hantagri illikdunya.biz sohpat
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 845
شۆھرىتى: 8505 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8600 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 860 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 333(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى axtuzi نادىرلىدى .(2011-03-16)
ئىسلام دىنىمىز ئائىلە ھاياتىنىڭ ھۇزۇرلۇق ئۆتۈشى ئۈچۈن ئەر-ئاياللارغا ئورتاق ھەقلەر يۈكلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم ھەقلەر يۈكلىگەن. ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپ بۇ ھەقلەرگە رىئايە قىلسا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر دىنى ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاننىڭ سىرتىدا تۇرمۇشلىرى كۆڭۈللۈك، ئۆيىنىڭ ھۇزۇرلۇق ۋە ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولىدۇ. ئۇ ھەقلەر تۆۋەندە ئۈچكە بۆلۈپ بايان قىلىنىدۇ:
1ـ ئورتاق ھەق - ھوقۇقلار
ئەرـئايال ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ھەق-ھوقۇقلار بولۇپ، بۇلارغا ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا رىئايە قىلىشى كېرەك. بۇ ھەقلەر تۆۋەندىكىچە:
ئا- ۋاپادارلىق
ئەر–خوتۇنلاردىن ھەر بىرى قارشى تەرەپكە ۋاپادار بولۇشى، يەنى ئۇلار چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن ھېچقانداق سۆز ۋە ھەرىكەتتە بىر–بىرىگە خىيانەت قىلماسلىقى لازىم. چۈنكى ئەر–خوتۇن، شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلغان ئىككى كىشىگە ئوخشايدۇ.
شىرىكلەر ئوتتۇرىسىدا سەمىمىيەت، راستچىللىق ۋە ئۆزئارا كۆيۈنۈش بولمىسا، شىركەت ۋەيران بولغاندەك،  بىر-بىرىگە سادىق بولمىغان ئەر-خوتۇندىن قۇرۇلغان ئائىلىمۇ ۋەيران بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر–خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچ، سەمىمىيلىك، راستچىللىق، ۋاپادارلىق ۋە كۆيۈنۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەر دائىم ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە مەۋجۇت بولۇشى كېرەك.
ب- دوستلۇق ۋە مېھرىبانلىق
يەنى ئەر–خوتۇن بىر–بىرىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈشى، بىر–بىرىگە مېھرىبانلىق قىلىشى، قىسقىسى، «مەن ئۇ، ئۇ مەن» دېگەن كۆز قاراشتا بولۇشلىرى لازىم. رۇم سۇرىسىنىڭ 26 – ئايىتى بۇنى كۆرسىتىدۇ. ئايەت مۇنداق:
«ئاللاھ سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپتلەر يارىتىپ، ئاراڭلاردا دوستلۇق ۋە مېھىر–مۇھەببەت ئورناتتى؛ ئاللاھ بۇنى، سىلەرنى ھۇزۇرلۇق بىر ھايات ياشىسۇن دەپ قىلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتى ۋە مۇتلەق ھېكمىتىنىڭ دەلىلىدۇر. ئەنە شۇنىڭدا پىكىر يۈزگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەتلەر بار»- (رۇم 30/21).
بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم رەھىم قىلمايدىكەن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلىنمايدۇ»- (بۇخارى).
ج- ئۆزئارا ئىشەنچ
يەنى ھەر ئىككى تەرەپ، ئوتتۇرىسىدا ئەر–خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن باشقا دىنى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئېسىدىن چىقىرىۋەتمەسلىكلىرى كېرەك. يەنى ئەر–خوتۇننىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىگە «بۇ مېنىڭ ھالال جۈپتۇم» دەپ قاراش بىلەن بىرگە «بۇ مېنىڭ دىنى قېرىندىشىم» دېگەن چۈشەنچىدىمۇ بولۇشى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:
«شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار قېرىنداشلاردۇر…»- (ھوجۇرات 49/10).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى، قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگىچە مۇئمىن بولالمايدۇ» دېگەن ھەدىسىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. (بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
دېمەك، ئەر–خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى، دىنى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈىدۇ.
د – ياخشى ئەخلاق
يەنى ئەر–خوتۇنلار  بىر-بىرىگە مۇئامىلىسى ياخشى، چىرايى ئوچۇق، گەپ – سۆزى ئېسىل، ئەخلاقى گۈزەل بولۇشى كېرەك. بىر-بىرىنى تەقدىرلىشى ۋە ھۆرمەتلىشى لازىم. ئاللاھ تەئەلا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«… ئاياللىرىڭلار بىلەن ياخشى ئۆتۈڭلار…»- (نىسا4/19).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاياللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار،  ياخشىلىققا ئېرىشىسىلەر»- (مۇسلىم).
2 – ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى:
ئا- ياخشى مۇئامىلە كۆرۈش
يەنى ئەرنىڭ، ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ئايالنىڭ ئېرى ئۈستىدىكى بىر ھەققىدۇر، ياخشى مۇئامىلە قىلىش دېمەكيېگىنىدىن يىگۈزۈش، كىيگىنىدىن كىيىندۈرۈش، ئۇرۇپ–تىللىماسلىق، تىل–ھاقارەت قىلماسلىق، كەمسىتمەسلىك، دېگەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، «ئاياللىرىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى قايسى يارەسۇلەللاھ؟» دەپ سورىغان بىر كىشىگە مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن:
«ئايالىڭغا يېگىنىڭدىن يىگۈزىسەن، كىيگىنىڭدىن كىيىندۈرىسەن، يۈزىگە ئۇرمايسەن، تىللىمايسەن، ئۇنى ئۆيىدىن چىقىرىۋەتمەيسەن»- (ئەبۇ داۋۇد).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسىلامنىڭ بۇ توغرىدا يەنە مۇنداق ھەدىسلىرىمۇ بار:
«دىققەت! ئاياللىرىڭلارنىڭ كىيىم–كېچىكىنى ۋە يېمەك–ئىچمىكىنى ياخشى قىلىپ بېرىڭلار. بۇ ئۇلارنىڭ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەقلىرىدۇر»- (تىرمىزى).
«ھېچبىر مۇئمىن ئەر، ئۆزىنىڭ مۇئمىن ئايالىنى يامان كۆرمىسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ بىر خۇيى دېتىغا ياقمىسا، يەنە بىر خۇيى ياقىدۇ ئەمەسمۇ!»- (مۇسلىم).
ب- دىنىنى ئۆگىنىش
يەنى ئەر ئايالىنى، دىنى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغۇدەك دەرىجىدە دىنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ، دىنى ۋەزىپىلىرىنى تەلەپكە لايىق ئورۇنداش ئارقىلىق روھىنى غىزالاندۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى، ئۇنىڭ يېمەك–ئىچمەك ئارقىلىق بەدىنىنى غىزالاندۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى بىلەن ئوخشاشتۇر، بەلكىدە تېخىمۇ زۆرۈردۇر. ئاللاھ تەئەلا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار…»- (تەھرىم 66/6).
ج – ھىمايە قىلىنىش (قوغدىلىش ۋە ساقلىنىش)
يەنى ئەر كىشى، ئايالىنى ئىسلام تەلىماتلىرى بويىچە ساقلىشى لازىم. بۇ، ئايالنىڭ ئېرى ئۈستىدىكى بىر ھەققىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئەرلەر، ئاياللىرىنىڭ ھامىيلىرىدۇر…»- (نىسا 4/34).
بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئايالىنى ئىسلام تەلىماتى بويىچە ساقلىمىغان ئەر، ئۇنىڭغا تەلەپكە لايىق ھامىيلىق (قوغدۇغۇچىلىق) قىلمىغان بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:
«ئەر ئائىلىسىگە مەسئۇل. ئۇ، بۇ مەسئۇللۇقىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم).
د- سىررى ساقلىنىش
يەنى ئەر، ئايالىنىڭ سىرلىرىنى ۋە ئەيىپلىرىنى ئاشكارىلىماسلىقى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ يامان ھېساپلىنىدىغان ئەر، ئايالىنىڭ سىررىنى ئاشكارىلىغان ئەردۇر»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم).
3- ئەرلەرنىڭ  ئاياللىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى:
ئا- ئىتائەت قىلىنىش
يەنى ئايالنىڭ گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:
«… ئەگەر ئاياللار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار…»-(نىسا 4/34).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسلىرى ئايەتتىكى «ئىتائەت» نىڭ گۇناھ بولمايدىغان ئىشلار بىلەن چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ:
«ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»- (مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئى، بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد)،
«ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»- (مۇسنەدى ئەھمەد 1/129؛ 1/131).
ب-ئابرۇيى، شەرىپى ۋە مال-مۈلكى ساقلىنىش
يەنى ئايال، ئېرىنىڭ ئابرويىنى، شەرىپىنى ۋە ئىناۋىتىنى قوغدىشى، مال–مۈلكىگە، بالىلىرىغا ۋە ئۆي ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:
«…ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا ئۇ ئاياللارغا نۇرغۇن ھەق–ھوقۇقلارنى بەردى…»- (نىسا4/34).
ج- ئۆيى تەرك ئېتىلمەسلىك  
يەنى ئايال، ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇشى لازىم. ئەگەر سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە، ئېرىنىڭ رۇخسىتى ۋە رازىلىقىنى ئېلىش، ئىسلام تەلىماتىغا ئۇيغۇن كىيىنىش، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىماسلىق، قولى ۋە تىلى ئارقىلىق ھېچكىمگە ئەزىيەت ۋە زىيان يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن چىقىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن، زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن…»- (نۇر 24/31).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«قارىساڭ، سېنى خۇشال قىلىدىغان، بىر ئىشقا بۇيرىساڭ ئىتائەت قىلىدىغان، يېنىدا يوق چېغىڭدا ئۆزىنى ۋە مال–مۈلكۈڭنى سەن ئۈچۈن قوغدايدىغان ئايال، ئەڭ خەيرلىك ئايالدۇر»- (بۇ ھەدىس، مىشكاتۇلمەسابىھتا رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، شەيخ ئەلبانىي سەھىھلىكىنى ئېنىقىلغان).
د- ئاتا-ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى ياخشى مۇئامىلە كۆرۈش
يەنى ئايال، ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋە تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى لازىم. چۈنكى ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋە توغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئېرىگە قىلغان ئەڭ چوڭ ياخشىلىق بولىدۇ.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا ئەر–خوتۇنلارنىڭ ھەربىرى مەيلى ئورتاق ھەق–ھوقۇلار بولمىسۇن، مەيلى ئۆزلىرىنىڭ زىممىسىگە ئايرىم ھالدا يۈكلەنگەن ھەق–ھوقۇقلار بولمىسۇن يۇقىرىدىكى ھەقلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەستايىدىللىق بىلەن رىئايە قىلسا، ھەم ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، ھەم ئائىلسىنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولىدۇ.
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!
تېما تەستىقلىغۇچى : ئاشپەز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-03-16, 05:38

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( ئەلىف )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-16 13:22 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
چوپان

دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2328
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 369
شۆھرىتى: 3710 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3840 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 382 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھازىر مۇشۇ ھەقلەرنى بىلمەيدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى!
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 16:14 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( چوپان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 845
شۆھرىتى: 8505 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8600 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 860 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 333(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھازىر مۇشۇ ھەقلەرنى بىلمەيدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى!

ھېلىغۇ بىلىشكەن ئوقۇپ مۇشۇ توغرىسىدا ئەقلىنى ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلىپ ئىنكاس يازىدىغانلارنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.ھەي....................................
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 16:29 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
رەھىمسىز
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 880
شۆھرىتى: 8830 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8980 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 885 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ،
بىزلەرنى شۇنداق ئىمانلىق، ھايالىق، ئىپپەتلىك سالىھ ئاياللار قاتارىدىن قىلىشنى ھەم ئىمانلىق ،ئەخلاقىلىق تەقۋا كىشنى ھالال جۈپتىمىز قىلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمىز .......امىن.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 16:47 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( رەھىمسىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىۈ

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2447
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 578
شۆھرىتى: 5800 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5799 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 587 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن، قېرىندىشىم ھەم ئات قوشنام.

ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن،     قۇدرەت ئىگىمىزئاللاھ، ئۇ دۇنيالىقىڭىزنى ھەم بۇ دۇنيالىقىڭىزنى خەيرلىك قىلسۇن.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 17:00 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىۈ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

سىمىز
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2166
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 221
شۆھرىتى: 2210 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2210 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 227 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 135(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەممە ئىشلارنى ئۆزمىزدىن باشلايلى  
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 19:51 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سىمىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئۇيغۇرئاي
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 957
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2048
شۆھرىتى: 20740 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 21929 دوللار
تۆھپە: 108 ھەسسە
ياخشى باھا: 2176 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 449(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىلىۋالساق بولغىدەك...كوپ رەھمەت سىزگە!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 21:30 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

شاھ تائام
ماڭا بىرنى ئويلىساڭ، اللا ساڭا ئوننى بەرسۇن.
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 882
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 551
شۆھرىتى: 5705 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5259 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 171(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەخمەت قېرىندىشىم، بىزلەر بىلىمىسىەك بولمايدىغان ھەقلەر ئىكەن.
ھازىر بۇلارنى ئەمەس، نىكاھ نى بىر ئۆرۈپ ئادەت دەپ بىلىپ توي قىلىدىغان ياشلىرىمىز ساماندەك.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-17 09:19 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شاھ تائام ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۇلخان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 417
شۆھرىتى: 4220 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4421 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 456 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،ئىنتايىن ياخشى تېما يوللاپسىز،سوئاللىرىمغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم،دىمەك يولدىشىم مېنى ئىچىملىك بار سورۇنغا بىللە بېرىشقا دەۋەت قىلسا بارمىسام گەرچە ئۇنىڭ نارازى بولىشىغا ئۇچرىساممۇ گۇناھ بولمايدىكەندە،ئاللاھدىن ئۇنىڭ قەلبىنى ھىدايەتنىڭ نۇرى بىلەن يورىتىشىنى تىلەيمەن.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-17 11:37 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

تەتۈرى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1586
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 140
شۆھرىتى: 1460 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1460 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 171 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللا  رەھمەت  قىلسۇن بۇرادىرىم    قولىڭىزغا  دەرىت  كەلمىسۇن  سالامەت بولۇڭ  ئۇزۇن  ئۆمۈر كۆرۈڭ  ئامىن
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-17 15:06 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تەتۈرى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا