hantagri illikdunya.biz sohpat
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
سىمىز
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2166
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 221
شۆھرىتى: 2210 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2210 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 227 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 135(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەرقانداق ئەرنىڭ بىرەر نام نىشان، مۇراد مەقسىدى بولغىنىغا ئوخشاش، قىزلارنىڭمۇ ئەرلەرنى تاللىشىدا مەلۇم ئوي پىكىرلىرى، ئۆلچەم بىرلىكلىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. مەسلەن: ئىستىقبالى بولۇش، پىشقان بولۇش، كۆيۈمچان بولۇش…دېگەندەك. زادى قانداق ئەرگە ياتلىق بولغاندا كېيىن پۇشايمان قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا كۆزۈم قارىغۇ بولۇپ قاپتىكەن دەپ تىللايدىغان ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغاندۇ؟ قېنى ئەمىسە، بىز بىر بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى!"

\پۇلى كۆپ ئەلەرگە ياتلىق بولغاندا: يېيىشىڭىز ئېسىل تاماق، ئولتۇرىشىڭىز ئالىي ماشىنا، كاتتا ئۆي ئىمارەت، كىيىشىڭىز پۇزۇر، داڭلىق كىيىملەر، تاقىشىڭىز قىممەت زىبۇ زىننەتلەر… بۇ خىل تۇرمۇش ئەلۋەتتە يامان تۇرمۇش ئەمەستە؟!! كىم راھەت كۆرۈشنى خالىمايدۇ؟ كىم جاپانى خالايدۇ، دەيسىز؟! ئەمما، ئەرلەرنىڭ پۇل تېپىشى ۋاقىت ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدۇ. پۇلى كۆپ ئەرلەر بىر بولسا كەچكىچە سودا قايناملىرىدىن بوشىيالمايدىغان سودىگەر، يا بولمىسا كەچكىچە زىياپەت ئولتۇرۇش، يىغىندىن بوشىمايدىغان كاتتا ئەمەلدار ئەرباب. سودىگەرنىڭ كاللىسىدا پايدا نەپتىن ئۆزگە نەرسە ئاز، كۈندە دىگۈدەك سالغان مەبلىغى بىلەن تاپقان پايدىسىنىڭ ھېساۋاتى، ئاستا ئاستا ئۆيدىكى ئىللىقلىقنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئەمەلدار پۇلدارلار بولسا كۈندە زىياپەت بولمىسا يىغىن دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۆيدىكى ۋاقتى ئازدىن ئاز بولىدۇ. پۇلدار ئەرلەر تولىراقى ئاياللىرىنى ئۆيگە يالغۇز تاشلاپ قويىدۇ، ئۆزلىرى سىرتتا ئالدىراش يۈرۈيدۇ. بۇنداق ئەرلەرگە ياتلىق بولسىڭىز، سىزنىڭ شۇ تېلىۋېزورغا، ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىغا ياتلىق بولغان بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇ ۋاقىتتا، سىز چىداشنى، روھىي جەھەتتىكى بوشلۇققا چىداشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك، شۇ روھىي جەھەتتىكى بوشلۇقنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن ھاۋادەكلا بەخىتىنى، قەلبىڭىزدىكى ئاچچىقنى يۈتقاندەك يۇتۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

ناھايىتى قاملاشقان ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: بۇ ئېنىقكى ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق. گەرچە ئۇ سومباتلىق يىگىت پەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان، بەلكىم پەقەت سىز يالغۇزلا بولماسلىقىڭىز مۇمكىن، ھەم باشقا قىزلارنىڭ ھېچنىمىگە قارىماستىن، پىدايىلارچە قىلغان ھۇجۇملىرىغا ئۈلگۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، قاملاشقان ئەرلەرنىڭ گۈزەل نازىنىنلارنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمۇ ئەلۋەتتە شۇنچىلىك قاملىشىپ كېلىدۇ، تېز كېلىدۇ. توساپ توساپ بولالمايسىزدە، ئاقىۋەت تۇرمۇشىڭىزدىن ئاستا ئاستا مەسىلە چىقىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىز ئېيتىپ، ئۆزىڭىز ئوينايدىغان ئارتىسقىلا ئايلىنىپ قالىسىز، خالاس

سىزگە ھەمرا بولالايدىغان ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: ھەركۈنى سىزگە ھەمرا بولالايدۇ، ئۇنىڭ سىرتتىكى ئىشلارغا چىقارغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز، تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى ياخشى؛ سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز، سىلەرنىڭ توي خاتىرە كۈنۈڭلار، ھەتتا ئاپىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنىمۇ شۇنچە ئېنىق ئېسىدە تۇتىدۇ. ئۇ ھەركۈنى ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىدۇ،، يەنە بىر ئۈستەل ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ، قورۇما قورۇيدۇ. سىزگە ھەمرا بولۇپ، بازار ئايلىنىدۇ، بالا بېقىپ، تەربىيىلەشنى بىلىدۇ. سىزنىڭ ھەربىر كۈنىڭىز ئۇنىڭ ياردىمىسىز ئۆتمەيدۇ، مانا بۇغۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەر بولار؟! ئەمما، بۇ خىل ئەرلەرنىڭ قابىلىيىتى ئادەمنى گۇمانلاندۇرىدۇ، شۇڭا ئانچە كۆپ ئىقتىسادى يوق، شۇڭا سىزنىڭ سىرتلاردا ئەرلەر بىلەن تەڭ جاپا چېكىپ، پۇل تېپىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ،، شۇندىلا سىلەرنىڭ ماددى تۇرمۇشۇڭلار ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. باشقا ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىدە خانىشتەك ئولتۇرۇپ، يولدىشىنىڭ تېپىپ بەرگەنلىرى بىلەن ناز كەرەشمە ئىچىدە ياشاۋاتقىنىنى، قوللىرىنىڭ پاختىدەك يۇمشاق، يۈزلىرىنىڭ پارقىراپ تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۆزىڭىزنىڭ سىرتلاردا ئالدىراش يۈرۈپ يىرىكلەشكەن يۈزلىرىڭىز، قوپاللاشقان، قاتتىق قوللىرىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ… يۈرۈگىڭىزنى چاشقان يىگەندەك بولىسىزدە، كۆڭلىڭىزدە، باشقىلار نىمە ئۈچۈن ئالماس ئەرلىرىگە تايىنىپلا راھەت ياشايدۇ، مەن نىمەدەپ تۆمۈر تەسەكتەك ئەر بىلەن جاپا تارتىمەن دەپ ئويلاپ ئازابلىنىسىز.

! _شىرىن سۆزلۈك ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: بۇنداق ئەرلەر بىلەن بىللە ئۆتكەندە سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ھەر ۋاخ چاغ يۈرۈيسىز، بۇ خىل ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئارتۇقچىلىقنى بايقاشقا ئالاھىدە ماھىر كېلىدۇ. سىزنىڭ ھەربىر ئۆزگەرگەن چاچ پاسونىڭىز، ئالماشتۇرغان يىڭى كىيىملىرىڭىز، ھەتتا سۈرگەن لەۋسۇرۇخىڭىزنىڭمۇ باشقا ماركىغا ئالماشقانلىقى ئۇنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇدە، سىزنى ماختاپ قۇلاقلىرىڭىزغىچە قىزارتىۋېتىدۇ. ئەمما، سىزنىڭ چوقۇم بىرنەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ؛ بۇ خىل تىپتىكى ئەرلەر بۇنداق شېرىن شىكەر سۆزلەرنى ھەر قانداق ئاياللارغا دىيەلەيدۇ، خۇددى سىزگە دېگەندەكلا. سىز ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ بۇخىل گەپنى قانچىنچى بولۇپ ئاڭلىغىنىڭىزنىمۇ بىلەلمەي قالىسىز. بۇنداق ئەرلەر سەل خەتەرلىك، سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز، باشقىلار بىلەن بىر يوتقاندا تەرلەشنىمۇ ئېغىر كۆرمەيدىغان بۇنداق ئەر سىزنى ئۆمۈرلۈك نادامەتتە قويىدۇ.

}ئادەتتىكىدەك ئاددى ساددا ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: سىز ئەلۋەتتە خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭ سىزگە سادىقلىقىدا گەپ يوق، يىنىدىن ئۆتكەن ھەرقانداق قارا كۆز ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتالمايدۇ. ئەمما، بۇ خىل ئەرلەرنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئاستىلىقى سىزنى چۆچىتىپ قويىدۇ، سىزنىڭ ئالغىلى خېلى ۋاقىت بولغان ئايىقىڭىزنى تاسادىپىي كۆرۈپ قالىدۇ دە، يىڭى ئالدىڭىزما؟ دەپ قويىدۇ. سىز ئۇنىڭدىن تىرناق لاكلىرىڭىزنىڭ قايسى رەڭگى بۇ ئاياققا ماس كېلىدىغانلىقىنى سورىسىڭىز، مەڭدەپ تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ھېسىياتقا كەمچىل ئەرلەر سىزنىڭ گۈزەل چىرايىڭىز، لاتاپەتلىك تۇرقىڭىز، ئۇماق خۇلقى مىجەزىڭىزنىڭ قەدرىنى قىلىشنى پەقەتلا بىلمەيدۇ.
'
sتالانتلىق ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: بۇنى قانداق دېسەك بولار؟ تالانتلىق ئەرلەرنى ئالدى بىلەن ئىكى تۈرگە بۆلەيلى؛ بىرى ئۇتۇق قازانغان تالانت ئىگىلىرى. بۇنداق ئەرلەر بىلەن توي قىلغاندا، بېشىدا ئالامەت رومانتىك، گۈزەل بولىدۇ.. ئەمما، ئۇنداق تالانتى بار، ئۇتۇق قازانغان ئەرلەر كونىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ھەرۋاقىت، گۈزەللىكنى قوغلىشىدۇ…يەنە بىرخىل تاللانتلىق ئەرلەر بولىدۇ، ئەمما بىر ئۆمۈر تەڭرىدىن زارلىنىپ، ھېچ ئىشنى بېشىغا ئېلىپ چىقالمىغان… بۇنداق ئەرلەر تېتىمۇ بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتسىڭىز، شۇ بىللە تەڭرىدىن زارلىنىپ، باشقىلارنى تىللاپ، ھاياتتىن ئۈمۈدسىزلىنىڭ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ..ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇنداق ئەرلەرنىڭ پىسخىكىسىدىمۇ چاتاق چىقىپ، قۇرقۇنچلۇق بولۇپ قالىدۇ.+
كەسپىي ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: ئاڭلىماققا يامان ئەمەس! مەسلەن؛ ئادوۋكات، دوختۇر دىگەندەك، تويدىن كېيىن نىمىلا ۋەقەگە يولۇقسا، يۆلەنگۈدەك، ياردەم قىلالىغۇدەك ئادەم بار. بۇ خىل ئەرلەر ساپالىق كېلىدۇ، ئادەتتە، ئۆزىنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا يات ئىشلارنى قىلمىغىنىغا ئوخشاش، ئائىلىسىگە يات ئىشلارنىمۇ ئالدىراپ قىلمايدۇ… ئەمما، شۇ كەسىپنىمۇ سىزگە ئوخشاش ئايالى قىلىپ ئەمرىگە ئالغاندەك، چاقىرتىلغان زامان نەدە بولمىسۇن، كېتىپ قالىدۇ، بېرىپ كېلىشىنىڭ قارارى يوق بۇنداق تۇرمۇش، سىزنى زېرىكىش ھېس قىلدۇرۇش بىلەن غېرىبلىق ئائىلەڭلارغا ياخشى بولمىغان نەتىجە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

مۇئەللىم ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: مۇئەللىم ئەرلەرنىڭ يۇقىرىغا ئۆسۈش پۇرسىتى يوقنىڭ ئورنىدا،سىزگە ئويلىمىغان مۆجىزىلەرنىمۇ ھەم بېرەلمەيدۇ، خىزمەتتە تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئالدىرىماي يامىشىدۇ. ياخشى يېرى پەقەت يىلدا ئۈچ ئاي ئۆي ئېرى بولۇش پۇرسىتى بار، بالىلارغا بىكارلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ.

سىز بەلكىم مۇنداق دېيىشىڭىز مۇمكىن: ھەم پۇلدار، ھەم بىكار ۋاقتى كۆپ، ھېسىياتقا باي ھەم، ماڭا سادىق بىرسىنى تېپىپ توي قىلساملا بولمىدىمۇ؟ مۇشۇنداق ئەرگە ياتلىق بولسام يەنە پۇشايمان قىلامتىم؟ ئۇغۇ شۇ، بۇنداق ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز ھەرگىز پۇشايمان قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن! ئەمما، دۇنيادا نەدىمۇ بۇنداق تەلتۆكۈس ئەربولسۇن دەيسىز؟! بولغان تەقدىردىمۇ، سىز بىز ماس كېلىپ بولالمايمىز، چۈنكى، ئۆزىمىز ئۇنچە مۇكەممەل ئەمەستە!! شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلار كىمگىلا ياتلىق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر پۇشايمان قىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، بىز پەقەت ئەنئەنىۋىرىمىزگە مۇخالىپ بولمىغان ھالدا، شۇ نىكاھىمىزنى ساقلاپ قالىمىز، بۇنىڭدىن ھېچكىممۇ قۇتۇلالمايدۇ ئاخىر. چۈنكى، بىز ھەممىمىز كەمچىلىكىمىز ئارتۇقچىلىقىمىزدىن كۆپ ئادەملەردۇرمىز. بۇنىڭغا ئامال يوق، مانا بۇ تۇرمۇش!

مەنبە : ئاقسۇ تورى
تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-07, 14:43

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( سىمىز )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-07 20:55 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سىمىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئەلىۈ

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2447
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 578
شۆھرىتى: 5800 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5799 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 587 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەقىقىي ياخشى تېمىكەن، دىمىسىمۇ تۇرمۇش-بىر پارچە يېزىقسىز كىتاپ، ئۇنى ھەر-بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇش ئۇسۇلى بولىدۇ.
ئەگەر پەقەتلا ياخشى يېيىش، ياخشى كىيىش، ياخشى ئويناشنىلا تۇرمۇش دېسە،ئۇنداقتا بۇ بىر چوڭ ئۇقۇشماسلىق بولغان بولىدۇ، چۈنكى تۇرمۇش بىر خىل كەچۈرمىش، بىرخىل تۇيغۇ،بىرخىل سىزىم ۋە بىرخىل قەلىپ ئەينىكىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن تۇرمۇش[تۈر-مۇش]تا مۇشتىمىزنى چىڭ تۈرۈپ، بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا سەۋر قىلىپ، ھەرقانداق ئىشلارنىڭ بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئاللاھقا ئىبادىتىمىزنى ياخشى قىلىپ، ھالال ياشىساق مانا شۇ كۇپايە.
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 09:59 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىۈ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

لاچىن
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 296
شۆھرىتى: 2990 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3249 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 378 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەلىۈ  تۇرمۇشقا   ئاپامدەكلا  تەبىر  بىرىپسسىز  ماڭا  ئاپامنى  ئەسلىتىپ  قويدىڭىز        
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 10:07 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( لاچىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 31
يازما سانى : 2683
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 769(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قىزلار  ئۆزىنى  ياخشى كۆرۈدىغان  يىگىت  بىلەن  توي  قىلسا   بەختىنى  تاپقان  بولىدۇ  .  قىزلار  ئۈچۈن   ئەڭ  زور  بەخت   __    ئېرنىڭ بىر  ئۆمۈر  ھەمرا  بولىشى ....
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 10:35 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 845
شۆھرىتى: 8505 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8600 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 860 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 333(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئىنشا اللە قىزلار ئەڭ مۇھىمى تەقۋ ،ا ئىتىقادى كۈچلۈك  ،ھەقىقى مۇسۇلمان ئەرگە ياتلىق بولسا ئۇدۇنيا ھەم بۇدۇنيالىق بەخىتكە ئېرىشكەن بولىدۇ.   بۇنداق دىگىنىم ھەقىقى مۆئمىن مۇسۇلمان ئادەم  ئەر خوتۇنلۇق ھەق- ھوقۇقلارغا ئەمەل قىلىپ اللە بەرگەن بۇ نىئمەتنىڭ قەدرىگە يېتىپ ئۇنى ئاسراشنى كۆيىنىشنى بىلىدۇ................ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ياتلىق بولغان ئاياللارمۇ ئىككىلا دۇنيالىق بەخىت سائادەتكە ئېرىشكەن بولىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 10:52 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 868
شۆھرىتى: 8750 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8860 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 911 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەنمۇ (ئەلف) ئويلىغاندەك ئويلايمەن
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 11:45 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

غەيرىتەم

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2417
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 743
شۆھرىتى: 7700 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 10230 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 841 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 153(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىئەلىۈنىڭ2011-04-08 09:59دە يوللىغان يازمىسى  :
ھەقىقىي ياخشى تېمىكەن، دىمىسىمۇ تۇرمۇش-بىر پارچە يېزىقسىز كىتاپ، ئۇنى ھەر-بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇش ئۇسۇلى بولىدۇ.
ئەگەر پەقەتلا ياخشى يېيىش، ياخشى كىيىش، ياخشى ئويناشنىلا تۇرمۇش دېسە،ئۇنداقتا بۇ بىر چوڭ ئۇقۇشماسلىق بولغان بولىدۇ، چۈنكى تۇرمۇش بىر خىل كەچۈرمىش، بىرخىل تۇيغۇ،بىرخىل سىزىم ۋە بىرخىل قەلىپ ئەينىكىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن تۇرمۇش[تۈر-مۇش]تا مۇشتىمىزنى چىڭ تۈرۈپ، بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا سەۋر قىلىپ، ھەرقانداق ئىشلارنىڭ بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئاللاھقا ئىبادىتىمىزنى ياخشى قىلىپ، ھالال ياشىساق مانا شۇ كۇپايە.




ئوغۇل بالا  ئالامەت ياخشى گەپ قىپسىز ساقام

ھەممە قىزلار سىزدەك ئويلىغان بولسا نىمدىگەن ياخشى بولاتتى ھە
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 17:41 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( غەيرىتەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

رەھىمسىز
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 880
شۆھرىتى: 8830 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8980 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 885 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

پۇل-مال،چىراي - تۇرىقى پەقەت يۈزەكى قاراش.......
مۇھىمى يىگىتنىڭ ئىمان -ئىتىقادى، تەقۋالىقىغا قاراش كېرەك ......
مىنىڭچە ھەقىقىي ئىمانلىق مۇسۇلمانغا ياتلىق بولغان ئايال تىمىدا دىيىلگەن بەزىبىر ئىشلاردىن ئەنسىرمەي خاتىرجەم ياشىيالايدۇ.......
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 18:04 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( رەھىمسىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

لاچىن
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 296
شۆھرىتى: 2990 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3249 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 378 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىرەھىمسىزنىڭ2011-04-08 18:04دە يوللىغان يازمىسى  :
پۇل-مال،چىراي - تۇرىقى پەقەت يۈزەكى قاراش.......
مۇھىمى يىگىتنىڭ ئىمان -ئىتىقادى، تەقۋالىقىغا قاراش كېرەك ......
مىنىڭچە ھەقىقىي ئىمانلىق مۇسۇلمانغا ياتلىق بولغان ئايال تىمىدا دىيىلگەن بەزىبىر ئىشلاردىن ئەنسىرمەي خاتىرجەم ياشىيالايدۇ.......
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 20:03 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( لاچىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

زەمزەم
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2642
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 179
شۆھرىتى: 1790 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1330 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 179 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەقىقىي ياخشى تېمىكەن،
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-28 17:02 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( زەمزەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا