باققالى
 
 
 
 
    كىتەرلىك خۇرۇچلار
600گىرام -ماي
شىكەر- 800گىرام
ھەسەل-300گىرام
سۇدا-1يېرىم قۇشۇق
تۇخۇم -18دانە
سۈت-400گىرام 
 ئۇن -1كىلو200گىرام
قوش كۆپتۈرۈش ئۇنى يەنى پودافىن-1قۇشۇق
 نىپىز  توغرالغان ياڭاق مېغزى -400گىرام 
تەييارلاش
ئاۋال ماينى  ياخشى كۆپتۈرۋېلىپ  قالغان خۇرۇچلارنىڭ رەت تەرتىپى بۇينچە  سېلىپ كۆپتۈرۈپ تەييارلايمىز،خېمىر قۇيۇقمۇ ئەمەس سۇيۇقمۇ ئەمەس ئادەتتە چۇكا سانچىسىڭىز  يىقلىپ چۈشمەي تۇرغىدەك ھالەتكە كەلسە مۇۋاپىق ،لىسنى مايلاپ ئۇنلاپ   تەييارلانغان  خۇرۇچنى لىسقا تەكشى يېيتىمىز ،خۇرۇچنى   لىستىن 3 سانتىمىتر  پەسرەك ھالەتتە قۇيۇڭ ،بولمىسا كۆپكەندە لىستىن  تېشىپ كىتدۇ .دۇخۇپكىنى  ئاستى 180 ئۈستىنى 170 سىلسىيە گىرادۇس قىزتىپ  تەييارلانمىڭىزنى سېلىپ پىشرۇڭ .تەخمىنەن 40مىنۇت ئۆتكەندە  دۇخۇپكىنىڭ ئاستى  ئۈستىنىڭ گىرادۇسنى 150 گىرادۇسقا چۈشرۈڭ بولمىسائاسان كۈيۈپ كۈيۈك تېتىپ قالدۇ ،يەنە 15 مىنۇت تۇرغۇزۇپ  ئېلۋەتسىڭىز بۇلدۇ ،سەل سۇۋغاندا لىستىن ئۆرۋېلىڭ ،بولمىسا ئاستىنى تۇتۋالدۇ .بۇ ئۆلچەم  چوڭ دوخوپكىنىڭ لىسغا دەل بىر لىس كىلدۇ ئائىلەردىكى كىچىك  دۇخۇپكىغا قىلغاندا تۆتتەن بىرى بۇينچە تەييارلىسىڭىز بۇلدۇ ،دەل بىر لىس بۇلدۇ ،مۇشۇنىڭ ھەمىسنى پىشۇرسىڭىز 4 كىلوگىرام باققالى پىشىپ چىقدۇ .
باھاسى كىلوگىرامى 18 يۈئەن
[ بۇ يازمائىپپارخانتەرپىدىن2011-04-03 21:10دە قايتا  ]