hantagri illikdunya.biz sohpat
گۇلخان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 417
شۆھرىتى: 4220 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4421 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 456 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كۆمەچ — ئۇيغۇر خەلقى بولۇپمۇ خوتەننىڭ يېزا – قىشلاقلاردىكى دېھقان – چارۋىچىلار ئۇزاقتىن بېرى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان ، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى نان .
        
     خوتەنلىكلەر ئاساسلىق ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان كۆمەچ تۈرلىرى : قىيما كۆمەچ ( سوقتا كۆمەچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ، پېتىر كۆمەچ ۋە قازان كۆمىچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

     قىيما كۆمەچ : قىيما كۆمەچكە قىيما تەييارلاشتا پەقەت گۆش تۈرىدىكى قىيما ئاساس قىلىنىدۇ. قىيما تەييارلاشتا ئىشلىتىلدىغان زىرە، قارىمۇچ، پىياز قاتارلىق خۇرۇچلار قانچە كۆپ بولسا، تەمىمۇ شۇنچە تەملىك بولىدۇ. قىيما كۆمەچنىڭ خېمىرى بولاق مانتا خېمىرىغا ئوخشاش يۇغۇرۇلۇپ، مەلۇم ۋاقىت تىندۇرۇلىدۇ. ئاندىن خېمىر ئىككىگە بۆلۈنۈپ يۈزى ئېچىلىدۇ ھەم يۈزى ئېچىلغان خېمىردىن بىرىگە تەييارلانغان قىيما ئېلىنىپ، تەكشى يېيىتىلىدۇ. ئاخىرىدا قىيما ئېلىنمىغان خېمىر قىيما ئېلىنغان خېمىرنىڭ ئۈستىگە يېپىلىپ، ئەتراپلىرى قول بىلەن ھىملىنىدۇ.

     پېتىر كۆمەچ : پېتىر كۆمەچنىڭ خېمىرى پېتىر مانتىنىڭ خېمىرىغا ئوخشاش يۇغۇرىلىدۇ. بۇنىڭ قىيما كۆمەچكە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، پېتىر كۆمەچكە قىيما سېلىنمايدۇ، پەقەت خېمىرنى ئوبدان يۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، خېمىرغا پىياز، زىرە قاتارلىق بىر قىسم خۇرۇچلار سېلىنسا بولىدۇ.

     پىشۇرۇش ئۇسۇلى : قىيما كۆمەچ بىلەن پېتىر كۆمەچ ئوچاقتىكى ئوتۇننىڭ چوغىدا پىشۇرۇلىدىغان بولغاچقا، ئوچاققا ئوت قالاپ، ئوچاقنىڭ تېگى مەلۇم چەككىچە قىزىتىلىشى، ۋە مۇۋاپىق مىقداردا چوغ چۈشۈرۈلۈشى كېرەك. ئەگەر چوغ بەك كۆپ چۈشسە، كۆمەچ ئاسانلا كۆيۈپ كېتىدۇ. چوغ بەك ئاز چۈشسە كۆمەچ ياخشى پىشماي قالىدۇ. شۇڭا ئوچاقنىڭ تېگىنى مۇۋاپىق قىزىتىش ھەم چوغنىڭ مۇۋاپىق چۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆمەچ كۆممەكچى بولغاندا، ئالدى بىلەن ئوچاقتىكى چوغ ئېلىۋىتىلىپ، ئوچاقنىڭ تېگى ئېچىلىدۇ. ئاندىن ئوچاقنىڭ تېگىگە بىر قات قەغەز سېلىنىپ راسلانغان كۆمەچ قەغەزنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ. ئاندىن ئوچاقتىكى كۆمەچنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قات قەغەز قويۇلۇپ ئاندىن ئېلىۋېتىلگەن چوغ تاشلىنىدۇ. ئەگەر چوغنىڭ تەپتى بەك كۈچلۈك بولۇپ، كۆمەچنىڭ كۆيۈپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا، چوغ ئۈستىگە بىر ئاز كۈل چېچىۋەتسىمۇ بولىدۇ. كۆمەچ كۆمۈلۈپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئېچىلسا بولىدۇ.

     قازان كۆمىچى : قازان كۆمىچى قىيمىلىق كۆمەچ ۋە قىيمىسىز كۆمەچ دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. قىيمىلىق قازان كۆمىچىنىڭ ئىچىگە قىيما سېلىنىپ ئېتىلىدۇ. ئۇنى تەييارلاش ئۇسسۇلى قىيما كۆمىچىگە ئوخشاش بولۇپ، ئوخشىمايدىغان يېرى، قىيمىلىق قازان كۆمىچى ياغدا پىشۇرۇلىدۇ. يەنى، ئالدى بىلەن قىزىتىلغان ياغدا كۆمەچ سارغايتىلىدۇ، ئاندىن قازانغا جىمبىل تېگىپ قالمىغۇدەك ھالەتتە سۇ قۇيۇلۇپ، جىمبىلنىڭ ئۈستىگە ياغدا سارغايتىلغان كۆمەچلەر رەتلىك تىزىلىدۇ، ئاندىن قازان 15 — 10 مىنۇت قاينىتىلىدۇ.

     قىيمىسىز قازان كۆمىچىنىڭ ئېتىلىش ئۇسسۇلىمۇ قىيمىلىق قازان كۆمىچىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق ئۇنىڭغا قىيما سېلىنمايدۇ ھەم ياغدا بىۋاستە پىشۇرۇلىدۇ.

    كۆمەچ يەنە مۇئەييەن دەرىجىدە دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، تېبابەتچىلىك ئىلىمىدە بەدىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئاجىزلاپ كەتكەن، ئىچ سۈرۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئەقىل – پاراسەتلىك، ئەمگەكچان خەلقىمىز ئۇزاق زامانلار مابەينىدە ئىجاد قىلغان كۆمەچ قاتارلىق بىر قىسىم ئەنئەنىۋى تائاملار تا بۈگۈنگە قەدەر كىشىلەر تەرىپىدىن قەدىرلەشكە ۋە ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە
تېما تەستىقلىغۇچى : axtuzi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-02, 11:56

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( گۇلخان )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+40(axtuzi) ئەجرىڭىزگە ب ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-02 16:42 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    axtuzi
    باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 64
    نادىر تېما : 31
    يازما سانى : 2688
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 771(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بۇلتۇر  رامىزاندا    20 كۈن  زوۋلۇققا  كۆمەچ  ياپتىمەن  ،  ھازىرمۇ يىگۈم كېلىۋاتىدا  !  
    udum
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-02 20:10 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئىپپارخان
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2733
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 283
    شۆھرىتى: 2850 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3081 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 297 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    كۈمەچكە ياپقان قەغەز كۈيەپ كەتمەممدۇ
    http://bilimzar.com
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-02 22:40 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئىپپارخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    ئەلقاينار
    دەرىجىسى : چولپان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2578
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 455
    شۆھرىتى: 4690 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 4840 دوللار
    تۆھپە: 6 ھەسسە
    ياخشى باھا: 541 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ياق كۈيۈپ كەتمەيدۇ ، بۇ خىل تائامنى قىلىپ يەيدىغانلار ھازىر شۇ بىزنىڭ قەشقەر ،خوتەن تەرەپلەردە كۆپرەققۇدەيمەن .
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-03 01:43 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلقاينار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئەلىۈ

    دەرىجىسى : چولپان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2447
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 578
    شۆھرىتى: 5800 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5799 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 587 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    مېنىڭمۇ بىر يەپ باققۇم بار شۇ كۆمەچنى.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-03 09:33 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىۈ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    غەيرىتەم

    دەرىجىسى : چولپان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2417
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 743
    شۆھرىتى: 7700 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 10230 دوللار
    تۆھپە: 10 ھەسسە
    ياخشى باھا: 841 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 153(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ھەي شورپىسى ئېقىپ تۇرغان كۆمەچ كۆز ئالدىمغىلا كەلدىغۇ
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-03 21:34 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( غەيرىتەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    زەمزەم
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2642
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 179
    شۆھرىتى: 1790 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1330 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 179 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ھەي شورپىسى ئېقىپ تۇرغان كۆمەچ كۆز ئالدىمغىلا كەلدىغۇ   
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-04 00:02 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( زەمزەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئارمان

    دەرىجىسى : چولپان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2715
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 868
    شۆھرىتى: 8750 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 8860 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 911 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    نەقىل
    بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىئەلقاينارنىڭ2011-04-03 01:43دە يوللىغان يازمىسى  :
    ياق كۈيۈپ كەتمەيدۇ ، بۇ خىل تائامنى قىلىپ يەيدىغانلار ھازىر شۇ بىزنىڭ قەشقەر ،خوتەن تەرەپلەردە كۆپرەققۇدەيمەن .

    خوتەندە بەك كوپ  .مەخسۇس كومەچخانىلارمۇ بار
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-06 22:52 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    مەمەتۋاقى
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2256
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 664
    شۆھرىتى: 6710 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 6860 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 728 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 83(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    تىمىڭىزغا كۆپرەخمەت
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-20 16:38 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتۋاقى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئائىلىدە پىچىنە-پىرەنىك تەييارلاش
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا