بىزدىكى ئىللەتلەر ــــ ئىللەت تۈزەلمىگىچە مىللەت تۈزەلمەس(ئۇيغۇر ئىدىئوملىرىدىن) .
بىزدە تارىخىمىزنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئەجدالىرىمىزنىڭ قۇدرەتلىك ئۆتكەن زامانلىرى، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى، شارائىتلىرى، ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنىڭ تارىختا قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك ۋە مول مىراسلىرى... ھەققىدە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدىغانلار بەك جىق. بۇ بىزدىكى «مىللىي غۇرۇرچىلىق». ئەمما بىزنىڭ قان-قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ــــ يارالغاندا يېپىشقان مەۋجۇد ئىللەتلىرىمىزنى ئەسلەيدىغان، سۆزلەيدىغانلار بەك ئاز ھەتتا يوق دېيەرلىك. سەۋەبى : كىشىلىرىمىز «نومۇسچان»، «قەدر-قىممەت ئېڭى» بەك « كۈچلۈك».تۈنۈگۈن بۈگۈننىڭ ئۆلچىمى ئەمەس. قۇرۇق كاللىنى غاجاۋەرسەڭ ئاچ قالغىنىڭ قالغان. مەن يەتتە ياش چېغىمدا دادام ماڭا « بىز خەقنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى سىلەرگە مەنسۇب» دەيتتى. كېيىن مەن ئوغلۇمغا « بىز خەقنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى سىلەرگە مەنسۇب»دېدىم. ھازىر ئوغلۇممۇ ئوغلىغا« بىز خەقنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى سىلەرگە مەنسۇب» دەۋاتىدۇ. ئەۋلادتتىن ئەۋلادقا مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك قايسى ئەۋلادقا يەتكەندە بىز خەقنىڭ ئىستىقبالى ياخشىلىنار ؟ دەۋرىمىز يېڭىلىققا قاراپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بىزمۇ يېڭىلىققا قاراپ ئۆزگىرىۋاتىمىزمۇ؟ مۇشۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئۆزىمىزگە باھا بەرگەندە، تەلەب قويغاندا ئۆتمۈش دەستەكلىرىمىزنىڭ قىممىتى، ئۇلۇغلۇقى بىلەن ئەمەس بەلكى ھازىرقى ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدە شاللىنىپ تۇرۇش تەقدىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان مەۋجۇد تۇرق-ھالىتىمىزنىڭ ئومۇمىي خاراكتېرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوبيېكتىپ باھا بېرىشىمىز لازىم. بىزنىڭ روھىي ھالىتىمىز زادى قانداق؟ مېنىڭچە بىزنىڭ روھىي ھالىتىمىز تازا ساغلام ئەمەس ( قان-يىلىكلىرىمىزگە سىڭىپ كەتكەن قالاقلىق-نادانلىقنىڭ تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر). بۇ روھىي ھالەت شەخسلەرنىڭلا روھىي ھالىتى ئەمەس، سىياسىي روھىي ھالەتمۇ ئەمەس، بەلكى شەخستىن ۋە سىياسىي ھاياتتىن ھالقىغان بولۇپ، ئۇ پۈتكۈل مىللەتنىڭ روھىي ھالىتى، بۇنى بىز ئېتراپ قىلىشىمىز لازىم. ئەگەر ئېتراپ قىلمىساق، چۈشەنمىسەك ( قالاقلىق، جاھىللىق، نادانلىق چىرمىۋالغان روھىي ھالىتىمىز توغرىسىدا ئېنىق ۋە تەلتۆكۈس ئېتراپ قىلىش بولمىسا) بىزنىڭ زەبۇن(ئاجىز) چاغلىرىمىز داۋاملىشىۋېرىپ، تارىخنىڭ ئەنئەنىسىگە قايتىشىمىز، دۇنياغا يۈزلىنىشىمىز، مىللىي ئىستىقبالىمىزنىڭ پارلاق بولۇشى ئەبەدىي مۇمكىن بولمايدۇ. بىزدىكى بۇ خىل روھىي ھالەتنىڭ بەزىبىر ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىدەك بولماقتا:
بىزدىكى پېتىشماسلىق
باشقىلار بىزنى« پېتىشمايدىغان خەق» دېيىشىدۇ، دەرۋەقە شۇنداق. جىسمىمىزدا ئىتتىپاقلىق تىنىقى، ئۇيۇشۇش تىنىقى يوق. ئۈچ-تۆتىمىز بار يەردە پېتىشماسلىقنىڭ بولغىنى بولغان. پېتىشماسلىق بولمىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇرالغۇلىرى يوق. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈز بېرىدىغان ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي پاجىئەلەر، ئەرز-شىكايەتلەر، دەۋا-دەستۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى يەنىلا شۇ پېتىشماسلىققا باغلىنىدۇ. بۇ خىل قىسمەت سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئەڭ قەبىھ ھادىسىلەر، پاجىئەلەر ـــــ مىللىي بارلىقىمىزنىڭ ئەڭ ئېغىر داغلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنى سۆزلەڭ دېسە بۇنىڭ چوڭ ئىللەت ئىكەنلىكىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدىغانلار جىق. ھەتتا يوغان-يوغان كىتاب يېزىپ چىقالايدىغانلارمۇ بار. ئەمما نېمىلا دېمەيلى بۇ ھالەتنى زادىلا ئۆزگەرتەلمىدۇق. سەۋەبى نەدە؟ سەۋەبى : بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاز دېگەندە 365«مەزھەب» بار.ئۇنىڭ بىر بۆلۈمى ــــ بىزدىكى ئىچكىي چىقىشالماسلىق، پارچىلىنىش، يەكلىشىش، ئۆزىنى سورىماسلىق، ئىتتىپاقسىزلىق... قا مەنبە بولۇپ تۇرىدىغان «لىق»،«لىك»چىلىك.
«لىق»،«لىك»چىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز رەقىبلىرىنى ــــــ «يات يۇرتلۇق» لارنى يەكلەيدۇ. ئۆي-ئۆيدە، مەھەللە-مەھەللىدە، يۇرت-يۇرتتا ھەتتا دۇنيانىڭ ئۇيغۇر بارلىكى يېرىدە بۇ «مەزھەب»لەر تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. مەھەللەبازلىق، كەنتبازلىق، يېزابازلىق، ناھىيەبازلىق، شەھەربازلىق، ۋىلايەتبازلىق، تۇغقاندارچىلىق، ئۇرۇق-قوۋمبازلىق ... لار ئاشۇ ىىل تەسىرلەرنىڭ شاى-پۇتاقلىرى. بۇنداق شاخ-پۇتاقلار ئالدىدا بىزدىكى «مىللىي روھ»، «مىللەت»، «ۋەتەن»، «خەلق»، «بىرلىك»، «ئىستىقبال»، « تەرەققىيات» ... دېگەنلەر ئاقمايدۇ. يەنى بۇنداق شاخ-پۇتاقلار يۇقىرىقى ئۇقۇملارنىڭ ھەرقاندىقىنى بېسىۋالىدۇ.
, مەن1940-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قارغىلىقتىن ياركەنت دارىلمۇئەللىمىندە بىر مەزگىل ئوقۇغانىدىم. ياركەنت، قارغىلىق، مەكىت، پوسكام ناھىيىلىرىدىن يىغىلغان 200 دەك ئۇيغۇر ساۋاقداش بىللە ئوقۇيتتۇق. مەكتەبنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇناسىۋەت ئېقىمى شۇ «لىق»، «لىك» تىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى، ئوقۇتقۇچىلاردىن تارتىپ ئوقۇغۇچىلارغىچە ھەممىمىز «ياركەنتلىك»، «قارغىلىقلىق»، «مەكىتلىك»، «پوسكاملىق» لار بويىچە سەپكە بۆلۈكلۈك ئىدۇق. ياركەنتلىك ياركەنتلىكلەرنىڭ، قارغىلىقلىق قارغىلىقلارنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان، مەكىتلىك مەكىتلىكلەرگە، پوسكاملىق پوسكاملىقلارغا يان باسىدىغان بۇنداق بۆلۈنمە سەپلەر ـــــ بىر-بىرىگە زىت، زادىلا مۇرەسسە-مادارا بولمايدىغان، بىر-بىرى بىلەن ئەستايىدىل، جان تىكىپ ئېلىشىدىغان، بىرى ئوت، بىرى سۇ بولۇپ تىركىشىدىغان «شەكىلسىز تەبىئىي سەپ»لەر ئىدۇق.بىزنىڭ سىنىپتا بەش قاتار پارتا بولۇپ، 20 بالا تۆتتىنلا ئولتۇراتتۇق. سىنىپىمىزنىڭ مەسئۇلى، قارغىلىقلىق تاشكەنتچىلەردىن بىرى بولغان x ئەپەندى بالىلارنىڭ سىنىپتا ئولتۇرۇش رېتىنى بېكىتكەندە ئالدىنقى بىرىنچى رەتنى بىز قارغىلىقلىق تۆت بالىغا بېكىتىپ بەرگەن. ئەڭ ئارقىدىكى رەتتىكى پارتىنى بولسا ياركەنتلىك تۆت بالىغا قالدۇرغان. باشقا سىنىپلارنىڭ پارتىلىرىمۇ مۇئەللىمگە قاراپ ئەنە شۇنداق «قارغىلىق»،«ياركەنت»،«مەكىت»لەر بويىچە بۆلۈكلۈك ئىدى. دېمەك بىزنىڭ تاشكەنتچى ئەپەندىمىز بىز قارغىلىقلىق بالىلارنى«ئۆز» بىلىپ «ۋاپا قىلىپ» سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىنى ئېلىپ بەرگەن. ئۆزى «ياركەنتلىك» دەپ قارىغان بالىلارنى «يات» بىلىپ، سالقىن مۇئامىلە قىلىپ، سىنىپنىڭ ئارقا رېتىدىن ئورۇن بەرگەن. مەكتىبىمىزنىڭ باشقا يەرلىك ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ بۇنداق ئىشتا بىزنىڭ تاشكەنتچى ئەپەندىمىزدىن ھەرگىز كېيىن قالمايتتى. شۇنداق قىلىپ ھەركىم «ئۆز» يۇرتلۇقلىرىنى «ئۆز كۆرۈش»، «غەيرىي يۇرتلۇقلار»نى «غەيرىي كۆرۈش»ـــــ «قول ئىچىگە ئېگىلىش»ــــ مەكتەبنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇش، تۇرمۇش، ئىمتىھان، مۇئامىلە، خىزمەت ... تارىخىنىڭ جەريانى ئىدى. دېمەك بىز بۇ ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىلىم يۇرتىدىن «ئۆز يۇرتلۇق ياخشى»، «باشقا يۇرتلۇق ئەسكى»نى، ياركەنتلىكنى «قانجۇق»، قارغىلىقلىقنى«غالچا»، پوسكاملىقنى «پوقاق»، مەكىتلىكنى « دولان» دېيىشنى ئۆگىنىپ –بىلىپ چىققان ئىدۇق. مەن 1947-يىلنىڭ ياز ئايلىرىدا بۇ مەكتەبتىن ئىمتىھان بېرىپ «شىنجاڭ دارىلفۇنۇنى» ( ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇرۇنقى نامى) غا ئوقۇشقا كەلدىم. 1950-يىلنىڭ باشلىرىغىچە ئوقۇدۇم. بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدىمۇ يەنىلا شۇ «كاشىغەرلىك»، «ياركەنتلىك»، «خوتەنلىك»، «ئاقسۇلۇق»، «ئىلىلىق»نىڭ گېپى.«ئۆز يۇرت»، «باشقا يۇرت» دېگەن تېخى شۇ يەردىكەن. مەكتەبتە بىر كۈنى «كاشىغەرلىك نوچىلار» بىلەن «ياركەنتلىك نوچىلار»نىڭ جېدىلى چىقىپ سەپ-سەپ بولۇپ مۇشتلاشتۇق. ئاقىۋەتتە «32مىڭ ياركەنتلىك» «16مىڭ كاشىغەرلىك»نى ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋەتتى ( تارىختا ياركەنت سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ ئاستانىسى بولغاچقا 32مىڭ ياركەنت، دەپ ئۆزىنى چوڭ ھېسابلاپ، كاشىغەرنى ئۆزىنىڭ يېرىمى ھېسابلاپ ئېيتىلغان گەپ). تۆت ياركەنتلىك بالا بۇ ئىشتا جازالاندى. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە «كاشىغەرلىك نوچىلار» شۇ چاغلاردىكى «رۇس كۇلۇبى» ئەتراپىدا بىر قىسىم ئارغۇنلار( خەنزۇ-رۇس چېتىلىشىدىن تۆرەلگەن پروتكىلار) نى«مېھمان» قىلىپ، ئۇلارغا «ياركەنتلىك نوچىلار»نى قاتتىق ئۇرغۇزۇۋەتتى. ياركەنتلىكلەرنى (ئۇ چاغدا ياركەنت، قارغىلىق، مەكىت، پوسكام ناھىيىلىرى بىر ۋىلايەت ــــ ياركەنت ۋىلايىتى ئىدى) ھازىرقى ئۈچتاش(كونا ياڭخاڭ) تەرەپلەردە يالغۇز يۈرەلمەيدىغان قىلىۋەتتى. كېيىن «ياركەنتلىك نوچىلار» مۇ گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ نەنلياڭ تارمىقىدىكى ساقچىلىرىغا «چاي» بېرىپ «كاشىغەرلىك قىزىل پاچاق»، «نوچى» لاردىن ئۈچنى قولغا ئالغۇزۇۋېتىپ ئۆچىنى ئېلىشتى. , قىسقىسى، يەكەن دارىلمۇئەللىمىنىدە بولسۇن ياكى شىنجاڭ دارىلفۇنۇنىدا بولسۇن بىز «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نامنىڭ ئورنىغا «ئۆز يۇرتلۇق»،«باشقا يۇرتلۇق»،«قەشقەرلىق»،«خوتەنلىك» ... دېگەن تەپرىقىچىلىكنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈپ، يۇرت-يۇرتلار بويىچە ئۆزئارا بىر-بىرىمىزنى ئەدەبلەشنى، بىرىمىز يەنە بىرىمىزنى يوقىتىشنى كۆڭۈللىرىمىزگە پۈكۈپ «زامانىمىزنىڭ زىيالىيلىرى» بولۇپ جەمئىيەتكە چىقىپ كېتىشتۇق. ئۇ ئاقىۋەت بىزنىڭ ئۆزىمىزگە نىسبەتەن ئالغاندا ئۆمۈر قارىشىمىز، جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئالغاندا كىشىلىك قارىشىمىز، مۇناسىۋەت قارىشىمىز ۋە ئەخلاق قارىشىمىز بولۇپ قېلىۋەردى. ئەپسۇس، مېنىڭ گۆدەك چېغىمدىلا ئۆيۈمدە ئاتا-ئانامنىڭ تىلى بىلەن ۋۇجۇدۇمغا كىرگەن بۇ ئاڭ مېنىڭ كېيىنكى 60نەچچە يىللىق ئۆمۈر مەنزىلىمدە مەن بىلەن تەڭ ساقلىنىپ (بەزىدە كۈچۈيىپ، بەزىدە سۇسىيىپ، يوقالماي) بالا-چاقا، جەددى-پۇشتۇمغىچە تەسىر ئۆتكۈزۈپ تۈگەش ئورنىغا يېڭىلىنىپ «شېرىن زەھەر»لىك كۈچىدىن قالماي كېلىۋەردى.مېنىڭچە بۇنداق ئاڭ ئىلكىگە چۈشمىگەن ئۇيغۇر پۇشتى بەلكى بولمىسا كېرەك.مەن 1992-يىل كۈزدە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەبتە بىر قىسىم قەشقەرلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن غۇلجىلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى قاش بولۇپ سوقۇشۇپ كەتكىنىنى كۆردۈم. بۇ سوقۇشقا بىر ياتاقتا بىللە ياتىدىغان قەشقەرلىك X بىلەن غۇلجىلىق X نىڭ گەپ تالىشىپ سوقۇشۇپ قالغانلىقى سەۋەب بولغان. سوقۇشتا غۇلجىلىق X كە تەڭ كېلەلمىگەن قەشقەرلىق X «ئۆز يۇرتلۇقى»دىن تۆت-بەشىنى چاقىرىپ غۇلجىلىق X نىڭ ئەدىبىنى بەرمەكچى بولغان. لېكىن غۇلجىلىق Xمۇ بوش كەلمەي «ئۆز يۇرتلۇقى»دىن بىرنەچچىنى ياردەمگە چاقىرغان. بىردەمدىن كېيىن مەكتەب بويىچە «قەشقەرلىك» بىلەن «غۇلجىلىق»نىڭ جېڭى باشلىنىپ «ئۇرە قەشقەرلىكنى... سالە غۇلجىلىقنى» بولۇپ كەتكەن. ئاقىۋەت تۆت بالا پىچاق يېگەن، يەنە بىرنەچچىسى مۇشت-پەشۋا زەخمىسىدە يېتىپ قالغان. مەكتەب جېدەلنى ئاران بېسىقتۇرۇپ ئون نەچچە بالىغا جازا بەرگەن. مانا بۇ «لىق»،«لىك» جېدىلى. تالاپەت كۆرگەنلەرنىڭ گۇناھلىرى پەقەت بىر تەرەپنىڭ غۇلجىدا تۇغۇلۇپ قالغانلىقى، يەنە بىر تەرەپنىڭ بولسا قەشقەردە تۇغۇلۇپ قالغانلىقىدىنلا ئىبارەت. 1991-، 1992-يىللىرى بىزدىن ھەرەمگە بارغان ئۇيغۇر ھاجىلارنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەرلىشىپ قالغان بىر قىسىم باي ئۇيغۇرلار «خۇدايى ساۋاب»لىق ئۈچۈن خېرىدارلىق قىلىپ كۈتۈۋالغاندا، «خوتەنلىك»بايلار «خوتەنلىك»لەرنى، «غۇلجىلىق»بايلار «غۇلجىلىق»لارنى، «قەشقەرلىك» بايلار «قەشقەرلىك»لەرنى، «ئاقسۇلۇق» بايلار «ئاقسۇلۇق»لارنىلا كۈتۈۋېلىپ، خەۋەر ئېلىپ ئۇزاتقان. ئۇ مەملىكەتتە «ئۆز يۇرتلۇقى»يوق تۇرپان، قۇمۇل، كورلا ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى بەزى ناھىيىلەردىن بارغان ئۇيغۇر ھاجىلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان. ۋەھالەنكى، شىنجاڭدىن ۋە قىرغىزىستاندىن بارغان قىرغىز ھاجىلارنى شۇ مەملىكەتتە ۋە ئىئوردانىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان قىرغىز بايلار يۇرت-مەملىكەت ئايرىماي خېرىدارلىقىنى قىلىپ كۈتۈۋېلىپ ئۇزاتقان؛ يەنە شۇ مەملىكەتتە يەرلىشىپ قالغان قازاق بايلار قازاقىستاندىن بارغان ھاجىلارنى قازاق، ئۇيغۇر دېمەي كۈتۈۋالغاننىڭ ئۈستىگە يەنە شىنجاڭدىن بارغان قازاق ھاجىلارنى ئالتاي، ئىلى، سانجى، قۇمۇل، مورى، گۇچۇڭ، ئۈرۈمچى قاتارلىق يۇرت ئايرىماي كۈتۈۋالغاندىن سىرت يەنە ئۆز يۇرتلۇقى يوق بەزى ئۇيغۇر ھاجىلارنى قوشۇپ كۈتۈۋالغان. دېمەك بۈگۈنكى دۇنياغا يۈزلەنگەن، ئۆزلىرىنى«راۋۇرۇس مۇسۇلمان»دەپ يۈرۈشىدىغان ھەرەملىك ئۇيغۇر بايلارنىڭمۇ يۈرەك قېتىدا يەنىلا«لىق»،«لىك» ئېڭى يوقالمىغان. شۇڭا باشقا مىللەتلەر ئۇلارنىڭ مىللەت نامىنى «چىن مۇسۇلمان» ( جۇڭگولۇق مۇسۇلمان) دەپ بىلىشكەن. دېمەك، بىزنىڭ ھەرقانداق يېتەكچىمىز، ئالىم-ئۆلىما، زىيالىي، پېشقەدەم ئۇستازلىرىمىز، داڭدار جامائەت ئەربابلىرىمىزدىن تارتىپ تۆۋىنى مالچى-پادىچىلارغىچە ھەتتا چەت ئەللەردە يۈرگەن بىز خەقلەرنىڭ ھەممىسىلا بۇ خىل «لىق»، «لىك»نىڭ ئاسارەت-ئىسكەنجىسىدە ئۆتۈشۈۋاتىمىز. بۇ ئىللەت سۇسايمىدىكى ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ.
بىزدىكى ئۆزئارا پېتىشماسلىق ــــ ئىچكى ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ يەنەبىر ئالاھىدە شەكلى ــــ نادانلىقنى مەنبە قىلغان ئىچى تارلىق، قىزغانچۇقلۇق،ھەسەت-ئاداۋەتخورلۇقتىن ئىبارەت
مەن بۇلتۇر قەشقەردىكى ئىككى ساۋاقدىشىمنى يوقلاپ ئۆتمەكچى بولۇپ بىرسىنىڭ ئۆيىگە باردىم ھەم بۇ ئۆيدە بىر كېچە قوندۇم. ئەتىسى بۇ بۇ ساۋاقدىشىمغا يەنە بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بېرىشىنى ئېيتتىم. ئۇ : «ئۇنداق قىزىلكۆزنىڭمۇ ئۆيىگە بارامدىغان؟ ئۆتكەندە بالىسى ئۆلۈپ كەتكەندىمۇ بارمىدىم... بۇنىڭدىن كېيىن قەشقەرگە كېلىپ مېنى ئىزدىسەڭ ئۇنى ئىزدىمە، بولمىسا تاشلىشىپ كېتىمىز...»دېدى. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا ئالىي مەكتەبنىڭ مۇئەللىملىرى، تېخى بىر يۇرتلۇق تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىنى شۇنچىۋالا ئۆچ كۆرۈدۇ؟
ئەپسۇس، بىزدە بىز خەقنىڭ يامان گېپىنى قىلىدىغانلار يەنىلا بىز خەق، يەنى ئۇيغۇردا ئۇيغۇرنىڭ يامان گېپىنى قىلىدىغانلار يەنىلا ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرغا زىيانكەشلىك قىلىدىغانلار يەنىلا ئۇيغۇر. ئۇيغۇرنى پالاكەتكە ئۇچرىتىدىغان، چېقىپ قويۇدىغان، تۇتۇپ بېرىدىغان... لار يەنىلا ئۇيغۇرلاردۇر. سېنىڭ باشلىقىڭ ئۇيغۇر بولسا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشۇڭ كېرەككى، ئۇ سېنى ئۆستۈرمەيلا قالماستىن بەلكى ئادەم قىسقارتقاندا ئالدى بىلەن باشقىلارنى قىسقارتماي پەقەت سېنىلا قىسقارتىۋېتىدۇ. ئۈچ رۇس سودا قىلسا بىر-بىرىگە «بۇ نۆۋەت سودا سېنىڭ بولسۇن، كېلەر قېتىم مېنىڭ بولسۇن... » دەپ سودىنى بىر-بىرىگە ئۆتۈنىدۇ. ئۇيغۇر سودىگەردە بۇ روھ يوق. سەن 50سومغا ساتساڭ مەن 40سومغا ساتىمەن، سەن 30 سومغا ساتساڭ مەن 20سومغا ساتىمەن... دەپ باھادا يول قويماي بىر-بىرىگە بازار بەرمەيدۇ.
ئۆزئارا پېتىشماسلىق ــــ ئىچكىي ئىتتىپاقسىزلىق بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ، ئىستىلىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن ئەمەس بەلكى كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى جاھالەت تەپرىقىچىلىكىنىڭ تەسىرىدىن شەكىللىنىپ، قېنى، تارىخى، تەقدىرى، ئەنئەنىسى، تىلى، دىنى، مەقسىتى، تەلىپى بىر شۇ زامان بوۋىلىرىمىز كېلەچەك ئەۋلادلىرىغا جۈملىدىن بىزگە بىرلىكنى، ئىتتىپاقلىشىشنى، ئۇيۇشۇشنى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ تەتۈرسىنى يەنى بىر-بىرىنى ئۇرۇشنى، بىر-بىرىنى پۇتلاشنى، بىر-بىرىنى يىقىتىشنى، بىر-بىرىگە ئورا قېزىشنى مەرەز مىراس ياكى زامانىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا پاجىئەلىك سەلبىي مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ ئۆتۈشكەنىدى.
دېمەك، «17-، 18- ئەسىردىكى تارىخىمىزدا بىر مەزگىل يۇرتىمىزغا دىنىي، سىياسىي ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن خوجا-ئىشانلار زامانىدا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى ئەنئەنىۋىي خىسلەت، پەزىلەت ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى يوقىتىشقا، مىللىي روھسىزلىنىشقا يۈزلەنگەن. يەنى سوپى-ئىشانغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ رايى-قىلىقلىرىنى ئۆرنەك ھەم تىرىكچىلىك يولى قىلىپ، يۇرت بىلەن يۇرت، مەھەللە بىلەن مەھەللە، ئۆي بىلەن ئۆي، ئادەم بىلەن ئادەم مەزھەبلەرگە بۆلۈنۈپ جاھالەت بۆلگۈنچىلىكى، جاھالەت تەپرىقىچىلىكى ئىچىدە قوۋلاشماي، پېتىشماي بىرى ئوت، بىرى سۇ بولۇپ ئۆتۈشىدىغان بولۇپ كېتىشكەن ... » ( مامۇت ئىسلامنىڭ «بەلەن گەپلەر»ىدىن).
نەتىجە-ئاقىۋەتتە بىز ھەتتا 21-ئەسىرنىڭ بوسۇغۇسىغا كېلىپ قالغاندىمۇ ( جەننەت ماكان ئاپتور ئىزچى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 10يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ئەسىرىنى يازغاچقا شۇنداق دەۋاتىدۇ ــ دادخاھ) ئىچكىي جېدەل-ماجرالىرىمىز بېسىقماي، بەزىدە تېخىمۇ ئاۋۇپ پېتىشمايۋاتىمىز. ئەرزىمەس ئىشقا ئۆچەكىشىپ قالساق توخۇلىرىمىزنىڭ چىللاشقىنى، ئىتلىرىمىزنىڭ قاۋاشقىنى، ئېشەكلىرىمىزنىڭ ھاڭراشقىنى ... ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ ئاي ئۆتۈپ، يىل ئۆتۈپ بىر-بىرلىرىمىز بىلەن يوقلاشماي، سالام-سەھەت قىلىشماي ھومىيىشىپ، «ئۇ ئەسكى»، «بۇ ئوغرى»، «ئۇ مايماق»، «بۇ قەلەندەر» ... دېيىشىپ ئۆتكىنىمىز ئۆتكەن. «مەندىن ئۆتۈپتۇ» دەيدىغانلار يوق. «بولدى قىل»، « ئۇنداق قىلما»، «توغرا ئەمەس» دېگەندەك گەپلەر ئاقمايدۇ. دېمەككى، بىز ئۆز ئەيىبلىرىمىزنى تونۇشقا، تەن ئېلىشقا ئادەتلەنمىدۇق، خىلمۇ-خىل «سەۋەبلەر»بىلەن ئۇنى ياپتۇق، يوشۇردۇق. ئەيىبتىن ئەيىب تۇغۇلۇۋېرىپ يۇرت-يۇرت، ئۆي-ئۆيدە «يوغان گەپ»، «قۇرۇق گەپ»، «غەيۋەت گەپ»، «پىتنە-ئىغۋا گەپ»، «پو گەپ» ... «ئۆز گەپ» بولۇۋېرىپ تۈگىمەي ئۆتۈۋەردى-دە، بالىدىن-بالىغا« ئاتا مىجەزى»،«ئانا قىلىقى» مىراسنامىسى بولۇپ داۋاملىشىۋەردى.
چىقىشىش،بىرلىشىش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش بولمىغان خەلقتە ئىستىقبال- ئامەت، راۋاجلىنىش نېمە قىلسۇن؟
ياش شائىر ئۆمەر مۇھەممەد ئىمىن يازغاندەك:
سەن مېنى پاكار دەپ،
مەن سېنى ناكار دەپ،
بولۇپ كېتەرمىز قايسىمىز قاۋۇل؟
مەن ساڭا چىشىمنى بىلەپ،
سەن ماڭا دوزاخنى تىلەپ،
قايسىمىز كېتەرمىز جەننەتكە ئۇدۇل؟
بىزدىكى نەسلىگە ۋاپاسىزلىق
ئاتا-ئانىلار مېھرى-شەپقىتىدىن، مەكتەبلەر مېھر-شەپقىتىدىن، جامائەت ۋە جەمئىيەت مېھر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، مەرىپەتسىز-نادان يۈرۈۋاتقان، ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقان، بۇزۇلۇو تۈگىشىۋاتقان، ھالاكەتلىك تۇرمۇش قىسمەتلىرىدە تېڭىرقاپ ياش تۆكۈۋۈتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ھازىر بىزدە ئازمۇ؟ ياق، ئاز ئەمەس، بەلكى كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەلىرىگە، پۈتۈن مەملىكەتكە شەھەرلىرىگە ھەتتا چەت ئەللەرگىچە سەرگەردان بالىلارنى توپ تارقىتىدىغان خەق بولۇپ قالامدۇق-قانداق؟
مېنىڭچە بۇنى تارىخىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنتايىن يامان مىللىي پاجىئەلەرنىڭ ناماياندىسى، دېمەي مۇمكىن بولماس، ئەلۋەتتە.
ئاقىۋىتى مىللىي خورلۇق، مىللىي نومۇس ۋە قاتتىق مىللىي نادامەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، چىقىرىۋاتقان ۋە ئۇنى تېزلىتىدىغان بۇنداق قاباھەتلىك پاجىئە بىزگە نەدىن ۋە كىملەردىن كېلىۋاتىدۇ؟
بىرلا جاۋاب : ئاساسەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز كەلتۈرۈۋاتىمىز، ئۆز كىشىلىرىمىشدىن كېلىۋاتىدۇ.
بىر قىسىم ئائىلىلەردە ئەرلەر مۇستەبىتلىكىنىڭ ئېغىرلىقى، ئاتىلار خورلىقىنىڭ داۋاملىشىشى، تولا ئاجرىشىش، كۆپ نىكاھلىنىش، خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئېلىشنىڭ ئاۋۇپ بېرىشى، چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك، بالىلارنىڭ مائارىپسىز قالدۇرۇلىشى ___ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇزۇلۇشىنى، يېتىم-يېتىمەلەرنىڭ كۆپىيىپ بېرىشىنى، بالىلار ۋەيرانچىلىقلىرىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنى ۋە ئاقىۋەت ياش-ئۆسمۈرلەر تەقدىرىنىڭ نابۇت بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە چىقىرىۋاتىدۇ.
مەن 1994-يىلى يازدا مەن سەپەرداشلىرىم بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 4ناھىيىدە تۆت كەنت، ئىككى كىچىك كوچىنى نىشانلىق زىيارەت قىلىپ (جەمئىيەت كۆزىتىپ)، بۇ جايلاردا شەھەر-بازار تۇرمۇشىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ يۈز بېرىۋاتقان ئائىلە، مۇھەببەت، نىكاھ مەسىلىلىرىنى، ئانا-بالىلار ھادىسىلىرىنى ئىگىلەپ كۆردۈم. بۇ تۆت كەنت، ئىككى كىچىك كوچىدىكى 1300دىن كۆپرەك ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئارىسىدا 1989-يىلىدىن بېرى ئەرلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن گۇمران بولغان (ئاجراشقان) ئەر-خوتۇنلار شۇ جايلار بويىچە ئاجراشقان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ٪87 نى، ئەرلىرى تاشلاپ كەتكەن خوتۇنلار شۇ جايلاردىكى ئەرلىك خوتۇنلارنىڭ ٪7 نى، ئەرلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن 《تىرىك يېتىم》 قالغان، تاشلىنىپ قالغان، يوقاپ كەتكەن، كىشىلەر بېقىۋېلىپ تۇرغان بالىلار شۇ جايلاردىكى ئومۇمىي يېتىم بالىلارنىڭ ٪45 نى، ئەرلىرىنىڭ خورلىشىغا ئۇچراپ كېسەلمەن بولۇپ كەتكەن خوتۇنلار شۇ جايلاردىكى خوتۇنلارنىڭ ٪4 نى، ئەرلىرى ۋە بالىلىرى دەردىدە يۇرتتىن قاڭقىپ سەرسان بولۇپ چىقىپ كەتكەن جۇۋان، چوكانلار شۇ جايلاردىكى تۇل قالغان، ئەرلىرى تاشلاپ كەتكەن خوتۇنلارنىڭ ٪2 نى تەشكىل قىلغان.
( بىرمۇنچە ئەرلەرنىڭ رەسۋاچىلىقلىرى بىلەن گۇمران بولغان ئائىلىلەر ئەھۋالى بايان قىلىنغان ھەق مىساللار پېقىر دادخاھ تەرىپىدىن قىسقارتىۋېتىلدى)
مىللىتىمىزنىڭ ئالدىنقى جامائەتى ھېسابلىنىدىغان ئەرلىرىمىز سېپىدە ئەنە شۇنداق ئەرلەر مۇستەبىتلىكى، ئانىلارنى خورلاش ئادىتى، بالىلارنى تاشلىۋېتىپ نەسلىگە ۋاپاسىزلىق قىلىش، بۇزۇقچىلىققا بېرىلىش ... قىلمىشلىرى ئەۋجىگە چىققانسېرى جەمئىيەتتە ئانا-بالىلار خورلۇقىنىڭ، ئانا-بالىلار ۋەيرانچىلىقىنىڭ، ئانا-بالىلار سەرسانچىلىقىنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقماسلىقى مۇمكىنمۇ؟
ئەپسۇس ! مىڭ ئەپسۇس! بىزدە مۇشۇنداق قىلمىشلارنى ئەيىبلەيدىغان، چەكلەيدىغان جامائەت پىكرى ناھايىتى ئاجىز بولۇۋاتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك جامائەت ئورگانلىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى خىزمەت قۇدرىتى ئەنئەنىۋى ئادەت كۈچىنىڭ، مۇتەئەسسىپ " ئەنئەنە"نىڭ تەسىرىنى بېسىپ چۈشەلمەيدۇ. "ئادەت ھەممىگە قادىر" نىڭ قۇۋۋىتىگە تىز پۈكىدۇ.
بىزدىكى قەلەندەرچىلىك
مىللىتىمىزنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان (نومۇسىنى تۆكۈدىغان) ھەم روھىي جەھەتتىن زەئىپلەشتۈرۈش رولىنى ئۆتەيدىغان قەلەندەرچىلىكتىن بىز خەق تېخى قۇتۇلۇپ بولالمىدۇق. «كىم قەلەندەر؟ ئۇيغۇر!»، «نەلىك قەلەندەر؟ ئالتە شەھەرلىك !»،«ئۇيغۇردىن قەلەندەر چىقىدۇ...» دېگەندەك غۇرۇرىمىزغا تېگىدىغان، نومۇسىمىزنى كەلتۈرۈدىغان، يۈزىمىزنى تۆكۈدىغان يامان سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرغىنىمىز تۇرغان. بۇنداق گەپلەرنى بەزىلەر كۆپتۈرۈپراق ئېيتىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن قەلەندەرچىلىكنىڭ بىز خەقتە بارلىقى راست، ئازايماستىن كۆپىيىۋاتقىنى ھەم راست. تەن ئالماي تۇرالمايمىز.
قەلەندەرچىلىك بىزدە قانداق پەيدا بولۇپ قالغان؟ بەزىلەر ئۆتمۈشتىكى نامراتچىلىقتىن كېلىپ چىققان، دېيىشسە، بەزىلەر ئۆتمۈشتىكى جاھالەتلىك تارىخىمىزدىن، نادانلىقتىن پەيدا بولغان، دېيىشىدۇ. مېنىڭچە بۇمۇ ئاساسلىق تاشقى خاراكتېردىكى ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز خورلاش( ئەمگەكسىزلەرنى، قېرى-چۈرىلەرنى، بېقىمسىز ناتىۋانلارنى ھەم تىرىكچىلىكتە پاناھسىز قالغان ئەجداد، ئەۋلاد ...لىرىنى خورلاش، تاشلىۋېتىش) ئالامەتلىرىدىن پەيدا بولغان، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇلاردىكى قارا قورساقلىق، نومۇس سېزىمىنىڭ تۆۋەنلىكى، مىللىي غۇرۇر دەيدىغان ئاڭنىڭ يوقلىقى، تاشيۈرەكلىك... قەلەندەرچىلىكنىڭ داۋاملىشىش مەنبەسىدۇر.
ئالايلى، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك ئادەتلىرىدە كالا، ئېشەك بېقىش، توخۇ-ئكردەك بېقىش، ئۆي بېقىش، نەۋرە بېقىش، باغ بېقىش، خامان بېقىش... لار، ئۆي، ھويلا-ئارام خىزمەتلىرى ئومۇمەن ئەمگەكتىن قالغان بوۋاي-مومايلارنىڭ ئادەت مەجبۇرىيىتى بولۇپ قالغان. تاشقارقى ئۆيلەردە، ئايۋان-دالانلاردا، بۇلۇڭدىكى ئىسكەتسىز سۇپا-كاراۋاتلاردا تۇراقلىق ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ-قوپۇش ... بوۋاي-مومايلارغا بالىلىرى تەرىپىدىن «ئىمتىياز». ئەسكى يوتقان، يىرتىق كۆرپە، تىتىلىپ كەتكەن كىگىز-پالاز، ياماقتىن ئەسلىنى بىلگىلى بولمايدىغان كىر تەكىي، كونا كىيىم، ئەسكى جابدۇق يەنىلا شۇ بوۋاي-موماي، قېرى-چۆرىلەرنىڭ «تىرىكچىلىك مۈلۈكلىرى». ئەتىدىن كەچكىچە تىنماي مىدىرلايدىغانلار، ئۆينىڭ ئوتۇن-كۆمۈر، سۈيىنى توشۇيدىغانلار، ئەخلەت-كۈللىرىنى تۆكۈدىغانلار، دەككە-دەشنام يەيدىغانلار، گېپى ئۆتمەيدىغانلار، «تىرىك تاپ»، «قىلىقى سەت»، «پىتلىق»، «پاسكىنا»، «قالاق»، «ئەخمەق»، «يوقامچى»، «قەلەندەر» دېگەندەك تىل-ھاقارەتلەرنىڭ نىشانى بولۇپ تۇرۇۋاتقانلار، ئاشقان-تاشقاننىڭ ئىگىلىرى، ئاچقۇچ تەگمەيدىغانلار، «يۈك» ئادەملەر، ئىگە-چاقىسىزلار يەنىلا شۇ قېرى-چۆرىلەر.
دېمەك، بىزنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىزدا قېرىغان ئاتا-ئانىلىرى، قېرى-چۆرىلىرىنى ئوبدان كۈتمەيدىغان، خورلايدىغان ھەتتا تاشلىۋېتىدىغان قىلىق-قىلمىشلار ساقلىنىپ كەلگەن ھەم كېلىۋاتىدۇ. بۇ، ئەمەلىيەتتە ئەجدادىنى خورلاش، ئۆزىنى خورلاشلا بولۇپ قالماستىن بەلكى مىللەتكە ھاقارەت كەلتۈرۈش، ئەلۋەتتە. ئۆز پۇشتى-ئەۋلادىنىڭ ئەنە شۇنداق «بېقىش»، «كۈتۈش»ىگە قالغان قېرى-چۆرىلەر ئارىسىدىن «قەلەندەر»، «ساھىل»، «ئابدال»، «مەدداھ» چىقماي نېمە چىقىدۇ؟ قېرى-چۆرىلىرىنى تاشلىۋېتىدىغان كىشىلەر نومۇس قىلمىغان يەردە جان بېقىش بىچارىلىقىدا تىلەپ يۈرگەن قېرىلار نومۇس قىلاتتىمۇ ؟ تۇرمۇشتىكى قىسمەت قىيامەتلىرىنى شۇنداقلارنى نېمىلەر قىلغۇزمايدۇ؟
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ X تېغى باغرىدا گەمە قېزىپ ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرغىلى بەش يىل بولغان تىلەمچى بوۋاي « X ۋەيرانى» (ئەتراپىدىكى قەلەندەرلەر ئۆز ھالىغا باقماي قويۇۋالغان لەقەم) ئۆزىنىڭ قەلەندەر بولۇپ قېلىش تارىخىنى مەن «ئىزچى»غا ئەسلەپ مۇنداق بايان قىلىپ بەردى: « 72 گە كىردىم. ئۈچ قىز، ئۈچ ئوغلۇم بار. ھەممىسى بېجىرىم چوڭ بولغان. قىزلار ئەرنىڭ قولىدا، بىر ئوغلۇم دېھقان، بىر ئوغلۇم باققال، كىچىك ئوغلۇم 18 ياش چېغىدا ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ئۈچ-تۆت يىلدىن بېرى كەلمىدى، بالىلىرىمنىڭ ئانىسى سەككىز يىل ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن. تاپقان-تەرگەنلىرىم قىزلارنى چىقىرىش، ئوغۇللارنى ئۆيلەش ... بىلەن تۈگىدى. مەن ئۆيدە بىرەر يىلدەك يالغۇز ئۆتۈپ باقتىم. قىزىم بېرەرمىكى، كېلىنىم بېرەرمىكى دېگەن تەمە بىلەن ھەر كۈنى تەلمۈردۈم. سەت كۆرۈنگىلى تۇردۇم. بىر كۈنى ئەتىگەندە چاي بېرەرمىكى، دېگەن ئوي بىلەن چوڭ ئوغلۇمنىڭ ئۆيىگە كىردىم. چاينىڭ ئورنىغا چوڭ كېلىنىمنىڭ ‹ كۈندە بېزىرىپ كېلىۋېرەملا...›دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ ئىزا-ئاھانەتتىن ئۆلمىدىم، بېرىسى بولدۇم. ئەتىسى كەچتە ئېچىرقىغان ھالدا ئىككىنچى ئوغلۇمنىڭ ئۆيىگە كەچلىك غىزاغا كىرسەم، غىزا ئورنىغا ‹ باشقا ئوغۇللىرىنىڭ ئۆيىگە نېمىشقا بارمايلا ؟...› دەپ دەشنام بەردى. بارا-بارا تۈتۈن ماراپ ئاچ-توق قالدىم. پۇل يوق، ئاش-نان يوق. ھالىمدىن خەۋەر ئالىدىغان ھېچكىمىم يوق. يالغۇزلۇق ئۆلۈمدىن يامانكەن. نەگە بېرىشىمنى، نېمە قىلىشىمنى بىلمەي ئاخىر بىر قەلەندەر بوۋاي بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ X مازىرىمغا چىقىۋېلىپ ‹ ساۋاب تاپاۋىتى› قىلدىم. كۈنۈم ئوبدان ئۆتتى. لېكىن بالىلىرىم بۇنى بىلىۋېلىپ مازاردىن مېنى ھەيدەپ كېلىپ ‹ بىزنى نومۇسقا قويدۇڭ ئۆلمىگۈر ئوغرى ...› دەپ تىللاپ داۋامنى بەردى. بىرەرسىنىڭمۇ ئۆيىگە پاتمىدىم. ئاخىرى 1988-يىلى ئۈرۈمچىگە چىقىۋالدىم. تىلەپ تاپىمەن، تاپاۋىتىم ئوبدان، بۇلتۇر بىر قىزىمنى ئېرى تالاق قىلىۋېتىپتىكەن، يەتتە ياشلىق قىزىنى ماڭا ئەۋەتىپ بەردى. بۇ يىل يەنە بىر ئوغلۇم 11 ياشلىق بىر ئەما قىزىنى ماڭا ھەمراھ قىلىپ ئەۋەتىپتۇ. تىلەپ يۈرۈپ بۇ نەۋرىلەردىنمۇ خەۋەر ئالىمەن ...»
ئاھ پەرۋەردىگارا، قاراڭلار خالايىق، بۇ بوۋاينىڭ بالىلىرىدىكى ۋىژداننى! بىزدە مۇشۇنداق قارا قورساق ۋاپاسىز، ئىچى قارا تاشيۈرەك بالىلار ئازمۇ ؟ مۇشۇنداق تەقدىردە ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان قېرى-چۆرىلەرچۇ؟
يۇرتلىرىنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە جايلىشىۋېلىپ ئوقەتچىلىك قىلىشىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدىمۇ يۇرتتىكى قېرى ئاتا-ئانىلىرىنى قىشتا ئۈرۈمچىگە ئەكىلىۋېلىپ تىلەمچىلىككە سېلىپ پۇل-ۋەج تاپقۇزۇۋېلىپ، يازلىق ئىشلار چىققاندا يۇرتلىرىغا ماڭغۇزۇۋېتىدىغانلارنىمۇ ئۇچراتتىم. ھەتتا بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز قېرى-چۆرىلىرىنى تىلەمچىلىككە «كەسپ»لەندۈرۈۋاتىدۇ، بۇنداقلاردىنمۇ ئۈرۈمچىدە خېلى ئۇچراتتىم. تىلەمچى بوۋاي-موماينىڭ تىلەپ تاپقانلىرىنى بىرمۇ بىر سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىۋېلىپ تۇرىدىغان يىگىت-قىز ئۇيغۇرلىرىمىزدىنمۇ نەچچە ئوننى زىيارەت قىلدىم. «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىدىڭ، مال-دۇنيا قالدۇرالمىدىڭ، خوتۇن ئېلىپ بەرمىدىڭ، ياتلىق قىلالمىدىڭ، ئۆلۈملىكىڭنى بولسىمۇ ئۆزۈڭ تاپ ...» قېرى ئاتا-ئانىلىرىنى قىستاپ قېشىدىن قوغلىۋەتكەنلەر، ئۆيىدىن ھەيدىۋەتكەنلەر، ئارام خۇدا جان ساقلاشقا يول بەرمەيۋاتقانلاردىنمۇ خېلى كۆپ ئۇچراتتىم. مانا مۇشۇنداق بوۋاي-مومايلىرىمىزغا تىلەمچىلىك قىلماي نە چارە ؟ يۇقىرىقىلار بىزدە تىلەمچى-قەلەندەر پەيدا بولۇشتىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى.
تويلىشىشمۇ ياكى چىرىكلىشىشمۇ؟ ئاپتورى : ئىزچى 1.ئەنئەنىۋى نىكاھ-توي مىزانلىرىمىزدا پۇل-مال، دەپن-دۇنيا، ئابروي، نەسەب-مەنسەب، ئىمتىياز ۋە باشقا باھانە-سەۋەبلەر روھى سىڭگەن ۋە ياكى سەۋەبچىلىك تەسىرى بولغان قىز-يىگىت تويى بىزدە ئەزەلدىن ساغلام-پاك (ھالال) توي ھېسابلانغان ئەمەس. ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن نۇرغۇن توي-تۆكۈن مىزان-قائىدىلىرىمىزدە، جۈملىدىن نىكاھ-توي «رىسالە»مىزدە بۇ قارىشىمىز مۇنداق دەلىللەنگەن: «... نىكاھدىن مۇددىئا : نىكاھى قېتىلغان قىز-يىگىتنىڭ پاك-ھالالەت خۇدايى بەندىچىلىكى ئۈچۈن، ئەبەدىل-ئەبەد جۈپتى ھەمدەملىكى ئۈچۈن، خۇدالىق پەرزەنت ئۈچۈندۇر... نىكاھى قېتىلغان مەزكۇر مۆمىنلىرىمىزنىڭ نىكاھ-توي مۇراسىملىرى ئاشكارا ۋە خۇپىيانە تەمەدىن، زورلۇق-ناشايان ئەلەمدىن، كۇفرانە ھەشەم-مالامەتلەردىن، دەپن-دۇنيا ساراسىمىلىرىدىن، نەھى ھارامدىن (قويۇق-سۇيۇق، قاتتىق-يۇمشاق، مەست ۋە بىھۇش قىلغۇچى خۇرچ-بۇيۇملاردىن -- ئىزچى)، قەرزدىن، بىچارىلىق ئەلەملىرىدىن، شەرمى-ھايادىن ... پۈتۈنلەي خالى، بەندىلىكتە ساۋابلىقى روشەن ئادەت يوسۇن ... بىلەن تامام بولمىقى شەرتتۇر ...». توي-مۇراسىملىرىمىزدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-يوسۇنلار توغرىسىدا بۇ «رىسالە»دە يەنە تۆۋەندىكى زۆرۈرىيەتلەر قەيت قىلىنغان: «... نىكلاھى قېتىلغان مەزكۇر ئىككى مۆمىننىڭ ھەقدار ھامىيلىرى (ئاتا-ئانا، بىۋاسىتە ھامىيىلىك ئاكا-ئۇكىلىرى -- ئىزچى) نىڭ خۇدالىق خالىس ھەمدەملىكى، مۇراد-مەقسەت بىرلىكى، شەپقەت-شاپائەت ئېتىبارى مەزكۇر ئىككى مۆمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئىقبال ۋە تەقدىرىگە مەنبەدۇر... نىكاھى قېتىلغان مەزكۇرلەرنىڭ دەستۇرخان-سورۇنلىرى، مەسۇمە(قىز -- ئىزچى) نىڭ تويلۇق ھەققى مېھرى، تويلۇق بوخچا ۋە تويلۇق باراۋەت...لىرى ھامىيلىرى ۋە نىكاھى قېتىلغان ئىككى مۆمىننىڭ نەفتانە مال-دۇنيا مادارىغا بىنائەن ھەم شۇلارنىڭ قۇربىتى، رازىلىقى بىلەن زەخىمسىز، زورلۇقسىز ئۆتمىكى خۇدالىق دالالەتتۇر... نىكاھ-توي ئىنسان ئۈچۈندۇر. مال-دۇنيا، مەئىشەت ئۈچۈن بولمىقى دىنىمىزغا مۇخالىپتۇر...». «... مەسۇمە تەرىپىدىن ئۈچ ھامىيە (قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى، چوڭ ئاتا-چوڭ ئانىسى، بىۋاسىتە ھامىيلىق يەتكۈزىدىغان بالاغەتلىك چوڭ قېرىنداشلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ --- ئىزچى)، يىگىتتىن بىر ھامىيە (ئاتا-ئانىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ -- ئىزچى) تويدىن خالىس نېسىۋە ئالماق جايىزدۇر... ئۇنىڭدىن غەيرىلەرنىڭ نەپ ئالمىقى ھارامدۇر... رەئەييە-پۇقرانىڭ قىزلىق توي بوخچا-بوغۇنچىلىرى قوش قاتتىن لىباس (بىر جۈپتىن باش-ئاياغ ئېغىزمان كىيىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ -- ئىزچى)، قوش قەۋەتتىن ئەۋرەت كىيىملىرى (ئىچ كىيىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ -- ئىزچى)، لېچەك (ئىككىدىن باز ياغلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ-- ئىزچى)، زىبۇ-زىننەت (بايلار ئالتۇندىن، ئادەتتىكى پۇقرالار كۈمۈشتىن زىرە، بىلەزۈك، ئۈزۈك ئالمىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ -- ئىزچى) لەر بىلەن تەللەنمىكى ئەزەلدىن ئادەتتۇر... مەسۇمەنىڭ توي لىباسلىرى ئۆزىنىڭ رازىلىقى بىلەن ھەم لايىق تەل قىلىنمىقى، ھەرىتە (قەرز ئېلىپ تۇرغان) بولماسلىقى تەلەبتۇر... مەھبۇبىنى رازى ۋە مەمنۇن قىلماق، ئەلەمسىز خەۋەر ئالماق، كىيىندۈرمەك... ئەرگە ئۆمرىۋى شەرت ھېسابلانغان، مېھرى پاكلىقىنى ئۆز روزىگاھىدىن (ئېرىدىن -- ئىزچى) غەيرىگە بۇزماقتىن، ئەر ئۆمرىگە خىيانەت قىلماقتىن خالى ۋەيراف بولماق، ئائىلە، پەرزەنت ۋە خۇدايى تىرىكچىلىكتە ئەرگە ھەمياران بولماق، مېھرى بەرۈك مەسۇمە خاتۇنغا خۇدالىق ئەمەل، مەجبۇرىيەتتۇر...». ئۇيغۇرلارغا خاس بولمىش بۇ «توي رىسالىسى»دە يەنە مۇنداق تەكىتلەنگەن : «... نىكاھى چۈشكەن ئىككى مۆمىننىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ئىنسانلىق تەڭلىكى، ۋابال-ساۋابىنىڭ ئورتاقلىقى، رىزقى-تەقدىرىنىڭ ھەم دىيانەت-ساداقىتىنىڭ بىرلىكى، مەزكۇر مۆمىنلەرنىڭ ئىرادە-ئىختىيارىغىلا خاستۇر، دەخلى-تەرۈزسىزدۇر...». «... نىكاھ-توي جەرەستانلىرى (نىكاھ-توي سورۇنلىرى، مۇراسىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ -- ئىزچى)نى بىر چاي، بىر توي، بىر مەشرەپ، بىر سالام، بىر قىچقىرىق، بىر يۈز ئاچقۇ ۋە بىر خاتىمە دۇئا دەستۇرخانى بىلەن تاماملىماق شەرىئەت دالالىتىدۇر. مۇسۇلمان توي پاتىھەلىرىنى ئاچكۆزلۈك، ھەشەمخورلۇق، ھەسەت، بۇزۇپ-چېچىش، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپخورلىقى بىلەن ئۆتكۈزمەك دەۋزىخى گۇناھدۇر...» توي قىلىشقان ئەر-خوتۇننىڭ تويدىن كېيىنكى ئۆمۈرلۈك مۇناسىۋەت-مەجبۇرىيەتلىرى ئۇيغۇرغا خاس بولمىش بۇ «توي رىسالىسى»دە يەنە مۇنداق قەيت قىلىنغان : «... ئەي يىگىت! ئاگاھ ۋە ۋاقىب بولغىنكى، نېرىسى ئۈچ ئايلىقتىن ئارتۇق سەپەرگە تاشلاپ كەتمىگەيسەن، ئۈچ مەرتەبە قەستەن گۇناھ سادىر قىلمىغۇچە بىر زەررە (تاك ئېتىپ) چەكمىگەيسەن؛ ئۆمۈرۋايەت خارلىق-خاھلىقتا، پەقىرچىلىكتە، پىغان-ھەسرەتتە قالدۇرمىغايسەن؛ بولغۇسى پەرزەنتلەرنى خارلىق-خاھلىقتا، خۇدايى ئىسلامدىن غەيرىي ھالەتتە ھەم يامان كۈن، ناشايان تىرىكچىلىكتە قالدۇرمىغايسەن؛ سەۋدايى-غەزەب، گۇمان بىلەن ۋە ياكى مەست-بىھۇشلۇقتا نىيەت بۇزۇپ پاكتسىز ‹تالاق› قىلمىغايسەن... مەزلۇمە شەكسىزدۇر» «ئەي مەزلۇمە! ئاگاھ ۋە ۋاقىب بولغايسىزكى، سۆيگىنىڭىزنىڭ ئىككىلا ئالەملىك ھەققى-نېسىۋىسىگە قارا سانىمىغايسىز، نامەھرەمگە قارىمىغايسىز؛ ئەرنىڭ ھالال ئەمرىگە، لەبزىگە، ئەرلىك ھۈرمىتىگە مۇخالىپ ھەۋەسكە، شەيتان ۋەسۋەسىسىگە بېرىلمىگەيسىز. بولغۇسى پەرزەنتلەرنى ئۆز ئەجدادى ئىزىدىن تايمايدىغان، ۋاپادار، تەندۇرۇست، مۇسۇلمان، ئەھلى ۋەتەن، ئىشچان، ئەخلاق-ئەدەبلىك ... ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ، ئەۋلادى خىللىقنى ۋە ئەۋلادى پاكلىقنى ... ئادا قىلغايسىز...» ئىسلامىيەتنىڭ توي-تۆكۈن پرىنسىپلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى نىكاھ-توي قائىدە-يوسۇنلىرى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بۇ خىل يەرلىك نىكاھ-توي رىسالىلىرى بىزنىڭ ئەنئەنىۋى توي-تۆكۈنچىلىك تارىخىمىزدىكى قىممەتلىك يازما نەمۇنىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەجداد ئەدىبلىرىمىزدىن ئەنئەنىۋى توي-تۆكۈن قائىدە-مىزانلىرىمىز سۈپىتىدە يېزىپ قالدۇرۇلغان يەنە باشقا بەزىبىر يازما خاتىرىلەردىمۇ قىز كۆيگەن، يىگىت سۆيگەن، تەڭتۇشلۇق، جىسمانىي سالاھىيەت، ئىختىيارلىق ئۆلچەم قىلىنغان، قۇدىلار رازىلىق بېرىشكەن، ئەل-يۇرت لايىق بىلگەن، مادارى يەتكەن خىراجەت مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىپ سورۇن ئاچقان، دەستۇرخان يايغان، ئادەت-قائىدە ئورۇندىغان، تەقدىرىگە قەرز، دەرت قالمىغان توينىڭ دىنىمىزدا «سۈننەت» ھېسابلانغان خۇدالىق پاك توي بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. 2.تويلىشىشمۇ ياكى چىرىكلىشىشمۇ؟
جەمئىيىتىمىزدە بازار ئىگىلىكىگە يۈزلىنىش، پۇل تېپىشقا بېرىلىش كەيپىياتى ئۆرلىگەندىن بۇيان پۇلپەرەستلىك (پۇلغىلا چوقۇنۇش، پۇلنىلا ئويلاش، پۇل ئۈچۈن ھەرقانداق قىلىق-قىلمىشلاردىن يالتايماسلىق، ساختىپەزلىك، ھارامخورلۇق، ئالدامچىلىق، قويمىچىلىق... قىلىش) خاھىشلىرى باش كۆتۈرۈپ جەمئىيەتلىشىپ كەتتى. پۇلغىلا يۈزلەنگەن، پۇل ھەممىگە قادىر بولۇۋاتقان جەمئىيەتتە چىرىكلەشكەن شەخسىيەتچىلىكنىڭ، چىرىكلەشكەن ئىجتىمائىي كەيپى-ساپاچىلىقنىڭ ۋە چىرىكلەشكەن ھەم تېخىمۇ ياۋۇزلاشقان پۇل تېپىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەۋج ئالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق جەمئىيەتتە مىللىي ئاڭ، مىللىي قائىدە-مىزان، مىللىي ئەخلاق، مىللىي تۇرمۇش ئەنئەنىلىرىنىڭ رولىنى، خىسلەت-خاسىيەتلىرىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس. ئىجتىمائىي پەنلەر ھەم مەدەنىيەتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى قوغداپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇ ساھەلەرنىڭ ئالىم-ئۆلىما، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ پاكلىق-پەزىلەتلىرىنىڭ راۋاجىنى قوغداپ قېلىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەنئەنىۋى مىللىي خىسلەت، مىللىي ئۆرپ-ئادەتنىڭ پاكلىق شان-شۆھرىتىنىمۇ قوغداپ تۇرغىلى بولماي قالىدۇ. پۇل-بايلىق ھېسسىياتى ئۈستىدە زامانىۋىي مەدەنىيەت، زامانىۋىي ئەقىل-ئىدراك ھككۈمرانلىق قىلمىسا ئۇ خىل پۇل-بايلىق ھېسسىياتى ئاقىۋەتتە چېكىدىن ئاشقان ئىجتىمائىي چىرىكلىكنى، پۇلدار شەخسلەر ۋە پۇلدار تەبەقە-گۇرۇھلارنىڭ ھەرخىل بۇزغۇنچىلىقلىرىنى، شۇنىڭدەك ئېكسپلاتاتسىيە، ئېزىش ئىمتىيازلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جەمئىيەت كەيپىياتى بۇزۇلىدۇ، ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بۇ خىل پۇل غايىسى ئاقىۋەت بىزنى مىللىي روھىمىزدىن، غايىمىزدن، قەدىر-قىممەتتىن ھەتتا بىرنەچچە ئەۋلاد كىشىلىرىمىزنى ساغلام روھىدىن مەھرۇم قىلىۋېتىدۇ.
بىزدە ھازىر باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىجتىمائىي كەيپىيات چىرىكلىكى ھەم بۇ خىل كەيپىياتنىڭ تۈر-تەركىبلىرىدىن بىر ساھە بولۇپ تۇرغان توي-تۆكۈن مۇراسىملىرىدىكى تۆۋەندىكى چىرىكلىكلەر يۇقىرىقى قارىشىمىزنىڭ دەلىلىدۇر.
قىز-يىگىت تويى تاپاۋەت پۇرسىتى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ
ئۆزىنى «مەن» چاغلايدىغان بەزى پۇل-ۋەجخۇمار كىشىلەر رېسىدە بولغان مەسۈمە قىزلىرىنىڭ نىكاھ-تويىنى تاپاۋەت پۇرسىتى، نام-شۆھرەت تېپىش پۇرسىتى قىلىۋېلىپ، بولغۇسى كۈيئوغۇل تەرەپنى ئېغىرلاشقان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كۈلپەتلەرگە دۇچار قىلىشىۋاتىدۇ. مەن بۇلتۇر يازدا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ھەم مۇلازىمەت مەسلىھەتچىلىكىنى قىلغان بىر توينىڭ ئوغۇل تەرەپ چىقىم خاتىرىسىدە مۇنداق قۇرلارنى ئۇچراتتىم: «... قىزنىڭ تويلۇق كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت ... چىقىمى 19750يۇەن، قۇدىلار دەستۇرخان سورۇنلىرى چىقىمى 10200يۇەن، توي ھەم ھەر خىل چايلارنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك چىقىمى 9900يۇەن، ۋىچىركا چىقىمى 7500يۇەن، توي-مەرىكىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ماشىنا-پىكاپلار، سازەندىلەر، ناغرىچىلار، سۈرەتچىلەر، سىنئالغۇچىلار، ئاشپەزلەر، خىزمەت قىلغانلار ... چىقىمى، زال ئىجارىسى (بۇ ماتېرىيال يېزىلغان دەۋر 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرى بولغاچقا رېستوران ئاز بولغاچقا ئىدارىلەرنىڭ زاللىرى ئىجارە ئېلىنىپ توي قىلىناتتى ــ دادخاھ)، سۇنغان قاچا-قومۇچ، بۇزۇلغان مۈلۈك-جاھازلار ئۈچۈن كەتكەن چىقىم جەمئىي 11400يۇەن، قىز-يىگىت ئۆيىنى جابدۇش، ئۇلارنى رازى قىلىش چىقىمى 22140يۇەن، جەمئىي 81مىڭ 900يۇەن بولغان».
تۆت يەردە تىجارەت دۇكىنى بار، چەتئەللەرگە چىقىپ-كىرىپ تىجارەت قىلىش ئىمتىيازى بار، ھاجى-ھەرەمى، ئەل-خالايىق ئىچىدە «ئىمان»، «ۋىجدان»، «مىللەت»، «غۇرۇر»، «ئەخلاق» دېسە ھېچكىمگە گەپ بەرمەيدىغان بۇ يېقىن بۇرادىرىم XX ھاجى بايۋەتچى ئارزۇلۇق ئۈچ قىزىنىڭ رېسىدە بولغان بىرىنى ـــ «خ ئوماق»نى ھازىرقى چاغلاردىكى ئوتتۇراھال باھالىق بىر پىكاپنىڭ باھاسىغا توغرىلاپ بازارغا سالغان. دېمەك بۇرادىرىم XX ھاجى بايۋەتچى ئوماق بىر قىزىنى مېھرىبان كۈيئوغۇل بالىسىغا ئەمەس، بەلكى بىر نەچچە ساندۇق لاتا-پىتىگە، بىر ئوچۇم زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىغا، بىرتالاي ھەشەم كۆزنەكلىرىگە، ناھايىتى داغدۇغا ھەشەمنىڭ ئاتاقلىرىغا بېرىۋەتكەن.
شۇنىڭغا ئېچىنماي تۇرالمايمىزكى، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى پاك مۇھەببەتنى مەنبە قىلغان نىكاھ-توي ئادىتىمىز مانا ئەمدىلىكتە ئەنە شۇنداق ئېغىرلاشتۇرۇلغان پۇل-ۋەج زەربىسىگە، ناھايىتى كۆپ دەردىسەرلىكنىڭ، كەيپى-ساپاچىلىقنىڭ، ئۇچىغا چىققان شۆھرەتپەرەستلىكنىڭ، سازايى ھەشەمخورلۇقنىڭ ۋە ھەددىدىن ئاشقان ئىسراپخورلۇقنىڭ زەربىسىگە دۇچ كەلگەن.
«پۇل ھەممىگە قادىر» دەپ قارايدىغان زامانىمىزنىڭ نادان بايۋەتچىلىرىدىن سوراپ كۆرەيلى : پۇل-ۋەج، بەدخەجلىك قىز-يىگىت مۇھەببىتىنىڭ ئۇلى، قىز-يىگىت بەختىنىڭ تەقدىرى كاپالىتى بولالامدۇ؟ قىز-يىگىت مۇھەببىتىنى ئىناۋەت ئاساسى بولالامدۇ؟ مۇھەببەتنىڭ ئكلچىمى بولالامدۇ؟ ...
بىز ئوغۇل ئۆيلەش، قىز چىقىرىش چىقىمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىش سەۋەبى بىلەن پاتمان قەرزگە بوغۇلۇپ ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقان، توي قىلىشقا پۇل تېپىش ئۈچۈن ئوغرىلىق، خىيانەتچىلىك، ئالدامچىلىق ھەتتا بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ تۈرمىلەرگە كىرىپ قالغان، مەگۈلۈك تەقدىرىنى نابۇت قىلىۋەتكەن يىگىتلەرنى،قىزلارنى، قۇدىلاشقۇچى ئاتا-ئانىلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ پۇلپەرەستلىرىمىز بۇ خىل ھادىسىلەرگە ئىچ ئاغرىتامدۇ ؟ كۈلەمدۇ ؟
پۇل-ۋەج ھېسسىياتى نىكاھ-مۇھەببەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشكە يۈزلەنگەندىن بېرى جەمئىيىتىمىزدە ھەرخىل ئىجتىمائىي ئەدەبسىزلىكلەر، ھەر خىل ئىجتىمائىي بۇزۇقچىلىقلار كۆپىيىپ كەتكەندىن باشقا، كىشىلەر ئارىسىدا تولا ئاجرىشىدىغان، توي قىلىشنى خاھلىمايدىغان، توي-نىكاھسىز جىنسىي بۇزۇقچىلىقى بولغان زىناخورلۇ قىلىشىدىغان ئادەملەر كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. خاپىلىقتا ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغان، چېكەرمەن، ئىچەرمەن بولۇپ قالىدىغان، نومۇسىنى ساتىدىغان، ئۆلۈۋالىدىغان، ساراڭ بولۇپ كېتىدىغان ۋە باشقا تۈرلۈك-تۈمەن رەزىللىكلەرنى قىلىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ جەمئىيەت كەيپىياتىنى بۇزۇشۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ شۆھرەتخۇمار بايۋەتچىلىرىمىز ۋە پۇلخۇمار قۇدا-باجىلىرىمىز بۇ خىل ئىجتىمائىي مىللىي بۇزۇلۇشنى نېمە دەپ چۈشىنىدۇ؟
نىكاھ-توي مۇراسىملىرى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا جامائەت ۋە جەمئىيەتكە خاس خەلق مۇراسىملىرىدۇر، قىممەتلىك مىللىي ئەنئەنىدۇر. توي-تۆكۈن چىقىملىرىنى ئاشۇرۇۋېتىش، ھەشەمخورلۇق، داغۋازلىق، ئاچكۆزلۈك، شۆھرەتپەرەستلىك ... قىلىقلىرى بىلەن ئەنئەنىۋى توي-تۆكۈن ئادەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاش قىلمىشلىرى بەرىبىر جامائەت ۋە جەمئىيەتكە مەنسۇبلانغان ئىجتىمائىي ئېغىرچىلىق بولۇپ قېلىۋېرىدۇ، مىللەتنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىدۇ، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى خارابلاشتۇرىدۇ، شۇ تىپتىكى پۇلدار بايلار ۋە ئۇلارنىڭ چىرىك ئادەت-قىلىقلىرى بىر قىسىم جامائەتچىلىكنىڭ ئەگىشىدىغان ئۈلگىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ ناھايىتى ئاجىز ھالەتتىكى ئۇيغۇر ئېكېئولوگىيىسىنىڭ يىمىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ. بۇنى ئېغىر مىللىي بۇزۇلۇشنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى، دېمەي مۇمكىن ئەمەس.
, توي-تۆكۈننىڭ تەقدىرى مەنپەئەت كۆزلىگەن بەزى قۇدىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ
ئەركىن نىكاھ-مۇھەببەت نىكاھلانغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا رازىمەنلىك ۋە خۇشاللىق بېغىشلىشى لازىم ئىدى. ۋەھالەنكى، پۇل ۋە شۆھرەت مەقسەت قىلىنغان نىكاھنى قىز-يىگىت ئەمەس بەلكى ئاتا-ئانىلار ۋەكالىتەن ھۆددىگە ئېلىۋېلىپ، ئۇنى سودىغا ئايلاندۇرۇۋالغاچقا، قۇدىلاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت باشتىلا قىز-يىگىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئاسمان-زېمىن پەرقلىق ھالدا تولىمۇ سىرلىق ۋە ساختا قىياپەتكە كىرىدۇ. ھەممە ئىش «قىل» ئۈستىدە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ «قىل» چۇچۇسىنى بىرقانچە سۇخەنداز دەللاللار ۋە ياكى «تۈك ئۈندۈرگۈچى» «توي مەسلىھەتچىلىرى» تۇتقان بولىدۇ. تويدىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىكتىن تاكى تويدىن كېيىنكى رەھمەتچىلەرگىچە ئىككى ئائىلە كۆرۈنۈشتە ئىناق، ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىگە «پىكرى جىق» بولىدۇ. ھەتتا يامانلىشىپ قوشۇمچە «ئىشتىراپ ئېلىش» ياكى نىكاھنى بۇزۇپ قايتا «سودا» قىلىش ھالەتلىرىگە راۋاجلىنىدۇ، بۇ دۈشمەنلىشىشنى كۈچەيتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. قۇدىلارنىڭ كېلىشەلمەسلىكى، يالغان ھىجىيىشلىرى، تويى بولغان پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئارىلىشىپ، قاملاشمىغان سۆز-چۆچەكلەرنى قىلىپ يۈرۈشلىرى تويى بولغان قىز-يىگىتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە دەز كەتكۈزۈۋېتىدۇ. بۇ ھال كېلىپ كۈيئوغۇل بىلەن قېيىنئاتا-قېيىنئانا، كېلىن بىلەن قېيىنئاتا-قېيىنئانا ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتكە پىلتە بولۇپ بېرىدۇ. جەمئىيەتتە باش كۆتۈرگەن نىكاھتىن ئاجرىشىش، ئائىلە بۇزۇش، ئەر بۇزۇش، خوتۇن بۇزۇش، ئىچەرمەن-چېكەرمەن بولۇپ كېتىش، جىدەل-ماجرا، ھەتتا ئەر-ىوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي مېيىپلىك، ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى...نىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. مەنپەئەت ئىزدەپ، داغبازلىق قىلىپ بىر ئوبدان ئۆتۈۋاتقان بالىلىرىنىڭ ئىللىق نىكاھ-توي مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇۋېتىشكە، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشقا سەۋەبچىلىك قىلىشىۋاتقان ئۇنداق قۇدا-باجىلارنى قانداقمۇ پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنگەن، دېگىلى بولار؟ پەقەت پۇل-مال، مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇنداق «قۇدا-باجا»لىق، «تۇغقان »چىلىقنىڭ بۇزۇلمايدىغىنى يوق ھەم بۇنداق ئاتا-بالا مۇناسىۋىتىنىڭمۇ بۇزۇلمايدىغىنى يوق. يىگىت-قىزنىڭ ئىللىق مۇھەببىتىگە سالقىنلىق يۈرۈشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل تىرىكچىلىكىگە ئارىلىشىۋېلىش قەبىھ سەت قىلمىشتۇر. مەنبە بالىلار بۈشۈك تورى
|