دېمىسىمۇ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ھەقىقەتەن ئېغىر، توردىن ھەر ئادەم ھەر خىل پايدىلىنىۋاتىدۇ، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. قىسمەن ياشلار تورنى ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرىۋالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزى ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى توردىن ئىزدەپ تاپالاۋاتىدۇ ھەم ئادەم تەربىيىلەشكە ياخشى سورۇن قىلىپ پايدىلىنىۋاتىدۇ. بەزىلەر مىڭ بىر جاپا تارتىپ ۋە نۇرغۇن ئىقتىزادىنى سەرپ قىلىپ، گۈزەل ئارزۇ - ئىستەكلەر بىلەن ئاشۇنداق ياخشى سورۇنلارنى ھازىرلاپ بەرسە ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلانماي ئالا - تاغىل توۋلاپ، ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەپ، ئويلا - ئويلىماي بىر نەرسىلەرنى يېزىپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىۋاتىدۇ.
دۇنيادا ئادەم باشقۇرۇشتىن تەس ئىش يوق دەپ كۆپ ئاڭلىدىم، ھەممىدىن تەس ئىش توردا ۋاقىت ئىسراپ قىلىۋاتقانلارنى توغرا يولغا يىتەكلەشتىنمۇ تەسرەك ئىشنى كۆرۈپ باقمىدىم.
[ بۇ يازماarchaتەرپىدىن2011-01-17 00:40دە قايتا تەھر ]