
ماتېريالى : تاپان بېلىق ( باشقا بېلىق بولسىمۇ بولىدۇ ) بىر دانە 750 گراملىق ، پۇرچاق قىزىلمۇچ مۇرابباسى ( دو بەن جىياڭ ) تۆت قوشۇق . ، شورپا ياكى قايناقسۇ 1.5 چىنە ، ماي
دورا - دەرمەكلەر :
زەنجىۋىل 3 ياپراق ، سامساق 2 چىش ، غولپىياز بىر تال ، شېكەر 2 قوشۇق ، ئاچچىقسۇ 2 قوشۇق ، جاڭيۇ 2 قوشۇق ، كراخمال 1 قوشۇق
تەييارلاش ئۇسۇلى :1. بېلىقنى پاكىز تازلاپ يۇيۇپ ، ئىككى تەرىپىگە پىۋاق ئىزى چىقىرىپ قويسىز ، ئۇنىڭغا غولپىياز ، سامساق ، زەنجىۋىل ، تۇز سۈركەپ تەم كىرگۈزىسىز ، پۇرچاق قىزىلمۇچ مۇرابباسىنى يۇمشاق چانايسىز.

قازانغا بېلىق چىلاشقىدەك ياغ قۇۇيۇپ ، 8 ئۈلۈش قىززىغاندا بېلىقنى سېلىپ داغلاپ ساغارتىۋالىسىز .

3. قازانغا ئاز ياغ قيۇپ پۇرچاق قىلىمۇچ مۇرابباسىنى سېلىپو قوۇپ زەنجىۋىل ، سامساق چانالمىسىنى سېلىقپ سەل قورۇيسىز .

4. شورپا قيۇپ تۇز ، شېكەر ، ئاچچىقسۇ قيۇپ تەمىنى تەڭشەپ قاينىتىسىز .تۇزنى سېلىشتىن بۇرۇن تەمىنى تېتىتپ كۆرۈڭ ، چۈنكى پۇرچاى قىلمۇچ مۇرابباسىنىڭ تۇز تەمى كۈچلۈك .

5. بېلىقنى سېلىپ پەس ئوتتا 5 مىنۇت قاينىتىز

قايناپ شورپىسى ئازلىغاندا بېلىقنى ئېلىپ تەخسىگە سېلىپ ئۈستىگە شورپىسىنى قيۇپ بېرىسىز ، ئۈتسىگە غولپىياز چانالمىسىنى چاچىسىز .

ئالاھىدىلىكى : رەڭگى ققىزىل ، گۆشى يۇمشاق تەملىك ، چۈچىمەل تاتلىق ، ئاچچىق تۇزلۇق ،

بېلىقنىڭ گۆشى يۇمشاق ، تەمى مەززىلىك ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ، ياغسىز ، سىڭىشلىك بولۇپ دورىلىق قىممىتىمۇ يۇقۇرى ،