hantagri illikdunya.biz sohpat
ئەلنەزەر
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2348
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 184
شۆھرىتى: 1980 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2381 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 350 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى axtuzi نادىرلىدى .(2011-03-25)
يېيىش، ئىچىشنىڭ ئەدەپ - قائىدىسى
مۇسۇلمان كىشى يېمەك - ئىچمەكنى ماھىيەتتە تويۇش، قېنىش ئەمەس بەلكى بۇنىڭدىن باشقا مەخسەتنىڭ ۋاستىسى دەپ قاراپ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بەدىنىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە يەپ ئىچىدۇ، بۇ ئىبادەت ئۇنى ئاخىرەت دۇنياسىنىڭ ھۆرمەت ۋە بەختىگە ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇ يېيىش، ئىچىش ئۈچۈن شۇنداقلا قېنىش ئۈچۈن ئىچمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قورسىقى ئاچمىغان بولسا يېمەيدۇ، ئۇسسىمىغان بولسا ئىچمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇندقا دېگەن: >بىز قورساق ئاچمىغۇچە تاماق يېمەيمىز، يېگەندىمۇ تويغۇدەك يېمەيمىز.<(رىۋايەت قىلغۇچىسىنى تاپالمىدىم. بەلكى بۇ ساھابىلارنىڭ سۆزى بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ.) شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان يېمەك - ئىچمەكتە ئۆزىگە خاس بولغان تۆۋەندىكىدەك شەرئى ئەدەپ- قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ. 1. تاماقتىن بۇرۇنقى ئەدەپ - قائىدىلەر تۆۋەندىكىچە: 1( يېمەك - ئىچمەك ھارام ياكى گۇمانلىق نەرسىلەردىن خالىي ھالدا ساپ نەرسىلەردىن تەييارلىنىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئى مۆئمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار.<(بەقەرە:172) 2( يېيىش، ئىچىش ئارقىلىق ئاللاھقا بولغان ئىبادەتنى كۈچەيتىش نىيەت قىلىش كېرەك. بۇ ئارقىلىق يېگەن - ئىچكەندە ساۋاپ بېرىلىدۇ. ياخشى نىيەت ئارقىلىق ئادەتتىكى ئىشلارمۇ ساۋاپ بېرىلىدىغان ئىتائەتكە ئايلىنىدۇ. 3( تاماق يېيىشتىن بۇرۇن قولى پاكىز بولمىسا، ياكى پاكىزلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىسا، ئىككى قولىنى يۇيۇش كېرەك. 4( تاماقنى كەمتەرلىك يۈزىسىدىن ئۈستەل ئۈستىگە ئەمەس يەردىكى داستىخان ئۈستىگە قويۇش، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لېگەندە، ئۈستەل ئۈستىگە تاماق يېمىگەن.<(بۇخارى رىۋايەت قىلغان. ) 5( كەمتەرلىك يۈزىسىدىن يۈكۈنۈپ ياكى ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ ئولتۇرۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق ئولتۇراتتى، ئۇ مۇنداق دېگەن: >مەن يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېمەيمەن، مەن بىر قۇل، قۇل يېگەندە يەيمەن، قۇل ئولتۇرغاندەك ئولتۇرىمەنى.<(بۇخارى رىۋايەت قىلغان.) 6( تاماقنىڭ بارىغا رازى بولۇش، تاماقنى ئەيىپلىمەسلىك، قىزىقسا يېيىش، قىزىقمىسا قويۇپ قويۇش، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرگىز تاماقنى ئەيىبلەپ باقمىغان<(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.) 7( مېھمان ياكى ئائىلە كىشىلىرى ياكى بالا ياكى خىزمەتچى بىلەن بىللە يېيىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >تاماقنى بىرلىكتە يەڭلار، تاماققا بەرىكەت بېرىلىدۇ.<(ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.) 2. تاماق يېگەندىكى ئەدەپ - قائىدىلەر: 1( ئاۋۋال بىسمىللا دېيىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بىرەرىڭلار ئۇنتۇپ قالغان بولسا بىسمىللاھى ئەۋۋەلىھى ۋە ئاخىرىھى - ئەۋۋەل ئاخىر ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، دېسۇن.<(ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) 2( تاماق يېيىشنى ئاللاھنى مەدھىيلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >تاماق يەپ - ئەلھەمدۇلىللاھىل لەزى ئەتئەمەنى ھازا ۋە رەزەقەنىھى مىن غەيرى ھەۋلىن مىننى ۋەللا قۇۋۋەتىن - ماڭا بۇ تاماقنى بەرگەن، مېنىڭ كۈچ قۇدرىتىمىسىز ئۇنى ماڭا رىزىق قىلىپ بەرگەن زات ئاللاھقا مەدھىيەلەر بولسۇن، دېسە ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.<(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.) 3(ئوڭ قولنىڭ ئۈچ بارمىقى بىلەن يېيىش. ئاز ئېلىش، ياخشى چايناش، قاچىنىڭ ئوتتۇرىدىن ئەمەس ئالدى تەرەپتىن يېيىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەر ئىبنى سەلەمگە مۇنداق دېگەن: >ئى بالا، بىسمىللا دە، ئوڭ قولۇڭ بىلەن يە، ئالدىڭدىن يە<(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.) ؛ >بەرىكەت تاماقنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشىدۇ. ئەتراپىدىن يەڭلار ئوتتۇرىسىدىن يېمەڭلار.<(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.) 4( ياخشى چايناش، بارماق ۋە لېگەننى لۆڭگە بىلەن سۈرتۈش ياكى يۇيىۋېتىشتىن بۇرۇن يالىۋېتىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بىرىڭلار تاماق يېسە بارماقلىرىنى يالىۋەتمەي ياكى يالىۋەتمەي تۇرۇپ سۈرتمىسۇن<(ئەبۇ داۋۇت ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ) جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارماقنى ۋە لېگەننى يالاشقا بۇيرۇغان ۋە سىلەر تامىقىڭلارنىڭ قايسىدا بەرىكەت بار بىلمەيسىلەر.<(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.) 5( يەۋاتقان تاماقنى چۈشۈپ كەتسە بۇزۇلغان يېرىنى ئېلىۋېتىپ يېيىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >سىلەرنىڭ بىرىڭلار تامىقى چۈشۈپ كەتسە بۇزۇلغان يېرىنى ئېلىۋېتىپ يېسۇن تاماقنى شەيتانغا قويۇپ قويمىسۇن.<(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.) 6( تاماققا، ئىچىۋاتقان سۇغا پۈۋدىمەسلىكى، قاچىنىڭ سىرتىغا ئۈچ قېتىم تىنىش، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچكەندە ئۈچ قېتىم تىناتتى.<(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.) ئەبى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچىغا پۈۋدەشتىن توسقان، دەيدۇ.(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچىنىڭ ئىچىگە تىنىشتىن ياكى ئۇنىڭغا پۈۋدەشتىن توسقان، دەيدۇ.(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ) 7( ھەددىدىن ئارتۇق يەۋەتمەسلىك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئادەم توشقۇزغان قاچىنىڭ ئەڭ يامىنى ئۇنىڭ قورسىقى، ئادەم بالىلىرىغا قەددىنى رۇسلىغۇدەكلا تاماق بولسا يېتەرلىك، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، قورساقنىڭ ئۈچتىن بىرى تاماق ئۈچۈن، ئۈچتىن بىرى ئىچىملىك ئۈچۈن، ئۈچتىن بىر نەپسى ئۈچۈن< 8( يېمەك - ئىچمەك چوڭدىن باشلىنىش، ئوڭدىن ئايلىنىش. ئۆزى ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >چوڭدىن باشلا، چوڭدىن باشلا<. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئىچىشكە رۇخسەت قىلغان. چوڭلار سول تەرىپىدە ئىدى. ئۇ ئوڭدىن باشلاشنىڭ ئەڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ.(بىرلىككە كېىنگەن ھەدىس. )پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام >ئوڭ - ئوڭدىن< دېگەن (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.) ؛ >ساھىپخان ئەڭ ئاخىرقىسىدۇر.< 9( يېيىش، ئىچىشنى سورۇندىكى يېشى ئەڭ چوڭ ياكى ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشى باشلاش. 10( تاماققا زورلاپ دوستى ياكى مېھماننى قىيىن ئەھۋالدا قويماسلىق، مېھمانمۇ تەكەللۇپ قىلماستىن، تارتىنماستىن يېتەرلىك يەپ - ئىچىش، رىياخورلۇقنىڭ بىر تۈرىنى سادىر قىلماسلىق. 11( بارنى يەتكۈزۈپ تەڭشەپ يېيىش، بولۇپمۇ تاماق ئاز ۋاقتىدا، بولمىسا باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋالغانلىق بولىدۇ. 12( تاماق يەۋاتقان ۋاقتىدا باشقىلارغا قارىماسلىق، ئۇلارنى خىجىل قىلىپ كۈزەتمەسلىك، بۇنداق قىلىش ئۇلارنى بىئارام قىلىدۇ، بەزىدە ئۆچ كۆرۈشكە ئېلىپ بېرىپ گۇناھكار بولۇپ قالىدۇ. 13( كىشىنى بىئارام قىلىدىغان قىلىقلارنى قىلماسلىق، مەسىلەن: لېگەنگە قولىنى سىلكىمەسلىك، كاللىسىنى يېقىن ئەكىۋالماسلىق، ئاغزىغا زىيادە ئېلىۋېلىپ قاچىغا چۈشۈرىۋەتمەسلىك، چىشلىگەن ناننى ئوپچىنىڭ قاچىسىغا چىلىماسلىق، تاماق يەۋېتىپ نىجىس، مەينەت نەرسىلەر توغرۇلۇق گەپ قىلماسلىق. بۇ بەزىدە باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ. مۇسۇلمانغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ھارام. 14( كەمبەغەللەر، قېرىنداشلار بىلەن تاماق يېيىشنى ئەۋزەل بىلىشى، ئەدەپ - قائىدە، ئىززەت - ئېكرام بىلەن خۇشال - خۇرام ئولتۇرۇپ كۆڭۈل ئالماشتۇرۇش. 3 - تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنكى ئەدەپ - قائىدە: 1( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ تويغىلى ئاز قالغاندا توختاش. 2( قولىنى يېلىۋېتىش، ئاندىن سۈرتۈش ياكى يۇيۇش، يۇغان ياخشى. 3( تاماق ئارىلىغىدا چېچىلىپ كەتكەنلىرىنى تېرىۋېتىش، بۇ نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتىش جۈملىسىدىن. 4( چىشىنى ئارىلاش، ئېغىزنى چايقاش، چۈنكى ئۇ ئاللاھنى ئەسلەيدۇ، قېرىنداشلىرىغا سۆزلەيدۇ. شۇنىڭدەك ئېغىزنىڭ پاكىزلىقى چىشنى ئاسرايدۇ. 5( يەپ - ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتىش. سۈت ئىچكەندە بىزگە بەرگەن رىزقىڭغا بەرىكەت بەرگىن، تېخىمۇ كۆپ ئاتا قىلغان، دېيىش. كىشىلەرنىڭ قېشىدا ئىپتار قىلغاندا سىلەرنىڭ قېشىڭلاردا روزا تۇتقۇچىلار ئىپتار قىلدى. تامىقىڭلارنى ياخشى كىشىلەر يېدى. سىلەرگە پەرىشتىلەر رەھمەت يوللىدى. دېيىش.

مەنبە' ئىسلام يولى
تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-03-24, 17:25

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( ئەلنەزەر )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-25 01:22 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلنەزەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئــــۇيــــغــــۇرلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا