ماتىرىيالى:
ئەنجان كاۋىسى ،بادام مېغىزى،تاتلىق ئۇرۇك مېغىزى، كۆك يېمىش، سوقا چىلان، جىگدە، ياڭاق مېغىزى، ناۋات، ھەسەل.
ئالدى بىلەن كاۋىنىڭ ئۇستىنى ئويۇپ ،ئىچىدىكى ئۇرۇقلارنى تازلاپ ئىلىۋىتىپ پاكىزە يۇيىمىز . ئاندىن يۇقىرىدىكى خۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىنى سىلىپ، ئويۇپ ئالغان كاۋىنىڭ پارچىسى بىلەن ئۇستىنى ياپىمىز ئاندىن كىيىن 30 مىنۇت ھوردا دۇملەيمىز. بۇ دۇملىمىنى دۇخۇپكىدا پۇشۇرساقمۇ بۇلىدۇ.
بۇ دۇملىمىنىڭ تەبىئىتى: ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: بادام مېغىزىنىڭ مېڭىنىڭ ئەستە ساقلاش، ئۆپكىنى قۇۋەتلەش خۇسۇسىيىتى بار.
ئۇرۇك مېغىزىنىڭ تەبىيىتى قۇرۇق ئىسسىق، بەدەننى سەمىرىتىش، تەرەتنى يۇمشىتىش، بەلغەم بۇشىتىش، يۇتەل پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى بار.
چىلاننىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، سوغۇققا مايىل، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى ياشارتىش، قاننى تازلاش، قىزىتما قايتۇرۇش، يۇتەل پەسەيتىش، قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بۇلۇپ ، زۇكام ، يۇتەل ، ئۆپكە ياللۇغى، قان بۇزۇلۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى توختىتىش قاتارلىقلارغا شىپا بۇلىدۇ.
جىگدىنىڭ تەبىئىتى 2- دەرىجىدە قۇرۇق، بەدەننى قۇۋەتلەش، ئىچى سۇرۇشنى تۇختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
ياڭاق مېغىزىنىڭ تەبىئىتى 2- دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق، مېڭىنى قۇۋەتلەش، ئىششىق ياندۇرۇش، تىرىنى پاقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ناۋاتنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بۇلۇپ ئۇ قاندىكى شېكەر ماددىسىنىڭ تۇۋەنلىكىنى تولۇقلاش، جىگەرنى قۇۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ھەسەلنىڭ تەبىئىتى 1- دەرىجىدە ئىسسسق. تۇسالغۇلانى ئىچىش، نىرىپلارنى قۇۋەتلەش، تىنىچلاندۇرۇش، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىنى ياخشىلاش، يۆتەل تۇختىتىش، جىگەر كىسىلىگە مەنپەئەت قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
سەككىز خۇرۇچلۇق دۇملىمە كاۋىنى ئىستىمال قىلغاندا ، يەنە قاندىكى شېكەرنى تۆۋەنلەتكىلى ۋە تىزگىنلىگىلى بۇلىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازان شىللىق پەردىلەردە، بۇرۇن ئىچى، يۇتقۇنچاق ئەتىراپىدا يەل پەيدا قىلىدۇ.
[ بۇ يازماaxtuziتەرپىدىن2011-03-08 19:49دە قايتا تەھ ]