oznur.cn abduheni
سامسا
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1806
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 55
شۆھرىتى: 620 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 660 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 69 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئەزىز قورىما تاييارلاش تاماق ئىتىش سۈرەتلىك فېلىملىرى دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-03-11)
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2011- يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى يارقىن نۇقتا - دولان مەشرىپى ھەققىدە سابا ئانسانبىلى بىلەن سۆھبەت


  
يېقىملىق كۈيلىرى بىلەن كۆڭۈللەرنى رام قىلىدىغان سۆيۈملۈك ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2011- يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ مەستانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئۇيغۇر تورداشلار بۇ ھەقتە بەس – مۇنازىرە قىلىشتى.
  
ئەلكۈيى تورىمىز تورداشلارنىڭ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل ھالدا دىققەت قىلىپ، بۇ ئەل سۆيگەن ناخشىچىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ھەمدە تېخىمۇ يېقىن تۇرىشى ،شۇنداقلا ئابدۇللا  ئابدۇرېھىمغا ئۆزىنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ئىپادىلەۋاتقان تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇخبىرى بۈگۈن چۈشتىن كىيىن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ فۇشىڭ يولىغا جايلاشقان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نومۇر ئېلىش زالىدا تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقان سابا ئانسامبىلىدىكىلەرنى تېلىفۇندا زىيارەت قىلدى.  
  
بىز بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي خەۋرىمىزنى بېرىشتىن بۇرۇن چاغانلىق سەنئەت كېچلىكى ھەققىدە ئاز – تولا مەلۇمات بېرىشنى توغرا تاپتۇق.
  
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكى ھەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، چاغانلىق پائالىيەتلەر ئىچىدە مەملىكەت ۋە خەلقئارادا نوپوزى ئەڭ چوڭ، تەسىر دائىرىسى ئەڭ كەڭ شۇنداقلا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېردىكى كېچىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكىدىكى نومۇرلار ناھايىتى سەرخىل بولۇپ، دۆلەت ئىچى، شياڭگاڭ – ئاۋمىن ئالاھىدە رايونىدىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ ئالقىشلانغان چولپانلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ نومۇر ئورۇندايدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇ چولپانلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە نوپۇزىغا باھا بېرىشتىكى كوزىر ئۆلچەملەرنىڭ بىرى.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تور پونكىتىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2011- يىللىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكى 2011- يىلى 2- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى (كەچ)سائەت 6:00 دىن باشلاپ تۆت يېرىم سائەت داۋاملىشىدىكەن. بۇ  نۆۋەتلىك چاغانلىق كېچىلىكىنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ CCTV-1、CCTV-4、CCTV-7、CCTV-NEWS、CCTV-E、CCTV-F、CCTV-高清 قاتارلىق يەتتە قانىلى بىۋاستە تارقىتىدىكەن.  شىنجاڭ ،چىڭخەي، جياڭسۇ، خۇبېي  سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك 10 نەچچە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇلاپ تارقىتىدىكەن. دۆلەت ئىچى، شياڭگاڭ، ئاۋمىن ئالاھىدە رايونى ۋە چەتئەللەردىكى چاغان ئۆتكۈزىدىغان ۋە جۇڭگو مەدەنىيەتىگە قىزىقىدىغان پۈتۈن دۇنيادىكى تاماششىبىنلار نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغان بۇ كېچىلىكتىن ھوزۇر ئالالايدىكەن.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2011- يىللىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكىگە داڭلىق چولپانلاردىن سۇڭ زۇڭيىڭ، جاۋ بىنشەن، شياۋ شىنياڭ، سۈننەن، جو جيې لۈن، لىن جىلىڭ قاتارلىق نەچچە ئون سەنئەتكار نومۇر قاتناشتۇرغان.  


  
ئەلكۈيى تورىمىزنىڭ مۇخبىرى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنىش جەريانىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئىشلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1- نومۇرلۇق زالىدا تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقان سابا ئانسامبىلى بىلەن ئالاقىلاشتى. تېلېفۇننى سابا ئانسامبىلىنىڭ دۇمباقچىسى مەردان قوبۇل قىلدى.
مۇخبىرىمىز مەرداننىڭ ئاۋازىدىن ناھايىتى ئالدىراش بىر كەيپىياتنى ھىس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تورداشلارغا نەق مەيدان تۇيغۇسى بېرىش ئۈچۈن ئالدىراپ تېلېفۇننى قويىۋەتمىدى. ئۇ مەردانغا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ: ‹‹مەن ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇخبىرى، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ 2011- يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تەكىلىپ قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئەلكۈيى تورىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تورداشلار بۇ ئىشقا ناھايىتى دىققەت قىلىدى،خۇشال بولدى. ھەمدە بۇ توغرىلىق ئەلكۈيىدە بىر مەيدان بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى؛ بىز موشۇ ھەقتە تورداشلارغا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى ئويلاشقان ئىدۇق، شۇڭا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى بىزگە تەمىنلەپ بىرەلەرسىزمۇ؟›› دەپ سورىغاندىن كېيىن، مەردان ناھايىتى قىزغىن پوزىتسىيە بىلەن زىيارەتنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سابا ئانسامبىلىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئەلكۈيى تورىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ زىيارەت  قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈسىنى ئاچقان ھامان ئەلكۈيى تورىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
مەرداننىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 2011- يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ‹‹دولان مەشرىپى›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ئۇسۇللۇق ناخشىنى ئورۇندايدىغان بولۇپ، ئۇسۇللۇق  ناخشىغا 20 نەچچە موزىكانت ۋە 80 نەچچە ئۇسۇلچى قاتنىشىدىكەن. دولان مەشرىپى تۆت يېرىم سائەت داۋاملىشىدىغان كېچىلىكتە 5- بولۇپ سەھنىگە چىقىدىكەن. مەردان مۇخبىرغا كېچىلىكىنى بىۋاستە تارقىتىش تەييارلىق خىزمىتىنىڭ نۆۋەتتە، ناھايىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باشچلىقىدىكى سەنئەتچىلەر 1- ئاينىڭ 13- كۈنى بېيجىڭغا بارغان بولۇپ، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رەپتىس ۋە ھەر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم يەنە مەملىكەتلىك تور باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ھەر قايسى چوڭ تور بىكەتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2011- يىللىق باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، 2011- يىلى 1- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كېچىلىكتە ‹شۇنداق بىر ماكان› دېگەن ناخشىنى ئورۇنداپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.
مۇخبىر مەرداندىن: ‹‹سىلەر تەكلىپ بىلەن بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن يېتىپ – قوپۇش، يىمەك – ئىچمەكتە قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى؟›› دەپ سورغاندا، مەردان ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان نيۇجېي رايونىدىكى بىر ئالىي دەرىجىلىك مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، تاماق ئۈچۈن مەخسۇس مۇسۇلمان ئاشپەزلەرنىڭ مۇلازىمەت قىلغانلىقىنى، رەپتىس ۋاقتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، تاماققا بارالمىغان كۈنلىرى ئاشپەزلەرنىڭ شۇ يەرگە بېرىپ تاماق قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيىتتى.
سابا ئانسامبىلىدىكىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە جۇڭگودىكى كۆپ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر، زاڭزۇ، مۇڭغۇل، خۇيزۇ، جۇاڭزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ سەرخىل نومۇرلىرىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىپتۇ. بۇ قېتىمقىسى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تۇنجى قېتىم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىشى ئىكەن.
ئەلكۈيى تورىمىزنىڭ مۇخبىرى مەرداندىن: ‹‹مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە بۇرۇنمۇ ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىدى، ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە نومۇر قاتناشتۇرۇشى بىلەن بۇرۇنقىلىرى ئوتتۇرسىدا قانداق پەرق بار؟›› دەپ سورغاندا، مەردان مۇنداق دېدى: ‹‹بىرىنچىدىن، بۇرۇن قاتناشتۇرۇلغان نومۇرلار مۇستەقىل نومۇر سۈپىتىدە سەھنىگە چىقمىغان بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ چاتما ناخشىلىرى ئارىسىدا بېرىلگەن؛ ئىككىنچىدىن، بۇرۇن قاتناشتۇرۇلغان نومۇرلار تولۇق ئورۇندالماستىن، ئاساسىي بۆلىكىلا ئورۇندالغان؛ ئۈچۈنچىدىن بۇرۇن قاتناشتۇرۇلغان ناخشىلار خەنزۇچە ئېيتىلغان ئىدى. لېكىن بۇ قېتىم ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئورۇنلايدىغان ‹‹دولان مەشرىپى›› بىر جەھەتتىن مۇستەقىل نومۇر سۈپىتىدە سەھنىگە چىقسا، يەنە بىر تەرەپتىن تولۇق ھەمدە ئانا تىلىمىز بىلەن ئورۇنلىنىدۇ››.
مۇخبىرنىڭ مەرداندىن ئىگىلىشىچە، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغانلىق خەۋىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇرۇن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئېلان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شىركىتى، كوكاكولانىڭ شىنجاڭدىكى شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىرلىكتە سەنئەت كېچلىكى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پاراڭلاشقان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۈرۈمچىگە قايىتقاندىن كېيىن بۇ توغرىسىدا ئايرىم ئۇچۇر بېرىدىكەن. ئەگەر جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شىركىتى ياكى كوكاكولانىڭ شىنجاڭدىكى شىركىتى بىلەن ئوڭۇشلۇق ھەمكارلىشىش ئەمەلگە ئاشسا، 2- ئاي ياكى 3- ئاي ئەتراپىدا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بىر تۈركۈم يېڭى ناخشىلىرى خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىشى مۇمكىنكەن.
ئىگلىنىشچە، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بۇلتۇر ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، مېھرىبان ئانىسىنىڭ ۋاپات بولۇشى سەۋەبلىك بۇ پىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىق سەنئەتچىلەر ئەتە ئۈرۈمچىگە قايتىدىكەن.
  
بىز ئەلكۈيى تور -تېخنىكا شىركىتى، ئەلكۈيى تورى ۋە ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىدە ئەڭ يوقىرى ماھارەت بىلەن نومۇر ئۇرۇنلىشىغا،ئىجادىي ھاياتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بۇلىشىغا،شۇنداقلا ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 2011-يىللىق ناخشا كېچىلىكىنىڭ تورداشلار بىلەن تېزراق يۈز كۆرىشىگە چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!


2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى


تېما تەستىقلىغۇچى : دەرتمەن
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-02-06, 09:03

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( سامسا )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-02-06 12:09 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سامسا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 70
يازما سانى : 1873
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1369(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئابدۇللاغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-06 18:57 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئارمان(رۇزى)
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2104
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 315
شۆھرىتى: 3550 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3510 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 409 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 101(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن ئابدۇللانىڭ ناخشىسنى بەك ياختۇرمەن.......
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-06 20:04 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان(رۇزى) ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مۇبارەك
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1098
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 323
شۆھرىتى: 3465 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3560 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 372 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئابدۇللانىڭ   ناخشىلىرى  ھەقىقەتەن ياخشى  مەن  بەك  ياخشى  كۈرىمەن....
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-07 01:26 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇبارەك ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۈلقەنىت
كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۈڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ ..

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 737
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 2328
شۆھرىتى: 25225 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 36650 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2589 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 886(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ چاغاندا ئېيىتقان دولان مەشىرىپى دىگەن ناخشىسى ئىنتايىن ياخشى چىققان ،فىلىمىنى يولاپ قويماپسىلەر ھە  
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-07 02:07 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەنگەر
http://angar0995.blogbus.com

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 746
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 656
شۆھرىتى: 6935 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7610 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 807 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 392(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن قوشۇپ قويساممۇ  بولا!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-07 03:55 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەنگەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تور بەت ۋە يۇمشاق دىتاللار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/