hantagri illikdunya.biz sohpat
گۇلخان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 427
شۆھرىتى: 4320 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4521 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 466 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

شاپتۇل مېغىزىنىڭ تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .
شاپتۇل مېغىزنىڭ ئىسپىرت بىلەن ئېلىنغان ماددىسى قان قېتىشقا قارشى تەسىرگە ئىگە ھەم ئاجىزراق ھالدىكى قان ئېرىتىش تەسىرىمۇ بار .
خۇسۇسىيىتى : چاچنى قۇۋۋەتلەش ، يۆتەل پەسەيتىش، تەرەت راۋانلاشتۇرۇش ، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش ، قاننى سۇيۇلدۇرۇش ، سۈيدۈك ھەيدەش، چاچ ئۈندۈرۈش .
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : ھەيز تۇتۇلۇش ، ھەيز كەلمەسلىك ياكى ھەيز قېنى مونەك - مونەك كېلىش، سۈيدۈكتىن قان كېلىش، قورساق ئاغرىقى ، قەۋزىيەت ، ئۈچەي يارىسى ، قۇلاق ئاغرىقى ، بۇۋاسىر ، چاچ چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسسۇلى :
1. شاپتۇل مېغىزى بەش گىرام ، سىيادان ئۈچ گىرام ، ئوسما بەش گىرام ، ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى ئۈچ گىرام ، دورىلارنى سوقۇپ يىلىم سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ چاچقا چاپسا ، چاچ ئۆسۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ .
2. ئەرەب يىلىمى ، كەتىرا، شاپتۇل مېغىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن ئۈچ گرامدىن ئېلىپ سۇقۇپ سۇپۇپ قىلىپ يېسە قەۋزىيەتكە شىپا بولىدۇ .
3. شاپتۇل مېغىزى ئۈچ گىرام ، زاراڭزا چېچىكىدىن بەش گرام ، ئاغىچىدىن بەش گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە ھەيزنى راۋان قىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : 3-6گرام .
زىيانلىق تەسىرى : ئىسسىق مىزاج كىسەللىكلەرگە ۋە ئاشقازان كىسلى بارلارغا بېرىلمەيدۇ .
تۈزەتكۈچىسى : ھەسەل .
ئورۇنباسارى : ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى .

شاپتۇل مېغىزى يېغى
تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .
يېغىنىڭ تەركىبىدە ئاسالىقى ياغ كىسلاتا گلېتسىرىنى بار .
قان تۇمۇرنى كىڭەيتىش، قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جاراھەت ئېغىزىنى پۈتتۈرۈش ، جىگەر قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش . ئاغرىق پەسەيتىش تەسىرى بار .
خۇسۇسىيىتى : چاچ قۇۋۋەتلەش ، داغ ۋە سەپكۈننى چۈشۈرۈش ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ، ئاغرىق پەسەيتىش ، پارقىرىتىش ، چاچ ئۈندۈرۈش .
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : قۇلاق ئاغرىقى ، قەۋزىيەت ، داغ ، چاچ چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
1 . سىيادان ، شاپتۇل مېغىزى ، ئانار ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ ياغ تارتىپ چاچنى مايلاپ بەرسە ، چاچ ئۆستۈرىدۇ .
2. ئاچچىق بادام مېغىزىنى سوقۇپ شاپتۇل مېغىزى يېغى بىلەن مەلھەم قىلىپ داغ بار ئورۇنغا چاپسا شىپا بولىدۇ
تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرئاي
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-08, 09:14

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( گۇلخان )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+1(axtuzi) مۇنبەرئۈچۈن ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-08 17:05 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    ئائىيشە
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2273
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 225
    شۆھرىتى: 2250 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2310 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 226 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    رەھمەت ..
    udum
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-09 17:51 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئائىيشە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » خانىم - قىزلار سەمىگە
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا