hantagri illikdunya.biz sohpat
دەرتمەن
قەدىرلە ، قەدىرىڭنى بىلگەنلەرنى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1074
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرىتى: 1185 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1000 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 124 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : شىنجاڭ ئاشپەز مۇنبىرىدىكى تورداشلار !
مەن دەرتمەندىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام !

ئۇنىڭ سۆرىتى ئالدىدا بىر ھازا تۇرۇپ قالدىم. دەرىزىدىن كىرگەن بىر پەس سالقىن شامال ئۇنىڭ ھىدىنى ماڭا يەتكۇزگەندەك بولدى . كىرىسلوۋدا ئولتۇرغان پېتى خىيال كەپتىرىمنى ئۆز مەيلىگە قويىۋەتتىم . خىيال كەپتىرىم مېنىڭ ئۆتمۇشۇمگە مېنى باشلاپ بارىدۇ.خۇددى بۇرۇنقىدەك .
قاچانلاردا كومپىيوتۇردا تورغا چىقىشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن . ئەڭ خۇشال پائالىيىتىم ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن تورغا چىقىپ دوستلىرىم بىلەن سۆھبەتلىشىش بولدى . مۇشائىرە قىلىشىش مېنىڭ ئەڭ ئامراق پائالىيىتىمنىڭ بىرى . ئەلۋەتتە دوستلىرىممۇ بىر بىرىدىن قېلشمايدىغان شائىرلاردىن بولۇپ يېزىچىلىق ئىقتىدارى يۇقۇرى بۇ دوستلار ئىچىدىكى " چوغلۇق" تەخەللۇسى بىلەن ئەسەر يوللايدىغان شۇ قىز مېنى ئۆزىگە خېلىلا رام قىلىۋالغان ئىدى. دايىم " چوغلۇق " بىلەن مۇشائىرە قىلىشاتتىم ، جەميەتنىڭ كەڭ ساھەلىرىگە ئائىت ئىشلار توغرىلىق ئۇزاقتىن ئۇزاق سۆزلىشىپ كىتەتتۇق .پىكىر ئورتاقلىقىمىز بولغاندا بىر بىرىمىزدىن خۇش بولۇپ كىتەتتۇق . شۇ تەرىقىدە بىر نەچچە يىل ئۆتتى .مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ كۆپ قېتىم ئەسكەرتىشى بىلەن ئۆزۇمگە مۇۋاپىق لايىق تېپىپ توي قىلىشىمنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم . نىمىشقىدۇر مۇشۇ دەقىقىدە ئۆزۇمگە " چوغلۇق" تىن باشقا مۇۋاپىق قىزنىڭ يوقلۇقىغا ئىشىنەتتىم . ئىچىمدە " چوغلۇققا بۇ سۆزلەرنى قانداق ئېغىز ئاچەرمەن؟ ئەگەر ئۇ ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇناسىۋېتىمىزگە تەسىر يېتىپ قالارمۇ؟ " دىگەن ئەندىشىلەر بىلەن بىر نەچچە ئاينى ئۆتكۇزدۇم .
بۈگۈن يەنە ئىشتىن چۈشۈپ تورغا كىردىم . " چوغلۇق" توردا بار ئىدى . خۇددى مېنى ساقلاۋاتقاندەكلا . كەيپىياتىمنىڭ بارغانسېرى سۇلغۇنلىشىپ ، ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدەك ئەركىن سۆھبەتلىشەلمەيۋاتقانلىقىمدىن ئۇمۇ بەزى نەرسىلەرنى سەزگەندەك بولغانىدى . ئېكرانىمدا ئۇنىڭ خەتلىرى پەيدا بولدى :
__سىزگە نىمە بولدى . تۇرسۇن ، يېقىندىن بۇيان تولىمۇ جىمغۇرلىشىپ كەتتىڭىز. خىزمەتتە ياكى ئائىلىدە بىرەر ئىش بولۇپ سىزگە ئارامچىلىق بەرمەيۋاتامدۇ؟
__يا..ياقەي..ئۇنداق ئىش يوق . خىزمەت بېسىمىدىن بولسا كېرەك . روھۇمنى كۆتۇرەلمەيۋاتىمەن .
__قارىغاندا سىزگە تۇرمۇشتا سىرداش بولغۇدەك ھەمراھ كېرەك بولغاندەك قىلىدۇ .
__شۇنداق بولغاندىمۇ ئۇنداق ھەمراھنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ؟ قىزلارنىڭ ھەممىسى سىزدەك بولمىسا...
بۇ خەتلىرىمنىڭ ئىختىيارسىز بېسىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۇممۇ سەزمەي قالدىم . " ئەستا ، بەك ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ قالدىممۇ؟ ئۇ خەت يازمىغىلى ئون نەچچە مىنۇت بولدى ، شۇ تاپتا ئۇ قانداق ئويلاۋاتقاندۇ؟ تۈگىدىم . ئەمدى مېنى ، توردىكى بەزى سەمىمىيەتسىز، قىز-ئوغۇللار مۇناسىۋېتىنى ئويۇن قاتارىدا كۆرىدىغان ئوغۇللاردىن ئوخشايدۇ دەپ قالىدىغان بولدى دە " ئەندىشە قىلاتتىم . چۈنكى مەن " چوغلۇق " بىلەن تونۇشقان مۇشۇ يىللاردىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن تولىمۇ ئىلمى يوسۇندا ئارلىشىپ كەلگەنىدىم .مانا ئەمدى ...
دىققىتىم تېزدىن ئېكرانغا يۇگىرىدى . " چوغلۇق " سۆز قىلغانىدى :
__سىزنىڭ ياخشى يىگىت ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن . ئۇلۇغ ئاللا ھامان سىزنىڭ بەختىڭىزنى بېرىدۇ . تۇرسۇن .
قەلبىم تىترەشكە باشلىدى . ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى خۇددى يىراقلارغا كېتىپ بارغان كىشىگە ئېيتىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايرىلىشىش سۆزىدەك بىلىنىۋاتاتتى .
__دىلنار ، (بىۋاستە ئىسمىنى چاقىردىم ) مېنى خاتا چۈشەنمەڭ. مەن تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن سىزگە بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتىمەن .سىز بىلەن تونۇشقان بۇ بىر قانچە يىللاردىن بېرى سىزنىڭ مىجەز خۇلقىڭىزنى چۇشەندىم . سىزنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرىڭىز ، يىڭىچە تەپەككۇر بىلەن قىلغان ھەربىر سۆزلىرىڭىز ، ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس ناز-خۇلقلىرىڭىز مېنى ئاللىبۇرۇن ئۆزىگە ئەسىر قىلغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمەن . گەرچە بىز توردا تونۇشقان دوستلاردىن بولۇپ ، ھەتتا بىر قېتىممۇ يۇز كۆرىشىپ باقمىغان بولساقمۇ ، قەلبىمنىڭ سىزگە زەنجىرسىمان باغلانغانلىقىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمەن . مەيلى قەيەردە بولۇڭ ، مەن سىزنى ئىزلەپ تېپىپ ، بۇ سۆزلەرنى سىزگە يەنە بىر قېتىم يۇز تۇرانە ئېيتسام دەيمەن .
__تۇرسۇن ، سىزدە مەن بىلەن يۇزلەشكەندىن كېيىن بۇ سۆزلەرنى قىلىشقا جۇرئىتىڭىز بارمىدۇ؟ چۈنكى مەن بىر قىز بالا ، ئوغۇللارنىڭ باشقىچە قاراشلىرىنى قوبۇل قىلالمايمەن . بولۇپمۇ سىزنىڭ مەن بىلەن يۇزلەشكەندىن كېيىن باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ كىتىشىڭىزدىن ئەنسىرەيمەن . چۈنكى مەنمۇ ...ھازىرقى تۇرسۇننى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايمەن .
كۆڭلۇمدە ۋاللىدە يورىغان بىر ئۇچقۇن كۆرگەندەك بولدۇم . بۇ دەل مېنىڭ ئىشەنچ ئۇچقۇنۇم ، كەلگۈسى بەختىمنىڭ تۇنجى ئۇچقۇنى .
__مەن ئۆز ۋىجدانىم ، مۇھەببىتىم نامىدا شۇنداق دىيەلەيمەنكى ، مېنىڭ تاللىشىم ئەڭ توغرا تاللاش . دىلنار ماڭا تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇڭ . مەن سىزنى چوقۇم ئىزلەپ بارىمەن .
__كەچۈرۇڭ تۇرسۇن ، مەن تىلفۇن ئىشلەتمەيمەن . چۈنكى ئۇنىڭغا ھاجىتىم چۈشمەيدۇ . مېنى ئىزلەيمەن دەپ كۆپ ئاۋارە بولمايسىز ، چۈنكى مەن دەل سىز تۇرغان مۇشۇ شەھەرنىڭ ئۆزىدە .
شۈنچە يىللاردىن بېرى " چوغلۇق" بىلەن توردا ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ ئۆزۇم بىلەن بىر شەھەردىن ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم . ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇنىڭ بىلەن يېڭى تونۇشقاندا ئۇنىڭ يۇرتىنى سورىغاندا ئۇنىڭ پەقەت " يۇرتۇم ناھايىتى يىراق بىر جايدا " دىگەنلىكى ئېسمدە . شۇڭا مەن چوڭقۇرلاپ سورىمىغانىدىم . ئىچىمدە يەنە بىر ئەندىشە پەيدا ، نىمىشقا ماڭا تىلفۇن نۇمۇرىنىمۇ دەپ بەرمەيدۇ.ئەجىبا ئۇ ماڭا يەنە ئىشەنچ قىلالمايۋاتامدۇ؟
__دىلنار ئەمىسە مەن سىز بىلەن قانداق كۆرىشەرمەن؟
__تۇرسۇن ، شەھرىمىزدىكى ئەڭ تېنىچ ئارامگاھ " چوغلۇق ئارامگاھى" نى بىلەمسىز؟ شۇ يەردە ئەتە چۈشتىن بۇرۇن كۆرىشەيلى . سىزنىڭ باشقىچە پىكىرىڭىز بارمۇ؟
" چوغلۇق ئارامگاھى " مېنىڭ ئىشلەۋاتقان ئىدارەمدىن يىراق بولمىغاچقا دايىم دوستلىرىم بىلەن كىرىپ سۆھبەتلىشىدىغان ، بەزىدە ئۆزۇم يالغۇز كىرىپ كىتاپ كۆرىدىغان كونا جايىم ئىدى . ئەجىبا مەن مۇشۇ جايدا ئۇنىڭ بىلەن يۇزلەشكەندىمەنمۇ؟
__بولىدۇ. مەن سىزنى ئەتە چۈشتىن بۇرۇن " چوغلۇق ئارامگاھى" دا ساقلايمەن . چوقۇم كىلەرسىز . دىلنار !
__مەن چوقۇم بارىمەن . تۇرسۇن كېلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم بىر يانچۇق خاتىرىسى بىلەن قەلەم ئېلىۋالارسىز . سىز بىلەن يۇزتۇرانە مۇشائىرە قىلىشىمىزمۇ تېخى . ئەمما تۇرسۇن سىزگە يەنە بىر قېتىم ئېيتاي . بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئوغۇللار بىلەن يۇزتۇرانە سۆھبەتلىشىشىم . مەن نۇرغۇن غەيرەت ھەم ئىشەنچ بىلەن بارماقچى بولىۋاتىمەن . بۇ ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىسى سىز بىلەن مېنىڭ مۇناسىۋېتىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۇزاق قەدىمىنى بەلگىلەيدۇ . مەن كۆڭلۇمنىڭ ، بولۇپمۇ سىزدىن ئازار يىيىشىنى خالىمايمەن .
__مەن ئۆزۇمنىڭ تاللىشىمنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىمەن . ماڭا ئىشىنىڭ .
شۇنداق قىلىپ مەن "چوغلۇق " بىلەن كۆرىشىشكە پۈتۈشتۇم . شۇ كۈنى كېچە ماڭا تولىمۇ تەستە توشقان كېچە بولدى. سەھەرگە يېقىن ئۇخلاپ قاپتىمەن . چۈشمۇ كۆرۇپتىمەن . چۈشۈمدە مەن چوغلۇق بىلەن قىزغىن سۆھبەتلىشىۋاتقۇدەكمەنمىش ، ئۇ ماڭا ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ئۆزى يازغان شئېرلارنى ئوقۇپ بېرىۋاتقۇدەك .مەن يانچۇق خاتىرەمگە خاتىرلاۋەتقۇدەكمەنمىش . بىز چىرايلىق باغ ئىچىدە سەيلە قىلىۋاتقۇدەكمىزمىش ... قانچلىق ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن . تاڭ ئاتقانلىقىنى بىلدىم . بۈگۈن سەھەردىن باشلاپ يۇرىكىمنىڭ سوقۇشى تولىمۇ تېز. بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن . بۇنداق بولىشى تەبىئىي چۈنكى مەن بۈگۈن ئۇزۇقتىن بۇيان قەلبىمدە پىنھان ياشاۋاتقان ئەشۇ مەبۇدەم بىلەن ھەقىقى يۇز كۆرىشىمەن . توردىكى ئىسىمىز بىلەن ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى ئىسمى بىلەن قايتا تونىشىمىز. مەن شۇ خىياللار بىلەن تەييارلىق قىلىپ بولۇپ ، كونا جايغا ،ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم يۇزلەشكەن جاي " چوغلۇق" ئارامگاھىغا كەلدىم . مەن ئىشىك ئالدىدا ئۇيان - بۇيان مېڭىپ ئۆزۇمنىڭ كەيپىياتىمنى تەڭشىمەكچى بولدۇم . تۇيۇقسىز كەينىمدىن بىرىنىڭ بىر ھازاغىچە قاراپ تۇرۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بولدۇم . " ئۇ شۇمۇ دۇ ؟ نىمىشقا مېنى چاقىرمايدۇ. بەلكىم قىز بولغاچقا خىجالەت ئىچىدە تۇرغاندۇ؟ ياكى كۆز ئالدىدىكى " مەن " بىلەن توردا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۋاتقان " مەن " نى بىرلەشتۇرۇشكە تىرىشىۋاتقاندۇ؟ " مەن كەينىمگە بۇرۇلدۇم . شۇنداق ئىللىق چىراي بىر قىز ماڭا ئۇدۇل تىكىلىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرماقتا ئىدى . ئۇزۇن چېچىنى ئۆرىۋالغان ، بېشىغا يارىشىمغىنا دوپپا كىيىۋالغان ، بۇ قىز ماڭا تولىمۇ ئىللىق كۆرۇندى . توغرا مەن بۇ قىزنى بۇرۇن مۇشۇ جايدا بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن ، ئۇنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش يالغۇز ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم . مەن ئاخىرقى غەيرىتىمنى يىغىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەدەپ بىلەن سالام قىلىپ سورىدىم :
__دىلنارمۇ سىز ؟
قىزچاق جاۋاب بەرمەي بېشىنى يىنىككىنە لىڭشىتىپ قويدى . مەن ئۇنى ئارامگاھ ئىچىدىكى دەرىزە تۈۋىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈستەلگە تەكلىپ قىلدىم . بىز ئولتۇرۇپ بولغاندىكىن كېيىنمۇ بىر ھازا سۆز قىلىشالمىدۇق .مەن ئۇنىڭ مەندىنمۇ بەك جىددىلىشىۋاتقانلىقىنى سەزدىم . مەن تەشەببۇسكار بولىشىم كېرەك :
__دىلنار ، بىز ئەركىن ئازادە سۆھبەتلەشسەك قانداق ؟
دىلنار بېشىنى يەنە يىنىككىنە لىڭشىتتى ھەم كۈلۈمسىرەپ يەرگە قارىۋالدى . ئۇ يېنىدىن كىچىك بىر يانچۇق خاتىرىسىنى چىقىرىپ بىرنىمىلەرنى يازغاندىن كېيىن ماڭا سۇندى . خاتىرىدە " تۇرسۇن ، سىز بىلەن يۇزتۇرانە كۆرۇشكىنىمدىن خۇشالمەن . مانا مەن سىز ھازىر بىلگەندەك ، بىر گاچا قىز مەن . " مەن بېشىمنى ئىتتىك كۆتۇرۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم .ئۇ مېنىڭ ھەيرانلىقتىكى چىراي ئىپادەمنى كۆرۇپ ، تېخىمۇ جىددىلەشكەندەك بولدى. ئۇنىڭ ئەنسىز كۆزلىرىدىن بۇ يەردىن چىقىپ كەتكۈسى باردەك قىلاتتى . مەن دىلنارنىڭ ئاڭلىيالايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ ئەمما ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە خەت يازغۇم كەلدى . مەن ئۇنىڭ خاتىرىسىنىڭ ئىككىنچى ۋارىقىنى قايرىپ ئۇنىڭ بىلەن خۇددى كومپىيوتۇردا ئالاقە قىلغاندەك خەت يېزىشقا باشلىدىم .
__دىلنار سىز بىلەن يۇز تۇرانە تونۇشقىنىمدىن مەنمۇ ئىنتايىن خۇشالمەن ، سىزنىڭ مېنى ئۈمۈدسىزلەندۇرمەي كەلگىنىڭىزگە رەھمەت .
__تۇرسۇن ، مېنىڭ ئەھۋالىمنى بىلدىڭىز ، يۇز تۇرانە كۆرۇشكەندىمۇ يەنە خەت ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغانلىقمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغانسىز . مەن سىزنىڭ قوبۇل قىلالماسلىقىڭىزدىن ئەنسىرمەيمەن . ئەمما سىزنى راستىنلا ئۈمۈدسىزلەندۇرۇپ قويغۇم يوق . شۇڭا مەن نىمە بولىشىدىن قەتئىنەزەر كەلدىم .
مەن دىلنارنىڭ شەخسىيەتسىز كۆزلىرىگە قارىغىنىمدا تېنىمدا ئىسسىق بىر سېزىمنىڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم . مانا ئالدىمدا ئولتۇرغان بۇ قىز مەن كۆپتىن بىرى كۆرۇشكە ئىستەك قىلغان قىز ، ئۇ گاچا ئەمەس ، ئۇ سۆزلەيدۇ ، ئۇنىڭ شئېرلىرى بۇنىڭ دەلىلى ، مەن بىلەن كۆپتىن بېرى ئالماشۇرغان پىكىرلىرى بۇنىڭ دەلىلى ، مانا بۇ قىز دەل مەن ياخشى كۆرگەن قىز . ئۇنىڭ پاك دىلى ، شەخسىيەتسىز ھېسياتى ، توغرا قاراشلىقى ئۇنىڭ كەمكۈتسىز بىر پەرىشتە ئىكەنلىكىنى ماڭا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇتتى . مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەن . ھازىر بۇ ياخشى كۆرۇش تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى . مەن ھەقىقەتەن توغرا تاللىدىم .خىيالىمدىن شۇ ئوي پىكىرلار بىلەن دىلنارنىڭ خاتىرىسىگە قەلىمىمنى يۈگۈرەتتىم :
__سىز مېنى ھەرگىز ئۈمۈدسىزلەندۇرمىدىڭىز ، سىز مېنىڭ قەلبىمدە يەنىلا ھەممە كىشىدىن ساغلام قىز ، سىزنىڭ ئاۋازىڭىز باشقا كىشلەرنىڭكىدىنمۇ جاراڭلىق . سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى مېنىڭ قەلبىم ئاڭلايدۇ . يۇرۇكۇم ئاڭلايدۇ.
دىلنارنىڭ كۆزىدە ياش پەيدا بولدى . مەن قايسى كۈچنىڭ تۇرتكىسىدىن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم . ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتتۇم . گەرچە ئۇ قوللىرىنى تارتماقچى بولغان بولسىمۇ ئەمما ئاخىرى قارشىلىق قىلمىدى . بارماقلىرىم ئارىسىغا چىڭ قىسىلدى . شۇنداق ئۇ ماڭا ئىشەندى ........
شۇنداق قىلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن دىلنار بىلەن توي قىلدىم .بىز ئاخىرى بىر بەختلىك ئائىلە قۇردۇق .مەن دىلنار چۈشىنەلەيدىغان بارماق تىلىنىمۇ راۋان قوللىنالايدىغان بولدۇم .ئەمما دىلنار ئىككىمىز يەنىلا يانچۇق خاتىرىسىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرەتتۇق . مانا بۇ ئىشلارغىمۇ ئالتە يىلدىن ئاشتى . ئۆي ئىشىكىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن خىيالدىن ئويغاندەك بولدۇم .ئىشىكتىن دىلنار ھەم ئۈچ ياشلىق ئوماق ئوغلۇم كىرىپ كەلدى . ئۇلارنى كۆرۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم . ئوغلۇم مېنى كۆرۈپلا يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۆزىنى ماڭا ئاتتى . دىلنار كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . مەن يانچۇقۇمدىن خاتىرىنى چىقىرىپ قەلەم يۇگۈرتىشكە باشلىدىم :
__دىلنار مەن كاموندىروپكىدىن قايتىپ كەلدىم ، مەن يوق جاپا تارتتىڭىز .....


مەنبە : كروران مۇنبىرى
مەنبە ئادىرىسى : http://www.kroran.net/ud/thread-125-1-1.html
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-07 19:47 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( دەرتمەن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
رەھىمسىز
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 898
شۆھرىتى: 9010 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9160 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 903 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

راستىنى دىسەم مەن نىمە دىيشىمنى بىلمىدىم..........
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-07 21:09 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( رەھىمسىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 846
شۆھرىتى: 8515 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8610 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 861 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 333(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ماڭا خۇددى ئاخىرى باردەك بىلىندىيا بۇ ئەسەرنىڭ......................
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-08 10:57 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئارمان(رۇزى)
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2104
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 325
شۆھرىتى: 3440 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3400 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 398 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 101(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ رومانىمۇ؟؟؟     
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-08 11:31 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان(رۇزى) ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

تۇرۇپ
قېلىچىنڭ قارا دەستنى تۇتۇشنى خالمىسىاڭ  ئۇ ..
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 2213
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
شۆھرىتى: 1170 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1170 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 113 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىئارمان(رۇزى)نىڭ2011-03-08 11:31دە يوللىغان يازمىسى  :
بۇ رومانىمۇ؟؟؟     

سىز  رومان  ئۇقۇپ  باقمىغانما؟
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-08 13:57 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تۇرۇپ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئىمامجان
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 2395
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 258
شۆھرىتى: 2580 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2580 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 288 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

خېلى جىق يىزىۋېتېپسىز .  ئاخىرى يەنە بارمۇ يا ؟
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-08 14:03 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئىمامجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

رەھىمسىز
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 898
شۆھرىتى: 9010 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9160 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 903 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىئىمامجاننىڭ2011-03-08 14:03دە يوللىغان يازمىسى  :
خېلى جىق يىزىۋېتېپسىز .  ئاخىرى يەنە بارمۇ يا ؟


ئۈزى يازماپتۇ كىرورەن مۇنبىرىدىن ئەپ كەپتۇ.........مەنبە دىگەن يەرگە دىققەت قىلماپسىز.......
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-08 14:52 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( رەھىمسىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۇلخان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 423
شۆھرىتى: 4280 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4481 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 462 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەخمەت،ناھايىتى تەسىرلىك تېمىكەن
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-09 11:15 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

سۈبىھى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1080
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 150
شۆھرىتى: 1545 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1780 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 165 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دەرتمەن ،مەن تىخى بۇ ئىشلارنى راستلا سىزنىڭ تۇرمشىڭزدا بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، لىكىن ھازىر  بېىشغا دوپپا كيىدىغان قىزلار ئاساسەن يوق ،
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-09 12:04 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سۈبىھى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يالغۇزنۇر
دەرىجىسى : پىشقەدەم ئەزا


UID نۇمۇرى : 2524
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرىتى: 150 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 200 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 15 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئەسەردە يورىتىلغان تىما تولىمۇ تەسىرلككەن. لىكىن ئەسەر ئىگىسى چىنلىق ئۈستىدە تۇرۇپ يازغاندەك تۇرىدۇ. ۋەقەلىكى ئاددى،ئەدەبى مەزمۇن تازا دىگەندەك ئەكىس ئەتتۇرۇلمەپتۇ. يەنە ئازراق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بولسا ئىدى، ئىختىيارسىز ياش تۆكىدىغان، ئىنسانى پەزىلەت ئۈستىدە تەپەككۈرىنى غىدىقلاپ باقىدىغانلار تىخىمۇ كۆپەيگەن بولاتتى.
    بۇ تىمىدىن راستىنلا بەك تەسىرلەندىم!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-12 01:53 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يالغۇزنۇر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئاشپەز ئەدەبىيات كۆزنىكى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا