oznur.cn vip
archa
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 435
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 839
شۆھرىتى: 8925 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 10015 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 926 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 226(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

                                         ئاياللارنىڭ ياسىنىشمۇ ئالاھىدە بىر سەنئەت

                                              گۈلنار ئابلىمىت (ئارچا)

جەمىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ كىيىنىش، يىيىش، ئىچىش جەھەتتىكى غەم - ئەندىشىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىپ، ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش، كىيىمنى تاللاپ كىيىش، ياسىنىش، سىرتلارغا چىققاندا ئالاھىدە جابدۇنۇش... قاتارلىق ئادەتلەر شەكىللىنىپ، بارا - بارا يېزىلارغا يۈزلىنىشكە باشلىدى. بۇ جەھەتلەردە ئەرلەرگە قارىغاندا خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ ئىپادىسى بەكرەك گەۋدىلىك بولىۋاتىدۇ. بىراق ھازىر قارايدىغان بولساق كۆپۈنچە ھاللاردا خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ گىرىم قىلىش ۋە كىيىمنى پەرلەپ كىيىش مەسىلىسىدىكى بەزى بىر خاتالىقلارنى ئۇچرىتىپ قالىمىز، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى قىز - ئاياللارنىڭ ياسىنىشىدا كۆرۈنەرلىك نوقسانلار مەۋجۇت. بىلىشىمىز كېرەككى ياسىنىشمۇ ئالاھىدە بىر سەنئەت بولۇپ، توغرا ئۇسۇل قوللىنىلمىسا ئويلىمىغان يەردىن ئەكسىچە تەسىر پەيدا قىلىپ قويۇشىمىز مۇمكىن، چۈنكى تاشقى قىياپەت ئادەمنىڭ ئوبرازىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئادەمنىڭ مىجەز - خارەكتېرى ھەر خىل بولىدۇ، شۇ سەۋەبلىك قىزىقىشىمۇ، ئىنتىلىشىمۇ، رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بىزدە ھازىر دورامچۇقلۇق ئىدىيىسى سەل ئەۋج ئېلىپ قالدى دېسەك ئارتۇق سۆزلىگەن بولمايمىز. ئۇيغۇرلاردا "كۆرگەن كۆرگىنىنى قىلار، كۆرمىگەن نېمىنى قىلار؟" دەيدىغان ماقال بار، ئەلۋەتتە تەرەققىيات كۆرۇش، ئاڭلاش، رىقابەتلىشىش، ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يۈكسىلىدۇ، ئەمما باشقىلاردىن ، ئۈگەندۇق دەپ قارىغۇلارچە دوراش بولسا بىزگە يات بىر ئىللەت. مىللىتىمىز ئەزەلدىن ئۆزىگە خاس بولغان كىيىنىش، ياسىنىش مەدىنىيىتىنى ياراتقان ۋە ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. شۇنداق ئىكەن ھازىرمۇ كىيىنىش - ياسىنىش جەھەتتە باشقىلارنى دوراپ ئەمەس، بەلكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ مەدىنىيەت خاسلىقىنى يوقاتماسلىقىمىز كېرەك. بۇ دېگەنلىك <تەرەققىياتقا ماسلاشماڭ> دېگەننى كۆرسەتمەيدۇ، ئەلۋەتتە ھەممە جەھەتتىن تەرەققى قىلىش زۆرۈل، بىراق مىللىي مەدىنىيەتنى، مىللى ئۆرپ - ئادەتنى، مىللىي ئەنئەنىنى چۆرىدىگەن ئاساستا تەرەققى قىلىشىمىز لازىم.
سىزئەر قانچە تەمكىن، ئېغىر - بېسىق، ئالىجاناپ، راست سۆزلۈك، سەمىمىي بولۇپ كەتسىڭىزمۇ ياسىنىشقا دىققەت قىلمىسىڭىز، كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبرازىڭىزغا بەلگۈلۈك نوقسان يەتكۈزىۋالىسىز. توۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەر سىزنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە باشقىچە تەسىرات پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىشىڭىزغا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

1. كىيىنىش جەھەتتە:
كىيىم – كېچەك _ ئادەمنىڭ تېنىنى، ئەۋرەتلىرىنى ئوراش، سوغۇقتىن ساقلاش، گۈزەللىك بېغىشلاش... قاتارلىق روللارغا ئىگە. بىراق كەيدىم دەپلا خىيالىي كىيىملەرنى بىر – بىرىگە ماسلاشتۇرماي كىيىش بولسا يارىشىش تۈگۈل ئادەمنى چاكىنا كۆرسىتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىيىنىش جەھەتتە بۇلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ.
( 1 ) ياز پەسلىدە كەيگەن كوپتىڭىز بىلەن يوپكىڭىزنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈللۈك ياكى ئوخشاش رەڭلىك ھسىدام ۋە ياكى بىر - بىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان گۈللۈك رەختلەردىن تىكىلگەن بولمىسۇن. گۈللۈك رەختلەردىن مۇمكىن قەدەر ئۇزۇن كۆينەك تىككۈزۈپ كەيگەن ياخشى. سىدام رەختلەر بولسا ياقىلىق، چاپان شەكىللىك كوپتا - يوپكىلارغا ۋە كاستيۇم - يوپكىلارغا ماس كېلىدۇ. ئەگەر يازلىق كوپتا - يوپكىڭىزنىڭ ئىككىلىسى سىدام رەخت بولسا چوقۇم رەڭ تالاشمايدىغان، يىراق رەڭلەردىن بولۇشى لازىم. مەسىلەن: قىزىل بىلەن قارا، ئاق بىلەن قىزىل، قارا بىلەن ئاق، قىزىل بىلەن ئاق....دېگەندەك. ئامال بار بىرسى گۈللۈك بولسا يەنە بىرسى سىدام بولغىنى ئەڭ ياخشى.
( 2 ) كىيىمنى چوقۇم پەسىلگە قاراپ كىيىڭ. بەزىدە ھاۋا كېلىماتى پەسىلگە ماس كەلمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ. قىش پەسلىدە ھاۋاغا قاراپلا كۈزلۈك كىيىملەرنى كىيىۋالسىڭىز گەرچە توڭلىمىغاندەك تۇرغىنىڭىز بىلەن، باشقىلارنىڭ قارىشىدا غەلىتىلىك پەيدا قىلىپ قويىسىز. بىراق ياز ياكى ئەتىياز پەسىللىرىدە پەسىلگە قاراپ كىيىمەن دەپ ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويسىڭىز بولمايدۇ، بۇنداق چاغلاردا چوقۇم ھاۋا ئۆزگۈرۈشىگە قاراپ، ماس ھالدا كىيىنىشىڭىز لازىم.
( 3 ) ئاياق بىلەن پايپاقنىڭ رەڭگى، ئاياغ بىلەن كىيىمنىڭ رەڭگى، پەلتۇ بىلەن ئۆتۈكنىڭ ئۈزۈنلۈقى، كىيىم بىلەن سومكىنىڭ رەڭگى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى، چاچ پوسونىڭىز بىلەن، كىيىمىڭىزنىڭ پاسونى ۋە بەدەن قۇرۇلۇشىڭىز بىلەن كىيىمنىڭ ياقا ئويانجىسى...قاتارلىقلار ئۆزئارا ماسلاشقان بولسۇن.
كاتاكچە كىيىم بىلەن كاتاكچا پايپاق، يوللۇق كىيىم بىلەن يوللۇق پايپاق، قېنىڭ رەڭدىكى كىيىم بىلەن ئاقۇش - سۈزۈك پايپاقنى بىرلىكتە كەيمەڭ. تىزىڭىزدىن تۆۋەن چۈشىدىغان ئۇزۇن پەلتۇ بىلەن ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتۈك ياكى قىزقا پەلتۇ بىلەن قونجىسىز ئاياغ كەيسىڭىز ماسلاشمايدۇ. يازدا بەك چوڭ ھەم قېنىق رەڭلىك سومكا ئېسىۋېلىشمۇ ياخشى ئەمەس، ئامال بار يازدا سۇس رەڭلىك كىچىكرەك سومكا، قىشتا چوڭراق قېنىق رەڭلىك سومكا ئاسسىڭىز مۇۋاپىق بولىدۇ. كىيىمىڭىزنى بارىدىغان مەنزىلىڭىزنىڭ خارەكتېرىگە ماس ھالدا تاللاپ، چاچ پاسونىڭىزنىمۇ شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ياسىتىپ بارسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. ئەگەر ئورۇق بولسىڭىز قېنىق رەڭدىكى تار كىيىملەرنى كەيمەڭ. بويىڭىز بەكرەك ئېگىز بولسا ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن كىيىم كىيىشتىن ساقلىنىڭ. بويىڭىز پاكار سېمىزرەك بولسىڭىز يىغىنچاق، دەل كېلىدىغان كىيىملەرنى كىيىڭ، ھەرگىزمۇ كاتەكچە، چوڭ گۈللۈك، كەڭ پۈرمىلىك، ھەددىدىن زىيادە قىسقا كىيىملەرنى كەيمەڭ. ئەگەر بوينىڭىز قىسقا بولسا ياقىلىق كىيىم ياراشمايدۇ، تېخىمۇ سېمىز كۆرسىتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئويما ياقىلىق كىيىملەرنى كىيىڭ ، ئېسىڭىزدا بولسۇنكى بەدەن قۇرۇلۇشى سىزگە ئوخشىمايدىغان ئاياللارنىڭ ئۈستى - بېشىغا قاراپلا < ئۇ كەيگەن كىيىم بەك يارىشىپتۇ، ماڭىمۇ يارىشىدىغان ئوخشايدۇ> دەپ شۇ خىل كىيىمنى دوراپ كىيىشتىن ساقلىنىڭ.
( 3 ) مىللىي ئەنئەنىۋىي كىيىملەرنى كەيگەندە ھازىرقى مودا كىيىمەرنى ئارلاشتۇرۇپ كەيسىڭىز سىزنى غەلىتە كۆرسىتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنئەنىۋىي كىيىملەرنى ئۆز لايىقىدىكى مىللىي خاسلىققا ئىگە ئاياغ ۋە باش كىيىمى بىلەن بىرلەشتۇرۇڭ. ھەممىدىن مۇھىمى ئائىلىڭىزدىكى چوڭلارنىڭ، جۆرىڭىزنىڭ، ۋە قېينىئانا - قىينىئاتىڭىزنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا كىيىم پاسۇنى تاللاڭ. شۇ ئائىلىنىڭ ئادىتىگە مۇخالىپ ياسىنىۋېلىپ ئۇلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىسىڭىز ھەر قانچە ئېسىل كىيىملەرنى كەيگىنىڭىز بىلەنمۇ بەرىبىر كۆڭلىڭىز ئېچىلالمايدۇ.

2. گېرىم قىلىشتا:
گېرىم قىلىش دېگەنلىك _ ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئەيىپ - نوقسانلىرىنى تۈزەشتۈرۈش دېمەكتۇر. ئاياللار مەيلى تەبىئىي گۈزەل بولسۇن ۋە ياكى ئەيىپ - نوقسانلىق بولسۇن مۇۋاپىق گىرىم قىلىش ئايياللارغا خاس قىزىقىش ۋە ئېھتىياجدۇر. گىرىم بويۇملىرى تېرە ئاسراش مېيى، داغ - سەپكۈن يوقۇتۇش دورىلىق مېيى، تېرە ئاقارتىش مېيى، قاشنى تولۇقلاپ سىزىش قەلىمى، سۈرمە، كىرپىك لاكى، لەۋ سۇرۇقى، لەۋنى دائىرىگە ئېلىش قەلىمى، ئۆڭلۈك ۋە رەڭلىك قاپاق گىرىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سورۇنغا قاراپ مۇۋاپىق گىرىم قىلىش بولسا خانىم - قىزلارغا تېخىمۇ زور بەرنالىق ۋە زىبالىق ئاتا قىلىدۇ. مۇۋاپىق گىرىم قىلىپ يۇرگەندە ئاياللارنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ روھلۇق، جۇشقۇن، جانلىق كەيپىيات پەيدا بولىدۇ دە سالامەتلىككىمۇ زور پايدىسى بار.
ئۆزىڭىزگە خاس گىرىم قىلىشنى ئۈگىنەي دېسىڭىز مۇنۇلارغا دىققەت قىلىڭ:
( 1 ) گىرىم قىلغاندا يۈزىڭىزنىڭ قايسى قىسمىدا ئەيىپ بار دەپ قارىسىڭىز ياكى تېخىمۇ ئۆلچەملىك كۆرۈندۈرمەكچى بولسىڭىز گىرىم قىلىشنى ئۈگىنىپ، بىكار ۋاقتىڭىزدا مەشق قىلىپ، قانداق جايغا قايسى گىرىمنى قانچىلىك ئىشلەتسىڭىز ياراشقان بولسا ۋە قانداق شەكىلدە گىرىم قىلسىڭىز ياراشقان بولسا، شۇ خىل گىرىمنى ئۆرنەك قىلىپ داۋاملىق ئاشۇ خىل ئۇسۇلدا گىرىم قىلسىڭىز ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى؛ كۆز گىرىمى، قاش گىرىمى،ۋە لەۋ گىرىمىنى ئالدىراقسانلىق بىلەن قىلماڭ، ھەر قانچە ئالدىرىسىڭىزمۇ ھاپىلا - شاپىلا گىرىم قىلىپ سىرتقا چىقىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
( 2 ) ئاياللار گىرىم قىلغاندا يەنىلا بارىدىغان ئورۇننىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ، مېھماندارچىلىق سورۇنى، ئۇرۇق ۇ تۇققانلار يىغىلىشى، خىزمەت ئورنى ۋە بازارغا نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە گېرىم قىلسا بولىدۇ. مەسىلەن: خىزمەتكە بارغاندا گىرىمنى سۇسراق، بىلىنمىگۈدەك قىلىش، مېھماندارچىلىققا بارغاندا ياش پەرقىگە قاراپ تۇرۇپ سەل قېنىقراق قىلىش كېرەك. بىراق گىرىم چوقۇم يۈز كۈپتىڭىزگە، شۇ كۈنى كەيگەن كىيىمنىڭ رەڭگىگە ماسلىشىشى لازىم.
( 3 ) ئەگەر يۈز تېرىڭىز بۇغداي ئۆڭ بولسا ئاقارتىش مېيىنى بەك كۆپ سۈركىۋالماڭ، ئاقارتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان ئۇپىلىق يۈز ماينى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تېرە ئاسراش، سىلىقلاش مېيىنى سۈركەڭ. يۈز مايلىرىنى سۈركەپ بولۇپ ئازراق سىڭدۈرگەندىن كېيىن، ئۆڭلۈكنى سۇس سۈركىسىڭىز بولىدۇ، مۇمكىن قەدەر باشقا گىرىملىرىڭىزنى قىلىپ بولغاندا ئۆڭلۈك ئىشلەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.
ئۆڭلۈك سۈركىگەندىمۇ يۈز شەكلىڭىزگە ماسلاشتۇرۇپ سۈركەڭ، يەنى يۈزىڭىز يۇمۇلاق شەكىللىك بولسا ئۆڭلۈكنى يۈزىڭىزنىڭ يان تەرىپىگىرەك بېرىڭ، يۈزىڭىزنىڭ قايسى قىسمى ئېگىز بولسا شۇ قىسمىغا كۆپرەك سۈركەپ ئەتراپىغا سۇسلاشتۇرۇپ ئاخىرلاشتۇرۇڭ. ئەگەر يۈز شەكلىڭىز ئېگىزلىكىگە سوزۇنچاق بولسا مەڭزىڭىزنىڭ ئاساسىي قىسمىغا ئۆڭلۈك ئىشلىتىڭ، يۈزىڭىزنىڭ ئويمان قىسمى بولسا ھەرگىزمۇ ئۇ جايغا ئۆڭلۈك سۈركىمەڭ.
قاپاق گىرىمىڭىزنىڭ رەڭگى بىلەن بەل ئۈستى كىيىمىڭىزنىڭ رەڭگى ئوخشاشراق بولسۇن، ئۈستۈنكى كىرپىكىڭىزنىڭ ئۈستىگە كىيىمنىڭ رەڭگىگە مايىلراق رەڭدىكى قاپاق گىرىمىنى سۈركەڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنى قاپاق قاتلىقىغا سەل قېنىقراڭ رەڭنى، ئۇنىڭمۇ ئۈستىگە سۇس شاپتۇل چېچىكى رەڭنى بېرىڭ، قېشىڭىشنىڭ ئىككى چەت ئاستى قىسمىغا پارقىراق ئاق رەڭنى سۈركەڭ، بىراق قاپاق گىرىمىڭىز بەك روشەن كۆرۈنمىسۇن.
قېشىڭىزنى تولۇقلاپ سىزماقچى بولسىڭىز قاپقارا سىزىپ بويىۋالماڭ، ئەڭ ئاۋال قېشىڭىزنى بىلىنمىگۈدەك ھالدا دائىرىگە ئېلىۋېلىپ، ئاندىن قېشىڭىزنىڭ باشلىنىش نوقتىسىدىن باشلاپ سۇسراق سىزىپ، تەدرىجى قېنىقلاشتۇرۇپ، قاش ئۇچىغا كەلگەندە سەل قېنىق سىسسىڭىز بولىدۇ، ھەرگىزمۇ باشلىنىش نوقتىسىنى قېنىق سىزىۋالماڭ، رەڭگىڭىز ئاق ياكى ئاق - سېرىققا مايىل بولسا كۈلرەڭ، قارا قاش گىرىمىنى ئىشلەتمەي كافىيرەڭ قاشلىق ئىشلىتىڭ.
قاڭشىرىڭىز پەسرەك، كەڭرەك بولسا بۇرنىڭىزنىڭ ئۈستىگە ئاق رەڭلىك پەرداز ئۇپىسى سۈركەپ، قاڭشىرىڭىزنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە ئازراق ئەترەڭ ئۇپا ياكى سۇس زېغىررەڭ قاپاق گىرىمى بېرىڭ.
لەۋ گىرىمى ئىشلەتكەندە ئاۋال لېۋىڭىزنىڭ ئەيىپ - نوقسانلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئۈستىنى كەڭرەڭ، ئاستىنى تارراق سىزىپ دائىرىگە ئېلىۋېلىڭ، دائىرىگە ئېلىش قەلىمىڭىزنىڭ رەڭگە شۇ كۈنى ئىشلەتمەكچى بولغان لەۋ سۇرۇقىڭىزنىڭ رەڭگىدىن سەل قېنىقراق بولسۇن، (سەمىڭىزدە بولسۇنكى گىرىم قەلەملىرىڭىزنىڭ ئۇچىنى ئۇشلىماي توم ھالەتتە سىزماڭ.) دائىرىگە ئالغان ئورۇن كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولغان بولسا ئاندىن لەۋ سۇرۇقنى سۈركىسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ئۇنىمۇ سورۇنغا قاراپ ئىشلىتىڭ. ئەگەر كەچلىك ئولتۇرۇشقا بارماقچى بولسىڭىز لەۋ سۇرۇقنىڭ ئۈستىگە يەنە پارقىرىتىش سۇرۇقى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى شۇ كۈندىكى ئاساسلىق كىيىمڭىزنىڭ رەڭگى بىلەن ئىشلەتكەن لەۋ سۈرۈقنىڭ رەڭگى ئوخشاشراق بولسۇن.
كىرپىك لاكى ئىشلەتكەندە كۈزىڭىزنىڭ چەت تەرىپىگە كۆپرەك، قاڭشار تەرەپكە ئازراق سۈركىسىڭىز چىرايلىق كۆرىنىدۇ.[/

3. زىبۇ - زىننەت تاقاشتا:
زىبۇ - زىننەت ئاياللارنىڭ ياسىنىشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان جابدۇقلىرىدىن بولۇپ، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا قىز - ئاياللىرىنىڭ ياش پەرقىگە قاراپ، ئۆز لايىقىدا زىننەت بويۇملىرى ياسىتىپ بەرگەنلىكى مەلۇم. زىننەت بۇيۇملىرى ئەڭ بۇرۇن تاشتىن ياسالغان بولۇپ، كېيىنچە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۈچ، ياقۇت، كەھرىۋا، سەدەپ، مەرۋايىت، ھايۋان چىشى ...قاتارلىقلاردىن ياسىلىشقا تەرەققى قىلغان. ھازىر بولسا تېخىمۇ كۆپ ماتىرياللاردىن ياسىلىۋاتىدۇ. بەزى ماتىرياللاردىن ياسالغان زىبۇ - زىننەت بويۇمى نۇرغۇن قىز - ئاياللارنىڭ تېرىسىگە خىمىيىلىك رېئاكسىيە بېرىپ، ئەسلىدىكى گۈزەللىكىگە ۋە سالامەتلىكىگە بەلگۈلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىرقى خانىم - قىزلىرىمىز بولۇپمۇ ياشلار زىبۇ - زىننەت تاللىغاندا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخى تەجرىبىلىرىدىن ئۆتكەن، تەبىئىي ماتىرياللاردىن ياسالغان زىبۇ - زىننەتلەرنى تاقاشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم. تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىلاردىن پايدىلىنارسىز:
( 1 ) تۇرمۇشقا چىقمىغان قىزلار مۇمكىن قەدەر سېرىق ئالتۇندىن ياسالغان زىبۇ - زىننەت تاقىماسلىقى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزلار تۈرلۈك ماتىرياللاردىن ياسالغان ئۈزۈك، بىلەيزۈك، بويۇن زەنجىرى، پاقىراق چاچ قىسقۇچ، بولاپكا قاتارلىقلارنى تاقىماسلىقى لازىم. قۇلىقىغا كىچىك، نازۇك، سىپتە ياسالغان ياقۇتلۇق ھالقا (زىرە - مۇنچاق) تاقىسا، بوينىغا ئۇششاق مارجان ئېسىۋالسا بولىدۇ.
( 2 ) ئاياللار ئالتۇن بويۇملىرىنى بولۇپمۇ چوڭ، ئېغىر ياسالغان ئالتۇن بويۇملىرىنى رېستۇرانتلاردىكى ھەر خىل يىغىلىشلاردا، خىزمەت ئورنىدا ۋە بازارغا چىققاندا تاقىۋالسا تازا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، پەقەت توي - تۆكۈن سورۇنى، چوڭلار سورۇنى، ئۇرۇق - تۇققانلار سورۇنىدا تاقىسا ماسلىشىدۇ. خىزمەت ئورنىدا ئامال بار كىچىك نازۇك، سىپتە ياسالغان ئۈزۈك ، ھالقا، زەنجىرلەرنى ئېسىۋالسا بولىدۇ. رېستۇرانتلاردىكى كەچلىك ئولتۇرۇش ياكى يىغىلىشلارغا ياقۇتلۇق، پارقىراق، جۇلالىق زىننەت - بويۇملىرى تاقاپ بارسا يارىشىدۇ. كىيىمنىڭ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يېرىگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك بۇلاپكا قىستۇرىۋالسا، چېچىغىمۇ ياقۇتلۇق، پاقىراق چازا قىسىپ بارسا تېخىمۇ ياخشى.
( 3 ) زىبۇ - زىننەتلەرنىمۇ مۇمكىن قەدەر مىللىي پۇراقتىكى، زەگەرلىك قول - ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئىجادىي بويۇملارنى، بىر قاراشتىلا ئۇيغۇرچە زىننەت بويۇم ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان زىبۇ - زىننەتلەرنى تاقىغان ئەڭ ياخشى. چۈنكى يېڭىدىن پەيدا بولىۋاتقان قارا قىزىل يىپلارغا ئۆتكۈزۈلگەن، ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن، ئەينەك ۋە ياغاچتىن ياسالغان بويۇن جابدۇقى، بىلەككە چىگىۋالىدىغان ئىلاستىكىلىق جىلدىرماچلار، شۇنىڭغا ئوخشاش ماتىريالى ئېنىق بولمىغان زىننەت بويۇملىرىنى تاقېۋېلىش كىشىلەردە چاكىنا يامان تەسىر پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

قىسقىسى، قىز - ئاياللار كىيىنىشكە، ياسىنىشقا، گەپ - سۆزگە دىققەت قىلسا، ھەممە ئىشتا ئەقىل ئىشلىتىپ، توغرا تەپەككۇر قىلسا، ھەر جەھەتتە ئۇنۋېرسال ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، بىلىمىنى موللاشتۇرۇپ، ئائىلىسىگە ھەم قۇرداشلىرىغا ئىللىقلىق بېرەلىسە، پاك – دىيانەت، ئەدەپ - ئەخلاق، شەرم - ھايا، كەڭ قورساق - ئەپۇچانلىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئاياللىقىغا خاس ئۇسلۇب يارىتالىسا، ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىغا مۇناسىپ لاتاپەت ۋە جەزبىدارلىقى بىلەن جەلپكار ئايال بولالايدۇ.
ئاياللار ياراشتۈرۈپ كىيىنىش، مۇۋاپىق گىرىم قىلىش ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا زىبۇ - زىننەت تاقاش بىلەن تاشقى گۈزەللىككە ئېرىشسە، ئېسىل پەزىلىتى ۋە ياخشى خۇلق - مىجەزى، جەمئىيەتكە - مىللەتكە قوشقان تۆھپىسى بىلەن ئىچكى گۈزەللىككە ئېرىشەلەيدۇ.
سىزنىڭ ئىچكى - تاشقى گۈزەللىك بىلەن ئىللىق ئائىلە، ئىناقجەمئىيەت، تېنچ ۋەزىيەت بەرپا قىلىش يولىدا بىر نۇمۇسچان قىز، مېھرىبان ئانا، ساداقەتمەن - ۋاپادار خوتۇن، نەمۇنىلىك ئايال بولۇشىڭىزغا تېلەكداشمەن!

ماقالە ئىگىسىنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن باشقا مۇنبەرگە يوتكىگەندە ئاپتۇرنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋەتمەڭ!
‏ 2009 - يىلى 8 - يانۋار
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-02-06 22:46 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

چالىقۇش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2942
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 137
شۆھرىتى: 1400 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1400 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 143 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاياللار ئۈچۈن   ناھايتتى ئەھمىيەتلىك تىما بولۇپتۇ.مىنىڭچە مىھمان چاقىرغاندا رەتلىك كىينىپ مۇۋاپىق ياسنىۋىلىش مىھمانغا بولغان ھۆرمەت،ئۆي ئىچىدە يىقىملىق ياسنىۋىلىش ئىرىگە بولغان ساداقەت،ئىشقا بارغاندا چىرايلىق ياسنىۋىلىش ئۆزىگە بولغان ئىشەنىچنى ئاشۇردۇ.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-16 00:00 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( چالىقۇش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » خانىم - قىزلار سەمىگە
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/