كوكاكولادا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بايقالدى
ئامېرىكا كولا پېگمېنتىدا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بارلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقتى ئىستىمالچىلار كوللىكتىپ ھالدا ئىچىشنى چەكلەشكە دەۋەت قىلدى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 17-فېۋرال خەۋىرى: تەيۋەن « جۇڭگو رادىئو ئاخبارات تورى » نىڭ 17-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ بايقىشىچە، كولاغا قوشىدىغان سۈنئىي پېگمېنتتا 2 خىل راك پەيدا قىلغۇچى خىمىيىلىك ماددا بار ئىكەن، ئامېرىكا ئىستىمالچىلىرى كوللىكتىپ ھالدا ئىچىشنى چەكلەشنى دەۋەت قىلغان.
كولانىڭ كارامېل (كۆيدۈرۈلگەن شېكەر) پېگمېنتىنى بولسا يۇقىرى تېمپراتورا، يۇقىرى بېسىمدا شېكەر، ئاممىياك ۋە بىسۇلفىتنى ئۆز ئارا تەسىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ياسىلىدىكەن. بۇ خىل پېگمېنتتىكى خىمىيىلىك ماددا ئۆپكە راكى ياكى قان راكى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئامېرىكىدىكى داڭلىق مەسلىھەتچىلىك كوللىكتىپى شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەنبە: جوڭگو خەۋەرلەر تورى
http://www.chinanews.com/gj/2011/02-17/2851296.shtmlئادۇۋۇكاتلار تورى
http://www.chinanews.com/gj/2011/02-17/2851296.shtmlغەربىي يۇرت تورى
http://news.cnwest.com/content/2011-02/17/content_4139431.htmخوڭگو كۇندىلىك خەۋەرلەر گىزىت
http://news.cnwest.com/content/2011-02/17/content_4139431.htmئەمەلىيەتتە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بايقالغىلى 15يىلدىن ئاچقانتى .سىفىرلىق
جورنال تورىنىڭ 2007-يىلدىكى تۆۋەندىكى خەۋىرىگە قاراڭ .
كوكا كولا شېركىتى كوكا كولادىن بېنزولنى چىقىرۋېتىشقا قوشۇلدى
چەتئەلدىكى سىفىرلىك جورنال تورىنىڭ خەۋىرى :
15يىل ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن كوكا كولا شېركىتى ئاخىرى كوكا كولادىن
بىنزولنى چىقىرۋېتىشكە قوشۇلدى .
بېنزول بىلەن سودا ؟
شۇنداق،ئامىرىكا مۇھىت نازارىتى ئىدارىسىنىڭ بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كوكا كولا
تەركىبىدىكى بېنزول نومرىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكى ئېيتىلغان .
ھەممىمىز بىلىمىز بېنزول بولسا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا .ئۇ سانائەت بۇلغۇلىمىلىرىنىڭ
بىرى .چۇنكى سۇلياۋ سانائىتىدە ئۇنى ناھايىتى ياخشى ئېرىتكۈچى سۈپىتىدە قوللىنىدۇ
شۇڭا بىنزول سۇ ۋە تۇپراقنى بۇلغاۋاتقان ماددىدور .
كوكا كولا شېركىتى كوكا كولاغا بىنزولنى بىۋاستە سالمايدۇ .بەلكى قوشىدىغىنى
بېنزوئات بىلەن سۇديۇم بېنزۇئات .
بۇ ئىككى نەرسە گازلىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى سۇدانى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە
تۇتۇپ تۇرۇپ پارچىلىنىپ كەتمەسلىكتىن ساقلايدۇ .شۇڭا گازلىق
ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇ ماددىنى قوشۇدۇ .مۇھىت ئاسراش شېركىتى
كوكا كولا شېركىتىگە بىنزولنى كوكا كولادىن چىقىرۋېتىش تەكلىبىنى ئۇدا بىرىۋاتقىلى
15يىل بولغان ئىدى .لېكىن كوكا كولا شېركىتى بۇنىڭغا ھېچقانداق تەدبىر
قوللانمىدى .
بۇ ھەپتىدە كوكا كولا شېركىتى تۇيۇقسىز بايانات ئېلان قىلىپ بېنزولنى ئىچىملىكتىن چىقىرىۋېتىشكە قوشۇلدى .
لېكىن بېپسى كولا تېخى ئىنكاس بىلدۈرمىدى .
2007-يىل 19-ماي .
http://www.digitaljournal.com/article/183808دىمەك راك پەيدا قىلغۇچى ماددىنى چىقىرۋېتىمىز دەپ ۋەدە قىلغان كوكا كولا شېركىتى ھازىرغىچە
تېخى چىقىرۋەتمىگەن گەپ .بىنزۇئاتنىڭ يەنە قانداق زىينىنى بار بۇ بىر تەتقىقات قىلىدىغان ساھە .
12تاغ تەرجىمىسى