illikdunya.biz abduheni
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
دولان
ئېغىزىڭ قان  ..

دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 1015
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 547
شۆھرىتى: 5985 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 663 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ ئالمىلار نىمانچە قىممەتتۇ؟
-قارىمامسىز ، بىر بىرىدىن قىزىرىپ پىشقان ئالمىلار تۇرسا بۇ .
-قىممەت بولغاچقا ، ئىزا تارتىپ قىزىرىپ كەتكەندۇ !!!


بىرى پويىز خادىمىغا «مەن ئاتۇشتا چۈشىمەن» دەپتۇ.پويىز خادىمى «بۇ قېتىملىق پويېز سەيشەنبە كۈنى ئاتۇشتا توختىمايدۇ، بىراق، بۇرادەر، بىز ئاتۇشتا رېلىس ئالماشقاندا سۈرئىتىمىز ئاستىلايدۇ، مەن ئىشىكنى ئاچىمەن-دە، سەن چاققانلا سەكرەپ چۈشىۋالىسەن. پويىزنىڭ سۈرئىتى گەرچە تېز بولمىسىمۇ،سەن سەكرەپ چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن پويىز ماڭغان يۆنىلىش بويىچە بىر ئاز يۈگۈرمىسەڭ چاق سۆرەپ ئەكىرىپ كېتىدۇ!» دەپتۇ. پويىز ئاتۇشقا كەلگەندە ئىشىك ئېچىلىپتۇ، يولۇچى پويىزدىن سەكرەپ چۈشۈپتۇ-دە،يۈگۈرگەن پېتى بايىقى ۋاگوننىڭ ئالدىدىكى ۋاگوننىڭ ئىشىك ئالدىغا كەپ قاپتۇ. دەل مۇشۇ پەيىتتە، ۋاگوننىڭ ئىشىكى ئېچىلىپتۇ-دە، بىر پويىز خادىمى چىقىپ ئۇنى تارتىپلا ئىچىگە ئەكىرىۋاپتۇ . پويىزمۇ ئەسلىدىكى سۈرئىتىگە قايتىپتۇ.
ۋاگون خادىمى:- بۇرادەر، بەك تەلەيلىككەنسەن، بۇ پويىز سەيشەنبە كۈنى ئاتۇشتا توختىمايتتى!

———————–

گېرمانىيىدە بىر ئاغىنىمىز شىۋىتسىيىگە ئىنىسىنى يوقلاپ بارسا ، ئىنىسى ئاكىسىنى بويتاقچىلىقتا زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا بىر شاتۇتى بېرىپتۇ . ئاغىنىمىز گېرمانىيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئىنىسى تېلېفون قىلىپ: ئاكا! شاتۇتى قانداقكەن؟– دەپ سورىسا،
ئاغىنىمىز: گۆشى شۇ توخۇنىڭ گۆشىگىلا ئوخشايدىكەنغۇ..

————————

بىرەيلەننىڭ ئاكىسى ئاغرىپ قېلىپ بالنىستتا يېتىپ قاپتۇ. ئۇ ئادەم ئاكىسىنى يوقلاپ بېرىپ، ئاكىسىنىڭ روھىي كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى سېزىپ، ئۆزىچە ئاكامغا بىر تەسەللىي بېرىپ قوياي دەپ مۇنداق دەپتۇ:- ئاكا! نېمىگە غەم قىلىسەن، زادى ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىزغۇ…

———————–

گېرمانىيەدە بىر ئۇيغۇر ، بىرسىنى ئېشەك دەپ قويغانلىقتىن، ئۇ كىشى سوتقا ئەرز قىلىپ، سوت ئېچىلىپتۇ. سوتچى، ئۇيغۇرنى گۇناھكار دەپ، 5000 ياۋرو جەرىمانە قويۇپتۇ. دەۋاگەرنىڭ خۇشلۇقتىن ئاغزى يۇمۇلماي قاپتۇ.
ئۇيغۇر نارازى بولغان ھالدا، سوتچىدىن سوراپتۇ:
-ئەگەر، مەن ئېشەكنى قېچىر دېسەم گۇناھكار بولامدىم – يوق ؟
سوتچى:
-ياق.
ئۇيغۇر ھېلىقى ئەرز قىلغان كىشىگە قاراپ دەپتۇ:
- نېمىگە كۈلىسەن ۋوي…قېچىر !؟

———————–

بىر خېرىدار دورىخانىغا كىرىپ: ”ئايالىم ئۈچۈن چىۋىن دورىسى ئالاتتىم“ دەپتۇ.
دورىگەر:
-ساراڭ بولدىڭىزمۇ، ئايالىڭىز ئۇنى ئىچسە زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ!
خېرىدار يانچۇقىدىن ئايالىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ، دورىگەرگە بېرىپتىكەن،دورىگەر رەسىمگە شۇنداق بىر قارىۋېتىپ:
-كەچۈرۈڭ، رېتسىپ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن …

————————-

ئەر -خۇتۇن ئىككەيلەن مۇڭدۇشۋېتىپ ، ئاشنا توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ قالدى ، ئايال ئېرىدىن تۇيۇقسىز سورىدى :
- سۈيۈملىكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىرتتا بىرەرسى بىلەن ئارلىشىپ قالسام قانداق قىلاسىز ؟
- سىزنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن !_ دېدى ئەر كەسكىن جاۋاپ بېرىپ ، ئارقىدىنلا ئايالىدىن سورىدى ،_ ئەگەر مەن
بىرەرى بىلەن ئارىلىشىپ قالسام ،سىز قانداق قىلىسىز ؟
ئايال بىر پەس ئويلىنىۋېلىپ جاۋاپ بەردى:
- بۇ ئىنسانچىلىقتا بولۇپ قالىدىغان ئىش ، سىزنى كەچۈرۋېتىمەن ، ھېچنىمىنى سۈرۈشتۈرمەيمەن .
- ئايالنىڭ گېپى تۈگە _تۈگىمەيلا ئەر ھاياجان بىلەن كارۋات ئاستىغا قاراپ ۋارقىردى:
- بۇياققا چىقىڭ ئومىقىم ، ئۇ ھېچنىمىنى سۈرۈشتە قىلمايدىغان بولدى !!!!!!

————————–

بىئولوگىيە دەرىسىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن:
- سەككىز ئاياقنىڭ پۇت- قوللىرىنى قانداق قىلىپ پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ؟ دەپ سوراپتىكەن، بىر ئوقۇغۇچى:
-ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ يەل قويۇپ بەرسەك، بۇرنىنى ئەتكىنى قولى،قالغانلىرىپۇتى،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ، ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈپ يىقىلىپ قاپتۇ.

—————————

ئوغلى مېھمانخانا ئۆيدە مېھمان بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئاتىسىنىڭقۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولۇپ نەچچە قېتىم كەلسىمۇ، سۆزلىگىلىقويماپتۇ ۋە ئەيىپلەپ:
- مېھمان بار يەردە بۇنداق قىلىش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ، گەپ بولسا ئوچۇق دەۋەگۈلۈك،- دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئوغلى دېمەكچى بولغان گېپىنى ئوچۇقلا دەۋىتىپتۇ.
- ئاپام “ ئۆيدە كۆكتات قالمىدى، ئاتاڭغا دەپ قوي، مېھماننى تۇتۇپ قالمىسۇن“ دەيدۇ.

—————————-

_ئېرىم زادىلا كېچىكمەيتتى،بۈگۈن نىمە بولغاندىكىن،ھازىرغىچە كەلمەيۋاتىدۇ.بىرەر شەيتان بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىمىكىن-يا؟
_ بولدى قىلساڭچۇ تىلىڭنى ئۈشۈتمەي،ئېرىڭ ياۋاش،ساڭا سادىق ئادەم. بەلكىم ماشىنا سوقىۋەتكەندۇ.

—————————-

تومۇز كۈنلىرنىڭ بىرىدە ، قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر دىۋانە يولياقىسدا ئولتۇراتتى . ئۇ بىر قولىدا شىلەپسىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ،ئۈستىگە :“ئەمالارغا شەپقەت قىلىڭلار “ دېگەن خەتلەر يېزىلغان بىرباغاقىچىنى چاپلىۋالغانىدى .
بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئايال ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرتىپ ،ھەمىيېنىدىن بىر دوللار چىقىرىپ ئۇنىڭ شىلەپىسگە تاشلىدى .
-رەھمەت ، شەپقەتلىك خانىم ،- دېدى دىۋانە شۇ ھامان ،- سىزنىڭ بۇ بىر دوللىرىڭىز مەن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تاپقان پۇللارنىڭ ئەڭ چوڭى .
-مەن تېخى سېنى ئەما دەپ قاپتىمەن !-دېدى ئايال ھەيران بولۇپ .
-مەن ھەر كۈنى بۇ يەردە ئولتۇرىدىغان دىۋانىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپتۇرۇۋاتىمەن خانىم، ئۇ كىنوخانىغا كەتتى ،مەن ئەما ئەمەس ،گاس -گاچا

—————————–

ھاراق دىگەننى بولىشىغا ئىچىدىغان بىرىنىڭ ئايالى ئۇنى بىر قورقۇتۇپ تۈزىتەي دەپ ، ئالۋاستىدەك ياسىنىپ ، ئېرىنىڭ كېلىشىگە ساقلاپ تۇرۇپتۇ . بىر چاغدا ئېرى دەلدەڭشىپ غىڭشىپ كېلىۋاتقىدەك ، ئايال يۈگرەپ بېرىپلا ئارقىسىغا ئۆتۈپ ، قورقۇنچلۇق ئاۋاز چىقىرىپ :
-مەن دىگەن ئالۋاستى ، ئەمدى يەنە ھاراق ئىچسەڭ جېنىڭنى ئالىمەن ،-دەپتۇ . مەس ئېرى :
-ۋاي ۋاي قۇلاقنى ئاغرىتمىغىنا ، مەن سىنىڭ ئاچاڭنى ئېلىپ ھايات يۈرۋاتىمەنغۇ مانا ….

——————————

تەبىئەت مۇئەللىم ئالىمدىن سوراپتۇ :
- پۇتۇڭغا قانداق ئاياق كىيىۋالدىڭ ؟
- خۇرۇم ئاياغ – دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئالىم
- قېنى دەپ باقە خۇرۇم نەدىن كەلگەن ؟ -سوراپتۇ مۇئەللىم
- … …
- سېنى خۇرۇم بىلەن تەمىنلىگەن زادى قايسى ھايۋان دەۋاتىمەن ؟- دەپ قايتىلاپ سوراپتۇ مۇئەللىم .قورقۇپ كەتكەن ئالىم دەرھاللا :
-دادام …..

——————————

كىچىك بايۋەچچە ئىنتايىن شوخ بولۇپ ،بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋېتىپ بىر ساقچىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ قاپتۇ ۋە :
- سىز ساقچىما؟
- شۇنداق نېمە بولدى؟ دەپ سوراپتۇ ساقچى .بايۋەچچە :
- ئاپام قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىساڭ ساقچىنى ئىزدە دېگەنتى .
-ئاپاڭ ناھايىتى تۇغرا ئېيتىپتۇ ،- دەپتۇ ساقچى مەغرۇر ھالدا .
-ئەمىسە ئايىغىمنىڭ بوغۇچىنى چىگۋېتىگە .

——————————-

بىر ئايال راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قاپتۇ .بالىلىرى ئاپىسىغا تەلمۈرۈپ قاراپ :
- ئاپا ،ساقىيىپ كەتسەڭ بولاتتى ،ئەگەر ياخشى كۆننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا قانداقمۇ قىلارمىز ؟ دەپتۇ .ئاپىسى بالىلىرىغا تەسەللىي بېرىپ :
-ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم ،ئاپام ئەيدىز بىلەن ئۆلۈپ كەتتى دەڭلار ،داداڭلار ھەرگىزمۇ ئۆيلىنەلمەيدۇ .

——————————-

ئۇرايىماخۇن بىلەن قاسىماخۇن بىر يەردە ئولتۇرۇپ سۆزلىشىپتۇ،ئارلىقتا ئۇرايىماخۇن سوراپتۇ :
-ئاداش سىنىڭ كالاڭ تاماكا چىكەمدۇ؟
_نىمە دەۋاتىسەن ئاداش، كالىمۇ تاماكا چىكەمدۇ؟
- ئۇنداقتا ئېغىلىڭغا ئوت كەتكەن ئوخشايدۇ ……………..

——————————-

بىر ئادەمنىڭ ئايالى يەڭگىپتۇ،ئۈچ كۈندە ئايىقى،تۆت كۈندە تىلى چىقىپتۇ بىراق كىمنى چاقىرىسا شۇ ئۆلىدىكەن.بىر كۈنى مۇما دەپتىكەن مۇمىسى ئۆلۈپتۇ،يەنە بىر كۈنى بۇۋا دەپتىكەن بۇۋىسى ئۆلۈپتۇ.دادىسى:ماۋۇ گۇي كىمنى چاقىرىسا شۇ ئۆلىۋاتىدۇ دادا دەپ سالمىغېيتى دەپ تۇرىشىغا دادا دەپ چاقىرىپتىكەن،دادىسى ئاپلا مەن ئۆلدۈم دەپ ئۆزىنى يەرگە تاشلىۋېتىپتۇ.بىر چاغدا كۆزىنى ئاچسا ساق ئۆلمىگەن بۇ نىمە ئىش ئەمدى دەپ تۇرىشىغا خوشنىسىنىڭ بالىسى يىغلاپ كىرىپتۇ.نىمە بولدۇڭ دەپ سورىشىغا ئۇ بالا يىغلاپ تۇرۇپ:دادام تۇيۇقسىز ئۆلەپ قالدى دىگۈدەك.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-19 14:06 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( دولان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
دىرىكتور(ئە)
يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ قىلغان سۈزى قەسەم
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 1990
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 157
شۆھرىتى: 1650 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1650 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 165 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

     بەك قىزىزقكەن            بۇلۇپمۇ  ئاۋۇ ئاستىدكى  
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-19 14:38 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( دىرىكتور(ئە) ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يامغۇر
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1962
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرىتى: 40 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 4 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كۈلكە جاننىڭ ئوزۇقى دەپ توغرا دەپتىكەن، ئىچىم پۇشۇپ تۇرغاندا بۇ يۇمۇرلىرىڭىزنى ئوقۇپ تازا  قېنىپ كۈلىۋالدىم.كەيپىياتىممۇ  خېلى ياخشىلىنىپ قالدى.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-19 15:52 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يامغۇر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
يامغۇر
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1962
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرىتى: 40 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 4 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،ياردەم قىلىپ  مېنىڭ باش سۈرىتىمنى خانىملارغا خاس  قىلىپ ياساپ بېرەرسىلەرمۇ؟مەن قانداق قىلىشنى بىلمەيدىكەنمەن. رەھمەت.
udum
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-19 16:16 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يامغۇر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

دىرىكتور(ئە)
يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ قىلغان سۈزى قەسەم
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 1990
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 157
شۆھرىتى: 1650 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1650 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 165 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ۋوي مۇشۇ  ئەنجۇلانڭ رەسىمىمۇ بولدىكەنغۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-19 17:12 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( دىرىكتور(ئە) ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يۈسۈپجان
ئىرىشمەكچى بولسىڭىز  يۈتۈرۈپ كۈرۈڭ
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1174
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1393
شۆھرىتى: 59540 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 59978 دوللار
تۆھپە: 138 ھەسسە
ياخشى باھا: 825 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 337(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

راس  قىززززززىقكەن
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-19 18:43 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۈسۈپجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

دولان
ئېغىزىڭ قان  ..

دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 1015
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 547
شۆھرىتى: 5985 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 663 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كۇلدىغانلار نىمانچە ئازدۇ؟؟؟؟      ياكى بۇلار خوشاللىققا ئۆچمىدۇ؟؟؟؟؟      يىغلاپ تۇغۇلدۇق كۇلۇپ ياشايمىزغۇ دوسلار       
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-19 18:51 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( دولان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

Ali_Telak

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1329
شۆھرىتى: 13635 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 22638 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 1379 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 275(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسىلام.
udum
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-19 19:45 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2819
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 817(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قىززىقارلىق  يېڭى  يۇمۇرلاركەن ، رەھمەت  سىزگە !!
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-19 20:03 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۇلخان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 437
شۆھرىتى: 4460 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4661 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 481 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 139(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بەك قىززىق يۇمۇركەن  
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-20 16:55 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » گۆشسىز قورىمىلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا