illikdunya.biz abduheni
سەردار
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 93
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 181
شۆھرىتى: 2080 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1589 دوللار
تۆھپە: 133 ھەسسە
ياخشى باھا: 356 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 132(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-02-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رېستۇراندىكى پاجىئە
(ساتىرا)
بىر كۈن دوستلار يىغىلىپ،
قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.
ھۇزۇر ئىزدەپ بىر دەملىك،
رېستۇرانغا كىرىشتى.
پۇل دېگەننىڭ،راھەتنىڭ،
مېغىزىنى چېقىشتى.
يېگەنسىرى زوقلىنىپ،
يەنە گېلى قىچىشتى.
شېكەر سۆزلۈك خوجايىن،
بۇدۇشقاقتەك يېپىشتى،
<<توخۇ>>، <<ئۆردەك >>ھەم<< بېلىق>>،
قاتارلىشىپ كىرىشتى .
نى-نى <<ئېسىل>>ھاراقلار،
پېچەت بىلەن كېلىشتى.
گۈل غۇنچىدەك گۈزەللەر،
كۈتۈپ خىزمەت قىلىشتى.
<<يەنە ئىچىڭ يەنە...>>دەپ،
بوتۇلكىنى ئېچىشتى.
ئىچكەنسىرى دەرت_ئەلەم،
غايىپ بولدى،قېچىشتى.
يانچۇقتىكى پۇل-پۇچەك،
قىيان سۇدەك ئېقىشتى.
شادلىقىدا سۆزمەنلەر،
نەزمە_قوشاق قېتىشتى.
مەستلىكىدە بەزىلەر،
بىھۇش بولۇپ يېتىشتى.
گاھى بىرلەر چاقچاقتا،
گەپ ئۇرۇشتى،قىزىشتى.
چىدالمىغان<<نوچى>لار،
مۇشت تۈگۈشتى،ئېتىشتى،
دۈشمەنلىشىپ ئۆز_ئارا،
قاچا_قۇچا چېقىشتى.
ئاچچىق كەستى ئەقىلنى،
خەنجەر،پىچاق تىقىشتى.
ئۈچى ئۆلدى،نەچچىسى،
قان ئىچىگە پېتىشتى.
بەدخەجلىكتىن ئاقىۋەت،
مەھبۇس بولۇپ يېتىشتى.
پۇشمان بىلەن يۈرەكلەر،
پۇچىلاندى ئېچىشتى.
قانۇن سوتلاپ قاتىلنى،
ھۆكۈم قىلىپ ئېتىشتى.
ئەھلى ئاۋام-جامائەت،
ياقا تۇتۇپ قېلىشتى.
ئاتا-ئانا كۆز يېشى،
دەريا-دەريا ئېقىشتى.
ئەلەم بىلەن ئىسسىق تەن،
مۇردا بولۇپ قېتىشتى.
ئەقلى بارلار بۇ ئىشتىن،
ساۋاق_ئىبرەت ئېلىشتى.
ئۆز_ئۆزىنى رۇسلىشىپ،
توغرا يولغا كىرىشتى.
تۈزەلگەننى جەمئىيەت،
ئۆز قوينىغا ئېلىشتى.
تۆھپە قوشۇپ نەچچىسى،
مۇكاپاتمۇ ئېلىشتى
ئاپتۇر : مۇھەممەت داۋۇت(كۇچا ناھىيىلىك سىياسى كېڭەشتە)

مەنبە:<<شىنجاڭ ياشلىرى>>ژورنىلىنىڭ2001_يىللىق 8_سانى.






چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-03 10:57 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەردار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
كاۋاپ
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 105 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ قاچان بولغان ۋاقە دۇ  
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-10 13:14 | 新疆和田市

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كاۋاپ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2825
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 817(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىكاۋاپنىڭ2009-05-10 13:14دە يوللىغان يازمىسى  :
بۇ قاچان بولغان ۋاقە دۇ  



كاۋاپ  پىشىشتىن  سەل  بۇرۇن  بولغانغۇ  دەيمەن !
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-10 13:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » شېئىرىيەت گۈلزارى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا