامازنى ئۆرە بولۇشقا قادىر بولالمىغانلار ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا يېتىپ ئىشارەت بىلەن ئادا قىلسا، پەقەت بولالمىغاندا نامازنىڭ ئەركانلىرىنى دىلىدا جارى ئەتسە بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئىسلام دىنىنىڭ نەقەدەر ئاسانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ھەم نامازنىڭ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ساقىت بولمايدىغانلىقى ئايان بولىدۇ. دەر ھەقىقەت، نامازنىڭ جەڭگاھتىمۇ ساقىت بولمايدىغانلىقى ئۇنىڭ ئىسلام شەرئىتىدىكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى ئەمەلىيتىدىكى مىسلىسىز ئورنىنى تىكلىگەن. «قۇرئان - كەرىم» سۈرە «نىسا» {4- سۈرە}نىڭ 102- ئايىتىدە جەڭ مەيدانىدا تېخى جەڭ باشلانمىغان، تەييارلىق ھالىتىدە ۋاقتىدا نامازنى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، نۆۋەت بىلەن جامائەت بىلەن ئادا قىلىش ئۇسۇلى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولسا، مۆتىبەر فىقھى كىتابلىردا جەڭ مەزگىلىدىكى ئالاھىدە شارائىتتا نامازنى قانداق ئادا قىلىش ئۇسۇلى «قوغلاش ياكى قېچىش ھالىتىدىكى كىشىنىڭ نامىزى» دىگەن ئايرىم سەرلەۋھە ئاستىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «ئەگەر جەڭچى دۈشمەننى قوغلاۋاتقان بولسا ياكى دۈشمەننىڭ قېچىپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلسا ۋە ياكى دۈشمەنلەر جەڭچىنىڭ پېيىگە چۈشكەن بولسا، قىبلىگە يۈز كەلتۈرەلمەسلىكىدىن قەتئىنەزەر، دۈشمەن قاچقان تەرەپكە ياكى بىخەتەر جايغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ ئىشارە بىلەن نامازنى قولاي رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ، بۇ شەرىئەتتە ئەيىبلەنمەيدىغان بارلىق قېچىش ھالىتىدىكى كىشىگە شۇنداقلا رۇكۇ، سەجدە قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم، ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، مال –مۈلكىگە دۈشمەن ياكى يىرتقۇچ ھايۋان تەرىپىدىن زىيان يىتىش خەۋپىدىكى كىشىگىمۇ تەدبىقلىنىدۇ»(سەييىد سابىق: «فىقھۇ سۈننە» قاھىرە فەتىھ نەشرىياتى، 1- جىلىد 336- بەت)
ناماز باشقا ھەرقانداق ئىبادەتتىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ، رەسۇلىللاھتىن «قايسى ئەمەل ئەۋزەل؟» - دەپ سورالغاندا، پەيغەمبىرىمىز: «دەل ۋاقتىدا ئادا قىلىنغان ناماز» - دەپ جاۋاپ بەرگەن. ناماز ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلغان ئىبادەتلەرنىڭ تۇنجىسى، ئاخىرەتتە تۇنجى رەت ھېساب ئېلىنىدىغىنمۇ ناماز.
نامازنىڭ يۇقىرقىدەك نۇرغۇن پەزىلەتلىرى ۋە يۇقىرى ئورنى بولغاچقا، ئۇ باشقا ئىبادەتلەردىن پەرقلىق ھالدا، ئالاھىدە شەكىلدە، رەسۇلىللاھنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن پۈتكۈل كائىناتتىن ھالقىغان، يەتتىنچى قەۋەت ئاسماندىكى سىدرەتۇلمۇنتەھا(رەسۇلىللاھ بۇ دەرەخ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دەرەخنىڭ ياپراقلىرىنىڭ چوڭلىقى پىلنىڭ قۇلاقلىرىدەك، مىۋىلىرىنىڭ چوڭلىقى قاپاقلاردەك ئىدى، رەببىمنىڭ بۇيرىقى چۈشكەندە بۇ دەرەختە ئۆزگىرىش پەيدا بولاتتى، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچبىرى بۇ دەرەخنىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلىيەلمەيدۇ»)دا ئاللاھقا يېقىن تۇرغان مۇبارەك سائەتلىرىدە پەرز قىلىندى.
نامازنىڭ «قۇرئان - كەرىم»دە ئالاھىدە قەيت قىلىنغان ھېكمەتلىرىدىن : ناشايان ئىشلاردىن چەكلەش، نەپسىنى پاكلاشتۇر. بىر ۋاخ نامىزى قازا بولسا پەرىشان بولىدىغان، بىر ۋاخ تامىقىدىن قالغاندەك ئېچىرقاش ھېس قىلىدىغان نامازخانلار نامازدىكى ھېكمەتكە يېقىنلاشقانلاردۇر. بەش ۋاخ نامازنىڭ كۈندىلىك بۇيرۇلغان ۋاقىتلىرىغا نەزەر سالغىنىمىزدا نۇرغۇن ھېكمەتلەر زاھىر بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتلار شۇ كۈندىكى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە خاسىيەتلىك دەقىقىلەردەك تۇيۇلىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇ شەكىسزدۇر. سىز بامدات نامىزىنى ئوقۇغىلى تۇرغىنىڭىزدىلا سەھەر ئورنىدىن تۇرۇشتىن ئىبارەت بىر ياخشى ئىشنى قىلىپ بولغان بولىسىز. بىر كۈنلۈك مەشغۇلىتىڭىزگە كىرىشىشتىن بۇرۇن ئادا قىلغان روھىي ۋە جىسمانىي ئىبادەت قەلبىڭىزنى پاك – پاكىزە يۇيۇپ قويىدۇ. فىشىن، دىگەر، شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىمۇ ئۆزگىچە قىممەتتە. دىمەك، بىر كۈنلۈك پائالىيتىڭىز ئىبادەتنى مۇقەددىمە، يەنە ئىبادەتنى خاتىمە قىلىدۇ.
رەسۇلىللاھنىڭ خۇپتەندىن بۇرۇن ئۇخلاشتىن، خۇپتەن نامىزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن (بىھۇدە) گەپ قىلىشتىن چەكلىگەنلىكى بىزنىڭ دىققىتىمىزدە بولىشى كېرەك.
نامازنىڭ نامازخانغا بېغىشلايدىغان ئاتالىرى ھېسابسىز.... كىشىلىك ھايات ئىنساننى چېنىقتۇرىدىغان، تاۋلايدىغان ئوچاق. ھاياتتا كىشى بەزى ئاجايىپ خوشال مىنۇتلار ئىلكىدە ئەللەيلەنسە، بەزىدە دەھشەتلىك، ئازابلىق دەقىقىلەر قوينىدا تولغىنىدۇ. ناماز ئىنسانغا ھەرقانداق روھىي بېسىمغان بەرداشلىق بىرىش كۈچىنى ئاتا قىلىدۇ. نامازخان نامازدا قەلبىدىكى ئەڭ ئالىي قۇدرەت ساھىبىغا ساداقىتىنى بېغىشلاش بىلەن، ئۆز ھۇجۇدىدىن تاشقىرى بارلىق مەۋجۇداتتىن مۇستەقىل بولالايدۇ. شۇڭا نامازخاننىڭ قەلبى غايەت خوشاللىقنىمۇ، چەكسىز قايغۇسىنىمۇ ئوخشاش سىغدۇرۇپ كىتەلەيدۇ.
ناماز ئىنسان بېشىدىن كىچىۋاتقان ھەربىر زەپەر، تەنتەنە ۋە پىشكەل، مۇسىبەت ئۈچۈن بىردەك ئەسلەتمىدۇر. نامازخانلار ئالدىنقى ئەھۋالدا شۈكرانە نامىزى ئوقۇپ مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىسە، كىيىنكى ئەھۋالدا ھاجەت نامىزى ئوقۇپ، ئاللاھتىن ئۆز بېشىغا كەلگەن قىسمەتنى كۆتۈرىۋىشنى، يوقاتقان مۇسىبىتىنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ياخشىسىنى بىرىشنى تىلەيدۇ. قىسقىسى ئىنسان ناماز ئارقىلىق ئۆز روھىيتىنىڭ قارشى قۇتۇپلىرى ئارىسدا بىمالال قاتنىيالايدۇ.
رەسۇلىللاھ بىلالنى ئەزان ئېيتىشقا بۇيرۇپ: «بىزنى ناماز بىلەن راھەتلەندۈرگىنە، بىلال»- دەيتتى. ئاللاھ ئۇلۇغلۇق ئەۋجىدە مەۋجۇت، ئاللاھنىڭ بۇ مەقامىغا سېلىشتۇرغاندا ئىنسان ناقىسلىق پاتقىقىدا تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىنسان ناماز ئارقىلىق ئاللاھ بىلەن بىۋاستە ۋە چىن، تىلى ۋە دىلى بىلەن باغلىنالايدۇ، مەۋجۇدىيەتنىڭ مەركىزىگە يۈزلىنىپ خىتابەن سىردىشالايدۇ.
ئاللاھ چەكسىز گۈزەلدۇر! ئىنسان مەھلىيا بولۇپ تەلپۈنىدۇ. ئاللاھ ئۇلۇغدۇر! ئىنسان ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ ۋە قورقىدۇ. بىراق بۇ قورقۇش زەئىپ كىشىنىڭ قۇدرەتلىك زوراۋان ئالدىدا تىترىشى ئەمەس، بەلكى ناقىس ئىزدەنگۈچىنىڭ كامالەت ئالدىدىكى ھودۇقۇشىدۇر.
رەسۇلىللاھ : «ناماز مىنىڭ خوشاللىقىم، ئاللاھنىڭ زىكرى قەلبىمنىڭ مىۋىسى» دىگەنىدى.
«ناماز ھەرگىزمۇ مۇئەييەت ھەركەتلەرنى مىخانىكىلىق رەۋىشتە تەكرارلاش دەپ چۈشىنىلمەسلىكى كېرەك. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئەقىل ئىدراك قىلالمايدىغان يۈكسەكلىكتە بولۇپ، بىز ياشاۋاتقان دۇنيادىن ھالقىغان بۈيۈك بىر ئەقىدىگە چۆكۈشتۇر. بۇ خىل پىسخولوگىيلىك ھالەتكە ئەقىل تەبىر بىرەلمەيدۇ. پەيلاسوپلار، ئالىملار نامازنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، بىراق مال – دۇنياغا بىرىلمەيدىغان ئادەتتىكى بىر ئادەم ئاللاھنى گويا قوياشنىڭ ھارارىتىنى، ياكى يېقىن دوستلىرىنىڭ مىھرىبانلىقىنى سەزگەندەكلا تەبىئىي، ئوڭايلا ھېس قىلالايدۇ»(ئالىكىس كارىل، «ناتونۇش ئىنسانىيەت»دىن)
نامازخاننىڭ ھەربىر ھەركىتى كائىناتتىكى جىمىي شەيئىلەر بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ھەركەتلىرى نامازخاننىڭ نامازدىكى ھەركەتلىرىدە ئۆز ۋارىيانتىنى تاپىدۇ.
نامازخان قىيامدا تۇرغاندا گويا تاغلاردەك، قارىغايلاردەك مەزمۇت ئۆرە بولىدۇ. يۇلتۇزلار يۇشۇرۇنغىنىدەك رۇكۇ قىلىدۇ – دە، يۇلتۇزلار قايتا زاھىر بولغاندەك رۇكۇدىن قىيامغا قايتىپ قەددىنى رۇسلايدۇ. ئاندىن ئۆمۈر بويى سەجدە ھالىتىدىلا ياشايدىغان ئۆمىلىگۈچى جانلىقلاردەك سەجدە قىلىدۇ. سەجدىدىكى ھېكمەت تېخىمۇ چوڭقۇر، ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن باش تارتقان كىشى، باشقىلارغا ھەرخىل شەكىلدە تازىم قىلىش بىلەن ئۆز تەبىئىتىدىكى ئىلاھقا سېغىنىش ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. كىشىدىكى ئىلاھقا سېغىنىش تۇيغۇسى ھامان تۈرلۈك شەكىللەردە ئىپادىلىنىپ قالىدۇ. بۇ مەنىدىن دۇنيادا سەجدە قىلمايدىغان كىشى بولمايدۇ --- يا ياراتقۇچىغا، ياكى يارالغۇچىغا سەجدە قىلىدۇ. كۆرىۋاتىمىز، ياراتقۇچىغا تازىم قىلىشتىن مەھرۇملار، ئەقەللىيسى تۇرمۇش ھاجەتلىرى كويىدا يارالغۇچىغا تازىم قىلىشقا مەھكۇملاردۇر. ئېنىقكى، ياراتقۇچىغا تازىم قىلىش كىشىگە جاسارەت بېغىشلايدۇ.
ئىنسان تەبىئىتىدىكى مۇقەررەر تەلەپ ئىھتىياجلار مۇناسىپ شەكىل بىلەن تەمىنلەنمىگەندە، ئۇ تەبىئىي ھالدا ناتوغرا شەكىللەردىن چىقىش يولى ئىزدەيدۇ. شۇڭا توغرا يول بىرلا بولسا، خاتا يول مىڭ تۈرلۈك بولىدۇ. ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتلىك ئازاب – ئوقۇبەتكە دۇچار قىلىدىغان تۈرلۈك گۇناھ – مەئسىيەتلەر ماھىيەتتە ئىنساننىڭ ئۆز تەبىئىتىدىكى مۇقەررەرلىككە مۇناسىپ چىقىش يولى بەرمىگەنلىكىدە.
نامازـــ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان روھىي تەڭشىكى. ئەقىل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تىلى بولغىنىدەك ناماز مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان روھىي مۇلاقاتىدىكى بىردەك مۇناجات تىلى. ئاق خالات دوختۇرلارنىڭ ماددىي فورمىسى بولسا، ناماز مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى فورمىسى. لوگىكا تەپەككۈر گىرامماتىكىسى بولسا، ناماز روھ تەنتەربىيسىدۇر. . . ناماز ئىنسان روھىنىڭ تاۋلىنىش جەريانى، نامازخاننىڭ دىل چاستوتىسى كامالەت دولقۇنلىرىغا توغىرلانغان پەيىتتە، ئايھاي!!... ئۇنى بۇ ھەرىپلەر ئىپادىلىيەلمەيدۇ. نامازخاننىڭ تىنى كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئوزۇقلانسا، روھى كەم دىگەندە بەش قېتىم ئوزۇقلىنىدۇ. بەلكىم بۇ ئىنسانغا نىسبەتەن روھنىڭ ئىھتىياجى تەننىڭ ئىھتىياجىدىن سان – ساپا جەھەتتە يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشارىدۇر.
رەسۇلىللاھنىڭ بەش ۋاخ نامازنى مەسچىتتە ئادا قىلىشقا بۇيرىشى نامازغا تېخىمۇ چوڭ خاسىيەت بېغىشلايدۇ. نامازنىڭ شاراپىتى بىلەن مەسچىتتە ئىجدىمائى پەرقلەر تامام يوقالغان«جەننەتسىمان جەمئىيەت» يارىتىلغان. تۇرمۇش ئىستەكلىرىنى كىشىلەرنى تەرەپ – تەرەپكە تارقاتسا، مەسچىت ئۇلارنى جەم قىلىپ ئۆز – ئارا ئالاشتۇرىدۇ. دىمەك، ئىسلام دىئىي جامائە شەكلى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى روھىي جەھەتتىن يىتەكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ. جامائەت نامىزى بۇنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. نامازنىڭ بىر قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش شەرتى بىلەن يولغا قويىلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك روھىنى ئۇرغۇتىدىغان قوزغاتما بولغان.
قوياش نۇرىنىڭ ھەربىر گىرادوس مىردىئان سىزىقىغا يۆتكىلىشى بىلەن نورمال ئېيتىلغان ئەزاننىڭمۇ تۆت مىنۇتتا تاماملىنىشى، يەرشارىدا ئۈزۈلمەي ئەزان ئاۋازى ياڭراپ، ئىنسانىيەت ئىلكىدىكى ھەرقانداق ۋاقىتنىڭ ئاللاھقا قىلىنغان ئىبادەتتىن خالىي بولالمايدىغانلىقىغا ئىشارە قىلسا، ئاتوم يادروسىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدىغان ئىلىكتۇرۇنلاردىن تارتىپ، قوياش سېستىمىسىدىكى پىلانت ــ سەييارىلەرگىچە، ھەتتا سامان يولى سېستىمىسى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار تۈركۈملىرىدىكى بارلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىنىڭ ھاجىلارنىڭ كەئبە شىرىفنى تاۋاپ قىلىش يۆنىلىشى بىلەن بىردەك بولىشى ئالەم شارىدىكى ئەقىلنى لال قىلىدىغان مۇنتىزىم سەلتەنەتنىڭ تەسبىھىدىن ھاسىل بولغان ئومۇمىي خوردىن دېرەك بىرىدۇ.
دىمەك، مۇسۇلمانلار يىلدا بىر قېتىم تاۋاپ مەرىكىسى ئۆتكۈزسە، كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇدات ھەر لەھزە ئىچىدە تاۋاپتىدۇر!
«قۇرئان - كەرىم»دە ناماز كۆپ قېتىم ئىسلام دىنىنىڭ نامراتلىققا خاتىمە بىرىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاستىسى بولغان زاكات بىلەن بىرلىكتە زىكرى قىلىغان. ئۇنىڭدا ئسلام دىنىنىڭ ماددىيەت بىلەن مەنىۋىيەتكە تەڭ ئېتىبار بىرىدىغان قوش قۇتۇپلۇق خارەكتىرى ئەكىس ئېتىدۇ. چوڭ جەھەتتىن ناماز روھىي ئىبادەت ۋە شەخسى كامالەت بولسا، زاكات ماددىي ئىبادەت ۋە ئىجدىمائىي ئادالەتتۇر. ناماز ئىنسانغا يۈزلەنگەن بولسا، زاكات ئىنسانىيەتكە يۈزلەنگەندۇر.
نامازدا تاھارەت ئېلىش ۋە باشقا ھەركەتلەردىن ئىبارەت مۇئەييەن تۈزۈم، ساقلىق ئېڭى ۋە ئەمەلىيتى سىڭگەن ئەقلىي بۆلەكنىڭ مەۋجۇت بولۇشى نامازنى نوقۇل ھالدىكى روھىي پائالىيەت قىلىپ قويمىغان. تاھارەتسىز نامازنىڭ مەقبۇل بولمايدىغانلىقىدىن ماس ھالدىكى ماددىي (جىسمانىي) رىيازەت يانداشمىغان روھىي پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمسىز بولىدىغانلىقىنى كۆرىۋىلىش مۇمكىن.
ناماز خوشاللىققا مەست بولغۇچىلارنىڭ مۇناجاتگاھى، ئىزتىراپ چەككۈچىلەرنىڭ تەسەللىگاھى، شەيتانى تۇيغۇ تۇتقۇنلىرىنىڭ نىجاتكارى، تەقۋىدارلارنىڭ ۋىسالگاھىدۇر. ۋىسالگاھ (جايناماز) ئۈستىدىكى ئىستىقامىتىڭىزدە زامان – ماكاندىن ھالقىيالايسىز، دۇئاغا قول كۆتۈرگەن دەملەردە يۈرىكىڭىز قولىڭىزغا چىقىپ قالىدۇ، سىزدە سىر قالمايدۇ، چۈنكى سىز ئۇنى ئىگىسىگە تاپشۇردىڭىز.......
نىھايەت، بۇ يازمىمىز ئارقىلىق «نامازدىكى ھېكمەتلەر مانا شۇ، شۇڭا ناماز ئوقۇيمىز» دىمەكچى ئەمەس، يۇقىرقىلار بىر ئادەتتىكى نامازخاننىڭ تۇيۇملىرى خالاس. ئارىمىزدا تېخىمۇ ئىزگۈ ھېس – تۇيغۇلىرىنى قەلب قەپىسىگە سىغدۇرالمايۋاتقان نامازخانلىرىمىز ئاز بولمىسا كېرەك!
*سىدرەتۇلمۇنتەھا: رەسۇلۇللاھ بۇ دەرەخ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: « بۇ دەرەخنىڭ ياپراقلىرىنىڭ چوڭلىقى پىلنىڭ قۇلاقلىرىدەك، مېۋىلىرىنىڭ چوڭلىقى قاپاقلاردەك ئىدى. رەببىمنىڭ بۇيرۇقى چۈشكەندە بۇ دەرەختە ئۆزگىرىش پەيدا بولاتتى. ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىدىن ھېچبىر ئادەم بۇ دەرەخنىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلىيەلمەيدۇ» مۇھەەممەد سالىھ داموللام تەرجىمىسىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى ناملىق ئەسەر 107-بەت.
تورمەنبەسى : ئەجداد تورى

تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-10, 02:19

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( ئەلنەزەر )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+40(axtuzi) ياخشى   ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-10 02:02 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلنەزەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    زەمزەم
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2642
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 179
    شۆھرىتى: 1790 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1330 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 179 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئاللا رەخمەت كىلسۇن .مۇشۇندا ق تىيمىلارنى كوپەرە ك يوللىغايسىز       
    udum
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-10 10:41 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( زەمزەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    axtuzi
    باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 64
    نادىر تېما : 36
    يازما سانى : 2756
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 808(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئاللا   مۇشۇ  تېمىنى  يولللىغان بارماقلىرىڭىزنىڭ  ھەممىسىگە  100 گراملىقتىن  ئالتۇن  ئۈزۈك  بەرسۇن ،   ئېسىل تېمىكەن ،  ناماز  ئوقۇغۇچىلار   مۇھتاج بولمايدۇ ،  يوقلۇق  دەردىدىن  ئىڭرىمايدۇ ، ئاللا  ئۇنىىڭ  ئىشىنى  ئاسانلاشتۇرۇپ  بېرىدۇ .
    http://bilimzar.com
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-10 12:12 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    ئەلىۈ

    دەرىجىسى : چولپان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2447
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 578
    شۆھرىتى: 5800 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5799 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 587 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-11 11:17 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىۈ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    گۇلخان
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1288
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 423
    شۆھرىتى: 4280 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 4481 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 462 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئفللفھ رەھمەت قىلسۇن
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-11 11:36 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئاشپەز ئەدەبىيات كۆزنىكى
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا