ئۇيلاپ باقسام ، ئاشپەز تورى ئۈچۈن ، مەن ياخشى ئىش قىلىپ بىرەلمەپتىمەن ،مەن ئالدى بىلەن ئاشپەز ئۇستام سەمەتجاننىڭ ماڭا قىلغان خالىسانە ياردەملىرىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئىيتىش يۈزىسىدىن ، مەن بۇ ماقالىنى توردىن كۆرۈپ تەرجىمە قىلىپ قۇيدۇم( گەرچە خەن سەۋىيەم ياخشى بولمىسىمۇ) ، خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا ، ئۇستازلارنىڭ تۈزىتىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
باشلىدىم ئەمسە تەرجىمە قىلىشنى : 兰州正宗牛肉面汤的秘密 ، لەنجۇ ئەنئەنىۋى كالا گۆشى ئۈگىرسى تاڭ رىتسىپىنىڭ سىرى
لەنجۇ كالا گۆشى ئۈگىرسىنىڭ رەڭگىگە قارايدىغان بولساق : 1. سۈزۈك ( تاڭلىرى سۈزۈك ) 2. ئاق ( لۇبۇ ئاق ) 3. قىزىل ( لازا مىيى قىزىل ) 4. يېشىل ( يۇمغاق سۈت يىشىل ) 5. سېرىق (چۆپلىرى پارقىراق سېرىق ) قاتارلىق بەش خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە .

كالا گۆشى ئۈگىرىسىنى ئىچىپ باققانلار تەمىنى ھەقاچان بىلىدۇ ، ۋاھ ،،،ھۇرى كۆتىرىلىپ تۇرغان ، ئاچچىق -چۈچۈك تەملىك شۇرپىلىرى ، چۇكىدا كۆتەرسە ئۇزۇراپ چىقىدىغان چۈپلىرى ، ئاش كىلىپ بولغىچە چۇكىنى ئىلىپ چىشلەپ ، شۆلگەيلىرىم ئىقىتپ تۇرۇشى ،،،،ئىم،،،

،

ئەمدى تەييارلايدىغان خام ماتىرىياللارغا كىلەيلى :
ئىھتىياجغا قاراپ ، كالا گۆشى بىر پارچە ، كالا سۆڭىكى ( ئادەتتە باڭزا دەپ قۇيىمىزغۇ ھە ) بىر قانچىنى ، سۇڭ پىياز ، زەنجىۋىل ياپاراقچىسى، شاكال بەدىيان، دا لىياۋ ( شاكال بەدىيان شۇكەن ، لىكىن نىمىشقا ئىككى خىل ئاتىلىشى بارلىقىنى بىلمىدىم ) ، شياڭيى ( پۇراقلىق يۇپۇرماق دەپ ئاتاپ قۇيدۇمغۇ ئۇيغۇرچە ) ، قاقىلە ، ئارپا بەدىيان ، كاۋاۋىچىن ، ئاقمۇچ ، زەنجىۋىل ئۇرۇقى ، رو كو ، پىلپىل ، تۈكلۈك قاقىلە ، ماندارىن شۆپۈكى ( ئاپلىسېىن پۇستى ) ، شەننەي قاتارلىقلار
原料:牛肉一块、牛骨头若干、葱段、姜片、八角、大料、香叶、草果、小茴香、花椒、白胡椒、良姜、肉蔻、筚拨、砂仁、陈皮、山奈
。

