ئالدى بىلەن 3 يىل بۇرۇنقى كۇنلەرنى ئەسلەتكنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن .
مەن تورغا چىقىشنى ئوگەنگىلى 6 يىل بولدى.
بۇنىڭدىن دەل 6يىل بۇرۇن جان ئالغۇ بىر يۇقۇملۇق كېسەل مىنى ئوزئىلكىگە تۇلۇق
ئېلىپ بولغان ئىكەن ..مەن بۇنى پەقەت ئاغزى بۇرنىمدىن قان يېنىپ يىقىلىپ چۇشكەن
دوختۇرغا تەكشۇرۇتكەن ۋاقتىمدىلام،ئوزەمنىڭ يۇقۇملۇق ئوپكە تىبىركىلىيوز كېسىلى
بىلەن يۇقۇملانغانلىقىمنى ئۇقتۇم ، ھەم دوختۇرنىڭ بۇ كېسەلنىڭ ساقىيىش نىسپىتىنىڭ
ئىنتايىن توۋەن ھەم يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم ،ئوزەمنىڭ بۇ كېسەلگە قانداق
گىرىپتار بۇلۇڭ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمىدىم ،ھەم باشقىلارنىڭ بۇ كېسەل ئارقىلىق ئۇلۇپ
كەتكەنلىكىىنى ئاڭلىغىنىمدا ھاياتقا بولغان ئىنتىلىشىم ئاستا -ئاستا سۇسلاپ باراتتى
كىيىن بۇ كېسەلنىڭ كىلىش مەنبەسىنى بىلدىم .بۇ يەنىلام «11يىللىق ئاچچىق ئەسلىمىنىڭ»
ماڭا قالدۇرغان ئاچچىق يالدامىسى ئىكەن .
11يىللىق ئاچچىق ئەسلىمە ئالتە كېچە كۇندۇز تاماق يىمەي يول يۇرۇپ يامغۇردا قالغان بۇ ۋاقىتلار دەل بۇ كېسەلگە
گىرىپتار قىلغان ئىكەن ،(بەدەندە زىيادە ھوللۇك ئېشىپ كەتسە يىلىك سۇيۇلۇپ ئوپكە
تىبىركىلىيوز كىسىلىگە گىرىپتار بۇلدىكەن .ياكى ئاسانلا يۇقۇملىندىكەن )
شۇنىڭ بىلەن مەن ھاياتتىن ئۇمۇدىمنى ئۇزۇپ تولىمۇ خامۇشلىشىپ كەتىم .مىنىڭ بۇنچە
ياش تۇرۇپ ئۇلۇپ كەتكۇم يوق ئىدى .بىراق ئەجەل ماڭا كۇندىن-كۇنگە يېقىنلاپ كىلۋاتقاندەك
تۇيۇلۇشقا باشلىدى ،ئەجەلنى كۇتۇپ تۇرغاندىن ئۇلۋېلىشنىمۇ ئويلىدىم .بىراق بۇنداق قىلسام
بولمايتى «ئوزىنى ئولتۇرۋالغانلارنىڭ گۇناھىنى ئاللا مەغپىرەت قىلمايدۇ»مەن بۇنى بىلەتتىم.
شۇنداق ئۇمۇتسز يۇرگەن شۇ كۇنلەرنىڭ بىرىدە بىر دوستۇم بىلەن تورخانىغا كىردىم .
،ھەم شۇ چاغلاردىكى سەرسانلار كۇلىبىغا (چايخانىسىغا)دوستۇمنىڭ ياردىمى بىلەن كىردىم ،
بۇيەردە سوھبەت بۇلۋاتقان ئىكەن ،مەن دوستۇمنىڭ ياردىمىدە
سوزلىگۇچنى سوراپ ئىچىمدىكى بارلىق دەرىتلىرىمنى بۇ مەۋھۇم دۇنياغا توكتۇم .
باشقۇرغۇچىلار ماڭا تەسەللى بىرىپ ھاياتنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرۇپ
مىنى توردۇنياسىغا مەپتۇن قىلۋالدى .شۇندىن باشلاپ مەن كۇندە دىگۇدەك تورغا چىقىپ
تۇردۇم ،ھەم بىر چ چ نۇمۇر ئېلىپ تورداشلار بىلەن دوسلاشتىم .كۇندىن-كۇنگە ھاياتقا
بولغان ئۇمۇدۇم ئېشىپ باردى .
شۇنداق قىلىپ مەن ئاخىرى ھاياتقا بولغان كۆز قارىشىم قايتىدىن تىكلىنىپ بۇ كېسەل
ئۇستىدىن غالىپ كىلىش ئۇستىدە ئويلاندىم .ھەم كىتاپخانىغا كىرىپ مۇشۇ كېسەللىك
توغۇرلۇق بىر ماتىريالغا ئىگە بۇلۇش مەقسىتىدە كىتاپ كۇرۇپ كىتۋېتىپ كۇزۇم «ئەڭ
ياخشى دوختۇر ئوزىڭىز»ۋە «يىمەكلىك ئارقىلىق كېسەل داۋالاش »دىگەن كىتاپقا كۆزۇم
چۇشۇپ قالدى ھەم بۇ كىسەلنى يىمەكلىك ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەت ئۇزۇقلىنىش بىلەن
بىرگە پەرھىز تۇتۇش ئارقىلىق بۇ كېسەلنى تۇپتىن داۋالىغىلى بۇلدىغانلىقىنى كۇردۇم.
كۇندە ئەتىگەندە چامغۇر ،نۇقۇت ،قوي گۇشى قاتارلىقلاردا شورپا قاينىتىپ ئىچىپ توپتوغرا
ئۇچ يىل بولغاندا بۇ كېسەلدىن ئۇزۇل كېسەل ساقايدىم ، دوختۇرنىڭ تەكشۇرۇش نەتىنجىسىنى
كۇرۇپ ئوزەمگە ئىشەنمەيلام قالدىم دوختۇرمۇ پەقەتلام ئىشەنگۇسى كەلمىگەن ھالدا ئوپكە
تىبىركىلىيوز كېسىلىنىڭ ساقىيىش نىسپىتىنىڭ ئىنتايىن توۋان بولدىغانلىقىنى ھەتتا ئون نەچچە
يىلدىن كىيىنمۇ ئاسارىتى قېلىپ قايتا قۇزغۇلدىغانلىقىنى لىكىن مىنىڭ ئۇزۇل كېسىل
ساقايغانلىقىمنى ئېيتىپ مىنى تەبىرىكلەپ كەتتى .
مەن ئوزەم ياقتۇردىغان ئاشپەزلىك كەسپىنى قايتا باشلىيالايدىغانلىقىمنى بىلىپ تولىمۇ
خوشال بولدۇم (تىبىركىلىيوز كېسەللىكىگە ئاشپەزلىك قىلىش سەھىيە ئىدارىسىدىن چەكلىنىدۇ)
ھەم ساغلاملىق كېنىشكىسى ئېلىپ ئاشپەزلىك كەسپىمنى خوتەنگە بېرىپ قايتىدىن باشلىىدىم
ھەم خوتەن گۇمىدىكى مەخمۇتجان(مۇنبەردىكى پەرھات) بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم ھەم ماڭا
تور بىلىملىرىنى ئوگەتتى مەن ئۇنىڭغا ئوز خىيالىم بۇيىچە ئوزكەسپىمدە بىر توبەت قۇرۇش
خىيالىم بارلىقىنى ئېيىتتىم . مەخمۇتجانمۇ مىنىڭ قۇۋەتلەپ تور دۇنياسىدا مۇشۇنداق بىر بوشلۇق
بار ئىدى .ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردىغان بولدىڭىز دەپ مىنى قوللاپ ياردەم
بىردىغانلىقىنى ئېيىتتى . شۇنىڭ بىلەن مەن axpaz نامىدا ئىككىنچى ئاينىڭ 13 كۇنى ئويغۇر
تور ساھەسىدىكى تۇنجى كەسپى تور بېكەت ئۇيغۇر ئاشپەز تور بېكىتى قۇرۇپ چىقتىم .
مانا بۇنىڭغىمۇ توپتوغرا ئۇچ يىل بۇلۇپتۇ
كىين تور تىزگىللەندى مۇشۇ تور تىزگىنلەنگەن ۋاقىتلاردىمۇ مىنى ئىزچىل قۇللاپ كەلگەن ماڭا
ئۇمۇت بېغىشلاپ كەلگەن نۇزۇگۇم ،تۇز، ئاشتۇزى ،ھەم شەخلا (تور ئېچىلىپ بىرىنچى كۇنى
ياخشىما ئاشپەز تورئېچىلدى ئاشپەز تورىنى قايتا ئاچامسىز تىزدىن ئېچىڭ مەن ئاشپەز تورىنى سېغىندىم )
بىلەمسىلەر دوسلار بۇنىڭغا نىمىدىگەن چوڭقۇر مۇنبەرداشلىق مېھرى ،تورداشلىق مېھرى سىڭگەن ھە!!!!!
مەن ئاشپەز لىك كەسپىمنى سۇيىمەن ،مەن ئاشپەز تورىنى ياخشى كورىمەن ،مەن مۇنبەرداشلارنى
ياخشى كورىمەن سىلەر مىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھلىرىم ،ئەڭ ياخشى سەپەرداشلىرىم ،ئەڭ ياخشى
دوسلىرىم ،ئەڭ ياخشى قولىغۇچلىرىم مەن سىلەرگە ئامراق ..............................................
مانا بۇ مۇنبەرداش شەھلانىڭ مۇنبەرگە بولغان چوڭقۇر مېھرىنىڭ شاھىدى
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى
UID نۇمۇرى : 311
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 640
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 516(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-02-06
ئەڭ ئاخىردا مۇشۇ ئەسلىمىلەرنى ئسىمگە سالغان ۋە بارماق تەۋرەتكۆۇزگەن شەخلاغا
بارلىق مۇنبەرداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن
2011-يىلى 2-ئاينىڭ6-كۇنى 2:34 ھاياجان ئىچىدە يىزىلدى