hantagri illikdunya.biz sohpat
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
سەۋسەبىن
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1059
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 379
شۆھرىتى: 3935 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4860 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 391 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

                                                              نەزىرە مۇھەممەد سالىھ  

(ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئىسلام ئالىمى   '  قۇرئان كەرىم  '  نى  ئۇيغۇرچىغا  تەرجىمە
قىلغان  '  مۇھەممەد  سالىھ  '  ئەپەندىمنىڭ  قىزى    )  
        
ئېسسىق  ،  نەم دېڭىز شامىلى  يۈزلىرىمىگە ئوتتەك ئۇرۇلاتتى  .  يولنىڭ ئىككى چېتىدىكى خورما
دەرەخلىرى  ، يالقۇن چېقىرىپ كۆيىۋاتقاندەك ئىدى  .  يۇرتۇمنىڭ گۈلكەبى 4 پەسلى  ،  بۇيەردەيوق .
 شەرىقچە  پۇراققا  تويۇنغان  بۇ  مەرمەردەك   ئەرەب كوچېلىرىدا  ،   مېغىلدىشىپ يۇرىگەن بۇ ئۆزىگىچە
چېراي  ،  ئۆزىگىچە تىلدا سۆزلىشىۋاتقان كىشىلەر  ......  خۇدانى ئېزدەپ  ،  ئېلىم - ھېكىمەت ئېزدەپ   ، بايلىق  ئېزدەپ  بۇ  يەرىگە  كەلگەن  كىشىلەر  ......   زېمىندىكى  ،  جانلىق - جانسىز  نەرسىلەرنىڭ 
ھەممىسىنىڭ ئۆز يېلتىزى  ،  تۇپرىقى  بولىدۇ   .   ئوزۇقلۇق  ئالىدىغان  يېلتىزىدىن   ،  جان  بەرگۈچى
  تۇپراقتىن  ئايرىلىش  ئازابى   ،  يۈرەكنى  ئۆرتەيدۇ  !     بېرەر  ئېغىز  ئۇيغۇرچە  سۆز  ،  ئادەمنىڭ دىلىنى  ئەزىگۈچى  ،  سېھىرلىك  كۈيلىرىنى  ئاڭلىغىلى  بولمايدىغان  ،    بۇ ئەركىن - ئازادە  دىياردا   ئانا  يېلتىزىمدىن  جېنىم  يايرايدىغان   ،  تۇپرىقىمدىن  ئايرىلىش  غېرىبلىقى  ،  ماڭا  ھەمرا  .
 ھېدايەت  ۋە  ئېلىم  - ھېكىمەت  ئېزدەپ كەلگەن  بۇ  جايدىن  ،   شانۇ  - شەۋكەتلىك  خەلىپىلەر 
 تارىخىدىن  ،   غەرىبلىشىش  كەلكۈنىدە  تاشقي  پوستى
يۇمشىغان   ،   رەڭگى  ئۆڭگەن  بولسىمۇ  ،   كۆرۈنمەس  قاتلاملىرىدا  كامالي  ئېتىقادقا  مەھكەم 
 يېپىشقان   ئېگىلمەس  ئەرەب  خاراكتېرىدىن   كۆرىگەنلىرىم  ،   روھ  تېرەنلىكلىرىدىن   ئاجايىپ
  ئۈمۈدۋارلىق  ۋە  ئېشەنچ   ،  مېنى  ئويلاندۇرغىنى  ،   ئەڭ  ئېغىر  كۈنلەردە  ،   مەغلۇبىيەت  ۋە  
ھالاكەتلىك  خەۋپى   كۆزىگە كۆرۈنىپ  قالغان  ،    ئەڭ  قېيىن  پەيېتلەردە  چۇشكۈنلەشمىگەن  روھ   ،  ياشاش  ۋە  كەلگۈسىگە  بولغان  ئۈمۈد  ۋە  جەسۇرلۇق  !
 بىر كۇنى  مەندىن  ،  يۇرتۇمنىڭ ھاۋا كېلىماتىدىن  تارتىپ  ،   يېمەك  -  ئېچمەكلىرىمىزگىچە   ھەممىنى سوراپ  ھارمايدىغان  ساۋاقداشلىرىمدىن  بېرى  :
-   سەن  شۇنچە  يېراقتىن  كېلىپ  ،   بىر ئۆز تىلىمىزدا  ئوقۇپمۇ  قېينىلىدىغان   قېيىن  دەرىسلەردە  ،
  ھەمىشە   بىرىنجى  بولىسەن   .     سىلەر   (  ئۇيغۇرلار  )   شۇنچە  ئەقىللىق  
خەقمۇ  ؟   دەپ  سوراپ  قالدى  .   باشلانغۇچتىن   تارتىپ  ،  ئالي  مەكتەپكىچە  بولغان   16   يىللىق  مائارىپ  شەكىللەندۈرىگەن  مۇۋازىنت  رامكامدىكى   ،  ئەقىلنىڭ  سەلتەنەتلىك  
ئورنىغا   ئاللىبۇرۇنلا  ،  سۇئال  بەلگىسى  قويۇلغانىدى   .   مەن  بىردىنلا  ئويلىنىپ  قالدىم  ،
   ئۆزۈم  بىلەن  ساۋاقدىشىم  ،   ئۇيغۇر   بىلەن   ئەرەب  ئوتتۇرسىدىكى   پەرىقنى  ،  
ئويلىنىپ  قالدىم  .    ئۇمۇ  ،  مەنمۇ ،    ھەر  ئىككىمىز   ئوخشاشلا   ئېلىم   ئۇچۈن  ،
مۇۋاپىقىيەت   ئۇچۈن  ،   ئېجتىھات  بىلەن  ئاقتۇرىمىز   .     ئەگەر  ،  ئەقېل  تارازىسىدا
ئۈنۈمىنى   ئۆلچىسە  ،   تارازىنىڭ   مەن  تۇرغان  تەرىپى  بېسىپ  كېتىدۇ  .    ئوخشىمايدىغىنى
-    ئۇ  14  ئەسىردىن  بۇيان  ،  ئۆز   جۇلاسىنى  يوقاتمىغان   «  قۇرئان  كەرىم  » گە
مەھكەم  يېپىشقان  ،   ئۇ  ھاياتىنىڭ   ئەڭ  ئۇششاق  تەپسىلاتلىرىدىن   تارتىپ  ئەڭ  چوڭ
قېسمەتلىرىگىچە  ھەممىنىڭ جاۋابىنى   ،  ئۇ  مۇقەددەس  دەستۇرىدىن  ئېزدەيدۇ  .  
ساۋاقدىشىمنىڭ   قەلبى  ،   پەرۋاردىگارىغا   تەۋەككۈل  قېلىشنىڭ  لەززىتى  بىلەن  ئارام   تاپسا
بەدىنى  ھەممىگە  سەۋەب  -   تەدبىر   قېلىش  بىلەن  چارچايدۇ  .  تۇگىمەس  ئېمتىھانلار  بىلەن 
 ئالدىراش   يۇرگىنىمدە  ،    قۇلىقىمغا   ،  ئېمتىھان  تەييارلىقىدىن  باشقا  ،   مۇۋاپىقىيەت  
ئۇچۈن  ئوقۇلىۋاتقان   ھاجەت  نامازلىرىدىكى   ئېلتىجا   -  دۇئالار  
تېنماي  ئاڭلېنىپ  تۇرىدۇ  .   شۇنداق  !   بىز   ،  باشقىلاردىن   ئارتۇق  بولساق  ئارتۇقكەنمىزكى
  ،   ھېچكىمدىن   قېلىشمىغۇدەك  ئەقىللىق   ،   ئېخلاس  بىلەن  بېرىلگەن   ھەر  بىر  ئىشىمىزدا  ،   نەتىجە  ياراتقۇدەك  زېھنى  قۇۋۋەتكە  ئىگە  خەلىق  !  بىراق  ،   ئەقېل  بىلەن  تەقدىرنىڭ  ،  
بەخىت  بىلەن   ئەقېلنىڭ  قانداق  مۇناسىۋىتى   بار  ؟    ئەقېل   ،   بەخىتنىڭ  شەرىتىمۇ   ؟ 
ئەگەر  ،  شۇنداق  دېيىلسە  ،   ئوتتۇرا  ئاسىيا  تارىخدا  ئاجايىپ  بۈيۈك  ،  ئېددىيىۋى   ئويغېنىش   دولقۇننى  قوزغىغان  تاتتار  خەلقىنىڭ  ۋەتېننى  ،   بۈگۈن دۇنيا  خەرىتىسىنىڭ  قەيېرىدىن  ئېزدەيمىز  ؟    قازان  خانلىقىنىڭ  سەلتەنەت  ھەيۋىسى  ،
  چېرايلىق  باغچا  -  سارايلىرى  ،   قانداق  قېلىپ  غايىب  بولۇپ  كەتتى  ؟   دۇنيا  مەدەنىيەت   تارىخىدىكى  ئېسىل  ئۆرنەكلەردىن  سانىلىدىغان  مايالار  ،  ئازتېكلار  مەدەنىيتىنى  ياراتقان
  ئېندىئانلارنىڭ  تارتقۇزۇپ  قويغان  ھەممە  نەرسسىگە   ،  ئەقېل   دال  بولالىدىمۇ   ؟  
       زامانلار  ،   كەڭ  كەتكەن  ئورخۇن  دالېلىرىدا  ،   ياتلارنىڭ  يۈرۈكىگە  قورقۇنىچ  سېلىپ  ،   تەخېتلىرىنى  تېترىتىپ  ئۆتكەن  ،  ئۇچقۇر  ھون  ئاتلىرىدەك  ،   ھەش  -  پەش  دېگۈچە  ئۆتۈپ
  كەتتى .    دەريا  -  دەريا   قانلار  ،   خارلانغان   ئەزىز  جانلار  ،  مۇجۇلغان  يۈرەكلەر  بەدىلىگە 
  ئېرىشكەن   ۋە  يوقاتقان  نەرسىلەر  ۋاقىت  دولقۇنىدا  ،   ئېزسىز  
غايىب  بولدى  .  رېئاللىقنىڭ   ھەسرىتى  ئالدىدا  ،  ئۆتمۈشنىڭ  ساۋاقلرىدىن   بېرەر  ھېكىمەت 
 ئېزدىمەكچى  بولغىنىمىزدا  ،  بىزگە  شۇ نەرسە  ئايان  بولىدىكى  ،   ئەقېل   -   بىر  
دەۋلەت  ،    بىر  مىللەت  ،   بىر  شەخىسنىڭ  تەقدىرىدىكى  ھەل قېلغۈچ  ئامىل  ئەمەس  ،  شۇنداقلا  ،  بەخىتنىڭ  بىردىنبىر  شەرتىمۇ  ئەمەس  .   بەلكى  ،  كامالي
  ئېتىقاد  ،  ۋە  مۇشۇ
بۇلاقتىن  ئوخچۇپ  چېققان  ئېگىلمەس  روھ  ،  ئۈمۈدۋارلىقنى  ئۆزىگە  نىجاتلىق  تۇمارىس  قىلغان
  خەلىق  ،  ئېتىۋارلىق  ئەڭگۈشتەرىگە   ئايلىنالايدۇ  .   ھەر  قېتىم  تالا  -  تۈزگە
چېقىپ  ،  نۇرسىز  كۆزلەر   ،  سۇلغۇن  چېرايلارنى  كۆرىگىنىمدە  ،   قوياش  پاتماس  شەھەر  ھەققىدىكى  مۇنداق  بىر  ھېكايىنى  ئەسلەپ  قالىمەن  .

                                                                                                                                                                                         (   داۋامى  بار  )
تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-03-31, 16:42

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( سەۋسەبىن )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-31 23:31 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەۋسەبىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 869
شۆھرىتى: 8760 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8870 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 912 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

  ئاللا قوللىرىڭىزغا دەت بەرمىسۇن
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-01 00:45 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 67
يازما سانى : 1730
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1160(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم داۋامىنى تىزااق يىزىپ چىقسىڭىز ...........
ھەراس يېقىندىن سەل ئالدىراش بۇلۇپ قالدىڭىزمۇ ؟كورۇنمەيسىز
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-01 02:31 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
سەۋسەبىن
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1059
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 379
شۆھرىتى: 3935 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4860 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 391 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

  (  ئەسەرنىڭ داۋامى    )

       بۇرۇنقى  زاماندا  ئاجايىپ  قۇدىرەتلىك  ،    يېڭىلمەس  بىر  شەھەر  بولغانىكەن  .   بۇ  شەھەرنىڭ  بالىلىرىمۇ  ،  باشقا  شەھەرنىڭ  بالىلىرىغا  ئوخشاش   ،   مەكتەپتە  ئوقۇيدىكەن  .    ئەمما  ،   ئۇلارغا  بېرىلىدىغان  تاپشۇرۇق  ،  ئېلىنىدىغان  ئېمتىھانىلار  ،   قات  -  قات  كىتابلار  دۆۋىسىگە  چۆكۈپ  ،   قۇرۇق  يادىلاشنى  ئەمەس  ،  ئۇلاردا  مۇكەممەل  ئېتىقاد   ۋە  بۈيۈك  غايە  يېتىشتۈرۈشنى  مەقسەت  قىلىدىكەن  .   شۇنداق  بولغاچقا  ،  نەۋ قىران  يىگىتلەر  ،   بەرنا  قىزلاردىن  تارتىپ  ،   باقى  ئالەمنىڭ  ئېشىكىنى  چەككەن  بوۋاي  -  مومايلارغىچە  ،   ھەممىسىنىڭ  كۆزلىرىدىن  ئۈمۈد  ۋە  مۇھەببەت  ئۇچقۇنلىرى
چاقنايدىكەن  .  ھەر  بىر  ئىشلىرىدىن  جەسۇرلۇق  چېقىپ  تۇرىدىكەن  .   چۇشكۈنلۈك  ۋە   بوشاڭلىق   ئۇلارغا  يات  ئىكەن .  
پەيغەمبەر  ئەلەيھىسالامنىڭ   «   ئاخىرەت  ئۇچۈن  ،  ئەتىلا  ئۆلىدىغاندەك  ئىبادەت  قىل  ،   بۇ  دۇنيالىق  ئۇچۈن  ،  مەڭگۈ  ئۆلمەيدىغاندەك  ئىجتىھاد  قىل  .   »    دىگەن  ھەدىسى  ،   ئۇلارنىڭ  ھاياتلىق  مېزانى  ئىكەن  .   زامانلار  ئۆتۈپ  ،  ئەتىراپتىكى  شەھەرلەرنىڭ  بىرلىرى  نادانلىقتىن  ،   ئۆز  ئەقلىدىن  ماختېنىدىغان  ،   يەنە  بىرلىرى  ھەددىدىن  ئاشقان قېلمىشلىرى   سەۋەبىدىن  ،   ھالاك  بوپتۇ .   گاھى  تەتۈر  چۆگېلەيدىغان  پەلەكنىڭ  چاقىمۇ  ،   كۈچلۈك  دۇشمەننىڭ   شېددەتلىك  ھۇجۇملىرىمۇ  ،   ھېلىگەر  سۈيقەستچىنىڭ  شەيتاننى  ئۇسۇلغا  سالىدىغان  نەيرەڭلىرىمۇ  ،  بۇ  شەھەرنى  بويسۇندۇرالماپتۇ  .   شۇنىڭ  بىلەن  كىشىلەر  بۇ شەھەرنى  ،  قوياش  پاتماس  شەھەر  دەپ  ئاتاپتۇ  .   ئەمىلىيەتتە  بۇ شەھەردىمۇ  ،  دۇنيانىڭ  ھەر  قانداق  بىر يېرىدىكىگە  ئوخشاش  ،  ئەتىگىنى شەرىقتىن  كۆتۈرۈلىگەن  قوياش  ،  كەچ  بولغاندا  
غەرىبكە  باش  قويىدىكەن  .   پەقەت  ،  ئېتىقاد  ئاتا قىلغان  ئېگىلمەس  روھنىڭ  قۇدىرىتى  ،   بۇ شەھەرنى  ئەنە  شۇنداق  ،
ئۈمۈد  ۋە  غەلبە قوياشى  پاتماس  شەھەرگە  ئايلاندۇرىغانىكەن  .  
         مەن  ،   مۇڭلۇق  ئەزان  ئاۋازىغا  قۇلاق  سېلىپ  تۇرۇپ  ،    ئۇيغۇر  رېئاللىقىدا  يېلتىز  تارتقان  چۇشكۈنلۈك  ،   ئۈمۈدسىزلىك  ۋە  بۇنىڭ  نەتىجىسىدە  كېلىپ  چىققان  بوشاڭلىق  ،  راھەتپەرەسلىكتەك  زاھىرى  ئېللەتلەرنىڭ  سەۋەپلىرىنى  
ئويلاپ  كەتتىم  .    نامراتلىق  ،  ناقىس  ئائىلە  تەربىيەسى  ،   كەمتۈك  مائارىپ  ،   جەمىيئەت   ......   ئەمما  يېغىپ  كەلسە  
بۇلارنىڭ  ھەممىسىنىڭ  مەنبەسى  پەقەت  بىرلا  :    
ئىمام  بۇخارى  رىۋايەت  قىلىدۇكى  ،   بىر  ئەرابى  (   سەھرالىق  ئەرەب  )  پەيغەمبەر  ئەلەيھىسالامنىڭ  يېنىدا  ،   تۆگىسىنى  
باغلىماستىن  قويېۋەتتى  ۋە  «  ئاللاھ  »  قا  تەۋەككۈل  قىلدىم  دېدى  .   پەيغەمبەر  ئەلەيھىسالام   ئۇ كىشىگە   :   «  ئاۋۋال
تۆگىنى  باغلا .   ئاندىن   «  ئاللاھ  »  قا   تەۋەككۈل  قىل  ،   -   دېدى   .     ئەپسۇس  ،  ھەممە  نەرسە  ئەقېل  بىلەن   ،  كۆز
بىلەن كۆرگىلى  ،   قول  بىلەن  تۇتقىلى  ،  بەھىرلەنگىلى  بولىدىغان  ،   ماددى  مەنپئەت  بىلەن  ئۆلچېنىدىغان  بۇگۈنكى  كۈندە
بىز  ،  ئەڭ  مۇھىم  نەرسىنى  ئۇنتۇپ  قالدۇق  .   بىز  پەقەت  ،  تۆگىنى  باغلاش  بىلەنلا  بولۇپ  كەتتۇق .    بىز  «  ئالەم   باغچېسىدىكى  ئەڭ  ئېسىل  مېۋىگە  قول  ئۇزاتتۇق  -   يۇ  ،    باغۋەننى  ئۇنتۇپ  قالدۇق   .
        ئىسلام   تارىخىدىكى  نۇرغۇن  ۋەقەلەرنىڭ  شاھىدى  بولغان  ،   ئۇمەۋىيلەر  خەلىپىلكى ،    ئەرەب  زېمىنىدىن  ھالقىغان  
زېمىنلارغىمۇ  خوجا  بولغانىدى  .  ئۇمەۋىيلەر  فوتو  خەتلىرنىڭ  ئەڭ  يارقىن  نەمۇنىلىرىدىن بولغان   -    ئىسپانىيە   ،   مىلادىيە    711  -  يىلى  بويسۇندۇرۇلۇپ  ،    ئۇمەۋىيلەر  خەلپىلىكى  تېرىتورىيەسىگە  قوشۇلغان   ئالتۇن  زېمىنغا  ئايلانغان  
ۋە  ئەندولۇس  دەپ  ئاتالغان  .    بۇ  يەردە  بارلىققا  كەلگەن  ئەدەبى  -  ئىجادىيەت  ،    پەلسەپە  ،  تەبىئي پەنلەردىكى  گۈللېنىش  ،  ئىسلام  بىناكارلىقىنىڭ  گۈزەللىكىنى  نامايان  قىلغان  مەسجىد  -  مەدىرىسلەر  ،  ئالي  بېلىم  يۇرۇتلىرى  ،  
ئىسلام  مەدەنىيتىنىڭ  بۈيۈك  پەللىسىنى  ياراتقانىدى  .   تۈپ  ماھىيتىدىن  ئېلىپ  ئېيىتقاندا  ،    بۇ گۈللېنىشنىڭ  سەۋەپلىرى  
ئۆمەۋىيلەر  خەلىپىلىرىنىڭ  ئەقىل  -  پاراسىتى  ،  دانا  تەدبىر  -  سىياسەتلىرى  ،   قوشۇننىڭ  جەڭگىۋارلىقىنىڭ  ھەممىسى  
يەنىلا  بىر مەنبەدىن  ،  جان - دىل  بىلەن  يېپىشقان  ئىماندىن  كەلگەنىدى  .   ئەپسۇس  ،  بۇ بۇلاق  ئاستا  -  ئاستا  قۇرۇشقا  
دۇنيانىڭ  مەئىشەتلىرى  بىلەن  كىشىلەرنىڭ  ئېسىدىن  كۆتۈرلۈشكە  باشلىغاندا ،    بۇ  سەلتەنەت  قولدىن  كەتتى  .   دۇنيا  خەرىتىسدىن  ئەندولۇس  دىگەن  ئسىم ئۆچۈرلۈپ  ،   ئۇنىڭ  ئورنىغا  ،  ياۋرۇپالىقلار   '  ئىسپانىيە   '   دىگەن  ئېسىمنى  يازدى .
7  ئەسىرلىك  مەدەنىيەت  ،  خارابىلىققا  ئايلاندى  .   ئەندولۇسنىڭ  ئەڭ  ئاخىرقى  ۋالىيلىرىدىن  بولغان  ئەبۇ  ئابدۇللاھ  سەھىرى  ،  ئەندولۇسنىڭ  ئەڭ  مۇھىم  شەھەرلىرىدىن  بولغان  ھېرنەيت  شەھرىنى  ،  ياۋروپالىق  فىرنەندو   بىلەن  خوتۇنى  
ئېلىزابىتقا  تاپشۇرۇپ  بېرىپ  ،  قېچىپ  كېتىشكە  مەجبۇر  بولدى .    ياۋروپالىقلار  ،  '  ئەرەبلەرنىڭ  ئاھ  ئۇرىدىغان  جايى
دەپ  ئاتېۋالغان  يەر  '  دە  ،   ئابدۇللاھنىڭ  ئانىسى  ،  ئەقىل  -  پاراسەتلىك  ئايال  -  ئائىيشە  ،   ھېرتانە  شەھرىگە   نەزەر
تاشلاپ  ،  كۆزىدىن  ھەسىرەت  -  نادامەت  ياشلىرىنى  تۆكۈپ تۇرۇپ   ،  ئەرەب  ۋە  تۈرۈك  تارىخى كېتابلىرىغا  خاتېرلەنگەن  
ھېكىمەت  بىلەن  يۇغۇرۇلغان  مەشھۇر  نۇتۇقىنى  سۆزلىدى  .   بۇ  تارىخ  ،  قالتېس  دەبدەبىلىك  ئېبارىلەر  بىلەن  يەكۈنلەندى - يۇ  ،   يەنىلا  كىشىلەرنىڭ  ئېسىدىن  كۆتۈرلۈپ  كەتتى  .

                                                                                (   داۋامى  بار   .  )
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-01 08:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەۋسەبىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۈلقىز
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 213
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 905
شۆھرىتى: 9155 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9210 دوللار
تۆھپە: 23 ھەسسە
ياخشى باھا: 927 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 330(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

داۋامىنى كۆتىمىز.  
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-01 13:09 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈلقىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 846
شۆھرىتى: 8515 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8610 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 861 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 333(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەزىرە مۇھەممەد سالىھ نىڭ (شەرىق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ)  دىگەن كىتابىنى مەنمۇ ئوقىغان ، ھەقىقەتەن بىر ئوقۇشقا تىگىشلىك كىتاپ بۇ.................
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-01 13:49 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئۇيغۇرئاي
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 957
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2052
شۆھرىتى: 20780 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 21969 دوللار
تۆھپە: 108 ھەسسە
ياخشى باھا: 2180 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كوپ رەھمەت...
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-01 19:37 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

چوپان

دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2328
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 369
شۆھرىتى: 3710 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3840 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 382 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تىزراق داۋامىنى يېزىڭ ،«شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ»نى مەنمۇ ئوقۇغان ئەمما ئۇزاق بوپتىكەن سەل ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن ،قايتا ئەسكە ئالدىم
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-01 20:15 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( چوپان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئائىيشە
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2273
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 225
شۆھرىتى: 2250 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2310 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 226 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

داۋامىغا تەشنامەن..
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-02 11:47 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئائىيشە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

غەيرىتەم

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2417
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 748
شۆھرىتى: 7750 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 10280 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 847 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 154(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەقىقەتەن ئىسىلكەن كىتاۋىنى ئېلىپ ئوقىمىسام
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-03 18:44 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( غەيرىتەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئاشپەز ئەدەبىيات كۆزنىكى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا