hantagri illikdunya.biz sohpat
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
مۇتەللېپ
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 774
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 137
شۆھرىتى: 1635 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2020 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 273 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مۇسۇلمان قېرىنداشلار سەمىگە!چوقۇم ئاخىرىغىچە ئوقۇڭ!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم!مەن تۆۋەندە تىيەنجىن شەھرىدىكى   مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز‹‹ئۈرۈمچى››نىڭ تەكشۈرىشىدە بايقالغان،مۇسۇلمانلار ئىستىمالىدىكى ھارام(ياكى شۈبھىلىك) يېمەكلىكلەرنى سىلەرگە بىلدۈر   مەكچىمەن.
بۇ ھەر بىر مۇسۇلمان قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە بولغاچقا دانىش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.ھەممىڭلارنىڭ كۆرۈپ،بۇنىڭدىن كېيىن يېمەكلىك مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن  ھەم ئۇلۇغ ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمەن.
ئاپتورى:تىيەنجىن شەھرىدىكى مۇسۇلمان،تەخەللۇسى ئۈرۈمچى.
لىنشىيا شەھەرلىك تەشۋىقات كومتىتى بېسىپ تارقاتتى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مېھرىبان ئاللاھقا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن.
ھازىر مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان رايونلاردا بۇلغىنىش مەسىلىسى ناھايىتى
ئېغىر.نۆۋەتتە پۈتۈن مۇسۇلمانلار ھالال بولمىغان يېمەكلىكلەرگە يۈزلەنمەكتە.بۇنىڭ سەۋەبى،تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى،يېمەكلىك تاللاشتا سەرخللىشىش،ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇش،شەكىل جەھەتتىن دەۋرلىشىش ئەھۋاللىرى سەۋەبلىك كىشىلەر ئېڭىدا‹‹خەنزۇچە››دەپ يېزىلماي،‹‹مۇسۇلمانچە››ياكى‹‹ھالال››دېگەن خېتى بار يېمەكلىك بولسىلا بولىۋېرىدۇ دەيدىغان قاراش پەيدا بولدى.ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى،قاننى،چوشقا گۆشىنى ھەم ئاللاھنىڭ نامى بىلەن زىكىرى قىلىنماي بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى››(2-سۈرە بەقەرە173-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىكى بايانلار مۇسۇلمانلارنى ئۆز ھالىمىز توغرىلىق ئويلىنىپ بېقىشقا دالالەت قىلىشقا كۇپايە.ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:‹‹روھنى پاك قىلغان ئادەم مۇرادىغا يېتىدۇ.نەپسى(كۇفرى ۋە پىسقى-فۇجۇر بىلەن)كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ››.(91-سۈرە شەمىس10-ئايەت).بىر مۆئمىن ئېھتىياتسىزلىقتىن ھارام نەرسە يەپ سالسا،چىن دىلىدىن تەۋبە قىلىشى كېرەك.ئەگەر ھازىرقى جەمىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەر ھەر كۈنى ھارام نەرسىلەرنى ئېستىمال قىلىۋەرسە ئۇنى قانداقمۇ ئىسلامغا ئەقىدە قىلغان مۇسۇلمان دېگىلى بولسۇن؟تۈرلۈك يېمەكلىكلەر ھالال-ھاراملىقى ئايرىلماي تۇرۇپلا بازارلىرىمىزغا تولۇپ كەتتى.ئۇنى ئايرىپ ئىستىمال قىلىش سەل قاراشقا بولمايدىغان ،مۇسۇلمانلار قاتتىق ئېتىبار قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە.مەن ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن نەچچە يىللىق جاپالىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن پاكىت ئاساسلىرىمنى قەلەم بىلەن بايان قىلىپ ئەھلى ئۆلىما ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
مەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن لىنشيادىكى داشىگۈەن جامەسىدە جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ،بېيجىڭ،تىيەنجىن،خېبېي،شەندۇڭ،يۈننەن،شىنجاڭ قاتالىق رايونلاردا بازارغا سېلىنىۋاتقان ھەر خىل‹‹مۇسۇلمانچە››ئەمەس يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىش
قىلىش شەرپىگە ئېرىشتىم.
1-چوڭ مەسىلە سۆڭەك يىلىمى(骨胶)دۇر.سۆڭەك يىلىمى بولسا،تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن ۋە تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن،يېپىشقاقلىقى كۈچلۈك بولغان يىلىم،بۇنى كۆپچىلىك ھەممەيلەن بىلىدۇ.بۇ ئەنئەنىۋى مەھسۇلات ئەسلى ياغاچ ماتىرىياللارنى يەملەشكە ئىشلىتىلەتتى.تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن ھازىر سۆڭەك يىلىمىنى يېمەكلىكلەرگە ئىشلىتىدىغان سۈزۈك،چاپلىشاڭغۇ بولغان تۈرلۈك يىلىملەر پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولدى.بۇ ئىنچىكە پىششقلاپ ئىشلەنگەن يىلىم ھازىرقى سېغىز(口香糖)،كەمپۈت،شاكىلات ۋە تۈرلۈك سۈت كەمپۈتلىرىگە قوشۇلىدۇ.يىلىم بولمىسا بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساش مۇمكىن ئەمەس.ھازىرقى تېخنىكا يىڭىلاش دەۋرىدە يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان يىلىم يەنە سوغاق يېمەكلىكلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلمەكتە.مەسىلەن:‹‹قايماقلىق سۈت پاراشوگى،سۈتلۈك چوكا مۇز،سۈتلۈك ماروژنا،مېۋە ئۇيۇتمىسى........قاتارلىقلار.سۆڭەك يىلىمىنىڭ قاتۇرۇش رولى بولۇپ،مەھسۇلاتنىڭ ئاسانلىقچە ئېرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.مەن تىيەنجىن شەھەرلىك سوغۇق ئىچىملىكلەر زاۋۇتىغا يەنى كاڭلى سوغۇق ئىچىمىكلەر زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈردۈم.تېخنىك خادىم بىزگە زاۋۇت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى.
1).بۇ زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتلىرى مۇسۇلمانلار رايونىغا كۆپلەپ يۆتكىلىدۇ.زاۋۇت ئىشچىلىرى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىش-كەلمەسلىكىنى ئەلۋەتتە ئويلاشمايدۇ.بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىدە سۆڭەك يىلىمى بار.
2).پوتۇلكىغا قاچىلانغان مۇراببا ۋە شەربەتلەر،يەنى شاپتۇل،ئامۇت،ئەنجۈر،ئاپلىسىن،ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ياساش مەسىلىسى بولۇپ،بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساشتا 85-يىلدىن ئىلگىرى 500گىرام دىتسىلەنگەن سۇغا ئالتە جۈپ قەنت سېلىپ،ھاۋانى سۈمۈرىۋېلىپ،ئاغزىنى ھىم ئېتىپ دېزىنفىكسىيە قىلاتتى.ھازىر دىئابىت كېسىلى،زىيادە سېمىزلىك كېسىلى،يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىرى كۆپەيدى.بۇنىڭ بىلەن زاۋۇتلارغا يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەشتە قەنت مىقدارىنى ئازايتىش توغرۇلۇق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.كېيىن بۇ زاۋۇتلار سۆڭەك يىلىمىنى دىتسىلەنگەن سۇغا قوشۇپ قەنت مىقدارىنى ئازايتىش ئامالىنى قوللاندى.ھازىرقى كونسىرىۋالارنىڭ سۈيىنى تۆكىۋەتسەك،تەركىۋىدە ئۇماچقا ئوخشاش بىر قەۋەت قويۇق ماددا بارلىقىنى كۆرىمىز.مانا بۇ سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.
3).ھازىرقى خالتىلىق ناۋات(يەنى كىرىستاللانغان ناۋات دەپمۇ ئاتىلىدۇ).يىگەندە چۈرۈك،تەمى تاتلىق،قاتتىق ئەمەس ھەمدە نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى،تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى تېمپىراتۇرا پەسلىدە ئاسانلىقچە ئېرىمەيدۇ،ساقلاشقا ئەپلىك،ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەن.
4).مېۋە قېتىشمىلىرى بولسا پۈتۈنلەي سۆڭەك يىلىمىگە رەڭ كىرگۈزگۈچى ۋە تەم قوشقۇچى قاتارلىقلاردىن ياسالغان بولۇپ،بالىلار ئىچىملىكلىرى خېمىيىلىك چەكلەنگەن مەھسۇلاتتۇر.بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ تەمى ۋە قەنت تەركىۋى ئىلگىرىكى ئۇسۇل بويىچە تەييارلانغانلىرىدىن15 ھەسسە كۆپ بولىدۇ.ياسالمىلىرىغا مەبلەغ ئاز،پايدا كۆپ بولىدىغان سۆڭەك يىلىمىدىن پايدىلىنىدۇ.
5).كېسىلگەن چۆپ(挂面)ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى سېلىش ــ بىر ئاش كېسىش زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈرگەندە،زاۋۇت خادىملىرى بىرگە ئوچۇقلا قىلىپ:‹‹ئەگەر كېسىلگەن ئاشنىڭ خېمىرىغا مۇۋاپىق مىقداردا سۆڭەك يىلىمى ئارىلاشتۇرمىساق،سۇدا ئۇزاق قاينىتىلسا ئۇماچقا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ››دېدى.سىز چۆپ كېسىش ئورنىدا كېسىلگەن چۆپنى قازاندا قاينىتىپ،سۈيىنى پۇراپ باقسىڭىز سۆڭەك يىلىمىنىڭ ھىدى كېلىدۇ.
6).پىنتوزا ياساش:پىنتوزا پۇرچاق تۈرىدىكى ئەشيالار،كۆممەقوناق،ياڭيۇلاردىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولۇپ،يۇقارقى خامئەشيالارغا بەلگىلىك نىسبەتتە سۆڭەك يىلىمۇ قوشۇلىدۇ.بولۇپمۇ لازىچاڭ ۋە تېتىتقۇ ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى قوشۇلىدۇ.باشقا تۈرلەرنىڭ سەل ئازراق.ئەگەر لازا كونسىرىۋاسىنى بىر كۈن قايناتسىمۇ ئۇماچتەك بولۇپ قالمايدۇ،بۇلار دەل سۆڭەك يىلىمىنىڭ كۈچلۈك يېپىشتۇرۇش رولىنىڭ كۈچى.سىز زاۋۇتلاردا ياسالغان مەلۇم بىر خىل سەي كونسىرىۋاسىنى(菜浆)نى قايناق سۇغا قۇيۇپ ئېرىتسىڭىز،ئۇنىڭدىن سۆڭەك يىلىمىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالايسىز،يۇقارقى مەسىلىلەرگە ھەر بىر ئۆلىمادىن تارتىپ ئاددىي كىشىلەرگىچە دىققەت قىلىشى كېرەك.
بۇ پاكىتلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى:چوشقا سۆڭىكى يىلىمى يۇقارقى ئىستىمال بۇيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلىدۇ.جوڭگودا1مىليارد300مىليون خەلقنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 95%نى ئىگەللەيدۇ.ھەرقايسى شەھەر،ناھىيىلەردىكى يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى خەنزۇلار بولۇپ،پەقەت تازلىق،سەھىيە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولسىلا،تۈرلۈك تېتىتقۇلارنى قوشىۋېرىدۇ.يېمەكلىككە قوشىلىدىغان سۆڭەك يىلىمىغا ئاساسلىقى:چوشقا سۆڭىكى،كالا سۆڭىكى خام ئەشيا قىلىنىدىغان بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە كالا،قوي سۆڭىكى ئېختىياجنى قاندۇرالمايدۇ.چوشقا سۆڭىكى مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا پىششىقلاپ ئىشلىنىشىدىن قەتئىنەزەر ھارام،شەرىئەتكە خىلاپ!ئۆسۈملۈكلەردىن تاللاپ ئېلىنغان مايلار،مەسىلەن:دېڭىز يىلىمى،كۆكتات يىلىمى قاتارلىق ماتىرياللارنىڭ تەننەرخى ھايۋان سۆڭىكىنىڭ تەننەرخىدىن10 ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ.بۇلار ئاساسلىقى تىببىي داۋالاش،دۆلەت مۇداپىئەسى،تەجرىبە تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلىدۇ.بىر ئادەتتكى يېمەكلىك زاۋۇتىدا بۇ خىل ئۆسۈملۈك مايلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا بىز ھەرگىز ساددىلىق بىلەن ئىشىنىپ قالماسلىىمىز،ئۇلارنىڭ ئېلان ۋېۋىسكىلىرىدا جار سېلىپ ماختاشلىرىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
بىز يەنە جاڭيۇنىڭ تەركىبىگە دىققەت قىلىپ باقايلى:
ئاساسلىقى ئادەمنىڭ چېچى بىلەن ھايۋانلارنىڭ يۇڭىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان.بۇ ئاساسەن خۇنەن جاڭيۇ زاۋۇتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا ياسىلىدۇ.جاڭيۇ تەڭشۈگۈچ قوشۇپ كونسىرىۋا قۇتىسىغا چاپلىغاندا تازلىققا قىلچىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
ئەڭ خەتەرلىكى چوشقا مېيىنى ئىستىمال قىلىش مەسىلىسى بولۇپ،مەملىكەت مىقياسىدا ھەممە يېمەكلىك زاۋۇتىدا چىقىۋاتقان سۈنئىي سۈت پاراشوگى،سۈنئىي قايماق،تورت مېيى،قاتۇرغۇچ ۋە باشقا تېتىتقۇچلار چوشقا مېيىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن.بىز تىيەنجىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى توپ سېتىش بازىرىدا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،چوڭ خوجايىن-بايۋەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ يېمەكلىك زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلىتىدىغىنى ئاساسەن چوشقا مېيى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.يېمەكلىك سىرتقى يۈزىگە بىر قەۋەت چوشقا مېيى سۈرىۋەتسە،يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى بولىدۇ.ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىدا ھايۋانات مېيىدىن چەكلىنىپ،تەمسىز،پۇراقسىز،سۈزۈك،سۇغا ئوخشاش سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرىلىدۇ.97-يىلى چاڭچى خېمىيە سانائىتى زاۋۇتى يۇقىرى تېمپىراتۇرا شارائىتىدا ئاساسىي ئېرىتمىدىن سۈزۈپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھايۋانات مېيۇنى مۇۋەپەقىيەتلىك چەكلەپ،ھازىرقى يېمەكلىكلەرگە سىڭدۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان زەھەرسىز،غەيرى پۇراقسىز،رەڭسىز سۇيۇقلۇقنى ئىشلەپ چىقاردى.سىز بارمىقىڭىزدا سىلاپ بېقىپمۇ شەكلى ئۆزگەرتىلگەن چوشقا مېيىنى پۇراپ بىلەلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس.بىز تىيەنجىن شەھەرلىك سۈنئىي سۈت پاراشوگى(سۈت مەھسۇلاتلىرى)زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈرسەك،سۈت پاروشوگىنىڭ ئەسلى مەنبىئىي پۇرچار تۈرىدىكىلەر بولۇپ،پۇرچاق مېيىنى يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا پۈركۈپ چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن قاتۇرغۇچىغا سىڭدۈرۈپ،سۈنئىي پاروشۇك ياساپ چىقىدىكەن.بۇ يەردىكى ئاساسىي مەسىلە قاتۇرغۇچى چوشقا مېيىدىن ياسالغان.تورت دۇكانلىرىدا ئەگەر زاۋۇتنىڭ تەم كىرگۈزگۈچى بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسە بۇمۇ يۇقىرىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى چوشقا مېيىنى چەكلەپ سۈزۈك سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ،ھەر خىل نام بىلەن رېستۇرانلارنىڭ تاماق شىرەسىگە چىقارغاندىن كېيىن بۇ خەۋەرلەر لەنجۇدىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.بۇ ھەقتىكى جەمىيەت مۇنازىرىسى بىلەن لەنجۇدىكى سودا-سانائەت،سەھىيە ۋە ج خ ئورگانلىرى بىرلىشىپ جىددىي تەكشۈرۈپ،ھارام بۇيۇمنىڭ چىقىش مەنبىيىنى ئىزلەپ،تىگخشلىك جازاسىنى بەرگەەندىن كېيىن،مۇسۇلمانلارنى بۇلغايدىغان بۇ قىلمىشلار ئەمدى باشقىچە شەكىلدەباشقا جايلاردا يامرىماقتا.
2.يەنە بىر چوڭ مەسىلە:كالا،قوي،توخۇلارنى بوغۇزلاز مەسىلىسى.خېنەن،خېبېي قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم خۇزۇلارنىڭ قۇشخانىلىرىدا شەرىئەتكە خىلاپ كالا قوي ئۆلتۈرۈش ئەۋج ئالدى.بىز شەندۇڭ لۇەنشەن ناھىيىسىدە بىر خۇيزۇ يېزىسىنى تەكشۈرىگەندە،بۇ يېزا مەھشۇر پاسساپلار يېزىسى بولۇپ،بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن مۇنداق ئەھۋاللارنى كۆردۇق.ىۇيزۇلار كالىنىڭ بۇرنىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۈركۈگۈچنى تىقىپ كالىنى سۇ بىلەن تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرىدىكەن.بۇ ئارقىلىق كالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرىدىكەن.بەزى قاسساپلار ئۇچلۇق بىگخزنى كالىنىڭ مىڭىسى ئوتتۇرىدىكى نېرۋا مەركىزىگە تىقىپ ئۆلتۈرىدىكەن.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە،مۇنداق قىلغاندا جان چىقمىغاچ گۆشنىڭ ئومىي ئېغىرلىقى ئاشىدىكەن.مۇنداق ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى شەرىئەتكە پۈتۈنلەي خىلاپ.مۇنداق گۆش ھارام بولىدۇ.خالتىلارغا قاچىلانغان گۆشلارگە مەيلى‹‹ھالال››ياكى‹‹مۇسۇلمانچە››دەپ يېزىلغان بولسۇن،بۇ گۆشلەر قوي-كالا فېرمىلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن.جەمىيىتىمىزدىكى تۈرلۈك تاۋارلارغا يېزىلغان‹‹مۇسۇلمانچە››دېگەن خەتكە ھېچكىم  قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەيدۇ.ئاشۇ پۇل-مال ئۈچۈن ھەرقانداق ئىش قىلىشنى يوللۇق ھېسابلايدىغانلار ئىماننىڭ قارىشىسىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.بۇنداق يېمەكلىكلەر ئائىلىلەرگە سىڭىپ كىرىپ،سەبىي بالىلارنىڭ پاك قەلبىنى بۇلغايدۇ.بۇ كۆپ يىللاردىن بېرى كۆرىلىۋاتقان ئەمەلىيەت.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە :‹‹زېمىندىكى ھالال پاك نەسىلەردىن يەڭلار،سىلەر مۆئمىن بولساڭلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار››دېدى.(5-سۈرە مائىدە78-ئايەت)
ئاللاھقا كۆپ شۈكرى،بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلانسىمۇ،لېكىن ھالال نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش ئىماننىڭ بىر تۈرلۈك تەلىۋى.ھۈرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار،بىز بىر چوڭ كۆلەملىك بالا-قازاغا دۈچ كەلدۇق.نېمىشقا بىزنىڭ ئېتىقادىمىز سۇس؟ئىمانىمىز زەئىپ؟نېمىشقا ئىبادىتىمىز قەلبىمىزنى تىترىتەلمەيدۇ؟نېمە سەۋەپتىن قەلبىمىز قېتىپ قالدى؟سەۋەپ بىرلا،ئۇ بوڭلسىمۇ ھارام بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن.ھارامنى يىشىش قەلىبنى بۇلغايدۇ.بۇ مۇنازىرىسىز پاكىت.
بۇ بىر مەيدان ئاپەت ئالدىدا ھەر بىر مۇسۇلماندىن شۇنى ئىلتىماس قىلماقچىمەنكى،ئى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى قېرىنداشلار!قەددىڭىزنى رۇسلاپ،كۆز ئالدىڭىزدىكى ھارامغا نىسپەتەن يۈكسەك ھۇشيار بولۇڭ.ھارامنىڭ مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە رۇخسەت يوق.بىز تاماق داستىخانلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم قېقىۋېتەيلى.نەپسانىيىتىمىزنىڭ ھەۋىسىگە ئەگەشمەيلى.گۈدەك بالىلىرىمىزنىڭو پاك قەلبى بۇلغانمىسۇن.ئۇلارغا ساپ ئىمانى مۇھىت،ئىمانى ھايات،ئىمانى داستىخان كېرەك.بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئىدىيىۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش،سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇپ،بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن بىزنىڭ ئەقىدىمىزگە قاراپ ئېتىلىۋاتقان زەھەرلىك بولغانمىلارنى بايقاپ،بىرلىكتە نەپسىمىزنى ۋە ۋۇجۇدىمىز پاك ھالدا كەرەملىك ئاللھتىن تىلەيلى!
ئى ھەممىگە قادىر ئاللاھ!بىزگە ياردەم قىلغايلا!بىزنىڭ نەپسىمىزنى پاك قىلغايلا!ۋۇجۇدىمىزنى پاك قىلغايلا!دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلغايلا!بىزنى ھالال نەرسىلەر ئارقىلىق ھارامدىن بىھاجەت قىلغايلا ۋە ساقلىغايلا!بىزدىن رازى بولغايلا!......ئامىن!بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى يوللىغۇچىسى ئۇرغۇر ئىسلام مۇنبىرىدىن جەڭگىۋار ئەپەندى بولۇپ،بۇ ماقالىنى كۆرگەن ھەر بىر مۇسۇلمان تورداشلارنىڭ باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا يۈتكۈزۈپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىپ بۇ توربەتكە يوللىدىم.
ھازىر يۇرتىمىدا يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ‹‹مۇسۇلمانچە››ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلمايدىغان ئىشلار ئىنتايىن ئېغىر،بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ئېلىپ بېرىلىدىغان تاتلىق تۈرمىلەرنىڭ.........
يوللىغۇچىدىن:تېما  ئارىسىدكى بەزى ھەدىسلەرنىڭ رىۋايەت قىلغۇچىسى ئەسكەرتىلمىگەچكە،قىسقارتىۋەتتىم.توغرا چۈشەنگەيسىلە!
بىز مۇسۇلمانلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ئىكەن دەپ باشقا بلوگدىن كۆچۈرۈپ ئەكىلىندى
مەنبە:تاھىرجان تور خاتىرسى
مەنبەسى ئەلدىداربلوگىhttp://aldidar.blogbus.com
تېما تەستىقلىغۇچى : axtuzi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-03-26, 15:03

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( مۇتەللېپ )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-26 16:41 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇتەللېپ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
تەتۈرى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1586
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 140
شۆھرىتى: 1460 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1460 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 171 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەخمەت  سىزگە  بۇنىڭغا  بىر  ئامالى بولۇپ  قالا
   بىزدە ئىشسىزلار  كۆپ   كاللىسى  ئىشلەيدىغانلارمۇ  كۆپ
نڭمڭشق  ئۆزمىز  ياساپ  چڭكمايمىز ئۇ  نەرسىلەنى  ھالاللاپ
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-27 00:22 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تەتۈرى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

بالاشاگىت

دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2237
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 223
شۆھرىتى: 2260 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2280 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 234 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توۋا    بۇنداق مەينەت نەرسىلەرنى  نىمە بوپ كەتتى بۇجاھان...ب
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-27 01:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( بالاشاگىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
لاچىن
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 296
شۆھرىتى: 2990 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3249 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 378 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تىمىڭىزغا رەخمەت شۇنداق كارخانچىلارمۇ چىقار ئاللا خالىسا ئارمان چۆپلىرى ئىشەنچىلىكمۇ مەن بەك ئامراق ئىدىم .ئۇندىن باشقا  باشقا ئىسلام دۆلەتلىرنىڭ مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلىرچۇ  بىز   تۇرىۋاتقان    بۇيەردە مۇمكىن .ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى يوق مالايسىيەنىڭلا مەھسۇلاتلىرنى تاپقىلى بولىدۇ    ئۇلانى يىسەك بولامدۇ  مەن كۈندە چوكىلى يىمىسەم تۇرالمايمەن  قانداق قىلامەن                
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-27 11:01 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( لاچىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مېھرىم

دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1676
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 629
شۆھرىتى: 6290 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6370 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 643 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىلاچىننىڭ2011-03-27 11:01دە يوللىغان يازمىسى  :
تىمىڭىزغا رەخمەت شۇنداق كارخانچىلارمۇ چىقار ئاللا خالىسا ئارمان چۆپلىرى ئىشەنچىلىكمۇ مەن بەك ئامراق ئىدىم .ئۇندىن باشقا  باشقا ئىسلام دۆلەتلىرنىڭ مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلىرچۇ  بىز   تۇرىۋاتقان    بۇيەردە مۇمكىن .ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى يوق مالايسىيەنىڭلا مەھسۇلاتلىرنى تاپقىلى بولىدۇ    ئۇلانى يىسەك بولامدۇ  مەن كۈندە چوكىلى يىمىسەم تۇرالمايمەن  قانداق قىلامەن                

مەندەكلا ئىكەنسىز ،مەنمۇ شاكىلاتقا ئامراق .لېكىن مەن پەقەت ئالبىنىنىلا يەيمەن .باشقىسىنى يىمەيمەن.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-27 15:06 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مېھرىم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ۋەفا
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 731
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 224
شۆھرىتى: 2255 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2340 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 230 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 123(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەسسلالامۇ ئەلەيكۇم
شاكىلاتلاردىمۇ ئىشەنچ يوق، چوشقا مېيى بار دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، بولسا ئىشلەپ چىقارغان ئۇرۇنغا قاراپ ئىستىمال قىلغان ياخشى...ئاللاھ ھەممىمىزگە پاك ئەقىل ئاتاقىلسۇن-ئامىن!!!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-27 15:44 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ۋەفا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۇلخان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 417
شۆھرىتى: 4220 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4421 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 456 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،بۇتېمىنى 3-قېتىم كۆرۈشۈم ئالدىنقى قېتىمدا مۇنبەردىكى يىمەك -ئىچمەك توغرىسىدا دىگەن تېمىدا كۆرگەن ئىدىم.بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىدىغانلىرىمىز بەك ئازكەن ھەتتا يۈزىنى ئورۇۋېلىپ مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ساتىدىغانلارمۇ كۆپ،ئەمما ئۇلار بۇنەرسىلەرنىڭ مۇسۇلمانچە ئەمەسلىگىنى بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن بەزىدە.
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇلىنىش تورىدا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم سودا سارىيىدا ساماۋەر شورپىسىغا سالىدىغان چوشقا گۆش يالپاقچىسىنى  قوي گۆشى دەپ ئوراپ ساتقانلىغىنى تونۇشتۇردى.شۇڭا ھەرۋاقىت،ھەر يەردە كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ گېلىمىزنى پاك تۇتۇش ئىنتايىن زۆرۈردۇر.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-28 12:46 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

سۈبىھى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1080
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 138
شۆھرىتى: 1425 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1660 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 153 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مىنىڭ بۇتىمىنى بىرقانچە قېتىم كۈرشۇم ، شۇڭا دەيمەن فىنتۇزا ۋە پەمدۇر قيىامىنى ئىشلىتىشىنى ياقتۇرمايمەن دەپ ،شۈبھىلەنگەن نەرسىلەرنى يىمگەن ياخشى .......
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-28 13:23 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سۈبىھى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

غەيرىتەم

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2417
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 743
شۆھرىتى: 7700 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 10230 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 841 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 153(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەڭ ياخشىسى كۆڭلى كۆتۈرمىگەن نەرسىنى يىمەيلا
قۇتۇلغان ياخشى بۇنداق ئازاپتىن
بۇرۇنقىلارنىڭمۇ كۈنى ئۆتۈپتىكەنغۇ تالقان، تېرىق، ئوت يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچىپ
شۇلاردىكى نىمە دىگەن ساغلام تەن، ئۇزۇن ئۆمۈر  ھازىرچۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-28 20:11 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( غەيرىتەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئىپپارخان
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2733
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 283
شۆھرىتى: 2850 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3081 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 297 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەمىدىن ياخشىسى تاماقنى ئۈيىڭىزدە ئىتىپ يەڭ قالايمىقان ئۇششاق يىمەكلىكنى ئازراق يەڭ يانچۇقىمۇ ئىمانىڭىزغىمۇ پايدا  
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-30 21:04 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئىپپارخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئەڭ يېڭى خەۋەر-ئۇچۇرلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا