hantagri illikdunya.biz sohpat
گۇلخان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 427
شۆھرىتى: 4320 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4521 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 466 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى axtuzi نادىرلىدى .(2011-03-25)
خەلقىمىزدە تۇزنى ئۇلۇقلاش، چوڭ كۆرۈش ئىدىيىسى يۇقۇرى بولۇپ بۇ بەلكىم تۇزنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى، تائاملىرىمىزغا ئالاھىدە تەم بېغىشلاش رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
خەلقىمىز تۇزنى تاماققا تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈنلا ئىشلىتىپ قالماستىن، يەنە ساغلاملىقنى ئاسىراش ۋە باشقا تۇرمۇش پائالىيەتلىرى جەريانىدا كۆپ ئىشلىتىپ كەلگەن.بەدەن سىرتىدىن ئىشلىتىشتە ئادەتتە شور تۇزنى قىززىتىپ يەرلىك ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق سوغۇق ئەڭگىزدىن بولغان رېماتىزىم ، مۇپاسىل ، بوغۇم ياللۇغى ، بۆرەك ئاجىزلىقى ، مەزى بېزى ياللۇغى ، ئۇستىخان ئۆسمىسى ، بالياتقۇنى سوغۇق يەل قاپلاش ، تۇغۇتتىن كېيىنكى بەل ئاغرىقى ، شۇنداقلا سوغۇقتىن بولىدىغان ھەر خىل كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.  
شور تۇز ئۇزۇن زامانلار جاڭگاللاردا تۇرۇش جەريانىدا قۇياش نۇرىدىن ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ئېلمىنتلارنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىدە ئەسلىدىنلا بار بولغان خۇسۇسىيەتلەر قوشۇلۇپ پايدىلىق رولى ئالاھىدە ئىشىپ بارىدۇ. بولۇپمۇ زامانىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ قۇياش نۇرىدىن خالىي بىنا ئۆيگە سولىنىپ جىددىي تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە باش كۆتۈرمەي ئىشلەشلىرى، ھەركەتنىڭ ئاز بولىشى، سوغۇق تەبىئەتلىك ۋە خىمىيەلىك خۇرۇچلار بىلەن تەييارلانغان سۈنئىي ئىچىملىكلەرنىڭ كۆپلەپ ئىچىلىشى، خىمىيەلىك ئوغۇت بىلەن پارنىكتا تەييارلانغان سەي-ئوتياشلارنىڭ ئىستىمال قىلىنىشى ۋە بۇلارنىڭ پارنىكتىن چىقىپلا توڭلاتقۇغا كىرىپ يەنە بىر سۈنئىي ساقلىنىش جەريانىنى باشتىن ئۆتكۈزۈشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كىشىلەردە قان سوۋۇش ئارقىلىق قاننىڭ ھەركىتى ئاجىزلاش، قان تومۇرلار تارىيىش، قان ۋە جىگەردە ماي ئارتىپ كېتىش، بەل-بۆرەك سوۋۇش، كۆپ تەرلەش، ماغدۇرسىزلىق، بەل-پۇت ئاغرىقى، بەدەننىڭ ئېممۇنىت ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆپلەپ كۆرىلىۋاتقان كۈنىمىزدە شور تۇز ئارقىلىق ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ساغلاملقىنى ئاسىراش ۋە سوزۇلما كېسەللەرنى داۋالاش ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

سوغۇقتىن بولغان كېسەللەرنى شور تۇزدىن پايدىلىنىپ ئائىلىدە داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى مۇنداق:

ئاستىدىن ئىسسىتىدىغان قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردە ئولتۇرغۇچىلار شور تۇزنى چوقۇپ ئۇششاقلاپ تونۇر سىلىشتا تەييارلىغاندەك لاي ئېتىپ تەييارلاپ ئۆينىڭ مۇۋاپىق دەپ قارالغان ۋە ئوبدان ئىسسىيدىغان جايدىن بىر كارۋات چوڭلىقىدا ئورۇننىڭ يەر يۈزىگە بەش سانتىمېتىر قىلىنلىقتا تەكشى ياتقۇزۇپ قىش كۈنلىرى ئۆينىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پار بىلەن ئىسسىتىش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق تەبئىي قىززىيدىغان شور كارۋات تەييارلاش. بۇ شەھەر ئاھالىرلىرىنىڭ تەنەرق ئەڭ ئەرزان توختايدىغان، شور تۇز ئارقىلىق بىخەتەر داۋالىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان ئاددىي بىر ئۇسۇلدۇر. ئائىلىدە رېماتىزىم، بەل-پۇت، بوغۇملار ئاغرىيدىغان، قان قويۇق، كۆپ تەرلەيدىغان، مەزى بېزى بىمارلىرى، بالياتقۇ، بۆرەك ۋە ئومومىي بەدەن زىيادە سوۋۇپ كەتكەنلەردىن خالىغان بىرى مۇشۇ ئاددىي شور تۇز بېسىلغان جاينى 15 كۈندىن 20 كۈنگىچە ياتاق جاي قىلىپ بەرسىلا بولىدۇ. ئەگەر بۇ جەرياندا بەدەن كۆپ تەرلەپ تۇزسىزلىنىش، ماغدۇرسىلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە تاماقنى تۇزلۇقراق تەييارلاپ يېسە ياكى قايناقسۇغا ئازىراق تۇز قوشۇپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ جەرياندا سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش، سوغۇق سۇ ئىچىش، سوغۇقتا شامالداش دېگەنلەردىن ساقلىنىش كېرەك.

ئۇندىن باشقا شور تۇزنى چوقۇپ ئۇششاقلاپ بىر چاڭگال مىقدارىدىكى تۇز تالقىننى قۇرۇق قازاندا قورۇپ قىززىتىپ لۆڭگە ۋە ياكى قىلىنراق رەختتە ئوراپ دوۋسۇن، چات ئارىلىق مەزى بېزى ئۇدۇلى(ئەرلەر مەزى بېزى ياللۇقىدا دوۋسۇن بىلەن مەقەت ئۇرۇقدان ئارلىقىدىكى بوشلۇققا قويۇلىدۇ. ئاياللارنىڭ دوۋسۇن ۋە بەلگە قويۇلسا بولىدۇ) غا قويۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق ئاياللاردا بالياتقۇ سوۋۇپ كەتكەن سەۋەبتىن بولغان ئاياللار كېسەللىكلىرى، ئەرلەردە مەزى بېزى ياللۇقى قاتارلىقلاردا ئوبدان ئۈنۈم كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇقى بىمارلىرىنى ئىچكى جەھەتتىن دورا ئىشلىتىش ۋە سىرتىدىن مۇشۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بىرزاتنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن ئۇسۇلىدۇر. شور تۇز تەركىۋىگە بەزى بىر ئىسسىقلىق دورىلار تالقانلىرىنى قوشۇش ئارقىلىقمۇ ئۈنۈمنى ئاشۇرسا بولىدۇ.

ئۇندىن باشقا بەل، پۇت، بوغۇملار ئاغرىقلىرى، سوغۇق ئۆتۈپ يەل تۇرۇپ قالغان ئەھۋاللاردىمۇ شور تۇزنى قىززىتىپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە ئۈنىمى بولىدۇ.

تېما تەستىقلىغۇچى : axtuzi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-03-25, 12:46

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( گۇلخان )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-25 16:12 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئىمامجان
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 2395
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 258
شۆھرىتى: 2580 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2580 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 288 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىزنىڭ يۇرتتىمۇ ھەر ھەپتىدە بىر ئەكىلىپ ساتىدىغان. كۆپرەك ئىلىۋلساق بولغۇدەك.
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-30 18:27 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئىمامجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئــــۇيــــغــــۇرلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا