ماتىريال:چوڭ بىر بەرەنگە، يىرىم پىيالە شىكەر، ئازغىنىكەم بىر پىيالە ئۇن، ياغ،گۈلقەنت ئۇسۇلى: بەرەنگىنى پاكىز ئاقلاپ ،يۇيۇپ تازلاپ،چوڭ پارچىلاپ ھودا پىشۇرۋالىمىز ،ئاندىن ئىلىپ پەشىندا ئىزىمىز ، پۈتۈنلەي ئىزىپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا شىكەر ئۇن قوشۇپ خىمىر تەييارلايمىز. ئىككىنجى قەدەمدە خىمىرنى ئارا زۇۋلا قىلىمىز ،بەك نىپىز قىلىۋەتمەي ئىچىپ مىغىز چوڭلۇقتا گۈلقەنت سىلىپ يەنە بىر زۇلىنى ئوخشاش چوڭلىقتا ئىچىپ ئۈستىگە قويىمىز .ئۇنى چىرايلىق قىلىپقا ئىلىپ تەييارلايمىز . قازانغا ئازلا ياغ قۇيۇپ تەيارلانغان پىرەنىكنى ياغدا پىشۇرىمىز. بۇنى خەنزۇچە پىروگىراممىدىن ئۈگىنىۋالغان ئۇلار باشقا نەرسە سالغان (ھالال ئەمەس)مەن گۈلقەنت سالسام بەك قاملاشتى بۇنىڭدىن باشقا ياڭاق مىغىزى بىلەن ئۈزۈم قىقىنى ئارلاشتۇرۇپ سالسىمۇ بولىدۇ، رەخمەت
