ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە بىر خىل تاماق بار ،شۇنداق سىڭىشلىك ،قارىماققا تەييارلاش جەريانىدىن شاھى تائام پولوغا ئوخشاپ قالدۇ ،بىراق ئۇ پولو ئەمەس ، <<ئۇنىڭ ئىنىسى >>

لازىملىقلار : قوي گۆشى 400گىرام ئەتراپىدا ، سەۋزە سېرىقتىن ئىككى باش ،قىزىلدىن بىر باش ، پىياز يېرىم باش ، پۇراقلىق زىرە ياقتۇرشىمىزغا قاراپ تەييارلىنىدۇ .
قوي گۆشىنى سەل چوڭىراق توغرايمىز ، سەۋزىنى پولونىڭكىدىن ئىنچىكە قىلىپ قەلەمچە قىلىمىز ،بىر چۈمۈچ ماينى ياخشى قىزدۇرۇپ گۆشنى قىزارتىپ قورىمىز ، ئاندىن پىيازنى سېلىپ سارغايغىچە قورىمىز ، داۋامىدا سەۋزە سېلىنىدۇ ، سەۋزىمۇ تاكى تېرپىسى ئولگىچە قورۇلدۇ ، ئاندىن قازانغا سۇ قويىمىز ، بىر ئارا چىنا گۈرۈچكە ئۈچ ساپلۇق سۇ قۇيۇلدۇ ، ئاندىن بۇ ئاشنىڭ سۈيى قاينىغاندىن كىيىن بوش ئوتتا داۋاملىق 15-20 مىنوت ئەتراپىدا قاينىتىلىدۇ ،تۇز تەمى سەل ئۆتكۈزۈلۈپ تەڭشىلىپ بىر ئاز قاينىغاندىن كىيىن ، گۈرۈچنى سالىمىز ،چوڭ ئوتتا قاينىۋالغاندىن كىيىن يەنە ئوتنى بوش قىلىمىز ، شۇنداق قىلىپ بۇ تائام تەملەندۇرۇچ باسقۇچىغا كىردۇ ، قانچە بوش ئوتتا ئۇزۇن قاينىسا ئاش سۈيى بىلەن گۈرۈچ بېرىكىپ يىيىشلىك بولدۇ،ناۋادا سىز گۈرۈچنى تىرىك سۇلىقىراق بولىشىنى ياقتۇرسىڭىز ،ئۇنچە جىق قايناتمىسىڭىزمۇ بولدۇ ،ئىش قىلىپ مەن قۇيلۇپ كەلگىنىگە ئامراق ، ئاندىن ئازراق شىكەر سىلىپ ئوتنى ئۆچۈرۈپ ، تاۋاقلارغا ئېلىپ زىرە سېپىپ يىسەك بولدۇ ،
شىكەر سىلىنسا ئاش رەڭگى پارقىراق كۆرىنىدۇ ، زېرىنى ھەر كىم ياقتۇرشىغا قاراپ سەپسە بولدۇ ،
ياشانغانلار ، كىسەللەر بالىلارغا بەك ماس كىلدۇ ،