ئېتىش ئۇسۇلى : 1. ئالدى بىلەن كالا گۆشى ۋە ئۇستىخاننى پاكىز سۇدا پاكىز يۇيۇپ تازلاپ ، ئاندىن كىيىن 4 - 5 سائەت ئەتىراپىدا سۇغا چىلاپ قۇيىمىز ، ئەگەر بىر كىچە تۇردىغان ئىش بولسا ، ئۇتتۇردا سۇ ئالماشتۇرلىدۇ ؛
2. بايامقى دەپ ئۆتكەن دۇرا - دەرمەكلەرنى پاكىزە سۇدا چايقاپ يۇيۇپ ، داكىنى خالتا قىلىپ ئۇراپ قۇيىمىز ؛
3. كالا گۆشىنى بىر جىڭ قىلىپ كىسىپ پارچىلاپ ، ئۇستىخاننى ئىككى پارچە قىلىپ ، قايناۋاتقان قازانغا سالىمىز ، ئوتنى كۈچەيتىمىز ، ئۈستىگە ئۆرلەپ چىققان مازغاپ - كۆپۈكلەرنى سۈزۈپ ئىلۋىتىمىز ، ئاندىن بىز بايا تەييارلىغان دۇرا - دەرمەك خالتىسىنى قازانغا سىلىپ ، ئوتنى پەسەيتىپ ، تەخمىنەن 2 سائەت ئەتىراپىدا كالا گۆشى پىشقىچە قاينىتىمىز ، پىشقاندا سۈزۈپ ئىلىپ چاقما ق شەكىلدە ياكى ياپىراقچە شەكىلىدە توغرايمىز .
4. يادىڭلىدا بولسۇن دۇستلار ، ئۇستىخان ( باڭزا ) سۆڭەك قازاندا يەنە داۋاملىق 2 سائەت قايناپ پۇشۇلغاندىن كىيىن ،ئاندىن ئوتنى ئۈچۈرۈپ ، دۇرا - دەرمەك خالتىمىز سۈزۈپ ئىلۋىتىلىدۇ . ( گۆشنى سۈزگەندە سۆڭەكنى ۋە دۇرا خالتىسىنى بىللە سۈزۋىلىپ قالماڭلار )
قۇشۇمچە تەييارلىنىدىغان ماتىرىياللار :
1. يۇمغاقسۈت بىلەن سامساق كۆكىنى پاكىزە يۇيۇپ ، ئۇششا ق تۇغرايمىز .
2. ئا ق لۇبۇنى يەلپۈگۈچ قانىتى شەكىلدە تۇغراپ ، قاينا ق سۇغا باسىمىز ، ئاندىن سۇغۇق سۇغا چىلاپ قۇيىمىز ، مەخسەت لۇبۇدىكى غەيرى پۇراقنى يۇقىتىدۇ ، كالا گۆشى شۇرپىسىغا تەم كىرگۈزدۇ ، تاڭنى سۈزۈك كۆرسىتىدۇ .
3. يېڭى باشتىن قازان ئىسىپ ، ئىچىگە بايام پۇشۇرۇپ ئىلىپ قۇيغان تاڭنى قازانغا قۇيىمىز ، سۇۋۇتىلغان ئاق لۇبۇنى سالىمىز ، يۇمشىغاندا ، تۇز سالىمىز .

4. قازانغا قايناقسۇ قۇيۇپ قاينىتىپ ، چۈپنى سالىمىز ، پىشقاندا سۈزۈپ قاچىغا ئىلىپ ، ئۈستىگە تاڭنى قۇيۇپ ، ئۈستىگە توغرالغان لۇبۇ ياپىراقچىسى ، يۇمغاقسۈت ، سامسا ق كۆكى ، كالا گۆشى ، يەنە ئەڭ ياخشى كۆردىغان قىزىل لازا قىيام مىيىدىن سالىمىز .

ئاخىرى بار ،،،،،،،،،،مەن بەك ھىرىپ كەتتىم ، ئۇھ ،،،، ۋاقىت چىقىرىپ ئاخىرىنى تولۇقلايمەن .
ئاخىردا تەرجىمە قىلدىغان جايلار ، قىزىل لازا قىيام مىيىنى ياساش جەريانى ، ئۇنىڭدا تاڭنى تىخىمۇ ئىسىل تەم قۇشۇش ،
ئاخىردا مۈجىمەل بولۇپ قالغان جايلارنىڭ ئىزاھاتلىرى ئىكەن .
ئاخىرنى ۋاقىت چىقىرىپ يەنە يۇللايمەن . دۇستلارنىڭ سەممىي قىممەتلىك پىكىرلەرنى بىرىپ تۇلۇقلاپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەن كەسپى تەرجىمانمۇ ئەمەس ھەم كەسپىي ئاشپەزمۇ ئەمەس ، ئاشپەزلىكىتىن خەۋىرىم يۇق . ئەمدى ئۆگىنىشكە قىزىقۋاتقان ھەۋەسكارمەن . ئۇستاملارنىڭ مىنى يىتەكلەپ مىڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .