hantagri illikdunya.biz sohpat
لاچىن
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 296
شۆھرىتى: 2990 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3249 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 378 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەسىم:
سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى بىلەمسىز؟
بۇ يەردىكى ئارتۇقچىلىق بولسا سىز قىلالايدىغان ۋە قوللىنالايدىغانلىرىڭىز، قابىلىيىتىڭىز ، تېخنىكا بىلىملىرىڭىز ، ۋە ئەخلاقىي – پەزىلىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئارتۇقچىلىقلارمۇ سىزنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بىراق ، بەزى ئادەملەر بولسا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغا توغرا باھا بىرەلمەي ،كەمتەرلىكنى جايىدا ئىشلەتمەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە ، ئۆزى مەلۇم بىر ساھەدىكى ئىقتىدارىنى ئىنكار قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىنى توغرا دەپ قارىمايدۇ ، ئۆز- ئۆزىگە سەمىمىي بولمايدۇ .
ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جەزىملەشتۈرۈش ھەرگىزمۇ پوچىلىق ھېسابلانمايدۇ . ئەكىسچە بۇ ئۆز-ئۆزىگە سەمىمىي بۇلۇشنىڭ ئىپادىسى .
سىزدە قانداق ئارتۇقچىلىقلار بار ؟ بۇ سىزگە ئېنىقمۇ ؟ ھەممە ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنى بىلەمسىز ھەمدە سۆزلىيەلەمسىز؟
ئادەتتە كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەشنى خالىمايدۇ . ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەشنى بىر خىل سەمىمىيەتسىزلىكتەك ، توغرا ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ. باشقىلار سۇئال سورىغاندا بولسا: “بىلمەيمەن ” دەپلا جاۋاپ بىرىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەپ بولسا ئۇلار:” مەندىكى ئارتۇقچىلىقلار باشقىلار تەرىپىدىن كەمچىللىك ھېساپلانسا ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئەخلەت ھېساپلانمامدۇ؟” دەپ ئويلاپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىن بولساكېرەك .
ھەممىلا ئادەمدە بىر خىل قاراش بار . ئۇ بولسىمۇ :”ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەش خاتا ، كەمچىللىكلىرىنى سۆزلەشنى بولسا چۇقۇم قىلىش كېرەك .” دەيدىغان . شۇڭا سىزنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئارتۇقچىلىقىڭىزنى جەزىملەشتۈرۈڭ.
چۈنكى مۇۋەپپەقىيەت بولسا ئارتۇقچىلىق ۋە يىتەرسىزلىكلەرگە توغرا باھا بىرىپ شۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشتىن كىلىدۇ.
مىسالغا ئالساق ، بەزىلەر سىز سەي قورۇشقا ئۇستا دەپ ماختىغاندا ، بەلكىم سىز :”نەدىكىنى ،بەلكىم قورۇغىنىم خېلىلا ياخشى بۇلۇپ قالغاندۇ،ئەمەلىيەتتە مەن ئانچە ئۇستا ئەمەس .” دىيىشىڭىز مۇمكىن .ياكى “نەدىكىن بۇ بولسا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان بىر ئالاھىيدىلىك “دەپ جاۋاپ بىرىشىڭىز مۇمكىن .لىكىن سەي قورۇلۇشتا ھەقىقەتەن ياخشى قورۇلغان .راستىنلا ئالاھىيدە بولغان بىر خىل قابىلىيەت .ئەگەر بىرى سىزدىن “سىز تېلىفوندا راستىنلا پاراڭغا ئۇستا .” دىگەندە ، سىز بەلكىم تېلىفوندا گەپ قىلىش ناھايتى ئاسان دەپ جاۋاپ بىرىشىڭىز مۇمكىن .بىلىشىڭىز كېرەككى ،، نۇرغۇن ئادەملەر تېلېفوندا سۆزلىشىشنى ئىنتايىن تەس دەپ ھېساپلايدۇ.
شۇڭا بۇمۇ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان بىر خىل ئارتۇقچىلىقتىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقاش ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس .
كىچىك ۋاقتىمدا ، ئاكامغا دائىم ھەۋەس قىلاتتىم .چۈنكى ئۇ ناخشا ئېيتالايتتى ، رەسم سىزالايتتى ، ئېغىز گارمۇنى چالالايتتى .ئەنە شۇ چاغلاردا باشقىلار مىنى ھېچقانداق قابىلىيىتى ، ئىقتىدارى يوق دەيتتى.شۇڭا ئاكامغا ھەۋەس قىلاتتىم.چوڭ بولغاندىن كىيىن مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى ، ياخشى سۆزلەرنى قىلالايدىكەنمەن ، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىكەنمەن .، باشقىلار بىلەن ئىناق ئۆتەلەيدىكەنمەن . مەن بىلەن مىنىڭ مۇشۇ قابىلىيىتىم ، كىيىنچە ، ئۆز –ئۆزەمنى تەربىيلىيەلىدىم .، چۈنكى مەن دەل ۋاقتىدا ئۆزەمنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىمنى بايقىيالىغان ئىدىم.
شۇڭا ، ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقاش بولسا ، ئۆز ئەقلىي قابىلىيىتىنى جارىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ .ئۇنداقتا ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قانداق بايقاش كېرەك؟
مىنىڭچە ، چۇقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزنى جەزىملەشتۈرۈڭ . ئالدى بىلەن ،ئۆزىڭىزنى قايتىدىن بىر تەكشۈرۈپ چىقىڭ ، ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى تەسىرىڭىزنى بارلىققا كەلتۈرۈڭ .ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز تەسەللىي بىرەلەيدىغان بىر ياخشى مۇھىتنى ئىجات قىلىڭ .
كىچىىك ۋاقتىمدا ، ظاتا – ئانام ھەممەيلەنگە ئىنتايىن ياخشى كۆيىنەتتى .بىراق ئۆيدە پۇل بولمىغانلىق سەۋەبىدىن ، ھەمىشە مەدىكار
ئىشلەپ پۇل تېپىشقا مەجبۇرىي بولاتتىم .بۇ ئىشلار بەكلا ئېغىر بولغاچقا مەن باشقىلار بىلەن مەر-مەر تاش ئويناپ ئۇتۇپ ، بازارغا ئېلىپ چىقىپ سېتىپ پۇل تېپىپ، مەكتەپكە تاپشۇراتتىم.بۇ ماڭا نىسبەتەن بىر ئۇيۇن بولۇپلا قالماي بەلكى ماڭا پۇل تېپىپ بىرەتتى ھەم باشقىلار تەرىپىدىن كۆپلەپ ماختىنىلاتتىم . شۇڭا مەن ئائىلەمنىڭ نامرات بۇلىشى ماڭا ياخشى نەرسە ئېلىپ كەلدى دەپ جوشال بولاتتىم .چوڭ بولغاندىمۇ ، ئاشۇ ۋاقىتتىكى شارائىت ماڭا ھەقىقەتەن بىر پۇل تېپىشنىڭ يۇلىنى ئۆگەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.شۇڭا بۇ بىر تەجىرىبە . مىنىڭ تەجىربەم دەل
مەر – مەر تاش ئويۇنىنى لايىھەلەش + ئىجاتچانلىق = پۇل تېپىش
سىزمۇ ئىلگىرىكى تەجىرىبىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ . ئلگىرىكى تەجىربىڭىزدىن سىز قانداق ئارتۇقچىلىقلارنى بايقاپ چىقتىڭىز؟يۇمۇرىستىك ھېسسىيات ؟ ئىرادە؟ ئۆگىنىشنى قىزغىن سۈيۈش ؟ تۇرمۇشقا بولغان ئوبىيېكتىپ پوزىتسىيە ؟سىز يەنە قانداقراق ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتىسىز؟
تېما تەستىقلىغۇچى : axtuzi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-08, 12:25

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( لاچىن )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-08 19:12 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( لاچىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 31
يازما سانى : 2684
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 769(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەركىم  مۇئەييەن قابىلىيەت  ئېگخسىدۇر  ،   ئۆز  قابىلىيىتىنى تونۇش   ۋە  ئەجىر  قىلىش  ناھايىتى  موھىم !
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 21:06 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

غەيرىتەم

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2417
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 743
شۆھرىتى: 7700 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 10230 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 841 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 153(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئوقۇپ چىقتىم  مەدە ئۇنداق ئارتۇقچىلىق ىېلى باكەن مۇشۇ كەمگىچە

ھېس قىلماپتىمەن دىسە
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 21:12 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( غەيرىتەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 868
شۆھرىتى: 8750 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8860 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 911 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

  
    كوپىنچىمىزدە غايەت زور يۇشۇرۇن ئقتىدار بولىدۇ. ئەمما،بۇنداق يۇشۇرۇن ئقتىدار غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان بولۇپ ،  ئۇرغۇتۇلغان ھامان ئاجايىپ ئشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-09 16:04 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا