شىنخۇا تورى ماقالىسى، ئادەتتە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنىڭ «قاتتىق قۇلاق»، «ئويۇنقېپى» ... ئىكەنلىكىدىن قاقشاپلا يۈرىدۇ. ئۇلارنى ئۆيدىمۇ ھەتتا كوچىلاردا تەنقىدلەپ، ئۆزىچە گەپ ئاڭلاتماقچى بولىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ئەتىدىن كەچكىچە بالىلىرىنىڭ ئۆزى سىزغان سىزىقلاردىن چىقماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى ئۇلارنى ھەتتا ئۇرۇش ئارقىلىق گەپ ئاڭلاتماقچى بولىدۇ. بالىلارمۇ ئايرىم بىر دۇنيا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھە دېسىلا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دېگىنىگە كىرگۈزۈشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭلاشقا، ئادەتتە، ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرى «ئۇنداق بولۇپ كەتتى، مۇنداق بولۇپ كەتتى» دەپ تولا ئاغرىنماي، «بىزدە مەسىلە بارمۇ-يوق» دەپ ئۆزىگە سوئال قويۇپ بېقىشى كېرەك. بالىلارنىڭ كۆڭلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلارچە خىيالى، بالىلارچە قىزىقىشى، بالىلارچە ئارزۇلىرى ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىسىلا، ئۇنىڭ پىكرى يوللۇق تۇرۇپ. يەنىلا سەل قارالسا، ئۇلارمۇ بويۇنتاۋلىق قىلىشتىن باش تارتمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار يەنىمۇ چوڭ بولۇپ، ئۇلارغا يول قويۇشى، ئۇلارنىڭ دۇنياسىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۇنداقتا، بالىلارمۇ ئاتا-ئانىلاردىن بىزار بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە، بولىدۇ، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك قىلمىشلىرىدىن تولىمۇ بىزار ئىكەن:
1. كوتۇلداش
بالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممە ئىشقا چېپىلىۋېلىپ، توختىماي كوتۇلدىشىدىن بىزار ئىكەن. ئاتا-ئانىلار ئادەتتە ئۆز بالىلىرىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدىغان ھەم ئۇلارغا «ياخشى بولسۇن» دەپ ئەڭ ئاددىي نەرسىنىمۇ نەچچە قېتىم جېكىلەيدىغان بولغاچقا، بۇ خىل ئۇسۇل بالىلارغا ئەكس تەسىر بېرىدىكەن. بالىلار ئادەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ توختىماي كوتۇلدىشىدىن ناھايىتى بىزار بولۇپ، بولۇپ ساۋاقداشلىرى ياكى بىرەر دوستىنىڭ ئالدىدا شۇنداق ئىشىنىڭ يۈز بېرىشىدىن بەك قورقىدىكەن.
ئۇنداقتا، بالىلار نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنىڭ كوتۇلدىشىدىن شۇنچە قورقىدۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ كوتۇلداشلىرىدا ئاغرىنىش، نارازى بولۇش، بىزار بولۇش، ئەيىبلەش قاتارلىقلار كۆپ. بۇلار ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا ياقمايدۇ-دە! بالىلارنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى بىر توقاي ئەيىبلەش ياكى ئاغرىنىش بولماستىن، سەمىمىي ئەسكەرتىش، يول باشلاش ۋە چۈشىنىشتۇر. ئۇلارغا چوڭ ئادەملەردەك مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئورنى يوق. شۇڭلاشقا، ئۇلارنى يەنىلا يېتەكلەش، خاتالىق ئۆتكۈزسە، بەك چالۋاقاپ كەتمەي، كەچۈرۈۋېتىش، توغرىسىنى كۆرسىتىپ قويۇش كېرەك.
2. مىجەزى چۇس بولۇش، تۇرۇپلا ئاچچىقلىنىش
بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق دېگەن:«مەن نېمە ئۈچۈن دادامنىڭ مىجەزىنىڭ بۇنداق ئوسال بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇ زادى كۆزۈمگە سىغمايدۇ. تۇرۇپلا ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ، مېنىڭ چۈشەندۈرۈشمگە يولمۇ قويمايدۇ».
شۇنداق، بالىلارنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوسال مىجەزىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەدىسىلا ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشىغا دەستەك قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇڭلاشقا، بالىلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلماسلىق كېرەك. بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۇرۇشۇش، ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى بالىلارغا تاقاپ تۇرۇپ ھەل قىلماسلىق كېرەك.
3. دائىم باشقىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش
ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بالىلارنىڭ ئاجايىپ داڭلىق كىشىلەردىن بولۇپ، ئۆزىگە ۋە جەمەتىگە شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز بالىلىرىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە باشقا جەھەتلەردە باشقىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. بالىسىنىڭ باشقىلارنىڭ بالىلىرىدىن ئازراق تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى بىلەن ھامان يەنە كوتۇلداشنى باشلايدۇ. ھەتتا، ئۇلارنى يوققا چىقىرىپ، «ئادەم ئەمەسكەنسەن، سېنى باققۇچە ھايۋاننى باققان بولسام، ئىسىت»دېيىشتىنمۇ يانمايدۇ. ئۇلارنى كەمسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىغا كۆز يۇمىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەمدى تازا بىر تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەي دەپ تۇرغان بالا ئۆزىنىڭ ئىشەنچىنى يوقىتىدۇ-دە، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
4. دائىم بۇيرۇقۋازلىق قىلىش، ھەددىدىن زىيادە ئەركىنلىكىنى چىگىش
بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق دېگەن:« ئاپام ھەر كۈنى ئەتىگەندە مېنى سۈت ئىچىشكە قىستايدۇ، مەن ئادەتتە سۈتنى كۆرسەملا كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ. ئاپام دائىم خۇددى مېنى قول خادىملاردىن باشقۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاددىي ئىشلارغىمۇ مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى قوللىنىدۇ. مەن بىر قېتىم بىر دوستۇم، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ بىر ئىشى قىلىپ باقايلى، دەپ ئاپامغا ئېغىز ئاچساملا، ئۇ چالۋاقاپ، بېرىشىمغا قەتئىي قارشى تۇردى. مەن ئۇنىڭغا شۇنچە يېلىنىپ تۇرساممۇ، ئۇ ‹ئۆگىنىشىڭگە تەسىر يېتىدۇ› دەپ قەتئىي ئۇنىمىدى».
بالىلارمۇ بىر دۇنيا، ئۇلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ھەددىدىن زىيادە بېسىم ئىشلىتىپ، بۇيرۇقۋازلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلار مەلۇم ئىشنى قىلماقچى بولسا، ئۇلارغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قارشى تۇرماي، بەلكى ئۇلارنى قوللىشىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۇلارنى تىزگىنلىۋالماي، ئۇلارنى روھىي كىشەنلەر ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ ساغلام كىشىلىك خاراكتېر يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.
5. ئۆگىنىشىدىن باشقىسىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك
بىر ساۋاقداش بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« مەن بىر قېتىم دادام بىلەن پۇتبول توغرىلىق پاراڭلىشىپ قالغان ۋاقتىمدا، ئۇ بۇ توغرىلىق بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، ماڭا تەربىيە ئىشلەشكە باشلىدى. ئادەتتە، ئۆيدە مەن توغرىلىق بىرەر گەپ بولسىلا، ئۇ دەرھال گەپ تېمىسىنى مېنىڭ ئۆگىنىشىم ۋە ئىمتىھان نەتىجىلىرىمگە تاقاپلا تۇرۇۋالىدۇ. ئۇ دائىملا مېنى‹ سەن بەك ئويۇنقېپى بولۇپ كەتتىڭ، بۇرۇنقى تېرىشىدىغان چاغلىرىڭ ئەمدى كەلمەسكە كەتكەن ئوخشايدۇ. ھە دېسىلا پۇتبول، تەنتەربىيەنىڭلا گېپىنى قىلىسەن، ئەگەر سەن ھازىر ياخشى ئوقۇماي، كېيىنچە ياخشى خىزمەت تاپالمىساڭ، ئۇ چاغدا سەن مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىش بېلىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيسەن!›دەپ ئاچچىقلاپ كەتكەنىدى. مېنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىلەن بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغۇم ۋە شۇ ئارقىلىق كۆڭلۈمدىكى بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغۇم بار ئىدى. ئەمما ئۇ ھەدىسىلا ئۆگىنىش، ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭلا گېپىنى قىلىپ، مېنىڭ ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلىشىمغا پۇرسەت بەرمىگەنىدى».
بۇ خىلدىكى ئاتا-ئانىلار پەقەت بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىلىرىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، باشقىلىرىغا بولسا، بىپەرۋالىق بىلەن قارايدۇ. ئەگەر بالىلىرىنىڭ نەتىجىسى تاسادىپىي چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى يامان تەرەپتىنلا ئويلاپ، ئۇلارغا ئازار بېرىدۇ، مەسىلىنى ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن باللارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلىشى كېلىپ چىقىدۇ.
شۇنداق، ئاتا-ئانا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىنسان، ئەمما ئۇلارنىڭ زىممىسىگە پەرزەنت تەربىيىلەشتىن ئىبارەت غايەت زور بۇرچ يۈكلەنگەن. ئۇلار بۇ بۇرچنى ئادا قىلىش ئۈچۈن توغرا ئۇسۇل قوللىنىشى، ئۆزىنىڭمۇ بالىلىق دەۋرى بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماي، ئۇلارنىڭ سەبىي ھەم گۆدەك قەلبىگە ئازار بەرمەي، ئۇلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە مەدەت ۋە ياردەملەرنى بېرىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار قەلبىدىكى ئوبرازى تېخىمۇ نۇرلىنىدۇ.مەنبە
http://www.nur.cn