[ (قاپىئەنى باشلىۋەتتىم)
ئالىيىپ تۇرۇپ دىدى باشلىق
قىلىۋەرمە تولا ياشلىق،
سەن قايداق ساراڭ ئاشىق،
نېنىڭ تۈگىسە بەرەي ئاشلىق،
ئاڭلىغىن گەپىمنى باشلىق،
قىلمىدىم ئەزەلدىن ياشلىق،
دىمەيتىممەن بۇ گەپنى ھەرگىز،
بالاخرلار قىلمىسا ئاچ-لىق،
ئاليىپ تۇرۇپ دىدى باشلىق،
ئەمدى يۈزۈمگە قارىما!!
تۈگەت مىدىڭ بۇ ئشنى يۈرەكلىرىڭ يارىما؟
سەپرايىمنى ئۆرلۈتۈپ،تولا ساقال تارىما،
كۆزگە ئىلماي قانۇننى ئۇلاركىچىك بالىما،
ھوقۇقىڭدىن پايدىلنىپ ۋەتەنگە قارا سانىما،
ئۇنتتۇڭ سەن ۋەدەڭنى كۆڭلۈڭ شۇنداق قارىما،
قاراساناپ دۆلەتكە سەن مۇشۇنداق كالىما،
پاش قىلغىلى ماڭدىم مەن قاياقلارغا،
كۆنەمەيدۇ چوشقىمۇ مەن يىگەن تاماقلارغا،
گادايلارمۇ قارمايدۇ مەن كەيگەن ئاياق لارغا،
پۇشايماننى قىلىپ چەكسىز ياش تولدى زىناقلارغا،
ئېسىۋەلىپ سەن تېخى،كادىر دىگەن ئىزنەكنى،
ئەمىلىڭنى كۆرسۈتۈپ بوزەك ئەتمە بىزدەكنى،
مەركەز دىنمۇ دىدىغۇ ياخشى قىلغىن خىزمەتنى،
ئانچە-مۇنچە جايلادۇ پار يىگەندە سىزدەكنى،
كور بولمىساڭ،كۆرەرتىڭ ‹تارىخ› دىگەن ئەينەكنى،
‹دۆت› بولمىساڭ،چىرىكلەر يۇتارمىدى مەينەتنى،
پاش بوپ قېلىپ ئوغرىلار قىلىۋەرمە غەيۋەتنى،
‹ھوقۇقىڭ› نى پاش قىلماي تۈزەتكىنە ئىللەتنى،
سۆيەي دىسەم ۋەتەننى سۆيسەم ۋەتەن ئۇنامۇ،
باخاش-لسام ۋەتەننى، باخشلىغان گۇنامۇ،
پاش بولمىسا، ئوغىرىلار ھەتتا قىلار زىنامۇ،
جزالانسام مەندەك‹دۆت› ۋىژدانىڭلار مۇنامۇ؟
خۇشامەتچى چىرىكلەر كۆتۈرۈپ يۈرەر تاۋاقنى،
قۇش قىلىپ سادى مەڭە،ئۈرۈمچىدە جالاپنى،
ئۇنىڭدىمۇ ئامال يوق بىللە ئچكەن ھاراقنى،
چاقاي دىسەم ئاجىز مەن يۇندا ئچكەن يالاقنى،
سۆزلىدم مەن تەكشۈرۈپ كەلگەن ئۆمەككە،
ھالىم مېنىڭ ئوخشايدۇ ئىتتىن بۆلەككە،
پاش قىلىپ مەن ئوغرىنى چۈشتۈم تۈنەككە،
مۇختاج بولدۇم قانۇندەك ئادىل يۆلككە،
پاش قىلىپ مەن ئوغرىنى بولدۇم گاداي لەيلى ۋەش،
توۋا قىشتا ئوت ياقسام ئوت پۈركىدى مەڭە مەش،
مۈشۈك تۇتماي چاشقاننى يەپ ئۈگەندى يا غۇ پەش،
پاش قىلسام مەن ‹يەتتىنى› سېتىپ يىگىنى چىقتى بەش،
ئالدىل بولساڭ ئەھ-قانۇن تىك لىنىيەنىڭ سىرنى يەش،
(ئاپتۇرى ئابدىرامان ئازات)
بۇ بىر تىك لىنىيىلىك ئورۇن بىلەن بولغان جەڭ