hantagri illikdunya.biz sohpat
ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 67
يازما سانى : 1729
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1160(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاتەش رەنا چوققىلىدى .(2011-07-13)
ئەسسالام ئەلەيكۇم  مۇنبەرداشلار

  مۇنبەرگە يېڭىدىن كۇرۇپ  نىمە قىلارىنى بىلەلمەيۋاتقانلارتورداشلار ئاز ئەمەسكەن.
شۇڭا بۇ تىمىنى  يوللىدىم .
1 - دەرىس  تېزىملىتىش

يېڭى كىرگەندە ھېچنىمىڭىز بولمايدۇ ، ھەممىنى يېڭىدىن باشلاش كېرەك.
سىز تورىمىزنىڭ [تېزىملىتىش ] نى باسسىڭىز تورىمىزغا ئەزا بولالايسىز.  
تېزىملىتىش باسقۇچلىرى :
1) تېزىملىتىش كېلىشىمنامىسىنى ئوقۇپ قوشۇلامسىز ياكى قوشۇلمامسىز؟ بۇنى  ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز
2) قوشۇلىمەن دېگەننى بېسىپ بولۇپ قارىسىڭىز تىزىملىتىش رامكىسىغا كىرىسىز .


ئاۋۋال ئىسمىڭىزنى يېزىڭ ، ئاندىن تەكشۈرۈش نى بېسىپ تېزىملىتىپ بولغانمۇ بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ. ئەگەر تىزىملاتمىغان بولسا كىيىنكى باسقۇچقا كىرىڭ.
3) پارول كىرگۈزۈڭ ، كىرگۈزگەن پارولىڭىز ئەڭ ياخشىسى بىخەتەرلىكى ئوتتۇراھالدىن يوقىرى بولسۇن.
4) ئېلخەت تولدۇرۇڭ ، تولدۇرغان ئېلخېتىڭىز چوقۇم سىزنىڭ ئىشلىتىدىغان ئېلخېتىڭىز بولسۇن ، كىيىن پارولىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغاندا مۇشۇ ئارقىلىق ئالالايسىز.  مەسلەن  axpaz712@163.com ياكى qq  ئېخەتنى تولدۇرسىڭىزمۇ  بۇلىدۇ  مەسلەن 1436218124@qq.com

2- دەرىس  كىرىش  

سىز مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ بولغان بولسىڭىز كىرىش ئارقىلىق مۇنبەرگە كىرىڭ.  
كىرگەندە 2 خىل كىرىش شەكلى بولۇپ بىرسى UID بىلەن كىرىش ، يەنە بىرسى ئەزا ئىسمى بىلەن كىرىش.
UID بۇلسا سىزنىڭ سانداندىكى ئارخىپ نۇمۇرىڭىز بولۇپ ، ئەگەر UID نى بىلسىڭىز بىۋاستە سان كىرگۈزۈپ ئاندىن پارولىڭىزنى كىرگۈزۈپ مۇنبەرگە كىرالايسىز.
ئەگەر UID رىڭىزنى بىلمىسىڭىز ئالدى بىلەن تىزىملاتقاندىكى ئەزا ئىسمى بىلەن كىرىڭ. ئاندىن  تېما ئارسىدىكى ئەزا ئۇچۇرىڭىزدا ياكى تىزگىن تاختا - ماتىريال كۆرۈش - كىرسىڭىز ئۈستىدە (UID:***) نى كۆرىسىز , شۇ سىزنىڭ

3- دەرىس  پارول قايتۇرىۋېلىش

سىز بىر سەۋەپلەر بىلەن پارولىڭىزنى يوقۇتۇپ قويسىڭىز ياكى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز ، ئېلخەت ئارقىلىق پارولىڭىزنى قايتۇرىۋالالايسىز.
بۇنىڭ ئۈچۈن سىز كىرىش تىكى پارول قايتۇرۋېلىش دېگەننى بېسىڭ.
ئاندىن ئىسمىڭىز بىلەن ئېلخېتىڭىزنى توغرا يازسىڭىزلا پارولىڭىز ئېلخېتىڭىزگە كېتىدۇ  
ئاندىن ئېلخەتكە كىرىپ يېڭى پارولنى بەلگىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

4- دەرىس  تىزگىن تاختىنى ئىشلىتىش

تىزگىن تاختا بولسا مۇنبەردىكى مۇھىم ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ،سىز ئۇيەردىن نۇرغۇرلىغان مەشغۇلات ۋە سېستىما ئۇچۇرلىرىنى بىلەلەيسىز.  
تىزگىن تاختا   تىزگىن تاختا  باش بېتى ،ماتىريال تەھرىرلەش،ماتىريال كۆرۈش،دوستلار قاتارى،ھوقوق كۆرۈش،مەشخولات خاتىرىسى،سودا پۇلى باشقۇرۇش،ئەزا گۇرۇپىسى،ساقلىغۇچ ۋە مېنىڭ تېمام قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ھەر قايسى تۈرنى ئايرىم چۈشەندۈرىمىز.
تىزگىن تاختا  باش بېتى - ئاساسىي ئۇچۇر ، ئەڭ يېڭى بەش پارچە قىسقا ئۇچۇر ،ساقلىغۇچتىكى ئەڭ يېڭى بەش پارچە تېما،سودا پۇلى باشقۇرۇش،ئىختىيارى نۇمۇر ۋە قوشۇلغان دوستلۇق توپى قاتارلىق ئۇچۇر راملىكىرىدىن تەركىپ تاپقان
ماتىريال تەھرىرلەش - سىز بۇ يەردىن ئۆزىڭىزنىڭ ماتىرىياللىرىڭىزنى ئۆزگەتەلەيسىز. دېققەت : ئەزالىق مۇھىم ئۇچۇرىلىرنى ئۆزگەرتكەندە چوقۇم پارول يېزىشىڭىز كېرەك.  
ماتىريال كۆرۈش - بۇ يەردىن سىز مۇنبەردىكى باھارلىق تەپسىلى ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرەلەيسىز.
دوستلار قاتارى - سىز بۇ يەردىن ئۆزىڭىزنىڭ دوستلىرىنى كۆرەلەيسىز ۋە قوشالايسىز.
ھوقوق كۆرۈش - سىز بۇ يەردىن مۇنبەردە قانداق ھوقۇقلىرىڭىز بارلىقىنى كۆرەلەيسىز.  
مەشخولات خاتىرىسى - باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانداق مەشغۇلاتلار بىلەن شۇغۇلانغانلىقىنى بىلەلەيسىز ، ئەلۋەتتە دەرىجىڭىز توشسا كۆرەلەيسىز ، بولمىسا كۆرەلمەيسىز.
سودا پۇلى باشقۇرۇش - سىز بۇ يەردىن سودا پۇلىڭىزنى قاچىلاش باشقۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز.    
ئەزا گۇرۇپىسى - سىز بۇ يەردىن سېستىمىمىز تەمىنلىگەن ئەزالار گۇرۇپپىسىنى ۋاقىتلىق سېتىۋىلىپ شۇ ئەزالار گۇرۇپپىسىنىڭ ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمان بولالايسىز.
ساقلىغۇچ - بۇ يەردە سىزنىڭ ساقلىغان تېمىلىرىڭىز ساقلىنىدۇ.
مېنىڭ تېمام - بۇ يەردىن سىزنىڭ يوللىغان تېمىلىرىڭىزنى كۆرەلەيسىز.

5-دەرىس  قىسقا ئۇچۇر

ھەممىمىزگە مەلۇم قىسقا ئۇچۇر ھەممىمىزگە قولايلىق ئېلىپ كەلگۈسى.
ئەمدى ئۇنى قانداق ئىشلىتىمىز ؟؟؟؟  
بەك ئاددىي ، سىز ئاۋۋال قىسقا ئۇچۇر نى باسسىڭىز ، ئۇچۇر باش بېتىگە كىرىسىز.
ئۇچۇر باش بېتى - ئۇچۇر ھالەت رامكىسى ،  ئىقتىدار ئىستونى ۋە كەلگەن ئۇچۇرلىرىڭىز قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن.  
ئۇچۇر ھالەت رامكىسى - سىزنىڭ بار بولغان ئۇچۇر سانى ، ساندۇق سىغىمى ۋە ئىشلىتىش پىرسەنتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئىقتىدار ئىستونى - قۇبۇللاش ساندۇقى ، يوللاش ساندۇقى ، ئىز قوغلاش ، يېڭى ئۇچۇر يېزىش ، قۇبۇل قىلمايمەن ،قۇرۇقداش قاتارلىق ئىقتىدارلار توپلانغان.
1) قۇبۇللاش ساندۇقى - بۇ سىزنىڭ كەلگەن ئۇچۇرلىرىڭىز ساقلىنىدىغان ساندۇق بولۇپ ، ئادەتتە ئىككى خىل شەكلى بار ، بىرسى ئوپچە ئۇچۇر  يەنە بىرسى شەخسىي ئۇچۇر . ئوپچە ئۇچۇر بولسا سېستىما ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن كېلىدىغان ھەممە ئەزالارغا ئورتاق ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى كۆرسىتىدۇ. شەخسىي ئۇچۇر بولسا ئەزالار بىلەن ئەزالار ئارىىسدا يېزىلغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.
2)يوللاش ساندۇقى- بۇ سىزنىڭ يوللىغان ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرىدىغان ساندۇق. بۇ يەردە ساقلىنىدىغان ئۇچۇرلار سىز يازغان ئۇچۇرلارنى ساقلاش تۈرىنى تاللىغاندىكى ئۇچۇرلار ساقلىنىدۇ.
3)ئىز قوغلاش - بۇ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارنى قارشى تەرەپ كۆردىمۇ يوق ، دېگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز.
4)يېڭى ئۇچۇر يېزىش - بۇنى دېمىسەممۇ بولار ، بۇ ئارقىلىق ئۇچۇر يازىسىز ئەلۋەتتە. دېققەت : سىز يوللاش ساندۇقىغا ساقلاش تۈرىنى تاللىسىڭىز يوللىغان ئۇچۇرىڭىز يوللاش ساندۇقىدا ساقلىنىدۇ ، بولمىسا ساقلانمايدۇ.
5)قۇبۇل قىلمايمەن - يەنى رەت قىلىش قىلماسلىقنى تاللاش ئىقتىدارى بولۇپ ، سىز بۇ يەردىن ئۇچۇر قۇبۇل قىلمايدىغان ئەزا تۈرىنى ياكى ئايرىم بىر ئەزانىڭ ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلمايدىغان قىلىپ تەڭشەشكە بولىدۇ.
6) قۇرۇقداش - بۇ ئارقىلىق سىز ئۇچۇر ساندۇقىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرەلەيسىز.

6- دەرىس  ئەزالار

سىز بۇيەردىن مۇنبەردىكى ئەزالارنى ۋە ئەزالار ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيسىز  

7- دەرىس باشقۇرۇش

بۇ ئىقتىدار باشقۇرغۇچىلار چ چ  تۇپىدا  سۆزلىنىدۇ..

8- دەرىس  كۆرگەزمە

سىز بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق مۇنبەردىكى چىقىرىلغان ھۆججەتلەرنى ۋە رەسىملەرنى مۇشۇ يەردىن بىمالال كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز. ئارتۇقچە سەھىپە ياكى تېما ئارلاپ يۈرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
لېكىن بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن سىزدە بەلگىلىك ھوقۇق بولىشى كېرەك  

9- دەرىس ئىزدەش

سىز بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق مۇنبەردىكى خالىغان نەرسىلەرنى ئىزدەپ تاپالايسىز.

10- دەرىس ياردەم

سىز بۇ يەردىن بىر قىسىم ياردەم ئۇچۇرلىرىنى بىلىۋالالايسىز.
ياردەم باش بېتى - ئىقتىدار ئىستونى ۋە ئۇچۇر رامكىسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ.
ئىقتىدار ئىستونى - تېزىملىتىش ۋە كىرىش ، تىزگىن تاختا ، يازما يوللاش ۋە ئەزا ھوقۇقلىرى ، WAP ھەققىدە چۈشەنچە ، VIP ئەزا مۇلازىمىتى ، تورىمىز ھەققىدە ، UyPw Code ۋە باشقا ياردەم ئۇچۇرىدىن تەركىپ تاپقان.
1)تېزىملىتىش ۋە كىرىش - كىرىش ۋە تىزىملىتىشقا ئائىت ئۇچۇرلارنى بىلالايسىز.  
2) تىزگىن تاختا - تىزگىن تاختىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا ئاتىت ئۇچۇرلارنى بىلالايسىز.  
3)يازما يوللاش ۋە ئەزا ھوقۇقلىرى- يازما يوللاش ۋە شۇنىڭدە بىر قاتار ھوقۇقلارغا ئاتىت ئۇچۇرلارنى بىلالايسىز.
4) WAP ھەققىدە چۈشەنچە - تېلىغۇن ئارقىلىپ زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى چۈشەندۈرۈلگەن.
5) VIP ئەزا مۇلازىمىتى ۋە تورىمىز ھەققىدە - ئۇيغۇر PHPWind تورىنىڭ VIP مۇلازىمىتى ۋە بىرقىسىم ئۇچۇرلارنى بىلالايسىز.
6)UyPw Code - سىز تېمىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بىرقىسىم كودلار ھەم ئۈنۈمى كۆرسىتىلگەن.  
7)باشقا ياردەم ئۇچۇرى - تورىمىز تەمىنلىگەن ياردەم ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيسىز .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-01 03:34 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
چالىقۇش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2942
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 140
شۆھرىتى: 1400 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1400 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 143 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەنمۇ 3سائەت ھەپلىشىپ يۈرۈپ يىڭىلا ئەزا بولۇپ كىرگەن سىزنىڭ بۇ كۆرسەتمىڭىز ئارقىلىق ئۇچۇر يىزىۋاتىمەن ، مۇۋاپىقيەتلىك بولامدۇ بىلمەيمەن
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-24 01:12 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( چالىقۇش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئاشپەز مۇنبىرى مۇدىرىيەت ئىشخانىسى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا