تەييار چۆپنى ئىلمىي ئىستىمال قىلىڭ تەييار چۆپنىڭ ئاساسلىق ماتىرىيالى بۇغداي ئۇنى، ماي ۋە ھەر خىل خۇرۇچلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مايدا پىشۇرۇلغان نان بىلەن قورۇما ئارىلىقىدا بولىدۇ . ئادەتتە ئۇنىڭ ئىسسىقلىق ۋە ماي مىقدارى ھور نان بىلەن گۈرۈچ تامىقىدىن سەل يۇقۇرى. ئادەتتە تەييار چۆپنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مۇۋاپىق ئەمەس، ئۇنى تاماق ئورنىدا ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئىستىمال قىلغاندا تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. 1. تەييار چۆپنى ئامال بار كەچلىك تاماق ئورنىدا ياكى تۈنىگەن ۋاقىتلاردا قۇرساق تويغۇزۇش ئۈچۈن ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇنداق ۋاقىتتا ئادەمنىڭ مايلىق يىمەكلىكلەرگە بولغان ئېھتىياجى ئانچە يۇقۇرى بولمايدۇ. 2. ئەگەر تەييار چۆپنى تاماق ئورنىدا يىيىشكە توغرا كەلسە ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كۆكتات،مىۋە - چىۋە ،تۇخۇم ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى قوشۇپ يىيىش كېرەك. 3. تەييار چۆپنىڭ شورپىسىدا ماي، تۇز مىقدارى كۆپ بولىدۇ، ئامال بار ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك. 4. ئەگەر چۈشتە تەييار چۆپ ئىستېمال قىلىشقا توغرا كەلسە ، كەچلىك غىزادا مايلىق يىمەكلىك يىمەسلىك، كۆكتات ، مىۋە - چىۋە ۋە باشقا يېنىك تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش كېرەك مەنبە ئۇيغۇر QQ مۇنبىرى
|