ماتىريالى:كالا گۇشى،پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ،قوي پاچىقى،قېرىن يىسۋېلەك،فىنتوزا،قاراقېرىنقۇلاق
كوك_قىزىلمۇچ،مايلىق يىسۋىلەك،پىياز،سامساق(ئۇزىڭىز ياقتۇردىغان كوكتاتلار) سۇماي
تەييارلاش:گوش قېرىنلارنى،پاچاقلارنى پىشۇرۋالىمىز .كوكتاتلارنى يالپاق توغرايمىز
پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى يالپاق توغراپ مايدا سارغايتىپ سۇزىۋالىمىز پىنىتوزىنى قايناق
سۇغا چىلاپ يۇمشىتۋالىمىز (رەسىمدىكىدەك)

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،كاۋۋاچىن،شاكال بەدىيان،قۇرۇتۇلغان قىزىلمۇچ
ئاقمۇچ،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ،زەنجىۋىل پەمىدۇ قىيامى،ئاچچىقسۇ
قۇرۇش ئۇسۇلى؛تەييارلانغان كوكتاتلارنى بىر قېتىم قاينىتىپ سۇدىن سۇزىپ تەييارلىۋالىمىز
قازانغا بىر چۇمۇچ ماي قۇيۇپ قىزىغاندا پىياز ،سامساق،زەنجىۋىل،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ
قۇرۇتۇلغان قىزىلمۇچ،پەمىدۇر قىيامى،شاكال بەدىيان سېلىپ قۇرۇپ سۇدىن سۇزۋېلىنغان
ماتىرياللارنى سېلىپ قۇرۇپ تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن سېلىپ قۇرۇپ فىنتوزا پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى
سېلىپ تەمىنى تېتىپ ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەخسىگە ئۇسۇمىز
