توخۇ-قوغۇن قورىمىسى
خۇرۇچلىرى: قوغۇن ئېتىدىن 100 گىرام، سۆڭەكلىك توخۇ گۆشىدىن 200 گرام، سۇ يېغىدىن 100 گرام،جىياڭيۇدىن ئىككى گرام، غولپىياز، زەنجىۋىل، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال، قايناقسۇ، تۇز قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: توخۇ گۆشى ۋە قوغۇن ئېتىنى مونەك-مونەك توغرايمىز. قازانغا ياغ قۇيۇپ، ياغ چۈچۈگەندە غولپىياز، زەنجىۋىل سېلىپ، مەززىلىك پۇراق چىققاندا توخۇ گۆشىنى سېلىپ قورۇپ،سېرىق رەڭگە كىرگەندە، تەمىنى تەڭشەپ قايناقسۇ قۇيۇپ دۈملەپ پىشۇرىمىز. ئاندىن قوغۇننى سېلىپ ئۈستىگە سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال قۇيۇپ، قويۇقلاشقاندا ياغ تېمىتىپ، تەخسىگە ئالساق بۇلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىققا مايىل.
مەنبە :مېھرىئاي خانىم قىزلار دۇنياسى
http://www.liniye.com/viewthread.php?tid=193