oznur.cn vip
شۈكران
دەرىجىسى : قىزىققۇچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1414
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرىتى: 170 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 170 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 19 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز ئۆرۈپ- ئادەتلەر دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-03-15)

شۇكران ساماۋەر شورپىس  يىڭىدىن تىجارەت باشلىدى،شۇمۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلارنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمەن ھەرقانداق تەركىبى ھالال بولمىغان شۈبھىلىك خۇرۇچلاردىن خالى،ھەقىقى مۇسۇلمانچە تەييارلانغان،بارلىق دوسلارنىڭ خاتىرجەم ئىستىمال قىلىشىنى سورايمەن


  




1-شۈكران ھەققىدە

شۈكران زەنجىرسىمان ساماۋەر شورپىسىنىڭ باش ۋەكىلى مىجىت بارات،1978-يىلى 2-ئاينىڭ4-كۈنى خوتەن قاراقاش ناھىيسى قوچى يېزىسىدا نامرات دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن،ئائىلىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپنىلا تاماملاپ ئۇقۇشتىن توختىغان،1994-يىلى ناھىيە بازىرىدا ئاشپەزلىككە شاگىرىت بولغان،1999-يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە كەلگەن،ئۈرۈمچىدە خۇيزۇ ۋە ئۇيغۇرلاردىن بىر نەچچە داڭلىق ئاشپەز ئۇستازلارنى ئىزلەپ بېرىپ شاگىرىت بولغان .كىيىن بىرنەچچە يىل ئۈرۈمچىدىكى بەزى رىستۇران تىز تاماقخانىلاردا ئىشلىگەن،2005-يىلدىن 2007-يىلغىچە كەسىپ ئالماشتۇرغان،بۇ جەرياندا دوسلىرى بىلەن تىجارەت سەۋەپلىك بىر قانچە ۋىلايەت ۋە ناھىيە شەھەرلەردە بولغان ۋە بىرنەچچە قېتىم ساماۋەر شورپىسى ئىستىمال قىلغان،بۇ جەرياندا  بىر نەچچە ساماۋەر شورپىسى ئىستىمال قىلىدىغان تىجارەت سورۇنلىرىغا گەرچە مۇسۇلمانچە دىگەن تاختاي ظېسىلغان بولسىمۇ،لىكىن ئۇلارنىڭ دورا دەرمەك تەركىبىدە ھارام قىلىنغان تەركىپلەرنىڭ بارلىقىنى بايقاپ كۆڭلى يېرىم بولغان،شۇنىڭدىن كىيىن رايۇنىمىزدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى ھەقىقىي مۇسۇلمانچە بولغان ساماۋەر  شورپىسى بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرۈش،ساماۋەر شورپىسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشۈنۈش،ۋە بىلىش مەخسىتىدە 2007-يىلى جۇڭگودىكى ئاچچىق تائام ماكانى، ساماۋەر شورپىسى ئىجات قىلىنغان جاي چۇڭچىڭ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان، جاپاغا چىداپ ئىشلەش،تىرىشىپ ئۈگۈنۈش نەتىجىسىدە 2009-يىلى كۈزدە يۇرتى قاراقاشقا قايتىپ كىلىپ 2010-يىلى12-ئاينىڭ5-كۈنى باشقا دوسلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا قاراقاش ناھىيسى خەلق مەيدانىنىڭ غەربىدە 450كىۋادىرات مىتىرلىق« قەسىر ساماۋەر شورپاخانىسى»نى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ تىجارەت باشلىغان،مەزكۇر ئۇستاز ھازىر قەسىر ساماۋەر شورپاخانىسىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەشكە مەسئۇل باش ئۇستام بۇلۇپ ئىشلىمەكتە.
2-ساماۋەر شورپىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە چۇڭچىڭدا بارلىققا كىلىشى
چۇڭچىڭچە ساماۋەر شورپىسىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى تەخمىنەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ داۋگۇاڭ يىللىرىغا تەۋە بۇلۇپ، سۇ كالىسىنىڭ قېرىنىنى يىيىشنى ئاساس قىلغان ساماۋەر شورپىسىدىن ئىبارەت ئىدى،ئۇ دەسلەپتە چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى «جىياڭبېي» دىگەن يىرىدە بارلىققا كەلگەن،ئەڭ دەسلەپتە كۈتۈرۈپ يۈرۈپ پارچە ساتىدىغانلار سۇ كالىسىنىڭ گۆش،قېرىنلىرىنى سۇدا پىشۇرۇپ شورپىسى بىلەن ساتقان،كىيىن جىگەر،گۆش،قېرىنلىرىنى پۈتۈن بىر پارچىدىن يالپاقلاپ، كان ئۇچاقلارغا چەتتىن كىرگۈزۈلگەن تۈمۈر قاچىلارنى ئورنۇتۇپ ھەربىر كىچىك قاچىغا بىرنەچچە پارچىدىن سېلىپ ھەم ئاچچىق-چۈچۈك دورا- دەرمەك ۋە تۇز تېتىتقۇلارنى تەڭشەپ يىيىشلىك بىر غىزانى بارلىققا كەلتۈرگەن،ھەم بۇنىڭغا «ساماۋەر شورپىسى» دەپ ئىسىم قويغان،شۇنداق قىلىپ دەريا بۇيى ۋە كۆۋرۈك بېشىدىكى ئىشلەمچىلەر بۇخىل غىزانى ئۇلىشىپ ئىستىمال قىلغان،چۇڭچىڭ ساماۋەر شورپىسىنى ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلۈكسىز كۈپىيىشىگە ئەگىشىپ رەڭگى،پۇراقلىقى،ۋە تەمى جەھەتتىن بارغانسىرى ئالاھىدىلىشىپ تەرەققىي قىلغان،شۇڭا چۇڭچىڭ ساماۋەر شورپىسى ئەڭ داڭلىق ساماۋەر شورپىسىدۇر،ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە چۇڭچىڭ ساماۋەر شورپىسى ئالاھىدە گۈللەنگەن بۇلۇپ،باشقا ئۆلكە،شەھەرلەردىن  كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەر بەك ئامراق بۇلۇپ كەتكەن،ھەتتا بەزىلەر يۇقۇرى قاتلام ھۈكۈمەت ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنى كۈتۈۋالغاندا بۇ خىل تائامنى ئەتىۋارلاپ ئىستىمال سورۇنىلىرىغا ئالاھىدە ھازىرلىغان،ئازاتلىقتىن كىيىن چۇڭچىڭ ساماۋەر شورپىسى ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كالا قېرىنى ساماۋەر شورپىسى،گۆشسىز ساماۋەر شورپىسى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر ئىككىلىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ كۆپ خۇرۇچلۇق قوشماق ئۆردەك ساماۋەر شورپىسى بارلىققا كەلگەن،يىقىنقى يىللاردىن بۇيان چۇڭچىڭ ساماۋەر شورپىسى رىقابەت جەھەتتە ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ سۈرلەنگەن گۆش،خۇرۇچ ۋە كۆپ خىل يىمەكلىكلەرنى ئىشلىتىپ يىيىش ئۇسۇلىدىمۇ كۆپ يىڭىلىقلار بارلىققا كەلمەكتە.
3-شۈكران ساماۋەر شورپىسىنىڭ بارلىققا كىلىشى
ساماۋەر شورپىسىنىڭ ئەسلى كىلىش مەنبەسى بولغان چۇڭچىڭ ساماۋەر شورپىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن،ۋە داڭلىق يەرلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا نامى بار. ساماۋەر شورپىسىنى يىيىشكە ئامراق چۇڭچىڭلىقلار، سىرتقى جايلاردىن ۋە چەتئەلدىن كەلگەن جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ چۇڭچىڭ ساماۋەر شورپىسىنى ئەپچىل ياقتۇرۇپ يىيىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ تەمى،تۈرىنى ئۆزگىچە قىلىشقا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن،ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا پاراسەتلىك چۇڭچىڭلىق ئاشپەز ئۇستىلار ئۇزۇن مەزگىل ئىزدىنىش ۋە سىناق قىلىش ئارقىلىق بىر ئايرىمخانىدا بىر ئۇچاق تەييار قىلىش،بىر قازان ئورنۇتۇش ئارقىلىق،ئەڭ دەسلەپكى قازان-قۇمۇچ سايمانلارنى «سوپىيو» يەنى قورۇشقا ئىشلىتىدىغان ساپلىق، تىز ئۆرۈپ پىشۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان كەپكۈر،قىيما گۆش،گۆش چانىغۇچ قاتارلىقلارنى كەشىپ قىلغان،ۋە ئىشلەتكەن،بۇنىڭغا 20خىل خام خۇرۇچلارنى يەنى كالا يېغى،خام زەنجىۋىل،سامساق،پۇرچاق بەرگى،قارامۇچ،قىزىل مۇچ ،تاشاڭ،خۇۋاسىڭ،قاتارلىق خۇرۇچلارنى مۇكەممەل رىتسىپ ئارقىلىق مۇۋاپىق مىقداردا تەڭشەپ قازانغا سالغاندىن كىيىن ئاستا قاينىتىپ تەمىنى تەڭشەپ  تەييارلىۋېلىپ سۇسىزلاندۇرۇپ،ئادەتتىكى تىمپۇراتۇردا ساقلىغىلى بۇلىدىغان خۇرۇچ قىلىپ خالتىغا قاچىلىغان. خۇشبۇي،تەملىك قىزىل مۇچ ئارلاشما تەملىك ئالاھىدە يەرلىك پۇراققا ئىگە بولغان چۇڭچىڭ ساماۋەر شورپىسىنىڭ خۇرۇچلىرى ئەنئەنىۋىي ئىجاد قىلىنىپ ياسالغان بۇخىل ياخشى دورا دەرمەكلەر ئائىلىلەردە ۋە تاماقخانىلاردا ئىشلىتىشكە ناھايىتى باپ كىلىدىغان بۇلۇپ ھازىر بۇ جەنۇبى ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ جۈملىدىن ئاز سانلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئائىلىدە ۋە مەخسۇس شورپىخانىلاردا ياقتۇرۇپ يەيدىغان كۈڭۈللۈك ھەم يىڭىچە ئىستىمالىغا ئايلىنىپ قالدى،لىكىن بۇخىل يىمەكلىكنىڭ خۇرۇچلىرى تەركىبىدە مۇسۇلمان قىرىنداشلار ئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغان بىرنەچچە خىل خۇرۇچلار بۇلۇپ بۇ تەرىپىنى ئىستىمالچى قېرىنداشلار بىلمىگەچكە بەزى ئاشخانىلارنىڭ مۇسۇلمانچە تاختىسىنى كۈرۈپ خاتىرجەم ئىستىمال قىلىۋاتىدۇ،تاماقخانىلارمۇ مۇسۇلمانچە دىگەن تاختاينى ئېسىپ قۇيۇپ ئۈزى بىلگەنچە ئىش قىلىۋاتىدۇ،مۇشۇ سەۋەپتىن «شۈكران ساماۋەر شورپىسى »نىڭ ۋەكىلى مىجىت بارات مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى ھەقىقىي مۇسۇلمانچە بولغان پاكىزە ساماۋەر شورپىسىدىن بەھرىمان قىلىش ئۈچۈن ئەسلى رېتسىپتىكى مۇسۇلمانچە بولمىغان خۇرۇچلارنى چىقىرىپ تاشلاش،ۋە ئۇنىڭغا مايىل بولغان خۇرۇچلارنى سەپلەش ئارقىلىق ئەسلىدىكى تەم ۋە رەڭ-پۇراقلارنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، قايتا-قايتا سىناق قىلىش،ئەۋرىشكە ئېلىپ چۇڭچىڭدىكى ئۇستازلارغا ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئېلىش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئېغىز تەم ئالاھىدىلىكلىرىگە ماس كىلىدىغان، تەركىۋى ھالال بولغان،مۇسۇلمان قېرىنداشلار خاتىرجەم ئىستىمال قىلىشقا بۇلىدىغان مۇكەممەل بىر رىتسىپنى بارلىققا كەلتۈردى،ھەمدە جۇڭگو سودا-سانائەت ئىدارىسىغا «شۈكران»ماركىسىنى ئەنگە ئالغۇزۇپ مۇشۇ ماركا نامىدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن« شۈكران زەنجىرسىمان ساماۋەر شورپىسى»غا ۋاكالەتچى،ھەمكارلاشقۇچى تەكلىپ قىلىدۇ،بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىلگىرلىشىڭىزنى،قىسقىسى ئۈزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى ھەقىقىي مۇسۇلمانچە بولغان ساماۋەر شورپىسى بىلەن تەمىن ئىتىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
4-قىلچىمۇ ئەنسىرمەڭ!!!!!مەيلى سىز ئاشپەز بۇلۇڭ ياكى بولماڭ.مەيلى بۇ كەسىپتىن ھېچ قانداق سەۋىيەرىڭىز بۇلۇش ياكى بولماسلىقىڭىزدىن قەتئى نەزەر قىلچە  ئىككىلەنمەي مەبلەغ سېلىۋىرىڭ،چۈنكى شۈكران سىزگە ياردەم قىلىدۇ.ھەمدە سىزنى ھەقسىز تەربىلەيدۇ.مەيلى سىز شىنجاڭنىڭ قايەرىدە بۇلۇڭ شۈكران ئاساسى مۇھىم دورا-دەرمەك،خۇرۇچلارنى سىزگە دەل ۋاختىدا يەتكۈزۈپ بىرىدۇ،سىز بىلەن ئورتاق ئىلگىرلەش،تەڭ تەرەققى قىلىش شۈكراننىڭ ئاساسى مەخسىدى.
5-تۈزۈملەر شۈكران ساماۋەر شورپىسى زەنجىرسىمان دۇكىنىنى تەسىس قىلىشقا رۇخسەت قىلىش ئەھۋالى
1)ئۈرۈمچى شەھىرىگە 10 دۇكان.
2)ھەرقايسى ۋىلايەت،ئوبلاسىت دەرىجىلىك شەھەرلەرگە 3-4كىچە.
3)ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەرگە 1-2گىچە بۇلىدۇ.
4)كۈلىمى ئەڭ كىچىك بولغاندا 90كىۋادىرات مىتىردىن تۈۋەن بولماسلىقى كىرەك.
5)ھەرقايسى تارماق دۇكانلارنىڭ بىزىلىشى ئوخشاش بىرخىل بۇلۇشى،ئاشپەز ۋە مۇلازىمەتچىلەرنىڭ كىيىمىمۇ بىر تۇتاش تەلەپكە ئۇيغۇن بۇلۇشى كىرەك.
6)ھەرقايسى تارماقلار دۆلەتنىڭ بارلىق قانۇن-نىزاملىرىغا تۇلۇق ئەمەل قىلغان ئاساستا تىجارەت قىلىشى شەرت.
7)ھەمكارلاشقان تارماق دۇكانلارغا مەخسۇس تەربىيلەش ئېلىپ بارىمىز،ئەگەر بۇندىن بۇرۇن يىمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق،كىتەرلىك مۇھىم خۇرۇچلارنى شۈكران ۋەكىلى تەمىنلەيدۇ،ھەم سىز قايسى يەردە بولسىڭىز شۇ يەرگە يەتكۈزۈپ بىرىدۇ،تەربىيلەش ئورنى خوتەن قاراقاش «قەسىر ساماۋەر شور شورپىخانىسى»دا.


ئادىرسىمىز :خوتەن قارا قاش ناھىيە خەلىق مەيدانىدا
تىلفۇن:15999044442
تېما تەستىقلىغۇچى : ئەنگەر
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-03-14, 18:26

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( شۈكران )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-14 22:22 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شۈكران ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 813
شۆھرىتى: 8645 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8640 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 874 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 335(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىزئۇيغۇرمىللىتى  ئەزەلدىن چاقاغان مىھماندىن پۇل ئېلىپ مىھمان قىلمايمىز،ئەكسىچەئىززىتىنى قىلىمىز،بەڭگىمۇ ئۈزى سېلىپ بەرگەن نەششىگە پۇل ئالماسمىش ،مەن دىگەن بىر ئاشپەز تۇرۇپ،شۇبەڭگىچىلىك بۇلالمامدىم،خاتىرجەم كىلىڭلا،ئورنىنى باش بەتتىكى <<شۈكران>>ساماۋەر شورپاخانىسى ئىلانىدىن تەپسىلى كۈرۈڭلا،ھەممىڭلانى قارشى ئالىمەن،ئارلىقنى يىراق كۈرمەي كىلىشىڭلانى  ئۈمۈت قىلىمەن

ئېلان؟؟؟.............. كېنە قارى غوجام ئۇ ئىلانلىرى؟
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-15 12:21 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساياھەت رايۇنى،مېھمانخانا، رىستۇران،تىز تاماقخانىلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/