hantagri illikdunya.biz sohpat
تەتۈرى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1586
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 140
شۆھرىتى: 1460 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1460 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 171 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ دۇنيادا بىزنى ئۆزىگە تارتىدىغان، تەسىرلەندۈرىدىغان ۋە ئۆزىگە ئەگەشتۈرىدىغان ناھايىتى نەرسە ناھايىتى كۆپ. ئۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىش ۋە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ ئىشلەيمىز. بەزىلەر باشقىلارنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىش، جەمئىيەتتە ياخشى كۆرۈلگەن كىشى بولۇش ئۈچۈن تىرىشسا، بەزىلەر كۆپ پۇل تېپىش، باي بولۇش، مەشھۇر بولۇش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ كۈچ ۋە ئالىي مەنسەپلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايدۇ. ئارمان ۋە ئارزۇلىرىمىز كۆپ بولغاندەك، خەۋپ - ئەندىشىلىرىمىزمۇ ھەر خىل بولىدۇ. ھەۋەس بىلەن ئىنتىلگەن ئارزۇلىرىمىزنىڭ ھەر بىرى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەسلىك ئەندىشىسىنى پەيدا قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ بىزنى ياراتماسلىقىدىن، كەمسىتىلىشتىن، مەسخىرە قىلىنىشتىن، چەتكە قېقىلىشتىن ۋە يالغۇز قېلىشتىن قورقىمىز. قولغا كەلتۈرگەن ئىش ۋە مەنسەپتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمىز. پۇل - مالدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈستىمىزدىكى ھوقۇقدارلارنىڭ ناھەق ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، قارشى چىقىشقا ئاسانلىقچە جۈرئەت قىلالمايمىز.

مۇسۇلمانلىق – پۈتكۈل ئارزۇ ۋە ئەندىشىلىرىمىزنىڭ مەركىزىگە ئاللاھنى يەرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. «مۇسۇلمان» سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى ئۇقۇمى "تەسلىم بولغۇچى، باغلانغۇچى، نىجاتلىق ۋە سالامەتلىككە ئېرىشكۈچى" دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭغا كۆرە مۇسۇلمان ئاللاھغا باغلانغان ۋە ھاياتىنى ئىلاھىي تەلىماتلار بويىچە رەتكە سالغان كىشىدۇر. ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا باغلىنىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالغان بولىمىز. چۈنكى تەسلىم بولۇش - ئۆز باشقا ئىش قىلىشنى تاشلاپ، ئىلاھىي ئىرادىگە بويسۇنۇش دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بىزنى ۋە كائىناتتىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمىزدا، ھەممە ئىشىمىزدا ئاللاھقا تايىنىمىز ۋە ئۇنىڭ ھىمايىسىگە كىرىمىز. بۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزغا خاتىرجەملىك ۋە ھوزۇر بېغىشلايدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھقا ھەقىقىي تەسلىم بولغانلارنىڭ ھەر ئىشتا ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ قىلىپ، تەۋەككۇل قىلىشى، ھەددىدىن زىيادە ئارزۇلىرىنى ۋە ئورۇنسىز ئەندىشىلىرىنى كونترول ئاستىغا ئېلىشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار (يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار)»
[يۇنۇس: 84]

ئاللاھ تائالا بىزگە تۇتۇپ ماڭىدىغان يولنى - «دىن يولىنى» بەلگىلەپ بەرگەن. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھەقىقىي مەنىدە تەسلىم بولۇش مەرتىۋىسىگە يىتىشتۇر. بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن قولغا كەلتۈرۈشكە تىگىشلىك ئەڭ قىممەتلىك نەرسە تەقۋادۇر. تەقۋا – لۇغەتتە قوغدىنىش، پەرھىز قىلىش، دىققەتلىك بولۇش ۋە پەخەس بولۇش دېگەن مەنىلەرگە كېلىدۇ. ئىسلام ئىستىلاھىدا تەقۋا – مۇسۇلماننىڭ ئاللاھقا قارىتا مەسئۇلىيەتچانلىق ئەندىشىسىدۇر. يەنى مۇسۇلمان بىر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىن يۇقىرى ئارزۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ غەزىۋىگە ئۇچراپ قېلىشتىن چوڭ ئەندىشە تونىمايدىغان بىر ئاڭغا ئىگە كىشىدۇر. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن قىممەتلىكراق بىر نەرسە بولمىغاندەك، ئاللاھنىڭ غەزىۋىدىن قورقۇشتىن باشقا ئەندىشە بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل - ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگۈچە كۈتۈڭلار، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ چەك - چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ» [تەۋبە: 24]


«ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئاللاھ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ.» [مائىدە: 54]

بۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ئۆزىدە يەرلەشكەن كىشى ئەخلاقىنىڭ چىرىكلىشىشىگە يول قويمايدۇ. ئۇ ھەر دائىم ئۆزىنى ھېسابقا تارتىپ، كونترول ئاستىدا تۇتىدۇ. ھېچقانداق بىر ۋاقىتتا ئۆزىنى گۇناھسىز كۆرمەيدۇ. چۈنكى ياخشىلىقلارنى قىلغۇچى بىز بولساقمۇ، ئۇنىڭغا باھا بەرگۈچى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلغۇچى ئاللاھتۇر. قىلغان ئىشىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇپ - بولمىغانلىقىنى بىلمەيمىز. تەقۋا بىلەن قىلىنمىغان ئىش - ھەرىكەتلەرنىڭ كىشىگە نە دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە بىر پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «
پەرۋەردىگارنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بورانلىق كۈندە شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن بىر دۆۋە كۈلگە ئوخشايدۇ، كاپىرلار (بۇ دۇنيادا) قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئازراقمۇ ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇ چۇڭقۇر ئېزىشتۇر (يەنى چوڭ زىياندۇر)» [ئىبراھىم:18]

«
كاپىرلارنىڭ (ياخشى ئەمەل دەپ ئويلىغان) ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشايدۇ، تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلسە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ (يەنى سۇ كۆرمەيدۇ...» [نۇر:39]

«بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىمىز، (يەنى ئۇلار ئىمانسىىز بولغانلىقتىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىمىز)» [فۇرقان:23]

ئىنساندىكى تەقۋا ئېڭىنى ئۆستۈرۈدىغان ۋە ھەر دائىم جانلىق تۇتىدىغان نەرسە قىيامەت كۈنى قىلمىشلىرىدىن ھېساب بېرىشكە ئىشىنىشتۇر. قىيامەت كۈنىگە چىن ئىشەنمىگەن ئىنسان نەپسىي ھەۋەسلىرىگە قۇل بولىدۇ ۋە بەزىدە ھايۋاناتلاردىنمۇ بەتتەر ھالغا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئېلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر.» [ئەئراف:179]

مانا بۇ سەۋەپتىن مۇسۇلماننىڭ پۈتۈن تىرىشچانلىقى تەقۋانى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ھەم بۇ دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە نىجاتلىق تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» [ئەئراف:128]

مۇسۇلمان ئاللاھ تائالانىڭ تەقۋادارلار بىلەن بىرگە بولغانلىقىنى ۋە تەقۋادارلارنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر.» [بەقەرە: 194]


«بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر.» [تەۋبە: 36]

دىنىي ۋە دۇنياۋى ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ۋە بەختكە ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇچى تەقۋادارلىقتۇر. مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى تەقۋادىن يىراق، يۈزەكىي ۋە شەكىلۋازلىق دىندارلىقىدۇر.

ئاللاھ تائالادىن ھەممىمىزگە تەقۋادارلىق نېسىب قىلىشىنى ۋە بىزنى ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە تەقۋادارلىقتىن ئايرىماسلىقىنى تىلەيمەن.
تېما تەستىقلىغۇچى : ئاشپەز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-03-27, 08:57

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( تەتۈرى )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-27 16:53 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تەتۈرى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
بالاشاگىت

دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2237
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 221
شۆھرىتى: 2260 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2280 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 234 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-28 03:40 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( بالاشاگىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۇلخان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 431
شۆھرىتى: 4390 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4591 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 474 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 134(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،ئېىسىل تېما يوللاپسىز.
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-28 11:59 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
غەيرىتەم

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2417
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 751
شۆھرىتى: 7800 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 10330 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 853 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 155(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئىسىل تېما ئىكەن رەخمەت
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-28 19:13 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( غەيرىتەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئــــۇيــــغــــۇرلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا