ئائىلە ھاياتىدىكى ئىسلام پرىنسىپلىرى
مۇھەممەت يۇسۇپ
736. سوئال: ئىنسان ئائىلىسىدىكىلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك؟
جاۋاب: بىر ئادەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە قارىتا مۇئامىلىسى ئۇ ئادەمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەكتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئائىلىسىدىكىلىرىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغىنىڭلاردۇر» دېيىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە ياكى سىرتتىكىلەرگە قىلغان مۇئامىلىسىگە قاراپ باھا بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلىرىگە قىلغان مۇئامىلىسىگە قاراپ ئۇنى ياخشى ياكى يامان دەپ باھالىغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. چۈنكى ئىنسان سىرتتىكىلەرگە ئۆزىنى ياخشى كۆرسىتىش نىيىتى بىلەنمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ قويىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە قىلىدىغان مۇئامىلىسى ئەڭ تەبىئىي مۇئامىلە بولۇپ، شۇ ئادەمگە قويۇلغان دىئاگنوزدۇر.
بىراۋنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ئۇنىڭ جورىسى، ئاتا – ئانىسى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەب قىلىدۇ.
737. سوئال: ئىنسان ئۆزىنىڭ جورىسىگە قارىتا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك؟
جاۋاب: ئىسلام قانۇنىدا ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر – بىرىگە ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى ۋە ھەر بىرىنىڭ ئۈستىدىكى قارشى تەرەپنىڭ ھوقۇقلىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ھەر قانداق بىر جەمئىيەت ئۇنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغان، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىشلىرىنى توغرا يولغا سالىدىغان بىرەر مەسئۇلغا ئېھتىياجلىق بولغىنىدەك، ئائىلىمۇ جەمئىيەتنىڭ بىر تەركىبى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئائىلىگە مەسئۇللۇق قىلىدىغان بىرەر مەسئۇلنىڭ شۇ ئائىلىدە بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر. تەبىئىيكى، بۇ مەسئۇللۇققا ئەر كىشىلەر ئايال كىشىلەرگە نىسبەتەن مۇناسىپراقتۇر. چۈنكى، ئەر كىشىلەر ئومۇمەن جىسىمانىي جەھەتتە كۈچلۈك، سوغۇققان بولغاچقا، ئۇلار ئائىلە ئىشلىرىنى تەمكىنلىك بىلەن باشقۇرالايدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا:﴿ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر﴾([1])دېگەن.
ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ۋە ئائىلىنى ھىمايە قىلىپ، ئىدارە قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتىگە ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئاياللارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان پۈتۈن ئىشلاردا ئەرلىرىنىڭ خاھىشىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارغا بويسۇنۇشى زۆرۈر. بۇ ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى خوجايىن، ئاياللىرىنى بولسا، خىزمەتچى ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇلارنى ھەدەپ خورلايدىغان، ئۇرۇپ تىللايدىغان ئەرلەر ھەقىقەتەن، نادان ھەم ئاڭسىز كىشىلەردۇر.
تۇرمۇش پەقەت ئەر – ئايال ئىككىسىنىڭ بىر – بىرىنى چۈشىنىشى ۋە بىر- بىرىگە يول قويۇشى بىلەن داۋام قىلىدۇ. چۈنكى ئەرـ خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ بەختلىك ھالدا داۋام قىلىشى ئەر - خوتۇن ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بىر - بىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى تونۇشىغا باغلىق، ئۇنىڭ سائادىتى ئەر خوتۇن - ھەر ئىككىسىنىڭ بىر - بىرىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىگە ۋە سەمىمىي مۇئامىلىسىگە باغلىقتۇر. ئەر – ئايال ئىككىسىنىڭ بىر- بىرىنى ھېمايە قىلىپ قوغدىشى، بىر- بىرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىشى ۋە ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى سىرلارنى ساقلىشى بەختلىك ئائىلىنىڭ كاپالىتىدۇر.
ئەركىشىنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى
738. سوئال: ئەركىشىنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى قايسىلار؟
جاۋاب: ئەركىشىنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:
(1) ئەرنىڭ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىكى، پۈتۈن مۇھەببىتى ۋە سۆيگۈسىنى بېغىشلىغان ھالدا، ئۇنىڭغا ھەر ئىشتا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشى.
(2) ئايالىنىڭ بەزى خاتالىقلىرىغا، بولۇپمۇ ئايالىنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ قالغان چاغلاردىكى ئۇنىڭ بەزى يېقىمسىز مۇئامىلىسىگە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىشى، دەردىنى ئاڭلاپ ھالىغا يېتىشى.
(3)ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشى، ئايالىغا بولغان سۆيگۈسىنى ھەر ۋاقىت ئىزھار قىلىپ تۇرۇشى.
(4) ئايالىنى باشقىلارنىڭ يامان نىيەتلىك كۆزلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىشتا غورۇرلۇق بولۇشى. ئايالىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنى قەدىرلىشى، ئائىلىنىڭ بوزۇلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن غەپلەتتە قالماسلىقى. لېكىن ئايال كىشىنى كۈنلىدىم دەپ ئارقىسىدىن جاسۇسلۇق قىلماسلىقى، بەتنىيەتلىك بىلەن ئايالىنى ئاساسسىز قارىلىماسلىقى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كىشىلەرنى يامان گۇمان قىلىشتىن مەنئى قىلغان.
(5) ئايالىنى ئىمكان قەدەر ئاتا - ئانىلاردىن ئايرىم ئۆيدە تورغۇزۇشى، ئۆينىڭ پۈتۈن ئېھتىياجلىق نەرسە - كېرەكلىرىنى ھازىرلاپ بېرىشى، ئايالىغا قېيىن ئاتا ۋە قېيىن ئانىسىنىڭ پۈتۈن يۇكلىرىنى يۇكلىمەسلىكى.
(6) ئايالىنىڭ بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مەھرىنى ۋە باشقىمۇ ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشى.
(7) ئايالىغا دىننىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشى ــ ناماز، روزا، زىكىر، دۇئا ۋە باشقىلار قاتارلىق پۈتۈن ئىبادەتلەرنى ئۆگىتىشى ھەم ۋاقتىدا ئورۇنلىشىغا ئۈندىشى، ياردەم بېرىشى.
(8) ئايالى ئۇنىڭغا يامانلىق قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى ئۇرماستىن نەسىھەت قىلىپ ئۆزگەرتىشى، ئىمكان قەدەر ئايالىنى ئۇرماسلىقى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىنى ئۇرمايدىغانلاردۇر»([2]) دەپ كۆرسەتكەن. ئايال كىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى چارە ۋە ئەڭ قاتتىق جازا ۋاقىتلىق ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلماسلىقتۇر.
(9) ئايالى تۇغۇشنى ئارزۇ قىلسا ياكى تۇغماسلىقنى تاللىسا، ئۇنى زورلىماستىن، ئۆزئارا كېڭىشىش بىلەن ئىش كۆرۈش.
(10) ئايالىنىى ياكى ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ياكى تۇغقانلىرىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكى، ھاقارەتلىمەسلىكى، مەسخىرە قىلماسلىقى.
(11)ئايالىغا ئۆي ئىشلىرىدا ياردەملىشىشى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاياللىرىغا ئۆي ئىشلىرىدا ياردەملىشەتتى.
(12) بىردىن ئارتۇق ئايالى بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈن ئىشلاردا ئادالەتلىك ئىش كۆرۈشى.
(13) ئايالى بىلەن ئاجرىشىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەستىن، ئازار بەرمەستىن، ئەيبىنى ئاچماستىن چىرايلىقچە ئاجرىشىشى.
يۇقىرىقىلار ئەر كىشىنىڭ ئۈستىدىكى ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان ھەقلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكى مۇھىملىرىدىن بىر قىسىمىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە سۆزلىگەن خۇتبىسىدا مۇسۇلمان ئەرلەرگە ئاياللار توغرۇلۇق ناھايىتى مۇھىم ۋە تەسىرلىك ۋەسىيەتلەرنى قىلغان.
ئايالنىڭ ئېرىگە ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى
739. سوئال: ئايالنىڭ ئېرىگە قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئۆتەيدىغان ھەقلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ئايالنىڭ ئېرىگە قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئۆتەيدىغان ھەقلىرى تۆۋەندىكىلەر:
(1) ئېرىنىڭ ھەققىنى ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ ۋە جىمى تۇغقانلىرىنىڭ ھەققىدىن ۋە مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىشى ۋە ئۇلارنى قوغدىشى.
(2) ئايلىق ئادەت، تۇغۇتلۇق ۋاقىتلىرىدىن باشقا، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئېرىنىڭ رىغبىتىگە ماسلىشىشى. ئەر - ئايال بىر - بىرىنىڭ رىغبىتىگە ماسلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىدۇر. كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىشى ئومۇمەن، مۇشۇ سەۋەبتىن بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللارغا بۇزۇلۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىمۇ، ئايالىنىڭ ئۇنىڭ رىغبىتىگە ماسلاشماي ئۇنى رەنجىتكەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
(3) ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارغا ئۆيدىن بىر نەرسە بەرمەسلىكى. ئەمما يېمەك - ئىچمەكتىن باشقىلارغا سەدىقە بەرسە بولىدۇ.
(4) ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز سەپەرگە چىقماسلىقى، ئېرى ياقتۇرمايدىغان ئەر – ئايال ھەر قانداق كىشى بىلەن ئارىلاشماسلىقى.
(5)ئاللاھ بەرگەن رىزىققا قانائەتلىك بولۇشى، قاتتىقچىلىق كۈنلىرىدە ئېرىدىن شىكايەت قىلماسلىقى، ياخشى كۈنلەردە ئاللاھنى ئۇنۇتماسلىقى، ئېرىنىڭ مېھنىتىنى ھەر ۋاقىت قەدىرلىشى. ئەڭ ياخشى خوتۇن ئېرىغا ھەمىشە: ”ھارام كەسىپتىن ساقلانغىن، بىز قاتتىقچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيمىز، ئەمما دوزاخ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلمەيمىز“ دەيدىغان خوتۇندۇر.
(6) ئېرىدىن باشقىلار ئۈچۈن زىننەتلەنمەسلىكى، باشقىلارغا يۈز، قوللىرى ۋە پۇتلىرىدىن باشقا ئەۋرەت ئەزالىرىنى نامايان قىلماسلىقى، قىسقا، نېپىز كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىشى. ئەر – ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىرلارنى ساقلىشى. ئەر – خوتۇنلۇق سىرلىرىنى سىرتقا يايغۇچىلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لەنەت قىلغان ۋە ئۇلارنى قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ھېچ سۆز قىلماستىن، شەپقەت نەزىرى بىلەنمۇ قارىماستىن جازالايدىغانلار قاتارىدىن سانىغان.
(7) ئېرىنىىڭ دوستلىرى بىلەن ئېرى بولمىغان جايلاردا پاراڭلاشماسلىقى، ئېرى يوق ۋاقىتتا كەلگەن يالغۇز، ئەر مېھماننى يالغۇز قارشى ئالماسلىقى. ئۆزى يالغوز بولسا، ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلماسلىقى.
(8) ئېرىگە ھۆسىن - جامالى، بايلىقى ۋە مەنسبى بىلەن پەخىرلەنمەسلىكى يەنى ئايال كىشى ئېرىدىن بىرقەدەر ئارتوق جامالغا، بايلىققا، مەنسەبكە ياكى ئېسىل نەسەبكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ چوڭلۇق قىلماسلىقى.
(9) پەرزەنتلىرىگە مېھرىبان بولۇشى، ئۇلارنى ئۇرۇپ، تىللىماستىن ياخشى تەربىيىلىشى، ئېرىگە تىل ئۇزارتماسلىقى.
(10) ئۆي ئىچىنى پاكىز، رەتلىك تۇتۇشى، ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىشى.
(11) ئايال كىشى قېيىن ئانىسى ۋە قېيىن ئاتىسىنى ھۆرمەتلىشى، ئىمكانقەدەر ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇپ، ياخشى دۇئالىرىنى ئېلىشقا تىرىشىشى لازىم. چۈنكى ئۇمۇ شۇلارغا قىلغانلىرىنىڭ ئوخشىشىنى كېيىنچە كېلىن ياكى كىئوغۇللىرىدىن كۆرىدۇ. ياخشى ئاياللارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئائىلىلەر گۈللىنىدۇ، ھاياتلىق ئۆزىنىڭ ھۇزۇرـ ھالاۋىتىنى تاپىدۇ. دۇنيادىكى مەشھۇر ئەربابلارمۇ ئەنە شۇنداق ياخشى ئانىلارنىڭ قوللىرىدىن يېتىشىپ ئۆسكەن كۆچەتلەردۇر.
مەنبە:ئىسلامى مۇنبەردىن ئېلىندى
[ بۇ يازماnuzugumتەرپىدىن2011-01-24 06:57دە قايتا تە ]