hantagri illikdunya.biz sohpat
ئەلنەزەر
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2348
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 184
شۆھرىتى: 1980 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2381 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 350 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى دەرتمەن نادىرلىدى .(2011-03-16)
ئىسلامدا نىكاھ ئۇقۇمى
نىكاھ ــ ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر - بىرىدىن ئورتاق مەنپەئەتلىنىش مەقسىتىدە بەختلىك بىر ئائىلىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىكىكىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋىتىنىڭ باغلىنىشى دېمەكتۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئاياللار بىلەن ئۇنسى - ئۇلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاراڭلاردا (يەنى ئەر - خوتۇن ئارىسىدا) مېھىر - مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر. پىكىر يۇرگۇزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك - شۇبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبىرەتلەر باردۇر.“ (رۇم سۈرىسى 21 - ئايەت)

نىكاھنىڭ شەرتلىرى
ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كامىللىقىنىڭ بىر مىسالى شۇكى، ئۇنىڭدا، مەيلى ئىنسانلار ئارىسىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان سودا - سېتىق مۇئامىلىلىرى بولسۇن، مەيلى ئامانەت قويۇش، قەرىز بېرىش ۋە ئېلىش مۇئامىلىلىرى بولسۇن، ھەمدە باشقىمۇ مۇئامىلىلار بولسۇن، ئىنسانلار جەمئىيىتى ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولالمايدىغان ھەرقانداق بىر مۇئامىلە ئۈچۈن مۇئەييەن قانۇن - پرىنسىپلار بېكىتىلگەن. نىكاھمۇ يوقىرىقى مۇئامىلىلارنىڭ بىر تۈرى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىمۇ مۇئەييەن قانۇن - پرىنسىپلار بار. نىكاھنىڭ ئىسلام نەزەرىدە، قانۇنلۇق ھالدا دۇرۇس باغلىنىشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1. ئەر - ئايال ئىككىسىىنىڭ رازىلىقى
نىكاھنىڭ دۇرۇس باغلىنىشى ئۈچۈن نىكاھلانماقچى بولغان ئەر بىلەن ئايال ئىككىسىنىڭ رىغبىتى ۋە ئۇلارنىڭ رازىلىقى شەرتتۇر. مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن ھېچكىمنى ئۆزى خالىمىغان بىرىسى بىلەن نىكاھلىنىشقا زورلاشقا بولمايدۇ. ئىنسانلار تۇرمۇش قورۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە جور تاللاشتا مۇتلەق ئەركىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”چوكان ئۆزىنىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشتا ئاتا - ئانىسىدىن ھەقلىقتۇر. قىزنىڭ رايى سورىلىدۇ. ئۇنىڭ سۇكۇت قىلغىنى ماقۇل كۆرگەنلىكىدۇر. (مۇسلىم رىۋايىتى)
2
. گۇۋاھچىلارنىڭ ھازىر بولۇشى
نىكاھنىڭ دۇرۇس باغلىنىشى ئۈچۈن نىكاھ ئوقۇلغان ئورۇندا ئىككى مۇسۇلمان ئەر گۇۋاھچىنىڭ ھازىر بولۇشى شەرتتۇر. ئىككى ئەر گۇۋاھچى تولۇق تېپىلمىغان شارائىتتا، بىر ئەر، ئىككى ئايال بىرلىكتە گۇۋاھلىققا ھازىر بولۇشى لازىم. چۈنكى بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىلەردە ئىككى ئايال گۇۋاھچى بىر ئەر گۇۋاھچىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. گۇۋاھچىلار ھازىر بولمىغان نىكاھ نىكاھ بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: سىلەر ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار. ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر (ئادالىتىگە ، دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار. (بەقەرە سۈرىسى 282 - ئايەت)

نىكاھنىڭ لەۋزىلىرى
نىكاھنىڭ لەۋزىلىرى - ئەر - ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن تۇرمۇش قۇرماقچى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق سۆز ئىبارىلەردۇر. ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ نىكاھلىنىش تەلىبىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئەر كىشىمۇ ئۇنى زىممىسىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايال كىشىنىڭ قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۆزى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئەركىشى ئۇنى زىممىسىغا ئالغانلىقىنى ئۆزى بىۋاسىتە بىلدۈرىدۇ. نىكاھنىڭ ئىبارىلىرى ئۆتكەن زامان پئېىللىرى (يەنى ئالدىم ، تەگدىم دېگەنگە ئوخشاش پئېىللار) بولۇشى لازىم. شۇنىڭدەك ، تەلەپ بىلەن قوبۇل بىر ئورۇندا بولۇشى، ئىككى سۆزنىڭ (ئوتتۇرىدا كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ،) ئارىسىغا باشقا گەپلەر ئارىلىشىپ قالماسلىقى لازىم.
نىكاھقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار
نىكاھتىن كېيىن تۆۋەندىكى ئۈچ نەرسە بەلگىلىنىدۇ:

1. مېھىر
مېھىر - نىكاھ سەۋەبى بىلەن ئەرنىڭ ئايالىغا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مەلۇم مىقداردىكى ماددىي ھەق (پۇل) دېمەكتۇر.
مېھىر بېرىشنى ئەر - ئايال ئىككىسى تويدىن بۇرۇن شەرت قىلغان بولسۇن، ياكى شەرت قىلمىغان بولسۇن ھەر ھالەتتە ئەر كىشىنىڭ ئۇنى نىكاھتىن كېيىنلا ئايالىغا نەق ياكى يېرىمىنى نەق، يېرىمىنى نىسى بېرىشى لازىم.
مېھىرىنىڭ مىقدارى:
مېھىر مىقدارىنىڭ ئاز كۆپلىكىنىڭ چېكى يوقتۇر. مېھىر پەقەت ئەرنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىغا قاراپ بولىدۇ. تويدىن بۇرۇن ئەر تەرەپ بىلەن ئايال تەرەپ ئۆزئارا پۈتۈشكەن مېھىر مىقدارى ھېسابقا ئېلىنىدۇ. ئەگەر تويدىن بۇرۇن ئايال كىشىگە مېھىر بېرىشنى پۈتۈشمىگەن بولسا، ياكى پۈتۈشكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ مىقدارىنى تەيىنلىمىگەن بولسا، بۇ ھالەتلەردە ئەر كىشى ئايالىغا شۇ شەھەردە ئادەت بولۇپ ئېقىۋاتقان مېھىر مىقدارىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە مېھىر بېرىدۇ. چۈنكى مېھىر ــ ئايال كىشىنىڭ نىكاھ سەۋەبى بىلەن بەلگىلەنگەن تەبىئىي ھەققىدۇر. مېھىر مىقدارىنىڭ ئاددى، يېنىك بولغىنى ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسىمۇ مېھىرنى ئېغىر قىلىۋېتىپ توينى قىيىنلاشتۇرۇپ قويماسلقتۇر. مېھىر - پۇل - مال بېرىش بىلەن ئادا تاپقىنىدەك، مەنىۋى مەنپەئەت بىلەنمۇ ئادا تاپىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ساھابىنى ئۇ كەمبەغەل بولغاچقا، ئۇنىڭ ئايالىغا بېرىدىغان مېھىرى بەدىلىگە، ئايالىغا قۇرئان ئۇگىتىشىنى شەرت قىلىش بىلەن ئۆيلەندۈرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.

2. نەفەقە
نەفەقە - ئەركىشىنىڭ تويدىن كېيىن ئايالىنىڭ يىمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ۋە باشقىمۇ بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قامداش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇنى ئىجرا قىلىشى دېمەكتۇر.
ئەر كىشى ئەگەر ئايالىنىڭ يوقىرىقى چىقىملىرىغا بېخىللىق قىلىپ ئۇنى جايىدا ئادا قىلمىسا، ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ. بۇ ھالەتتە ئەگەر ئايالى ئۇنىڭ ئىقتىسادىدىن ئۆزىنىڭ ھاجىتىگە يېتەرلىك مىقدارنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمەستىن ئالسىمۇ، ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ بارلىق چىقىملىرى ئېرىنىڭ زىممىسىدىدۇر. بۇھەقتە، ئەبۇ سۇفياننىڭ ئايالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا، ئېرىنىڭ باي تۇرۇپ بېخىللىق قىلىپ ئۇنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ چىقىملىرىنى تولۇق ئورۇنلاپ بەرمىگەنلىكىدىن شىكايەت قىلغان ھالدا، قانداق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا، ئانداقتا، ئۆزىڭىز ۋە بالىلىرىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا يېتەرلىكىنى ئېرىڭىزگە كۆرسەتمەستىن ئالسىڭىز بولىدۇ. دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.

3. مىراس
مىراس - بىراۋ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مال ــ دۇنياسى ۋە باشقىمۇ ماددىي مەنپەئەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا يۇتكىلىشى دېمەكتۇر. قانداقلا بىر كىشى بىر ئايالغا نىكاھلىنىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىدىن مىراس ئېلىش ھوقۇقى بەلگىلەنگەن بولىدۇ. مىراس - بىراۋ ئۆلگەندىن كېيىن ئېلىنىدۇ. يەنى ئەر - ئاياللاردىن قايسىسى بۇرۇن ۋاپات بولسا، كېيىنكىسى ئۇنىڭ مىراسىنى ئالىدۇ. ھەتتا نىكاھلىنىپ بىر - بىرىگە يېقىنلاشماستىن بىرى ئۆلۈڭ كەتكەن بولسىمۇ، كېيىنكىسى ئۇنىڭ مىراسىنى ئالىدۇ.

مەنبە : مەرىپەت تورى

تېما تەستىقلىغۇچى : admin
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-03-15, 11:27

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( ئەلنەزەر )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-15 16:06 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلنەزەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
رەھىمسىز
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 899
شۆھرىتى: 9020 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9170 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 904 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىلىم بىرىشنى مىھرى ھەققىگە ھىساپلاپ توي قىلدىغانلار ھازىر بولمىسا كېرەك ..............  دىيارىمىزدىكى تويلار بارغانچە ئەسلىدىكى ھالىتىنى يوقىتىپ پۇل بىلەنلا بولىۋاتىدۇ. يىگىت قىز تەرەپكە20-30مىڭ يۈەننى مىھرى ھەققىي قىلىپ بەرسە قىز ئۇ پۇلغا ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى يۇتقان -كۆپە ئالغان ، تىخى بەگىنى يەتمەي يىنىدىن پۇل قۇشۇپ ئۆي ياسىغان، مىھرى ھەققىي قىزغا خاس تۇرسا ،ئۇنىڭغا ئەر -ئايال ئورتاق پايدىلىنىدىغان نەرسە سېتىۋالسا ئۇ قانداقمۇ خاس مىھرى ھەققىي بولالايدۇ؟؟؟؟ بۇ خۇددى يىگىتنىڭ پۇلىنى ۋاكالىتەن خەجلەپ بەرگەندەك ئىش بولمامدۇ؟؟؟ نىكاھدا يىگىت <ئالدىم > دىگەندىكىن ئۆي ۋە كىرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن ئايالنى تەمىنلىشى كىرەققۇ؟؟؟؟ بىرىلگەن پۇل جىق بولغان بىلەن قىز كىيىم ۋە ئازىراق ئالتۇندىن باشقا ھىچنىمىدىن پايدىلنالمىسا بۇ قانداق بولغىنى ؟؟؟ مۇشۇ ئىشلار پەقەتلا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ.........   
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 11:26 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( رەھىمسىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

رەھىمسىز
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 899
شۆھرىتى: 9020 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9170 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 904 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەلىف قېرىندىشىم ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەرھەمىتى سىزگە بولسۇن.....بۇ يەدىكى يەنە بىر مەسىلە قىزنىڭ رازىلىقى بىلەن ئەمەس مەجبۇرىي ھالدا يەنى يىگىت تەرەپنىڭ قىزغا تويلۇق سېلىپ < پالانى ماركىلىق مۇتىسىكىلىت ، پالانىنىككىدەك پەردە...ئالىسىز> دەپ، بەرگىنىدىن كۆپرەك قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن جىقراق نەرسە تەلەپ قىلىپ ،ئۇلانى قىيىنىشى ، قىزنى چوڭلانىڭ ئالدىدا تەڭلىكتە قويىشى،چوڭلانىڭ تويدىن يېنىۋالاي دىسەخەقنىڭ< بىر قىزىنى چىقىرالماپتۇ ..> دىيىشىدىن قورقۇپ ، سارغىيىپ تۇتۇپ ، ئامالسىز توي قىلىشى..............     
يىگىت تەرەپنىڭ< بەرگىنىمنىڭ ھەممىنى خەجلەيسەن .....ھەتتاكى ئاشۇرۇپ ......> دىيىشگە قارىتا ئايال نىمە دىيىشى ۋە نىمە قىلىشى كېرەك؟؟؟؟
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 12:52 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( رەھىمسىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
رەھىمسىز
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 899
شۆھرىتى: 9020 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9170 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 904 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

سىز ئارقىلىق نۇرغۇن بىلمىگەنلىرىمنى بىلۋالدىم....ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن......
يەنە سۇئاللىرىم بولسا داۋاملىق سىزنى ئاۋارە قىلىمەن جۇمۇ..........
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 13:22 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( رەھىمسىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا