ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى : ،ئۇستازلار-شاگىتلار،ئاكا-ئىنى،ھەدە –سىڭىل،ۋە ئاشپەز توربېكىتىمىزنى ياقتۇرۇپ قوللاپ كىلۋاتقان بارلىق تورداشلار،ھەممىڭلارغا مەن ئاشپەزدىن ئوتلۇق سالام بولسۇن .
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئاشپەز تور بېكىتىمىزنىڭ 3يىلىقىنى تەبىرىكلەش شۇنداقلا تور بېكىتىمىزنىڭ تېخنىكىلىك ،مەسىلىلىرى ،ۋە تورداشلارنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى كوزدە تۇتۇپ ،ھەقىقى بولغان كەسپى ئاشپەز تور بېكىتى قۇرۇپ چىقىش ئۇچۇن كوپ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئازىرقىدەك ھالەتكە كەلدى .شۇڭا ئۇزۇندىن بىرى سىلەر ئۇچۇن ئىسىل تائاملارنى يولاپ بۇلالمىدىم .مىنى ئەپۇ قىلغايسىلەر .
بۇگۇن سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغام بولسا يېقىنقى پولونىڭ يېڭى بىر خىل تۇرى بولغان ئوزەم ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئىجاد قىلغان «مەرۋايىت پولو»نىڭ تەييارلىنىش ئۇسۇلىنى سىلەرگە ئېلىپ كەلدىم .
پولو _ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىدىن بىرى بولۇپ ، تەبىئىتى ئىسسىق ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ، تائاملار تۈرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تائاملار شاھىدۇر . پولونىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، ھازىر نەچچە يۇز خىلدىن ئاشىدۇ
مەن بۇگۇن سىلەرگە پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن پولومۇ دە مۇشۇ پولونىڭ بىر تۇرىنى .ئاددىيلاشتۇرۇپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي .
ئاساسى مەتىريالى:قوي گۇشى500گىرام،سۇ يېغى250گىرام،سەۋزە بەش دانە،باش پىياز ئىككى باش.گۇرۇچ بىريېرىم چىنە .
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،تۇخۇم بىردانە،كىراخمال كاۋاۋىچىن،زىرە،ئاق شېكەر
تەييارلاش باسقۇچلىرى:قوي گۇشىنىڭ سوڭىكىدىن،300گىرام لوق گوشنى ئاجىرتىپ بىر پاش پىياز بىلەن يۇمشاق چاناپ .تۇز ،ئاقمۇچ ،كاۋاۋىچىن،كىراخمال سېلىپ،ئارلاشتۇرۇپ،تۇخۇمنى چېقىپ تەييارلىۋالىمىز. ئۇستىخانلىق گوشنى 2پارچە قىلىپ تەييارلاپ قۇيىمىز.سەۋزىنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز،باشپىيازنىمۇتوغرىۋالىمىز.
بىريېرىم چىنە گۈرۈچنى (چوڭراق چىنە ئۆلچەم قىلىنسۇن ) پاكىز يۇيۇپ ئىلمان سۇغا چىلاپ قويىمىز ،(ئازراق گۇرۇچنى مەرۋايىت ئۇچۇن ئېلىپ قۇيىمىز.مەرۋايىت قىلىش ئۇچۇن لومى گۇرۇچى تەۋىسىيە قىلىنىدۇ)
پىشۇرۇش ئۇسۇلى:
قازانغا 250 گىرام ئەتراپىدا ماي قۇيۇپ چۈچىگەندە ئوبدان داغلاپ ، ( چوڭراق قوشۇقتا بىر قوشۇق قوي ماي ئارلاشتۇرساق تېخىمۇ ياخشى ) گۆشنى سالىمىز ، گۆش قىزارغاندا پىيازنى سېلىپ سارغايغىچە قورۇپ ، ( مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىپ ) توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ قورۇيمىز ، سۈيى پۈتۈنلەي تۈگىگەندە سۇ قۇيۇپ ، ( ئادەتتە بىر چىنە گۈرۈچكە بىر چىنە سۇ ئۆلچەم قىلىنىدۇ ، گۈرۈچنىڭ سۇ يىيىش ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشىلىدۇ ) ئوت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ سۈيى پىشقىچە قاينىتىمىز ، ئاندىن تۇزىنى تەڭشەپ ( تۇزى سەل ئۆتۈپرەك كەلسە ياخشى ) قازاننىڭ قاينىشىنى توختۇتۇپ تۇرۇپ ( سەۋزە ئاستىغا چۆككەندە ) ئىككى قۇشۇق شېكەرنى سىپىپ ،گۈرۈچنى يەڭگىل سالىمىز ، ئوتنى كۈچەيتىپ قازاننى تەكشى15مىنۇت قاينىتىپ ، سۈيى تۈگەشكە ئاز قالغاندا ، كەپكۇرنى سەۋزىگە يەتكۈزمەي سېلىپ گۈرۈچنى بىر قېتىم ئۆرۈپ ، ئاشنى قازاننىڭ ئوتتۇرىسىغىراق يىغىپ چۇكا سانچىپ ئۈستىگە سوققان زېرە سېپىپ ، گۆش، بېھې ، كىشمىش ،،،،قاتارلىقلارنى سېلىپ تۇۋاقنى يېپىپ ( قوشۇمچە نەرسىلەر شارائىتقا، ئىھتىياجغا ئاساسەن سېلىنسا بولىدۇ ) ئوتتۇراھال ئوتتا 2-3 مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن دۇملەيمىز ، كىيىن ئوت كۈچىنى تېخىمۇ تۆۋەن ھالەتكە ئەكىلىپ يەنە 20 مىنۇت دەم يىگۈزگەندىن كىيىن ئاچساق ئاش كۆيۈپ كەتمەي ياخشى پىشىدۇ ، پىشقان پولونى گۆشنى ئېلىۋىتىپ تۇرۇپ ياخشى ئارلاشتۇرۇپ تەخسىلەرگە ئۇسسىساق بولىدۇ
پولونى دۇملەپ پىشقىچە بولغان ئارلىقتا بىز مەرۋايىت كومىلاچنى تەييارلىۋالساق بۇلىدۇ.بىز بايامقى تەملەندۇرۇپ تەييارلىۋېلىنغان گوشنى قاق«گۇلە»چوڭلىقىدا يۇملاق شەكىلگە كەلتۇرۇپ تەيارلاپ قۇيۇلغان گۇرۇچنىڭ ئۇستىدە دۇمۇلاتساق گۇرۇچ چاپلىشىدۇ ،
تەكرار قىلىش ئارقىلىق ھەمىسىنى تەييارلىۋېلىپ قاسقانغا 20مىنۇت دۇملىسەك مەرۋايىت كومىلاچ تەييار بۇلىدۇ .بۇنى پىشقان پولونىڭ ئۇستىگە قۇيۇپ بىرگە ئىستىمال قىلىمىز .
ئالاھىدىلىكى: پولونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، تەبىئىتى ئىسسىق، قۈۋەتلىك، كۈچلۈك، قويۇق تاماق بولۇپ، بەدەندىكى خورىغان ئېنىرگىيىلەرنى ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈل بولغان ھەر خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلايدۇ.
ئەسكەرتىش : ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەر ھەر خىل سوغۇق سەيلەرنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىشى كېرەك .مۇنۇ يەردە پولو بىلەن بىللە ييىشكە ماس كىلدىغان سوغاق سەي تەۋىسىيە قىلىندى .
/bbs/read.php?tid-1928.htmlمۇنبەردىكى كەسىپداش،ۋە ئۇستازلارنىڭ پىكىر تەكلىپ بىرىشىنى سورايمەن