خولۇپ ئاش
[ خۇرۇچى]
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، سېمىز گۆش 200 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،چامغۇر، سەۋزە، پەمىدۇر بىر تال، ئاقمۇچ ياكى قارىمۇچ ، پىياز بىر تال، سامساق تۆت چىش، يۇمغاقسۈت ئازراق.
[ئېتىش ئۇسۇلى]
1. ئۇندا ئوتتۇراھال ئاش خېمىرى يۇغۇرۇپ، قەغەزدەك نېپىز قىلىپ يېيىپ، ئىككى قول كەڭلىكتە كېسىلىدۇ. گۆشنى ئۇششاق توغراپ، پەمىدۇرنى يالپاق، يۇمغاقسۈت، سامساق ئۇششاق توغرىلىدۇ.
2. قازانغا سۇ قۇيۇپ توغرالغان گۆشنى سىلىپ قاينىتىپ، ئاندىن قازانغا توغرالغان پەمىدۇر، چامغۇر، سەۋزلەرنى سېلىپ تۇز، زەنجىۋىل سۈيى قۇيۇپ، كېسىلگەن چۆپنى سېلىپ7-10 سانتىمىتىر ئەتراپىدا قولىمىزدا ئۈزۈپ قازانغا تاشلاپ 3-5 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇپ، سامساق، يۇمغاقسۈتنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشنى چۈشۇرىمىز. ئاشنى ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
ئۇزۇن سەپەردىن كەلگەنلەرگە ،ئىشلەپ چارچىغانلارغا مۇشۇنداق سۇيۇقئاش ئىتىپ بەرسىڭىز ھاردۇقى چىقىپ قالىدۇ .