رومكا بەندىسى
ئوغىلىمەن ئۇيغۇر دىگەننىڭ ، 
« كىملىك » كىمگە يېزىقلىق شۇنداق . 
مەن ئۇقمايمەن ھاراقتىن بۆلەك ، 
ۋىجدان ، غۇرۇر بولىدۇ قانداق ؟ 
ئەتتىگەندە باشلايمەن ئىشنى ، 
نىشانلىرىم قاۋاققا تامان . 
شۇ قاۋاقتا شەيتان ئاكام بار ، 
قۇچاق ئېچىپ چىللايدۇ ھامان . 
ئېلى داچۈي ، شوربۇلاق لاۋجىياۋ 
ئەزىز ماڭا ئەل - يۇرت دىگەندىن . 
نىمە پايدا ئەلنى سۆيدۈم دەپ ، 
كېچە - كۈندۈز غەملا يىگەندىن . 
قۇيۇلغاندا ھاراق رومكىغا ، 
رومكا ئىجىرە قىلىدۇ جىلۋە . 
ئىچكەندىن كىيىن تۆتلا رومكىنى ، 
بولۇپ قالىمىز ئاڭسىز بىر تەلۋە . 
ئويغۇنىدۇ كەيىپچىلىكتە ، 
بىزدە چىرىپ سېسىغان ۋىجدان . 
مەن ئۇيغۇرنىڭ پەخرى شانى دەپ ، 
قاۋاق ئىچىدە سۈرىمىز دەۋران . 
ئايلىنىدۇ رومكا توختىماي ، 
بىز سۆزلەيمىز مىللەت غۇرۇردىن . 
بۇلغاپ تۇرۇپ مىللەت شانىنى ، 
قىزارمايمىز ئىزا - نۇمۇستىن .
مەنبە :ماكانىم تورى