ئادەتتىكى كىچىك كېسەللىكلەرگە پەرۋا قىلماسلىقتەك ئادەت كۈچى كىشىلەرنىڭ ھاياتقا خەۋپى چوڭ بولغان مۇرەككەپ ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنى ئاشۇردى، لېكىن بىز ئانچە ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەيدىغان بىرمۇنچە يەڭگىل كېسەللىكلەر تەرەققىي قىلىپ، ھاياتقا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىۋاتىدۇ. خورەك تارتىش ( 鼾症 ، Snoring ) دەل شۇلارنىڭ بىرى. خورەك تەرەققىي قىلىپ ئېغىر دەرىجىگە بارغاندا نەپەسنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ھاياتقا كەلتۈرىدىغان خەۋپى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ.
ئېغىر خورەك تارتىش ئۇخلاۋاتقاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى ( 睡眠呼吸暂停综合症 ، Sleep apnea syndrome ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەردە ئوپېراتسىيە قىلىش، ئۇخلىغاندا نەپەسلەندۈرۈش ئەسۋابىنى تاقاپ يېتىشتىن ئىبارەت ئىككىلا خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ كېسەلنى داۋالاۋاتىدۇ، ئەمما ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ ئۈنۈمى 50% ئەتراپىدا بولۇپ، يەنە 1-2 يىلدىن كېيىن قايتا قوزغىلىش ئېھتىماللىقى بار، نەپەسلەندۈرۈش ئەسۋابىنىڭ ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولسىمۇ ئۇنى تاقاپ يېتىش ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق.
ئۇنداقتا بۇ كېسەل قانداق پەيدا بولىدۇ؟
نۆۋەتتە مېدىتسىنا ساھەسىدە بۇ ھەقتە ئورتاقلىققا ئىگە قاراشلار تۆۋەندىكىچە:
بەدەن ئېغىرلىقى نورمال ھالەتتىن ئېشىپ كەتكەندە، يەنى سەمىرىپ كەتكەندە
گال ئەتراپىدىكى بويۇن مۇسكۇللىرىنىڭ بوشاپ ئېلاستىكلىقى يوقاپ كەتكەنلىكتىن
نەپەس يولىدا گۆش پەيدا بولۇپ قالغانلىقتىن پەيدا بولىدۇ.
بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۇخلىغاندا نەپەس قىيىنلىشىدۇ، ئېغىرلاشقاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، كېچىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا باش ئاغرىيدۇ، چارچاش ھېس قىلىدۇ، كۈندۈزى ئاسان مۈگدەپ قالىدۇ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ئىنكاسى ئاستىلاپ قالىدۇ. ئېغىر خورەك تارتىش يەنە مېڭە قان-تومۇرلار توسۇلۇش، يېرىلىش، يۈرەك، ئۆپكە ۋە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورگىنى(NIH)نىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئامېرىكىدا 17 مىليوندىن ئاشىدىكەن، دۆلىتىمىزدە بولسا 100 مىليوندىن ئاشىدىكەن.
ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى( ئېغىر خورەك تارتىش) نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئائىلىدە داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە: كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرۇش، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئىزچىل نورمال ھالەتتە ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك ۋە تاماكا چەكمەسلىك كېرەك، ئۇخلىغاندا ئوڭدىسىغا يېتىشتىن ساقلىنىش، ئىمكان بار يانچە يېتىشقا ئادەتلىنىش كېرەك.
مەنبە : 80 خالتا بىلۇگ
مەنبە ئادىرىسى :
http://www.80halta.com/article/340.htm